< Saylar 30 >

1 Musa İsrail övladlarının qəbilə başçılarına dedi: «Rəbb belə əmr etmişdir:
مۇسا ئىسرائ‍ىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغانلىرى مۇنداق: —
2 bir kişi Rəbbə əhd edərək yaxud and içərək öhdəsinə nə isə götürərsə, verdiyi sözü pozmasın, ağzından çıxan hər şeyi yerinə yetirsin.
ئەگەر بىراۋ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچكەن بولسا ياكى ئۆز ئۆزىنى چەكلىمەكچى بولۇپ قەسەم ئىچكەن بولسا، لەۋزىدىن قايتىشقا بولمايدۇ، ھامان ئاغزىدىن چىققان ھەممە گەپ بويىچە ئىش تۇتۇشى كېرەك.
3 Əgər atasının evində yaşayan gənc qız Rəbbə əhd edib öhdəsinə nə isə götürərsə,
قىز بالا ياش بولۇپ، تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى چاغدا، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق پەرۋەردىگارغا قەسەم بەرگەن بولسا،
4 lakin atası onun əhdini və öhdəsinə götürdüyü şeyi eşidəndə ona qarşı çıxmazsa, qızın etdiyi əhdlər və öhdəsinə götürdüyü şeylərin hamısı qüvvədə qalar.
ئەمما ئاتىسى قىزىنىڭ قەسىمىنى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغان ۋە قىزىنىڭ ئالدىدا ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ھەممە ۋەدىسى ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
5 Amma atası bunları eşidən gün mane olarsa, qızın etdiyi əhdlər və öhdəsinə götürdüyü şeylər qüvvədən düşər. Rəbb onu bağışlayar, çünki atası mane olmuşdur.
لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاڭلىغان چاغدا ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ۋەدىلىرىدىن ھېچبىرى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئاتىسى ئۇنى توسقان بولغاچقا، پەرۋەردىگارمۇ ئۇنى كەچۈرىدۇ.
6 Əgər qız əhd yaxud düşünmədən öhdəsinə bir şey götürdükdən sonra ərə gedərsə,
— ئەگەر ئۇ قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە ئاغزىدا تەنتەكلىك بىلەن ۋەدە قىلغان ھالەتتە ئەرگە تەگكەن بولسا،
7 bunu eşidən əri həmin gün ona qarşı çıxmazsa, onun etdiyi əhdlər və düşünmədən öhdəsinə götürdüyü şeylər qüvvədə qalar.
ئېرى شۇنى ئاڭلىغان بولسا، لېكىن ئاڭلىغان كۈنى ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە قىلغان گەپلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
8 Amma əri bunu eşidən gün mane olarsa, gəlinin etdiyi əhdlər və öhdəsinə götürdüyü şeylər qüvvədən düşər. Rəbb onu bağışlayar.
ئەگەر ئېرى ئاڭلىغان كۈنى ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسىمىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق ئاغزىدىن چىقارغان تەنتەك گەپلىرىنى بىكار قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئىناۋەتسىز بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ.
9 Dul yaxud boşanan qadının əhdi və öhdəsinə götürdüyü hər şey qüvvədə qalar.
لېكىن تۇل خوتۇن ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنلار قىلغان قەسەم، يەنى ئۇنىڭ ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بولسا ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
10 Əgər ərli bir qadın əhd edər yaxud öhdəsinə nə isə götürərsə,
ئەگەر ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قەسەم-ۋەدە ئىچكەن،
11 əri bunu eşidəndə ona qarşı çıxmayıb mane olmazsa, qadının bütün əhdləri yaxud öhdəsinə götürdüyü şeylər qüvvədə qalar.
ئېرى ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق شۈك تۇرۇۋېلىپ توسمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قىلغان قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
12 Amma əri bunları eşidən gün ona mane olarsa, qadının bütün əhdləri və öhdəsinə götürdüyü şeylər qüvvədən düşər. Əri mane olduğu üçün Rəbb qadını bağışlayar.
لېكىن ئۇنىڭ ئېرى ئاڭلاپ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، ئايال ئاغزىدىن چىقارغان ۋەدە بېرىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئېرى بۇلارنى رەت قىلغان بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ.
13 Əri qadının özünü məhrum etmək üçün etdiyi əhdləri yaxud and içərək öhdəsinə götürdüyü şeyləri təsdiq edə bilər ya da mane ola bilər.
ئايالنىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى ۋە ئۇنىڭ چىداپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى چەكلەيمەن دەپ قىلغان قەسەم-ۋەدىسىنى ئۇنىڭ ئېرى ئىناۋەتلىكمۇ قىلالايدۇ، ئىناۋەتسىزمۇ قىلالايدۇ.
14 Əgər əri bir gün içində bu barədə ona qarşı çıxmazsa, bütün əhdləri yaxud öhdəliklərini təsdiqləmiş olur. Onları eşidən gün qadına qarşı çıxmamaqla təsdiqləmiş sayılar.
ئەگەر ئۇنىڭ ئېرى ھەركۈنى ئۇنىڭ ئالدىدا شۈك تۇرۇۋېلىپ گەپ قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەرگەن بارلىق قىلغان قەسەملىرىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان ھەممە ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتلىك قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئېرىنىڭ ئاڭلاپ تۇرغان كۈنىدە گەپ قىلماي شۈك تۇرغانلىقى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىدۇر.
15 Əgər onları eşitdikdən bir müddət sonra mane olursa, qadının cəzasını əri çəkər».
لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
16 Kişi ilə arvadı, atası ilə onun evində yaşayan gənc qızı arasında münasibət barədə Rəbbin Musaya əmr etdiyi qaydalar bunlardır.
يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى، يەنى ئېرى بىلەن ئايالى، ئاتا بىلەن ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان، تېخى ياشلىقىدا بولغان قىزى ئوتتۇرىسىدىكى نىزام-بەلگىمىلەردۇر.

< Saylar 30 >