< Matta 20 >

1 Səmavi Padşahlıq səhər erkən durub öz üzüm bağı üçün işçi tutmağa çıxan ev sahibinə bənzəyir.
ــ چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەملەرنى ياللاش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ.
2 O, işçilərlə günü bir dinara razılaşıb onları üzüm bağına göndərdi.
ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ.
3 Üçüncü saat radələrində çıxıb meydanda işsiz durmuş adamları gördü.
سائەت توققۇزلاردا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار تۇرغان باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ.
4 Onlara da dedi: “Siz də üzüm bağına gedin və haqqınızı düz verərəm”.
ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىڭلار، ھەققىڭلارغا تېگىشلىكىنى بېرىمەن» ــ دەپتۇ.
5 Onlar da bağa getdilər. Altıncı və doqquzuncu saat radələrində yenə çıxıb belə etdi.
ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ.
6 On birinci saat radələrində çıxdı və orada duran başqalarını tapıb onlara dedi: “Nə üçün bütün günü burada işsiz durursunuz?”
لېكىن [كەچقۇرۇن] سائەت بەشلەردە چىققاندا ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ.
7 “Çünki heç kim bizə iş vermədi” dedilər. Onlara “siz də üzüm bağına gedin” dedi.
ئۇلار: «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» ــ دەپتۇ.
8 Axşam olanda bağ sahibi öz nəzarətçisinə dedi: “İşçiləri çağır və axırıncılardan başlayaraq birincilərə kimi muzdlarını ver”.
كەچ بولغاندا، ئۈزۈمزارلىق ئىگىسى غوجىدارىغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ.
9 On birinci saat radələrində işə gələnlər adambaşına bir dinar aldılar.
ئاۋۋال كەچقۇرۇن سائەت بەشتە ئىشقا كەلگەنلەر كېلىپ، ھەربىرى بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ.
10 Birinci gələnlərsə daha çox alacaqlarını düşündülər, lakin onlar da adambaşına bir dinar aldılar.
ئەڭ ئاۋۋال ياللاپ كېلىنگەنلەرنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇلار: تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ؛ بىراق ئۇلارمۇ بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ.
11 Pullarını aldıqları zaman ev sahibinə şikayət edərək dedilər:
ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغىنى بىلەن يەر ئىگىسىدىن ئاغرىنىپ:
12 “Bu ən axırıncılar cəmi bir saat işlədilər və sən onları günün ağırlığını və qızmar istisini çəkən bizlərlə bir tutdun”.
«بۇ ئاخىردا كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارنى كۈن بويى جاپالىق ۋە قاتتىق ئىسسىقنى چەككەن بىزلەر بىلەن باراۋەر ھېسابلىدىڭىزغۇ، دەپ غۇدۇرىشىپتۇ.
13 O isə onlardan birinə cavab verib dedi: “Dostum, axı mən sənə haqsızlıq etmədim, sən mənimlə bir dinara razılaşmadınmı?
لېكىن [يەر ئىگىسى] ئۇلارنىڭ بىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش دىنارغا كېلىشمىگەنمىدۇق؟
14 Haqqını al, get! Axırıncıya da sənə verdiyim qədər vermək istəyirəm.
ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. بۇ ئاخىردا كەلگەنگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرگۈم بار.
15 Öz pulumla istədiyimi etməyə ixtiyarım yoxdurmu? Sən mənim comərdliyimə qısqanırsan?”
ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىي بولغانلىقىمغا كۆزۈڭ قىزىرىۋاتامدۇ؟
16 Beləcə də axırıncılar birinci, birincilər isə axırıncı olacaq».
شۇنداق قىلىپ «ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ»؛ چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، ئەمما تاللانغانلار ئاز بولىدۇ.
17 İsa Yerusəlimə gedərkən yolda On İki şagirdi kənara çağırıb ayrıca onlara dedi:
ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى مۇخلىسىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
18 «Bax Yerusəlimə qalxırıq, Bəşər Oğlu başçı kahinlərə və ilahiyyatçılara təslim olunacaq. Onu ölümə məhkum edəcəklər;
ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ
19 ələ salaraq qamçılayıb çarmıxa çəksinlər deyə başqa millətlərə təslim edəcəklər. O, üçüncü gün diriləcək».
ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ.
20 O zaman Zavday oğullarının anası oğulları ilə birlikdə İsaya yaxınlaşıb səcdə qılaraq Ondan nə isə dilədi.
شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى.
21 İsa qadından «Sən nə istəyirsən?» deyə soruşdu. Qadın Ona dedi: «Əmr et ki, mənim bu iki oğlum Sənin Padşahlığında biri sağında, biri solunda otursun».
نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئايال ئۇنىڭغا: ــ شۇنى ئەمر قىلغايسەنكى، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭدا، بىرى سول يېنىڭدا ئولتۇرسۇن، ــ دېدى.
22 Amma İsa cavab verib dedi: «Nə dilədiyinizi özünüz də bilmirsiniz. Mənim içəcəyim kasadan siz də içə bilərsinizmi?» Onlar dedilər: «Bilərik».
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر نېمە تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ ئىچەلەيمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار.
23 İsa onlara dedi: «Mənim içəcəyim kasadan içəcəksiniz. Amma sağımda və yaxud solumda oturmağa izin vermək Məndən asılı deyil. Atam oranı kimlər üçün hazırlayıbsa, onlara veriləcək».
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ قەدەھىمدىن ئورتاق ئىچىسىلەر. بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇش نېسىۋىسى مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، بەلكى ئاتام كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلارغا نېسىپ بولىدۇ.
24 Bunu eşidən on şagirdin iki qardaşa acığı tutdu.
[قالغان] ئون مۇخلىس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا، ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى.
25 İsa şagirdləri yanına çağırıb dedi: «Bilirsiniz ki, millətlərin rəhbərləri onların üzərində hökmranlıq, əyanları da onlara ağalıq edir.
لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ.
26 Sizin aranızda isə qoy belə olmasın. Sizlərdən böyük olmaq istəyən xidmətçiniz olsun.
بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛
27 Aranızda kim birinci olmaq istəsə, başqalarının qulu olsun.
ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن.
28 Beləcə Bəşər Oğlu gəlmədi ki, Ona xidmət etsinlər, gəldi ki, Özü xidmət etsin və çoxlarını satın almaq üçün Öz canını fidyə versin».
ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.
29 İsa şagirdləri ilə Yerixodan çıxarkən böyük bir izdiham Onun ardınca getdi.
ئۇلار يېرىخو شەھىرىدىن چىققاندا، زور بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
30 Yol kənarında oturan iki kor adam İsanın oradan keçdiyini eşitdikdə «Ya Rəbb, ey Davud Oğlu! Bizə rəhm elə!» deyə bağırdı.
ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: ــ ئى رەب، داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ توۋلىدى.
31 Camaat onlara qadağan edib susdurmaq istədisə də, onlar «Ya Rəbb, ey Davud Oğlu! Bizə rəhm elə!» deyə daha ucadan bağırdılar.
كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: ــ يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى.
32 İsa dayanıb onları çağırdı və onlardan soruşdu: «Nə istəyirsiniz, sizin üçün edim?»
ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: ــ سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى خالىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
33 Onlar dedilər: «Ya Rəbb, gözlərimiz açılsın».
يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! ــ دېيىشتى ئۇلار.
34 İsanın onlara rəhmi gəldi, gözlərinə toxundu. Həmin an onların gözləri açıldı və İsanın ardınca getdilər.
ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزىۋىدى، كۆزلىرى شۇئان ئەسلىگە كېلىپ كۆرىدىغان بولدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.

< Matta 20 >