ثُمَّ أَرَانِي الرَّبُّ يَهُوشَعَ رَئِيسَ الْكَهَنَةِ وَاقِفاً فِي حَضْرَةِ مَلاكِ الرَّبِّ، وَعَنْ يَمِينِهِ يَنْتَصِبُ الشَّيْطَانُ لِيُقَاوِمَهُ. | ١ 1 |
ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى. |
فَقَالَ الرَّبُّ لِلشَّيْطَانِ: «إِنَّ الرَّبَّ يَنْتَهِرُكَ يَا شَيْطَانُ، الرَّبُّ الَّذِي اصْطَفَى أُورُشَلِيمَ يَنْتَهِرُكَ، أَلَيْسَ هَذَا الرَّجُلُ كَحَطَبَةٍ مُشْتَعِلَةٍ انْتُشِلَتْ مِنَ النَّارِ؟» | ٢ 2 |
پەرۋەردىگار شەيتانغا: «پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن، ئى شەيتان! بەرھەق، يېرۇسالېمنى تاللىۋالغان پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن! بۇ [كىشى] ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇن ئەمەسمۇ؟» ــ دېدى. |
وَكَانَ يَهُوشَعُ آنَئِذٍ وَاقِفاً فِي حَضْرَةِ الْمَلاكِ مُرْتَدِياً ثِيَاباً قَذِرَةً. | ٣ 3 |
يەشۇئا بولسا پاسكىنا كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا پەرىشتىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. |
فَقَالَ الْمَلاكُ لِلْمَاثِلِينَ فِي حَضْرَتِهِ: «اخْلَعُوا عَنْهُ هَذِهِ الثِّيَابَ الْقَذِرَةَ». ثُمَّ قَالَ لِيَهُوشَعَ: «انْظُرْ، هَا أَنَا قَدْ أَزَلْتُ عَنْكَ إِثْمَكَ وَكَسَوْتُكَ ثَوْباً جَدِيداً». | ٤ 4 |
ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا: «بۇ پاسكىنا كىيىمنى ئۇنىڭدىن سالدۇرىۋېتىڭلار» ــ دېدى ۋە ئۇنىڭغا: «قارا، مەن قەبىھلىكىڭنى سەندىن ئېلىپ كەتتىم، ساڭا ھېيتلىق كىيىم كىيگۈزدۈم» ــ دېدى. |
ثُمَّ أَضَافَ: «ضَعُوا عِمَامَةً طَاهِرَةً عَلَى رَأْسِهِ». فَوَضَعُوا الْعِمَامَةَ الطَّاهِرَةَ عَلَى رَأْسِهِ وَكَسَوْهُ ثِيَاباً بَهِيَّةً، وَمَلاكُ الرَّبِّ مَا بَرِحَ وَاقِفاً. | ٥ 5 |
مەن: «ئۇلار بېشىغا پاكىز بىر سەللىنى ئورىسۇن!» ــ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاكىز بىر سەللىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئوراپ، ئۇنىڭغا كىيىم كىيدۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىر ياندا تۇراتتى. |
وَأَشْهَدَ مَلاكُ الرَّبِّ عَلَى يَهُوشَعَ قَائِلاً: | ٦ 6 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەشۇئاغا مۇنداق جېكىلىدى: ــ |
«هَذَا مَا يَقُولُهُ الرَّبُّ الْقَدِيرُ: إِنْ سَلَكْتَ فِي طَرِيقِي وَأَطَعْتَ أَوَامِرِي، فَأَنْتَ أَيْضاً تَتَوَلَّى شُؤُونَ هَيْكَلِي وَتُحَافِظُ عَلَى دِيَارِي، وَأَمْنَحُكَ مَقَاماً بَيْنَ هَؤُلاءِ الْمَاثِلِينَ فِي حَضْرَتِي. | ٧ 7 |
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەگەر يوللىرىمدا ماڭساڭ، تاپىلىغىنىمنى چىڭ تۇتساڭ، مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرىسەن، ھويلىلىرىمغا قارايدىغان بولىسەن؛ ساڭا يېنىمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. |
فَأَصْغِ يَا يَهُوشَعُ رَئِيسُ الْكَهَنَةِ أَنْتَ وَسَائِرُ رِفَاقِكَ الْكَهَنَةِ الْجَالِسِينَ أَمَامَكَ. أَنْتُمْ رِجَالُ آيَةٍ وَهَا أَنَا آتِي بِعَبْدِي الَّذِي يُدْعَى الْغُصْنُ. | ٨ 8 |
ــ ئى باش كاھىن يەشۇئا، سەن ۋە سېنىڭ ئالدىڭدا ئولتۇرغان ھەمراھلىرىڭ ئاڭلاڭلار (چۈنكى ئۇلار بېشارەتلىك ئادەملەر): ــ مانا، مەن «شاخ» دەپ ئاتالغان قۇلۇمنى مەيدانغا چىقىرىمەن. |
هَا هُوَ الْحَجَرُ الَّذِي وَضَعْتُهُ أَمَامَ يَهُوشَعَ، تَحْرُسُهُ سَبْعُ أَعْيُنٍ، قَدْ شَذَّبْتُهُ تَشْذِيباً وَكَتَبْتُ عَلَيْهِ»، يَقُولُ الرَّبُّ الْقَدِيرُ: «وَأُزِيلُ إِثْمَ هَذِهِ الأَرْضِ فِي يَوْمٍ وَاحِدٍ». | ٩ 9 |
مانا، مەن يەشۇئانىڭ ئالدىغا قويغان تاشقا قارا! ــ بۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە يەتتە كۆز بار؛ مانا، مەن ئۇنىڭ نەقىشلىرىنى ئۆزۈم ئويىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن بۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى بىر كۈن ئىچىدىلا ئېلىپ تاشلايمەن. |
وَيَقُولُ الرَّبُّ الْقَدِيرُ: «فِي ذَلِكَ الْيَوْمِ يَدْعُو كُلٌّ مِنْكُمْ صَدِيقَهُ لِيَسْتَرِيحَ تَحْتَ كَرْمَتِهِ وَفِي ظِلِّ تِينَتِهِ». | ١٠ 10 |
شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارنى ئۈزۈم تېلى ۋە ئەنجۈر دەرىخى ئاستىغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىسىلەر». |