شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ كىشى ئايۇپقا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ قارىشىدا ئۆزىنى ھەققانىي دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدى. |
ئاندىن بۇزىلىق رامنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئىسىملىك يىگىتنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپقا قارىتا قوزغالدى، چۈنكى ئۇ خۇدانى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى توغرا ھېسابلىغانىدى؛ |
ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىرىغىمۇ قارىتىلدى، چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بەرگۈدەك سۆز تاپالماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەنىدى. |
بىراق ئېلىخۇ بولسا ئايۇپقا جاۋاب بېرىشنى كۈتكەنىدى، چۈنكى بۇ تۆتەيلەننىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئۆزىدىن كۆپ ئىدى. |
ئېلىخۇ بۇ ئۈچ دوستنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق جاۋابى يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى. |
شۇنىڭ بىلەن بۇزىلىق باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئېغىز ئېچىپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ياش، سىلەر بولساڭلار ياشانغانسىلەر؛ شۇنداق بولغاچقا مەن تارتىنىپ، بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە ئايان قىلىشتىن قورقۇپ كەلدىم. |
مەن: «يېشى چوڭ بولغانلار [ئاۋۋال] سۆزلىشى كېرەك؛ يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ»، دەپ قارايتتىم؛ |
بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ. |
لېكىن چوڭلارنىڭ دانا بولۇشى ناتايىن؛ قېرىلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقارالىشىمۇ ناتايىن. |
شۇڭا مەن: «ماڭا قۇلاق سېلىڭلار» دەيمەن، مەنمۇ ئۆز بىلگىنىمنى بايان ئەيلەي. |
مانا، سىلەر توغرا سۆزلەرنى ئىزدەپ يۈرگىنىڭلاردا، مەن سۆزلىرىڭلارنى كۈتكەنمەن؛ سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارغا قۇلاق سالاتتىم؛ |
شۇنداق، سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن قۇلاق سالدىم؛ بىراق سىلەردىن ھېچقايسىڭلار ئايۇپقا رەددىيە بەرمىدىڭلار، ھېچقايسىڭلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدىڭلاركى، |
سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر؛ ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ. |
ئۇنىڭ جەڭگە تىزىلغان ھۇجۇم سۆزلىرى ماڭا قارىتىلغان ئەمەس؛ ھەم مەن بولسام سىلەرنىڭ گەپلىرىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيمەن |
(بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، قايتا جاۋاب بېرىشمىدى؛ ھەممە سۆز ئۇلاردىن ئۇچۇپ كەتتى. |
مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار گەپ قىلمىدى، بەلكى جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى)؛ |
ئەمدى ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتىدە مەن جاۋاب بېرەي، مەنمۇ بىلگىنىمنى كۆرسىتىپ بېرەي. |
چۈنكى دەيدىغان سۆزلىرىم لىق تولدى؛ ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى؛ |
مانا، قورسىقىم ئېچىلمىغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشايدۇ؛ يېڭى شاراب تۇلۇملىرى پارتلاپ كېتىدىغاندەك پارتلايدىغان بولدى. |
شۇڭا مەن سۆز قىلىپ ئىچىمنى بوشىتاي؛ مەن لەۋلىرىمنى ئېچىپ جاۋاب بېرەي. |
مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايمەن؛ ۋە ياكى ھېچ ئادەمگە خۇشامەت قىلمايمەن. |
مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ياراتقۇچۇم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ». |