< Luke 10 >

1 Ni kle kima, Bachi a chu ndji tangba nda ton ba ni hi ha duba hi ni gbu ni gbu wa ndi wawu me ni hi niki.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، رەب مۇخلىسلاردىن يەنە يەتمىشىنى تەيىنلەپ، ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى.
2 Wa a hla ni bawu, ichan a gbugbu'u, in bi tie du'a ba fi me, bre Irji ndi dubi tie ndu'a ye.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ يىغىلىدىغان ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ، لېكىن ھوسۇلنى يىغقۇچى ئىشلەمچىلەر ئاز ئىكەن. شۇڭا ھوسۇل ئىگىسىدىن كۆپرەك ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ھوسۇلۇڭنى يىغىشقا ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار.
3 Mi toh yi, hi na mri krju ni mi meme in'ma miji.
مېڭىڭلار! مەن قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك سىلەرنى ئەۋەتىمەن.
4 Na ban nbu nklen na, ko mbu nklonna, ko lagban zan na, na chi ndrjo ni nkon na.
ھەميان، خۇرجۇن ۋە كەشلەر ئالماڭلار؛ يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا [توختىماڭلار].
5 Du ikoh wa bi ri'a, bika guci tre du si suron du he ni koh yi!
قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «مۇشۇ ئۆيدىكىلەرگە ئاراملىق بولغاي!» دەڭلار.
6 Idan ni koh yi, inde ndji “U sun si suron a he ni mi, si suron ka son ni nituma. Idan ana he si suron bi ka huye ye kpambi.
ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا، تىلىگەن ئاراملىقىڭلار شۇ ئۆيگە قونىدۇ؛ ئەگەر بولمىسا، ئۇ ئاراملىق ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.
7 Bi son ni koh wa ba kpa yi, bi rie ndi so kpe wa ba no yi'a, don ndji wu titu ani kpa ya ma, Na hu ni koh ni koh na.
ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەپ-ئىچىڭلار، چۈنكى ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار.
8 Du gbu wa bi ri, ide ba kpa yi, bi ri ndi sokpe wa ba no yi,
سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار ئالدىڭلارغا نېمە قويسا شۇنى يەڭلار.
9 Be no bi lilo si. Di hla ni bawu ndi, ivi u ye Irji a tie whewhre.
ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار.
10 Du gbu wa bi ri, u bana kpa yi na, bi ka rju hi ni nkon,
بىراق سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارنىڭ رەستە-كوچىلىرىغا چىقىپ كۆپچىلىككە:
11 Di tre ko wru zah mbi, ki se sruni yuu. Bi ka toh ndi iye Irji tie whewhre.
«سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز! ھالبۇكى، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە [راستتىنلا] يېقىنلاشتى!» ــ دەڭلار.
12 Mi hla ni yiwu ni vi kima u ye, ani he ni ya ni gbu kima zan Sodom.
مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.
13 Iyame Korazin, iya me Betseida, da iri kikle du a ba tie ni Tyre mba Sidon, bana kpa Irji ni sen mu, da ta sru gbanjan nklon nda son nitoh lu.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى.
14 Chachu bla tre ani bini Sidon mbaTyre.
قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.
15 U kapanawum, u ya ndi wu, u rhi ni shulu? ba nji grjiye yo ni Hades. (Hadēs g86)
ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر! (Hadēs g86)
16 Indji wa awo yi, a wohme kena, indji wa a kama ni yi'a, a kama ni me wa mi ton yi.
[ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە]: ــ كىمدەكىم سىلەرنى تىڭشىسا، مېنىمۇ تىڭشىغان بولىدۇ؛ كىمدەكىم سىلەرنى چەتكە قاقسا، مېنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ؛ كىم مېنى چەتكە قاققان بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ، ــ دېدى.
17 Wlon nkpu tangba ba k'ma ye ni kinkla suron, nda ni tre Bachi, Ibrji me ba kujoku nitawu nimi nde me.
يەتمىش مۇخلىس خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە قايتىپ كېلىپ: ــ ئى رەب! ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن! ــ دەپ مەلۇم قىلدى.
18 Yesu ka tre mi si ya Ibrji a joku rji ni shu na kpan.
ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن.
19 Toh mi no yi gbengblen du yi chan iwan baba ilan, nitu bi gbengblen bi kra ta.
مانا، مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم. ھېچقاچان ھېچقانداق نەرسە سىلەرگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ.
20 Na ngyiri ndi ibrji ba joku ni yiwu na, ngyiri ndi ba nha inde mbi ni shulu.
لېكىن سىلەر روھلارنىڭ سىلەرگە بويسۇنغانلىقى تۈپەيلىدىن شادلانماڭلار، بەلكى نامىڭلارنىڭ ئەرشلەردە پۈتۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن شادلىنىڭلار، ــ دېدى.
21 Ni nton kima'a a grji ni Ruhu ndindi, nda tre, Me zu inde me Timbu Bachi ni shu, ni u gbungblu, don u wru kpi bi hle ni bi wandi ba bu shishi nda to ndi, di tsro bi wa bana hla ni bawu na, na mri bi klekle, abi ni shishi tie mu.
شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى: «ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مەدھىيىلەيمەن! بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى.
22 Tie mu a vu kpi ba wawu sru mu niwoh, ba ndji wa a toh Vren'a, se Iti ma, ba ndji wa a toh Iti'a se Vren'a, wandi Ivren a kpanyime nda ni tsro Ti'a.
ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ۋە ئاتىنىڭمۇ كىملىكىنى ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».
23 A kma hi ni mri koma ni ka grji ba, nda tre bi wa ba tie lulu yo ni bawu'a nda toh kpe wa bisi tie'a.
ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئاستىغىنا: سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر!
24 Bi tie ndu Irji baba bi chu gbugbu ba ndi ba toh kpe wa ndi bi si toh, “u” bana toh na. Ba ndi ba woh kpe wandi bisi woh, bana woh na.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ئىشلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغىنى بىلەن ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغىنى بىلەن، ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغان، ــ دېدى.
25 Se mala ri u bla tre ni Yahudawa kaye tsra u, nda tre mala, me tie ngye miti mi ni kpa re u tuntrun? (aiōnios g166)
ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōnios g166)
ئۇ جاۋابەن: ــ تەۋرات قانۇنىدا نېمە پۈتۈلگەن؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟ ــ دېدى.
27 Wa a kasa nda tre gbigbi wuka sun Bachi Irji ni suron me wawu, ni drime, ni gbengblen me wawuu, ni mre me wawu, wuka son indji u kutra ka hlan me na time.
ھېلىقى كىشى جاۋابەن: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى.
28 Yesu ka hla inde wu tie naki, u tie njanji u wuna kyu na.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن، ــ دېدى.
29 Mala ani sun si tuma cuwo nda tre Yesu, Ahi nha hi indji u ka hlan mu?
لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، ئەيسادىن يەنە سوراپ: ــ ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟ ــ دېدى.
30 Wa a tre ndi a rji ni Wurushelima nda ni hi Yariko. Da ka ku ni wo bi y'bi, u ba kpa wawu kpie wa ndi a nji'a, nda tsi'u, wa tie whre u kyu baka don wu.
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن يېرىخو شەھىرىگە چۈشۈۋېتىپ، يولدا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا تاشلاپ كېتىپتۇ.
31 Se ga bi ton du Irji ye toh nda zuni kosan nda hi kpama.
ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
32 Se ga balawi aye nda toh nda gon zu ni kosan nda hi kpama ngame.
شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق [روھانىي] بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
33 Se ga Basamariye aye nda kukri nda ya indji'a a loh suron.
لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ
34 Aye nda ngla kpa niwu, nda gban nye niwu, nda loh kpa niwu, nda ban sa ni nhma ma, nda nji u ni bubu u kru.
ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ.
35 U mble kpan no nkle, wandi bata ya indji wu lilo'a nda tre, to nklen'a a kleh, mi ye nowu mbru ma.
ئەتىسى يولغا چىققاندا، ئىككى كۈمۈش دىنارنى ئېلىپ سارايۋەنگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىم بولسا، قايتىشىمدا سىزگە تۆلەيمەن» دەپتۇ.
36 Ni mi ndji tra biyi, ahi nha hi ndji u kutra kalah ma?
[ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن]: ــ سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە [ھەقىقىي] قوشنا بولغان؟ ــ دەپ سورىدى.
37 Se mala ka tre indji wa tsro loh suron, I Yesu ka tre hi ndi tie naki.
ــ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن كىشى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، سەن ھەم بېرىپ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلغىن، ــ دېدى.
38 Da ba si he nimi zren nda ye rini mi vi gburi, u wari bo yo'u ndi Mata a kpa'u ni koh ma ni woh ha.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ [مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە] يولدا كېتىۋېتىپ، مەلۇم بىر يېزىغا كىردى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى.
39 Ahe ni vayi ma, bata yo'u ndi Maryamu, wa ndi a son ni zah Bachi nda si woh kpe wa ndi asi tre'a.
مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تىڭشىۋاتاتتى.
40 Mata si sron biri, “u” wawu Mata a ye ni Yesu nda tre Bachi wu na toh yada vayi mu a kame don misi tie ndu'a kanklen mu na? Hla niwu du ye zo me.
ئەمدى مېھمانلارنى كۈتۈش ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن مارتا ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب، سىڭلىمنىڭ مېنى مېھمان كۈتكىلى يالغۇز تاشلاپ قويغىنىغا كارىڭ بولمامدۇ؟ ئۇنى ماڭا ياردەملىشىشكە بۇيرۇغىن! ــ دېدى.
41 Bachi ka tre Mata, Mata wu yo kpi gbugbu'u ni ko shishi me,
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەي مارتا، مارتا، سەن كۆپ ئىشلارنىڭ غېمىنى يەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن.
42 ama kpe riri Maryamu a chu kpe ndindi ma, ba ndji'a wa ani sran wu kpa.
بىراق بىرلا ئىش زۆرۈردۇر؛ ۋە مەريەم شۇنىڭدىن ئۆزىگە نېسىۋە بولىدىغان ياخشى ئۈلۈشنى تاللىدى؛ بۇ ھەرگىز ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنمايدۇ ــ دېدى.

< Luke 10 >