ئىككى پەرىشتە كەچتە سودومغا يېتىپ كەلدى؛ شۇ چاغدا لۇت سودومنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىقىپ يۈزى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: |
ــ مانا، ئەي خوجىلىرىم، كەمىنىلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ قونۇپ قالغايسىلەر؛ ئاندىن ئەتە سەھەر قوپۇپ يولغا چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، دېۋىدى، بۇلار جاۋابەن: ــ ياق، بىز شەھەر مەيدانىدا كەچلەيمىز، ــ دېدى. |
ئەمما ئۇ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇۋىدى، ئاخىر ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ ئۆيىگە كىردى. ئۇ ئۇلارغا داستىخان سېلىپ، پېتىر توقاچلارنى پىشۇرۇپ بەردى، ئۇلار غىزالاندى. |
ئۇلار تېخى ياتمىغانىدى، شەھەردىكىلەر، يەنى سودومنىڭ ئەركەكلىرى، ياش، قېرى ھەممىسى ھەرقايسى مەھەللىلەردىن كېلىپ ئۆينى قورشىۋالدى؛ |
ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۈگۈن كەچتە سېنىڭكىگە كىرگەن ئادەملەر قېنى؟ ئۇلارنى بىزگە چىقىرىپ بەر، بىز ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى. |
لۇت دەرۋازىنىڭ ئالدىغا، ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ، |
ئۇلارغا: ــ ئەي بۇرادەرلىرىم، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار! |
مانا، تېخى ھېچ ئەر بىلەن بىللە بولمىغان ئىككى قىزىم بار؛ ئۇلارنى سىلەرگە چىقىرىپ بېرەي. ئۇلار بىلەن خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئەمما بۇ ئادەملەر ئۆگزەمنىڭ سايىسى ئاستىغا كىرگەنىكەن، سىلەر ئۇلارنى ھېچنېمە قىلماڭلار! ــ دېدى. |
لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «نېرى تۇر!» دېگىنىچە، يەنە: ــ بۇ يەردە تۇرۇشقا كەلگەن بۇ مۇساپىر ھاكىم بولماقچىمىكەن؟ ئەمدى ساڭا ئۇلارغا قىلغاندىنمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىمىز! ــ دەپ لۇتنى قىستاپ، ئىشىكنى چېقىشقا باستۇرۇپ كەلدى. |
ئەمما ئۇ ئىككى كىشى قوللىرىنى ئۇزىتىپ لۇتنى ئۆيگە ئۆز قېشىغا تارتىپ ئەكىرىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى |
ۋە ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرنى كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە كورلۇققا مۇپتىلا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرۋازىنى ئىزدەپ، ھالىدىن كەتتى. |
ئاندىن ئىككەيلەن لۇتقا: ــ مۇشۇ يەردە يەنە بىرەر كىمىڭ بارمۇ؟ كۈيئوغۇل، ئوغۇل ياكى قىزلىرىڭ ۋە ياكى شەھەردە باشقا ئادەملىرىڭ بولسا ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىن! |
چۈنكى بىز بۇ يەرنى يوقىتىمىز؛ چۈنكى ئۇلار توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ، پەرۋەردىگار بىزنى ئۇنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنى ئالىدىغان [بولغۇسى] كۈيئوغۇللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئەمدى قوپۇپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى يوقىتىدۇ» ــ دېدى. ئەمما ئۇ [بولغۇسى] كۈيئوغۇللىرىنىڭ نەزىرىگە چاقچاق قىلغاندەك كۆرۈندى. |
تاڭ ئاتقاندا، پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ: ــ ئەمدى قوپۇپ ئايالىڭ بىلەن قېشىڭدىكى ئىككى قىزىڭنى ئالغىن؛ بولمىسا شەھەرنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ، ھالاك بولىسەن، ــ دېدى. |
ئەمما ئۇ تېخىچە ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىككىيلەن لۇتنىڭ قولىنى، ئايالىنىڭ قولىنى ۋە ئىككى قىزىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئەچىقىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. |
ئۇلارنى چىقارغاندىن كېيىن شۇ ئىش بولدىكى، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ جېنىڭنى ئېلىپ قاچ، ھالاك بولماسلىقىڭ ئۈچۈن كەينىڭگە قارىماي، تۈزلەڭلىكتىكى ھېچ يەردە توختىماي، تاغقا قاچقىن! ــ دېدى. |
لېكىن لۇت ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولمىغاي، ئەي خوجام، ئۆتۈنۈپ قالاي! |
مانا، كەمىنەڭ كۆزۈڭدە ئىلتىپات تاپتى، جېنىمنى قۇتقۇزدۇڭ، ماڭا زور مەرھەمەت كۆرسەتتىڭ؛ ئەمما مەن تاغقا قاچالمايمەن؛ ئۇنداق قىلسام، ماڭا بىرەر ئاپەت چۈشۈپ، ئۆلۈپ كېتەرمەنمىكىن. |
قارا، ئاۋۇ شەھەرگە قېچىپ بارسا بولغۇدەك ناھايىتى يېقىن ئىكەن، شۇنداقلا كىچىك شەھەر ئىكەن! ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ شۇ يەرگە قېچىشىمغا يول قويغايسەن! ئۇ كىچىك [شەھەر] ئەمەسمۇ؟! جېنىم شۇ يەردە ئامان قالىدۇ! ــ دېدى. |
پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ خەير، بۇ ئىشتىمۇ ساڭا ماقۇل بولاي، سەن ئېيتقان شۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماي. |
ئەمدى ئۇ يەرگە تېزدىن قېچىپ بارغىن؛ چۈنكى سەن شۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە ھېچ ئىش قىلالماسمەن، ــ دېدى. شۇڭا ئۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «زوئار» دەپ ئاتالغان. |
لۇت زوئارغا يېتىپ بارغاندا كۈن نۇرى يەر يۈزىگە چېچىلغانىدى. |
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەرشتىن، ئۆز يېنىدىن سودوم بىلەن گوموررانىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ۋە ئوت ياغدۇرۇپ، |
شۇ شەھەرلەرنى، پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى ھەمدە شەھەرلەردىكى بارلىق ئاھالىلەر ۋە يەردىن ئۈنگەنلەرنى قوشۇپ بەربات قىلدى. |
لېكىن لۇتنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان ئايالى كەينىگە قارىۋىدى، تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالدى. |
ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم قوپۇپ ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان جايغا چىقىپ، |
سودوم بىلەن گوموررا تەرەپكە، شۇنداقلا تۈزلەڭلىكنىڭ ھەممە يېرىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، يەر يۈزىدىن خۇمداننىڭ تۈتۈنىدەك تۈتۈن ئۆرلەۋاتقىنىنى كۆردى. |
ئەمما شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئۇ تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغاندا، ئۇ ئىبراھىمنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇت تۇرغان شەھەرلەرنى بەربات قىلغاندا ئۇنى بالايىئاپەتنىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ قۇتقۇزدى. |
ئەمما لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورققاچقا، زوئاردىن كېتىپ، تاغقا چىقىپ، ئىككى قىزى بىلەن شۇ يەردە ماكانلاشتى. ئۇ ئىككى قىزى بىلەن بىر ئۆڭكۈردە تۇردى. |
ئەمدى چوڭ قىز كىچىكىگە: ــ ئاتىمىز بولسا قېرىپ كەتتى؛ دۇنيانىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە بۇ يۇرتتا بىزگە يېقىنچىلىق قىلىدىغان ھېچ ئەر كىشى قالمىدى. |
قېنى، ئاتىمىزنى شاراب بىلەن مەست قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتايلى؛ شۇنداق قىلساق، بىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ ئۇرۇقىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ [مەست قىلىپ] قويۇپ، چوڭ قىزى كىرىپ ئاتىسى بىلەن ياتتى. لېكىن لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى. |
ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، چوڭى كىچىكىگە: ــ مانا، مەن ئاخشام ئاتام بىلەن ياتتىم؛ بۈگۈن كەچتىمۇ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ئىچكۈزەيلى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتقىن؛ شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىمىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ نەسلىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ [مەست قىلىپ] قويۇپ، كىچىك قىزى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. ئەمما لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى. |
شۇنداق قىلىپ، لۇتنىڭ ئىككىلا قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. |
چوڭى بولسا ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى موئاب قويدى؛ ئۇ بۈگۈنكى موئابىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر. |
كىچىكىمۇ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى بەن-ئاممى قويدى. ئۇ بۈگۈنكى ئاممونىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر. |