پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ ئېيتقان بۇ سۆز-كالامنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى، يەنى مەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقارغان بۇ پۈتكۈل جەمەت: ــ |
«يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەر ئارىسىدىن پەقەت سىلەرنى تونۇپ كەلدىم؛ شۇڭا ئۈستۈڭلارغا بارلىق قەبىھلىكلىرىڭلارنىڭ [جازاسىنى] چۈشۈرىمەن». |
ئىككى كىشى بىر نىيەتتە بولمىسا، قانداقمۇ بىللە ماڭالىسۇن؟ |
ئولجىسى يوق شىر ئورماندا ھۆركىرەمدۇ؟ ئارسلان ھېچنېمىنى ئالمىغان بولسا ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟ |
تۇزاقتا يەمچۈك بولمىسا قۇش يەرگە يىقىلامدۇ؟ ئالغۇدەك نەرسە بولمىسا، قىسماق يەردىن ئېتىلىپ چىقامدۇ؟ |
شەھەردە [ئاگاھ] كانىيى چېلىنسا، خەلق قورقمامدۇ؟ پەرۋەردىگار قىلمىغان بولسا، شەھەرگە يامانلىق چۈشەمدۇ؟ |
رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ. |
شىر ھۆركىرىگەن تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟ رەب پەرۋەردىگار سۆز قىلغاندا، كىم [ئۇنىڭ] بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟ |
ئاشدودتىكى قەلئە-ئوردىلاردا، شۇنداقلا مىسىردىكى قەلئە-ئوردىلاردا ئېلان قىلىپ: ــ «سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس-سۈرەنلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر-زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» ــ دەڭلار. |
ــ ئۇلار ھەق ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار ئوردىلىرىغا زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغانلىرىنى ھەم ئولجىلارنى جۇغلىغۇچىلار! |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا بىر ياۋ! ئۇ زېمىننى قورشىۋالدى! ئۇ مۇداپىئەڭنى ئېلىپ تاشلايدۇ، قەلئە-ئوردىلىرىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــــ پادىچى شىرنىڭ ئاغزىدىن قوينىڭ ئىككى پۇتىنى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىنى قۇتقۇزۇپ ئالغاندەك، سامارىيىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ، ــ شەھەردە پەقەت كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكى، دىۋاندىكى بىر پارچە دەمەشق لىباسىلا قالىدۇ! |
ــ ئاڭلاڭلار، ياقۇپنىڭ جەمەتىدە گۇۋاھلىق بېرىڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، |
ــ مەن ئىسرائىلنىڭ ئاسىيلىقلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن كۈنىدە، بەيت-ئەل شەھىرىنىڭ قۇربانگاھلىرىنىمۇ جازالايمەن؛ قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى مۈڭگۈزلەر كېسىۋېتىلىپ يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ. |
مەن «قىشلىق ساراي» ۋە «يازلىق ساراي»نى بىراقلا ئۇرۇۋېتىمەن؛ پىل چىشى ئۆيلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، كۆپلىگەن ئۆيلەر تۈگىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |