< Mark 15 >

1 ni bwu ble frist bi nikon ba shubi ni bi nikon gbua u bi nha u tra rji ni yahudawa wa babi suronmua ba vu yesu lo nda njiu nda hi ba kau nno Bilatus
ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، باش كاھىنلار ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پۈتكۈل ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەيسانى باغلاپ ئاپىرىپ، [ۋالىي] پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.
2 Bilatus myeu awu yi u ehu Yahudawa? a sa ni wu andi u tre toki
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋابەن: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى.
3 frist bi nikon ba nhau ni kpi gbugbu wu
باش كاھىنلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قايتا-قايتىدىن ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى.
4 Bilatus a la mye u na hla na ka nche? to gbugbu tre wa ba ki nha wu ni tu mba
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە: ــ جاۋاب بەرمەمسەن؟ قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچىۋالا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ!؟ ــ دەپ سورىدى.
5 yesu ana la sa ni Bilatus ngana wa anno mamaki
بىراق ئەيسا يەنىلا ھېچ جاۋاب بەرمىدى؛ پىلاتۇس بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى.
6 to ni ntto u gan Bilatus a ta chi ndi bi la tre ri wa he troa chuwa indi wa ba kabre ni tu ma
ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، خالايىق قايسىبىر مەھبۇسنى تەلەپ قىلسا، ۋالىي ئۇنى قويۇپ بېرەتتى.
7 u igu ni mbru bi la tre ba latre u wu ndi
ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا بارابباس ئىسىملىك بىر مەھبۇس بار ئىدى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە توپىلاڭدا قاتىللىق قىلغان نەچچەيلەن بىلەن تەڭ سولانغانىدى.
8 ijubu ndi ba ye niye Bilatus ndu tie ikpie waazi tie rji mu
خالايىق چۇقان-سۈرەن سېلىپ ۋالىيدىن بۇرۇن ھەمىشە ئۇلارغا قىلغىنىدەك يەنە شۇنداق قىلىشىنى تىلەشتى.
9 Bilatus ka sa bawu bi nyem ndu me kah chu yahudawa chuwo?
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى
10 a to nda ni tu ngu mba baka vu yesu njiwu
(چۈنكى ئۇ باش كاھىنلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى).
11 amma nji frist ba ba con jbu ndi ba ndu ba yar gro ndu ba ka Barabbas mba cuwo
لېكىن باش كاھىنلار خالايىقنى: «بۇنىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بەر» دەپ تەلەپ قىلىشقا كۈشكۈرتتى.
12 Bilatus a la mye mba ngarli a hi ngye mba tie ni chu Yahudawa?
پىلاتۇس جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: ــ ئۇنداق بولسا، سىلەر «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىغان كىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىل دەۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى.
13 ba la gro ngali klowu
ــ ئۇلار يەنە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.
14 Bilatus mye ba a latre ngye a tie? u ba tutu yar gre clou
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ نېمە رەزىللىك ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دېدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلىشىپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى.
15 Bilatus a son tie kpie a ba wa nda ka Barabbas cuwo ni ba wu a pua yesu tre rli nda kau nno ba kpa klo
شۇڭا پىلاتۇس، خالايىقنى رازى قىلماقچى بولۇپ، بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەش ئۈچۈن [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى.
16 soja ba bu nji nda hi ni tra u bla tre nda u yo soja ba wawuu kabi
ئاندىن لەشكەرلەر ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە جەم بولۇشقا چاقىردى.
17 ba lo tuma ni pli u ma klo ntme wiwrli nda con con lo nha
ئۇلار ئۇنىڭ ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى، ئاندىن ئۇلار تىكەنلىك شاخچىلاردىن توقۇغان بىر تاجنى بېشىغا كىيگۈزدى.
18 ba wlu nda ciu ndatre ndu rji ziu iclu yahudawa
ئاندىن ئۇنى مۇبارەكلەپ: «ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دېيىشتى.
19 ba grji tsiu ni tu ni gbugban u con ma nda ju nte ta sur ba kuqu gbarju nda kudran ni kbu ma
ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى.
20 sa ba chauya ba chu pii u tuma rju hi ni wrji wa ba hi kpam wua
ئۇلار ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سۆسۈن توننى سالدۇرۇۋېتىپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىشتى.
21 indi ri siman u gbu siren sia ye rji gburi ba vu ni gbengble to ban kukron krossa
كۇرىنى شەھىرىدىن بولغان، سىمون ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى (بۇ كىشى ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى ئىدى). [لەشكەرلەر] ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، [ئەيسانىڭ] كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى.
22 soja ba nji yesu hi ni wrji wa ba yo ndi golgota
ئۇلار ئەيسانى گولگوتا (تەرجىمىسى، «باش سۆڭەك») دېگەن يەرگە ئېلىپ كەلدى؛
23 ba nno ma kabi ba mur wa a kama nda na soh na
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىچىش ئۈچۈن مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى.
24 ba kpan wu nda vu klon ma rli nra ni kpa mba
ئۇلار ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى.
25 ba kpan u ni tu kukron ni ntton u tra
ئۇنى كرېستلىگەن ۋاقىت كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى ئىدى.
26 ba nha ni ple kukron ni ikpie a ba nhaua ichu yaluda
ئۇنى ئەيىبلىگەن شىكايەتنامىدە «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ پۈتۈلگەنىدى.
27 ba kpanwu ni bi ybi harli iri ni wo rli u ri ni wo kota
ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىنىمۇ كرېستلىدى، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى.
28 i wa yi ye tsar ni tre rji wa a hla ba bla kabi ni bi latre
شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قاتارىدا سانالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
29 biwa ba ka ki hia ba zren da ni whu tu nda ni tre yowa iwuwa u zii tra rji ni meu ni mi vi tra nra kpame ndi grji ni kakrona
ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ: ــ ئۇھۇي، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم،
30 nji frist ni bi nha ba ba chauyaya ngame ni kpa mba da tre
ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى.
31 a ndi a kpa bai cuwo amma nda na to kpa kpama cuwo na
باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۆزئارا شۇنداق مەسخىرە قىلىپ: ــ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ.
32 ndu kristi ichu israilawa ba grji ni gran kukron a ye meme zizanyi ndu ki to ndi kpa nyme ni wu bi wa ba kpan ba ni yesu ba hlo tre ni me
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغان مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، شۇنى كۆرسەكلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز! ــ دېيىشتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەنلەرمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.
33 ni ntton u tane ibwu ye kah gbu wawuu hi ni ntton u tia
ئەمدى [كۈننىڭ] ئالتىنچى سائىتى كەلگەندە، پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ۋە توققۇزىنچى سائىتىگىچە داۋام قىلدى.
34 ni ntton u tia yesu ka yar yi gbagban me eloi eloi lama sabachthani? wa hi irji mu irji mu u tie he rli kame don?
توققۇزىنچى سائەتتە ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: ــ «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.
35 bi wa ba kli wi riha kia ba wo lan tre ma nda tre din to ba a si Iliya
ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: ــ مانا، ئۇ ئىلياس پەيغەمبەرگە نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى.
36 indi ri tsutsu ka yo rlikpanma ni ma waasa nda kason ni gbondo kpala nda kanno ndu soh igua tre din ki to ka Iliya ni ye njiu grji
ئۇلاردىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ: ــ توختاپ تۇرۇڭلار! قاراپ باقايلى، ئىلياس [پەيغەمبەر] ئۇنى چۈشۈرگىلى كېلەرمىكىن؟ ــ دېدى.
37 ni ki yesu ka yar yi gbangban me nda qu
ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى.
38 ipli u tra rjia ka yra tie harli rji ni tu mu grji hi kogboma
ۋە [شۇ ئەسنادا] ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى.
39 da jirmi wa kli nda si ya yesu a to ndi yesu qu ye to wa a tre din njanjimu igu yi ana vren rji imba bari ngame baki gbigbanmu nda kia yah vimi mba ana ba maryamu ba mag daliya maryamu u salomi
ئەمدى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈزبېشى ئۇنىڭ قانداق نىدا قىلىپ روھىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېدى.
ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرۇۋاتقان بىرنەچچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، كىچىك ياقۇپ بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى.
41 wa a he ni Galili ba hu nda ta tie ndu wu imba gbugbu u ngame ba huhi ni urshalima
ئۇلار ئەسلىدە ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىدى؛ بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىرگە كەلگەن يەنە نۇرغۇن ئاياللارمۇ [ئۇنىڭ ئەھۋالىغا] قاراپ تۇراتتى.
42 wa yalu tiea don he u mlaki ivi wa baka rjo ri ni sabath
كەچقۇرۇن كىرىپ قالغاندا («تەييارلاش كۈنى»، يەنى شابات كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بولغاچقا)،
43 Yusufu indi u Arimathiya ye ni ki ana ri ri bi lo chu ndi wa bata nno grima nda sia gben mulki rji avu sran nda shi ni Bilatus nda mye kmo yesu
ئالىي كېڭەشمىنىڭ تولىمۇ مۆتىۋەر ئەزاسى، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ بار ئىدى. ئۇمۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، جۈرئەت قىلىپ [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
44 Bilatus tie sisri ndi yesu qu ayo jirme a nda wo ka yesu qu
پىلاتۇس ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىگە ھەيران بولدى؛ ئۇ يۈزبېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە خېلى ۋاقىت بولدىمۇ، دەپ سورىدى.
45 da Bilatus a wo ni nyu jirmea ndi yesu qu ye a nno kmboa ni Yusufu
يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى بەردى.
46 Yusufu ana le plia ye a grji kumo ni grani kukrona nda lou ni pli nda nji he ka yo ni beh wa ana tita wa ba tsen mlatie a tru tita hra beh a ka nyu beha
يۈسۈپ ئېسىل كاناپ رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى [كرېستتىن] چۈشۈرۈپ كاناپ رەختتە كېپەنلىدى ۋە ئۇنى قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە قويدى؛ ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا بىر تاشنى دومىلىتىپ قويدى.
47 maryamu ba mag daliya ni Maryamu iyi yosi ba to bubu wa ba rju yesu
ۋە ماگداللىق مەريەم بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ئۇنىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى.

< Mark 15 >