ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون دېگەن تۆتەيلەن ئىدى. |
تولانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇززى، رېفايا، يېرىيەل، ياھماي، يىبسام ۋە سامۇئىلدىن ئىبارەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ زامانىدا تولانىڭ ئادەم سانى نەسەبنامىلەردە يىگىرمە ئىككى مىڭ ئالتە يۈز باتۇر جەڭچى دەپ خاتىرىلەنگەن. |
ئۇززىنىڭ ئوغلى ئىزراقىيا ئىدى، ئىزراقىيانىڭ ئوغۇللىرى مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە ئىشىيا ئىدى. بۇ بەشەيلەننىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى. |
نەسەبنامىلەر بويىچە ئۇلار بىلەن بىللە ھېسابلانغانلاردىن جەڭگىۋار ئوتتۇز ئالتە مىڭ ئادەم بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. |
بۇلارنىڭ ئىسساكارنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئىچىدىكى باتۇر جەڭچى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي سەكسەن يەتتە مىڭ ئادىمى بار ئىدى. |
بىنيامىننىڭ بېلا، بەكەر ۋە يەدىيايەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. |
بېلانىڭ ئېزبون، ئۇززى، ئۇززىئەل، يەرىموت ۋە ئىرى دېگەن بەش ئوغلى بولۇپ، ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئوتتۇز تۆت باتۇر جەڭچى بار ئىدى. |
بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى زېمىراھ، يوئاش، ئەلىئېزەر، ئەليويىناي، ئومرى، يەرەموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالامەت ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، |
جەمەت باشلىرى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە مىڭ ئىككى يۈز باتۇر جەڭچى بار ئىدى. |
يەدىيايەلنىڭ ئوغلى بىلھان ئىدى؛ بىلھاننىڭ ئوغۇللىرى يەئۇش، بىنيامىن، ئەخۇد، كەنائاناھ، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاھار ئىدى؛ |
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەدىيايەلنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت باشلىرى ۋە باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىملانغانلارنىڭ جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي ئون يەتتە مىڭ ئىككى يۈز ئىدى. |
شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار بولسا يەنە ئىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ھۇشىيلار ئاخەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر، شاللوم؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلھاھنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
ماناسسەھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇنىڭ سۇرىيەلىك توقىلىدىن ئاسرىئەل تۆرەلگەن؛ ئۇنىڭدىن يەنە گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىر تۇغۇلغان. |
ماكىر شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار ئارىسىدىنمۇ ئايال ئالغان (ماكىرنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى). ماكىرنىڭ يەنە بىر ئەۋلادىنىڭ ئىسمى زەلوفىھاد ئىدى، زەلوفىھادنىڭ پەقەت بىرنەچچە قىزىلا بولغان. |
ماكىرنىڭ ئايالى مائاكاھ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا پەرەش دەپ ئات قويغان؛ پەرەشنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى شەرەش ئىدى؛ شەرەشنىڭ ئوغلى ئۇلام ۋە راكەم ئىدى. |
ئۇلامنىڭ ئوغلى بېدان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى؛ گىلېئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەھنىڭ ئوغلى ئىدى. |
گىلېئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئېزەر ۋە ماھالاھ تۇغۇلغان. |
شېمىدانىڭ ئوغۇللىرى ئاخىيان، شەكەم، لىكخى ۋە ئانىئام ئىدى. |
ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ، شۇتىلاھنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاداھ، ئېلىئاداھنىڭ ئوغلى تاھات، |
تاھاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ ئىدى (ئېزەر بىلەن ئېلىئاد گاتلىقلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى چۈشكەندە، شۇ يەرلىك گاتلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. |
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرائىم بۇ بالىلىرى ئۈچۈن خېلى كۈنلەرگىچە ماتەم تۇتقاچقا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلگەن. |
ئەفرائىم ئايالى بىلەن بىللە قايتا بىر ياستۇققا باش قويغان. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغقان؛ ئەفرائىم ئۇنىڭغا ئائىلەم بالا-قازاغا يولۇقتى دەپ، بېرىياھ دەپ ئىسىم قويغان. |
ئۇنىڭ قىزى ئۈستۈن بەيت-ھورون بىلەن تۆۋەن بەيت-ھوروننى ۋە ئۇززەن-شەئەراھنى بىنا قىلغان). |
بېرىياھنىڭ ئوغلى رېفاھ بىلەن رەشەف ئىدى؛ رەشەفنىڭ ئوغلى تېلاھ، تېلاھنىڭ ئوغلى تاھان، |
تاھاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، |
ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىدى. |
ئەفرائىملارنىڭ زېمىنى ۋە ماكانلاشقان يەرلىرى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر بولۇپ، كۈنچىقىش تەرىپىدە نارائان، كۈنپېتىش تەرىپىدە گەزەر بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر، تاكى گازا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگىچە سوزۇلاتتى. |
ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا تۇتاشقان يەنە بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ تائاناق ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ مەگىددو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ دور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرمۇ بار ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇ يەرلەرگە ماكانلاشقانىدى. |
ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ؛ ئۇلارنىڭ سېراھ دېگەن سىڭلىسىمۇ بار ئىدى. |
بېرىياھنىڭ ئوغلى خەبەر بىلەن مالكىئەل بولۇپ، مالكىئەل بىرزاۋىتنىڭ ئاتىسى ئىدى. |
خېبەردىن يافلەت، شومەر، خوتام ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى شۇيا تۆرەلگەن. |
يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى پاساق، بىمھال ۋە ئاشۋات؛ بۇلار يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
شەمەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاخى، روھگاھ، خۇبباھ ۋە ئارام ئىدى. |
[شەمەرنىڭ] ئىنىسى ھەلەمنىڭ ئوغلى زوفاھ، يىمنا، شەلەش ۋە ئامال ئىدى؛ |
زوفاھنىڭ ئوغلى سۇئاھ، ھارنەفەر، شۇئال، بېرى، ئىمراھ، |
بېزەر، خود، شامما، شىلشاھ، ئىتران ۋە بەئەراھ ئىدى. |
يەتەرنىڭ ئوغۇللىرى يەفۇننەھ، پىسپاھ ۋە ئارا ئىدى. |
ئۇللانىڭ ئوغۇللىرى ئاراھ، خاننىئەل ۋە رىزىيا ئىدى. |
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەر قايسىسى جەمەت باشلىرى، ئالامەت باتۇر جەڭچىلەر، يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە نەسەبنامىگە تىزىملانغاندا، جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي يىگىرمە ئالتە مىڭ ئىدى. |