< Birinci Padşahlar 3 >

1 Süleyman Misir padşahı fironun qızını arvad alaraq onunla müttəfiq oldu. Öz sarayı, Rəbbin məbədi və Yerusəlimin ətrafındakı divarlar tikilib qurtarana qədər arvadını Davudun şəhərinə gətirdi.
سۇلايمان مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ پىرەۋننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۆز ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنى ياساپ پۈتكۈزگۈچىلىك ئۇ ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە ئاپىرىپ تۇرغۇزدى.
2 Xalq isə hələ səcdəgahlarda qurban gətirirdi, çünki o günlərə qədər Rəbbin adına tikilmiş bir məbəd yox idi.
شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نامى ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا ياسالمىغىنى ئۈچۈن خەلق «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىقلىرىنى قىلاتتى.
3 Süleyman atası Davudun qanunlarına əməl edərək Rəbbi sevirdi, ancaq səcdəgahlarda qurban gətirir və buxur yandırırdı.
سۇلايمان پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلىگەنلىرىدە ماڭاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى.
4 Padşah qurban gətirmək üçün Giveona getdi, çünki ora səcdəgahların ən böyüyü idi. Süleyman o qurbangahda min baş yandırma qurbanı təqdim etmişdi.
پادىشاھ قۇربانلىق قىلغىلى گىبېئونغا باردى؛ چۈنكى ئۇ يەر «ئۇلۇغ يۇقىرى جاي» ئىدى. سۇلايمان ئۇ يەردىكى قۇربانگاھدا بىر مىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇندى.
5 Giveonda Rəbb Süleymana gecə vaxtı yuxuda göründü. Allah dedi: «Nə istəyirsən, sənə verim?»
پەرۋەردىگار گىبېئوندا سۇلايمانغا كېچىسى چۈشىدە كۆرۈندى. خۇدا ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ ساڭا نېمە بېرىشىمنى لايىق تاپساڭ، شۇنى تىلىگىن، دېدى.
6 Süleyman dedi: «Sən qulun atam Davuda böyük xeyirxahlıq göstərdin, çünki o Sənin önündə sadiq və saleh işlər görürdü, düz qəlblə Səninlə idi. Bu gün də taxtında oturan bir oğul verməklə ona Öz böyük xeyirxahlığını saxladın.
سۇلايمان جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ قۇلۇڭ ئاتام داۋۇت سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت، ھەققانىيلىق ۋە كۆڭلىنىڭ سەمىمىيلىكى بىلەن ماڭغانلىقى بىلەن سەن ئۇنىڭغا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەنىدىڭ؛ ۋە سەن شۇ زور مېھرىبانلىقنى داۋام قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئۆز تەختىدە ئولتۇرغىلى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردىڭ.
7 İndi, ya Rəbb Allahım, Öz qulunu atam Davudun yerinə padşah etdin. Ancaq mən çox cavanam, nə edib-etməyəcəyimi bilmirəm.
ئەمدى ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدىڭ. ئەمما مەن پەقەت بىر گۆدەك بالا خالاس، چىقىش-كىرىشنىمۇ بىلمەيمەن.
8 Qulun Sənin seçdiyin xalqın – saysız-hesabsız böyük bir kütlənin arasındadır.
ئۆز قۇلۇڭ سەن تاللىغان خەلقىڭ، كۆپلۈكىدىن ساناپ بولمايدىغان ھېسابسىز ئۇلۇغ بىر خەلق ئارىسىدا تۇرىدۇ.
9 İndi mənə elə bir dərrakəli ürək ver ki, yaxşı ilə pisi ayırd edib Sənin xalqına hökm edə bilim. Başqa cür Sənin bu böyük xalqını kim idarə edə bilər?»
شۇڭا ئۆز قۇلۇڭغا خەلقىڭنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىشقا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئويغاق بىر قەلبنى بەرگەيسەن؛ بولمىسا، كىم بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلالىسۇن؟ ــ دېدى.
10 Süleymanın bu istəyi Xudavəndin gözünə xoş gəldi.
سۇلايماننىڭ شۇنى تىلىكىنى رەبنى خۇش قىلدى.
11 Allah ona dedi: «İndi ki özün üçün uzun ömür, var-dövlət və düşmənlərinin canını istəmədin, bunların yerinə ədaləti ayırd etmək üçün dərrakə istədin,
خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن شۇنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن ــ يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىمەي، يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن دۆلەت-بايلىق تىلىمەي، يا دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، بەلكى توغرا ھۆكۈم قىلغىلى ئويغاق بولۇشقا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەتنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن،
12 Mən istəyini yerinə yetirirəm: sənə elə bir hikmətli və dərrakəli ürək verirəm ki, sənin kimisi nə səndən əvvəl olmuş, nə də səndən sonra olacaq.
مانا، سۆزۈڭ بويىچە شۇنداق قىلدىم. مانا ساڭا شۇنداق دانا ۋە يورۇتۇلغان قەلبنى بەردىمكى، سەندىن ئىلگىرى ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمىغان، سەندىن كېيىنمۇ ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمايدۇ.
13 Hətta sənə istəmədiyini – var-dövləti də, şöhrəti də verirəm; belə ki bütün ömrün boyu padşahlar arasında sənin kimisi olmayacaq.
مەن سەن تىلىمىگەن نەرسىنىمۇ، يەنى دۆلەت-بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنى ساڭا بەردىم. شۇنىڭ بىلەن بارلىق كۈنلىرىڭدە پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش بولىدىغىنى چىقمايدۇ.
14 Əgər sən də atan Davud kimi qanunlarıma və əmrlərimə əməl edib yolumla getsən, sənin ömrünü də uzadacağam».
ئەگەر ئاتاڭ داۋۇت ماڭغاندەك مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، دېدى.
15 Süleyman oyandı. Bu, bir yuxu idi. Sonra Yerusəlimə gəldi. Xudavəndin Əhd sandığının önündə durub yandırma qurbanları və ünsiyyət qurbanları təqdim etdi və bütün əyanları üçün ziyafət verdi.
سۇلايمان ئويغانغاندا، مانا بۇ بىر چۈش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىغا زىياپەت قىلىپ بەردى.
16 Bir gün iki fahişə qadın gəlib padşahın hüzurunda durdu.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى.
17 Qadınlardan biri dedi: «Yalvarıram, ay ağam! Mən bu qadınla bir evdə yaşayıram. Bu evdə onun yanında uşaq doğdum.
بىرىنچى ئايال: ــ ئى غوجام! مەن ۋە بۇ خوتۇن بىر ئۆيدە ئولتۇرىمىز؛ ئۇ مەن بىلەن ئۆيدە تۇرغىنىدا بىر بالىنى تۇغدۇم.
18 Mən doğandan sonra üçüncü gün bu qadın da doğdu. Biz bir yerdə olurduq, evdə bizdən başqa heç kəs yox idi, yalnız ikimiz idik.
مەن بالىنى تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ خوتۇنمۇ بىر بالا تۇغدى. بىز ئىككىيلەن ئۇ يەردە ئولتۇردۇق؛ ئۆيدە بىزدىن باشقا ھېچ يات ئادەم يوق ئىدى، يالغۇز بىز ئىككىيلەن ئۆيدە ئىدۇق.
19 Gecə bu qadın yatanda oğlu onun altında qalıb öldü.
شۇ كېچىدە بۇ خوتۇننىڭ بالىسى ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ بالىسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى.
20 Kənizin yuxuda ikən gecə yarısı bu qadın qalxaraq oğlumu yanımdan götürüb öz qoynuna almış, ölü oğlunu isə mənim qoynuma qoymuşdur.
ئۇ يېرىم كېچىدە قوپۇپ دېدەكلىرى ئۇخلاپ قالغاندا، يېنىمدىن ئوغلۇمنى ئېلىپ ئۆز قۇچىقىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ قۇچىقىمغا سېلىپ قويۇپتۇ.
21 Səhər oğlumu əmizdirmək üçün duranda gördüm ki, o ölüb. Amma sonra diqqətlə baxanda bildim ki, bu mənim doğduğum uşaq deyil».
ئەتىسى قوپۇپ بالامنى ئېمىتەي دېسەم مانا ئۆلۈك تۇرىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە قارىسام، ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىدى، دېدى.
22 O biri qadın isə dedi: «Yox, sağ olan uşaq mənim oğlumdur, ölən isə səninkidir». Amma birinci qadın dedi: «Yox, ölən uşaq sənin oğlundur, sağ olan mənimkidir». Padşahın önündə onlar beləcə mübahisə edirdilər.
ئىككىنچى ئايال: ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس. تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، دېدى. لېكىن بىرىنچى ئايال: ــ ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، دېدى. ئۇلار شۇ ھالەتتە پادىشاھنىڭ ئالدىدا تالىشىپ تۇراتتى.
23 Padşah dedi: «Biri deyir, sağ olan uşaq mənim oğlumdur, ölən səninkidir; o biri isə deyir, yox, ölən uşaq sənin oğlundur, sağ olan mənimkidir».
پادىشاھ: ــ بىرى: «تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيدۇ. ئەمما يەنە بىرى: «ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيدۇ، دېدى.
24 Padşah yenə dedi: «Mənə qılınc gətirin!» Padşaha qılınc gətirdilər.
پادىشاھ: ماڭا بىر قىلىچ ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار قىلىچنى پادىشاھقا ئېلىپ كەلگەندە
25 Padşah dedi: «Sağ olan uşağı iki yerə bölün: yarısını birinə, yarısını isə o birinə verin!»
پادىشاھ: تىرىك بالىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ يېرىمىنى بىرىگە، يەنە بىر يېرىمنى ئىككىنچىسىگە بېرىڭلار، دېدى.
26 Oğlu sağ olan qadın balası üçün ürəyi yandığına görə padşaha belə söylədi: «Aman, ağam, sağ olan uşağı ona verin, amma öldürməyin». O biri isə dedi: «Bölün, qoy nə onun olsun, nə mənim».
ئۇ ۋاقىتتا تىرىك بالىنىڭ ئانىسى ئۆز بالىسىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ پادىشاھقا: ــ ئاھ غوجام! تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بەرسىلە، ھەرگىز ئۇنى ئۆلتۈرمىگەيلە! ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئىككىنچىسى: ــ ئۇنى نە مېنىڭكى نە سېنىڭكى قىلماي، ئوتتۇرىدىن كېسىڭلار، دېدى.
27 Onda padşah cavab verib dedi: «Sağ olan uşağı birinci qadına verin, onu öldürməyin, uşağın anası odur».
پادىشاھ جاۋابەن: ــ تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار، ئۇنى ھېچ ئۆلتۈرمەڭلار؛ چۈنكى بۇ بالىنىڭ ئانىسى شۇدۇر، دېدى.
28 Bütün İsraillilər padşahın verdiyi hökmü eşidib ona hörmət etdilər, çünki gördülər ki, hökm etmək üçün onda Allahın hikməti var.
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ قىلغان ھۆكۈمى توغرىسىدا ئاڭلىدى ۋە ئۇلار پادىشاھتىن قورقتى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىش دانالىقىنىڭ ئۇنىڭدا بارلىقىنى كۆردى.

< Birinci Padşahlar 3 >