ܝܥܩܘܒ ܥܒܕܗ ܕܐܠܗܐ ܘܕܡܪܢ ܝܫܘܥ ܡܫܝܚܐ ܠܬܪܬܥܤܪܐ ܫܪܒܢ ܕܙܪܝܥܢ ܒܥܡܡܐ ܫܠܡ | 1 |
خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپتىن تارقاق تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلىگە سالام! |
ܟܠ ܚܕܘܐ ܬܗܘܐ ܠܟܘܢ ܐܚܝ ܟܕ ܬܥܠܘܢ ܠܢܤܝܘܢܐ ܡܫܚܠܦܐ ܘܤܓܝܐܐ | 2 |
ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار. |
ܝܕܥܝܢ ܐܢܬܘܢ ܓܝܪ ܕܒܘܩܝܐ ܕܗܝܡܢܘܬܐ ܡܩܢܐ ܠܟܘܢ ܡܤܝܒܪܢܘܬܐ | 3 |
چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛ |
ܠܗ ܕܝܢ ܠܡܤܝܒܪܢܘܬܐ ܢܗܘܐ ܠܗ ܥܒܕܐ ܡܫܡܠܝܐ ܕܬܗܘܘܢ ܓܡܝܪܝܢ ܘܡܫܠܡܢܝܢ ܘܒܡܕܡ ܠܐ ܗܘܝܬܘܢ ܚܤܝܪܝܢ | 4 |
سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر. |
ܐܢ ܐܢܫ ܕܝܢ ܡܢܟܘܢ ܚܤܝܪ ܡܢ ܚܟܡܬܐ ܢܫܐܠ ܡܢ ܐܠܗܐ ܕܝܗܒ ܠܟܠ ܦܫܝܛܐܝܬ ܘܠܐ ܡܚܤܕ ܘܡܬܝܗܒܐ ܠܗ | 5 |
بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ. |
ܢܫܐܠ ܕܝܢ ܒܗܝܡܢܘܬܐ ܟܕ ܠܐ ܡܬܦܠܓ ܗܘ ܓܝܪ ܕܡܬܦܠܓ ܕܡܐ ܠܓܠܠܐ ܕܝܡܐ ܕܫܓܫܐ ܠܗܘܢ ܪܘܚܐ | 6 |
بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ. |
ܘܠܐ ܢܤܒܪ ܗܘ ܒܪܢܫܐ ܕܢܤܒ ܡܕܡ ܡܢ ܡܪܝܐ | 7 |
ئۇنداق كىشى رەبدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىمەن، دەپ ھېچ خىيال قىلمىسۇن؛ |
ܐܝܢܐ ܕܦܠܝܓ ܒܪܥܝܢܗ ܘܫܓܝܫ ܒܟܠܗܝܢ ܐܘܪܚܬܗ | 8 |
ئۇنداقلار ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ، بارلىق يوللىرىدا تۇتامى يوق ئادەمدۇر. |
ܢܫܬܒܗܪ ܕܝܢ ܐܚܐ ܡܟܝܟܐ ܒܪܘܡܪܡܗ | 9 |
نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن؛ باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ. |
ܘܥܬܝܪܐ ܒܡܘܟܟܗ ܡܛܠ ܕܐܝܟ ܗܒܒܐ ܕܥܤܒܐ ܗܟܢܐ ܥܒܪ | 10 |
ܕܢܚ ܓܝܪ ܫܡܫܐ ܒܚܘܡܗ ܘܡܘܒܫ ܠܗ ܠܥܤܒܐ ܘܗܒܒܗ ܢܦܠ ܘܫܘܦܪܐ ܕܚܙܘܗ ܐܒܕ ܗܟܢܐ ܐܦ ܥܬܝܪܐ ܚܡܐ ܒܗܘܦܟܘܗܝ | 11 |
قۇياش چىقىپ قىزىغاندا، ئوت-چۆپلەرنى قۇرۇتىدۇ، گۈللىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭ گۈزەللىكى يوقىلىدۇ؛ باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. |
ܛܘܒܘܗܝ ܠܓܒܪܐ ܕܡܤܝܒܪ ܢܤܝܘܢܐ ܕܡܐ ܕܐܬܒܚܪ ܢܤܒ ܟܠܝܠܐ ܕܚܝܐ ܗܘ ܕܡܠܟ ܐܠܗܐ ܠܐܝܠܝܢ ܕܪܚܡܝܢ ܠܗ | 12 |
سىناقلارغا [سەۋرچانلىق بىلەن] بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، [خۇدا] ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. |
ܠܐ ܢܐܡܪ ܐܢܫ ܟܕ ܡܬܢܤܐ ܕܡܢ ܐܠܗܐ ܡܬܢܤܐ ܐܢܐ ܐܠܗܐ ܓܝܪ ܠܐ ܡܢܤܝ ܒܒܝܫܬܐ ܘܗܘ ܠܐܢܫ ܠܐ ܡܢܤܐ | 13 |
ئادەم ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېمىسۇن. چۈنكى خۇدا يامان ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ. |
ܐܠܐ ܐܢܫ ܐܢܫ ܡܢ ܪܓܬܗ ܗܘ ܡܬܢܤܐ ܘܡܬܪܓܪܓ ܘܡܬܢܓܕ | 14 |
بەلكى بىرسى ئازدۇرۇلغاندا، ئۆز ھەۋەس-نەپسى قوزغىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرگەن بولىدۇ؛ |
ܘܗܕܐ ܪܓܬܐ ܒܛܢܐ ܘܝܠܕܐ ܚܛܝܬܐ ܚܛܝܬܐ ܕܝܢ ܡܐ ܕܐܬܓܡܪܬ ܝܠܕܐ ܡܘܬܐ | 15 |
ئاندىن ھەۋەس-نەپس ھامىلىدار بولۇپ گۇناھنى تۇغىدۇ؛ گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. |
ܠܐ ܬܛܥܘܢ ܐܚܝ ܚܒܝܒܐ | 16 |
شۇڭا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار! |
ܟܠ ܡܘܗܒܬܐ ܛܒܬܐ ܘܡܫܡܠܝܬܐ ܡܢ ܠܥܠ ܢܚܬܐ ܡܢ ܐܒܐ ܕܢܗܝܪܐ ܗܘ ܕܠܝܬ ܠܘܬܗ ܫܘܚܠܦܐ ܡܕܡ ܐܦܠܐ ܛܠܢܝܬܐ ܕܫܘܓܢܝܐ | 17 |
بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ. |
ܗܘܝܘ ܨܒܐ ܘܝܠܕܢ ܒܡܠܬܐ ܕܩܘܫܬܐ ܕܢܗܘܐ ܪܫܝܬܐ ܕܒܪܝܬܗ | 18 |
ئۇ بىزنى [ئۆزى ياراتقان بارلىق] مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى. |
ܘܐܢܬܘܢ ܐܚܝ ܚܒܝܒܐ ܟܠܢܫ ܡܢܟܘܢ ܢܗܘܐ ܡܤܪܗܒ ܠܡܫܡܥ ܘܡܘܚܪ ܠܡܡܠܠܘ ܘܡܘܚܪ ܠܡܪܓܙ | 19 |
شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن. |
ܪܘܓܙܗ ܓܝܪ ܕܓܒܪܐ ܙܕܝܩܘܬܐ ܕܐܠܗܐ ܠܐ ܥܒܕ | 20 |
چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. |
ܡܛܠ ܗܢܐ ܐܪܚܩܘ ܡܢܟܘܢ ܟܠܗ ܛܢܦܘܬܐ ܘܤܘܓܐܐ ܕܒܝܫܘܬܐ ܘܒܡܟܝܟܘܬܐ ܩܒܠܘ ܡܠܬܐ ܕܢܨܝܒܐ ܒܟܝܢܢ ܕܗܝ ܡܫܟܚܐ ܕܬܚܐ ܐܢܝܢ ܢܦܫܬܟܘܢ | 21 |
شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، [قەلبىڭلاردا] يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار. |
ܗܘܘ ܕܝܢ ܥܒܘܕܐ ܕܡܠܬܐ ܘܠܐ ܫܡܘܥܐ ܒܠܚܘܕ ܘܠܐ ܬܛܥܘܢ ܢܦܫܬܟܘܢ | 22 |
ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. |
ܐܢ ܐܢܫ ܓܝܪ ܢܗܘܐ ܫܡܘܥܗ ܕܡܠܬܐ ܘܠܐ ܥܒܘܕܗ ܗܢܐ ܕܡܐ ܠܗܘ ܕܚܙܐ ܐܦܘܗܝ ܒܡܚܙܝܬܐ | 23 |
چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. |
ܚܙܐ ܓܝܪ ܢܦܫܗ ܘܥܒܪ ܘܛܥܐ ܕܐܝܟܢܐ ܗܘܐ | 24 |
ܟܠ ܕܝܢ ܕܚܪ ܒܢܡܘܤܐ ܡܫܠܡܢܐ ܕܚܐܪܘܬܐ ܘܩܘܝ ܒܗ ܠܐ ܗܘܐ ܫܡܘܥܐ ܕܫܡܥܐ ܕܡܬܛܥܐ ܐܠܐ ܥܒܘܕܐ ܕܥܒܕܐ ܘܗܢܐ ܛܘܒܢܐ ܢܗܘܐ ܒܥܒܕܗ | 25 |
لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ، ئۇنتۇغاق ئاڭلىغۇچى بولماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ ئىجرا قىلغۇچى بولغان كىشى ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ. |
ܘܐܢ ܐܢܫ ܤܒܪ ܕܡܫܡܫ ܠܐܠܗܐ ܘܠܐ ܐܚܕ ܠܫܢܗ ܐܠܐ ܡܛܥܐ ܠܗ ܠܒܗ ܕܗܢܐ ܤܪܝܩܐ ܗܝ ܬܫܡܫܬܗ | 26 |
بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر. |
ܬܫܡܫܬܐ ܓܝܪ ܕܟܝܬܐ ܘܩܕܝܫܬܐ ܩܕܡ ܐܠܗܐ ܐܒܐ ܗܕܐ ܗܝ ܠܡܤܥܪ ܝܬܡܐ ܘܐܪܡܠܬܐ ܒܐܘܠܨܢܝܗܘܢ ܘܠܡܛܪ ܐܢܫ ܢܦܫܗ ܡܢ ܥܠܡܐ ܕܠܐ ܛܘܠܫܐ | 27 |
خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن داغسىز ساقلاشتۇر. |