(الْمَحْبُوبَةُ): أَنَا وَرْدَةُ شَارُونَ، سُوسَنَةُ الأَوْدِيَةِ. | ١ 1 |
مەن بولسام شارۇن ئوتلىقىدىكى زەپىران، خالاس؛ جىلغىلاردا ئۆسكەن بىر نىلۇپەر، خالاس!» |
(المُحِبُّ): كَسُوسَنَةٍ بَيْنَ أَشْوَاكٍ، هَكَذَا حَبِيبَتِي بَيْنَ الْبَنَاتِ. | ٢ 2 |
«تىكەن-جىغانلار ئارىسىدىكى نىلۇپەردەك، مانا ئىنسان قىزلىرى ئارىسىدا مېنىڭ ئامرىقىم شۇنداقتۇر!». |
(الْمَحْبُوبَةُ): حَبِيبِي بَيْنَ الْفِتْيَانِ كَشَجَرَةِ تُفَّاحٍ بَيْنَ أَشْجَارِ الْوَعْرِ، تَحْتَ ظِلِّهِ اشْتَهَيْتُ أَنْ أَجْلِسَ، وَثَمَرُهُ حُلْوٌ لِحَلْقِي. | ٣ 3 |
«ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك، ئوغۇل بالىلار ئارىسىدىدۇر مېنىڭ ئامرىقىم. ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا دىلىم ئالەمچە سۆيۈنۈپ ئولتۇردۇم؛ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا شېرىن تېتىدى؛ |
أَتَى بِي إِلَى قَاعَةِ احْتِفَالِهِ، وَرَايَتُهُ فَوْقِي مَحَبَّةٌ. | ٤ 4 |
ئۇ مېنى شارابخانىغا ئېلىپ كىردى؛ ئۇنىڭ ئۈستۈمدە كۆتۈرگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر. |
أَسْنِدُونِي بِأَقْرَاصِ الزَّبِيبِ، أَنْعِشُونِي بِالتُّفَّاحِ، فَإِنِّي مَرِيضَةٌ حُبّاً. | ٥ 5 |
مېنى كىشمىش پوشكاللار بىلەن قۇۋۋەتلەڭلار؛ ئالمىلار بىلەن مېنى يېڭىلاندۇرۇڭلار؛ چۈنكى مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ |
شِمَالُهُ تَحْتَ رَأْسِي، وَيَمِينُهُ تُعَانِقُنِي. | ٦ 6 |
ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلاۋاتىدۇ. |
أَسْتَحْلِفُكُنَّ يَا بَنَاتِ أُورُشَلِيمَ بِظِبَاءِ الصَّحْرَاءِ وَأَيَائِلِهَا أَلّا تُوْقِظْنَ أَوْ تُنَبِّهْنَ حَبِيبِي حَتَّى يَشَاءَ. | ٧ 7 |
ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» |
هَذَا صَوْتُ حَبِيبِي! هَا هُوَ آتٍ طَافِراً عَلَى الْجِبَالِ وَاثِباً فَوْقَ التِّلالِ. | ٨ 8 |
«سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! تاغلاردىن سەكرەپ، ئېدىرلاردىن ئويناقلاپ كېلىۋاتىدۇ! |
حَبِيبِي كَظَبْيٍ أَوْ كَالأُيَّلِ الْفَتِيِّ. هَا هُوَ وَاقِفٌ وَرَاءَ جِدَارِنَا يَرْنُو مِنَ الْكُوَى وَيَسْتَرِقُ النَّظَرَ مِنْ خِلالِ النَّوَافِذِ الْمُشَبَّكَةِ. | ٩ 9 |
مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم جەرەن ياكى ياش بۇغىدەكتۇر؛ مانا، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، ئۇ پەنجىرە-پەنجىرىلەردىن ماراپ باقىدۇ». |
خَاطَبَنِي حَبِيبِي وَقَالَ: انْهَضِي يَا حَبِيبَتِي يَا جَمِيلَتِي وَتَعَالَيْ مَعِي، | ١٠ 10 |
«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن؛ |
فَهَا الشِّتَاءُ قَدِ انْقَضَى، وَكَفَّ الْمَطَرُ وَزَالَ. | ١١ 11 |
چۈنكى مانا، قىش ئۆتۈپ كەتتى، يامغۇر يېغىپ تۈگىدى، ئۇ كېتىپ قالدى؛ |
وَأَزْهَرَتِ الأَرْضُ، وَحَلَّ مَوْسِمُ التَّغْريِدِ، وَتَرَدَّدَ هَدِيلُ الْيَمَامِ فِي أَرْضِنَا. | ١٢ 12 |
يەر يۈزىدە گۈللەر كۆرۈندى؛ ناخشىلار سايراش ۋاقتى كەلدى، زېمىنىمىزدا پاختەكنىڭ ساداسى ئاڭلانماقتا؛ |
قَدْ أَنْبَتَتِ التِّينَةُ فِجَّهَا، وَنَشَرَتِ الْكُرُومُ الْمُزْهِرَةُ عَبِيرَهَا، فَانْهَضِي يَا حَبِيبَتِيِ يَا جَمِيلَتِي وَتَعَالَيْ. | ١٣ 13 |
ئەنجۈر دەرىخى قىشلىق ئەنجۈرلىرىنى پىشۇرماقتا، ئۈزۈم تاللىرى چېچەكلەپ ئۆز پۇرىقىنى چاچماقتا؛ ئورنۇڭدىن تۇر، مېنىڭ ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن! |
(المُحِبُّ): يَا حَمَامَتِي الْمُحْتَمِيَةَ بِشُقُوقِ الصَّخْرِ وَمَخَابِئِ الْجِبَالِ، أَرِينِي وَجْهَكِ وَأَسْمِعِينِي صَوْتَكِ، لأَنَّ صَوْتَكِ عَذْبٌ وَمُحَيَّاكِ رَائِعٌ. | ١٤ 14 |
ئاھ مېنىڭ پاختىكىم، قورام تاش يېرىقى ئىچىدە، قىيا دالدىسىدا، ماڭا ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقايسەن، چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن، جامالىڭ يېقىملىقتۇر!» |
اقْتَنِصُوا لَنَا الثَّعَالِبَ الصِّغَارَ الَّتِي تُتْلِفُ الْكُرُومَ، فَإِنَّ كُرُومَنَا قَدْ أَزْهَرَتْ. | ١٥ 15 |
«تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى، يەنى ئۈزۈمزارلارنى بۇزغۇچى كىچىك تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى؛ چۈنكى ئۈزۈمزارلىرىمىز چېچەكلىمەكتە». |
(الْمَحْبُوبَةُ): حَبِيبِي لِي وَأَنَا لَهُ، هُوَ يَرْعَى قَطِيعَهُ بَيْنَ السَّوْسَنِ. | ١٦ 16 |
«سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر، مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن؛ ئۇ نىلۇپەرلەر ئارىسىدا پادىسىنى بېقىۋاتىدۇ». |
إِلَى أَنْ يَطْلَعَ النَّهَارُ وَتَنْهَزِمَ الظِّلالُ، ارْجِعْ يَا حَبِيبِي وَكُنْ كَالظَّبْيِ أَوِ الأُيَّلِ الْفَتِيِّ عَلَى جِبَالِ الأَطْيَابِ. | ١٧ 17 |
«تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، ماڭا قاراپ بۇرۇلۇپ كەلگىن، ئى سۆيۈملۈكۈم، ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن سەكرەپ كېلىدىغان جەرەن ياكى بۇغىدەك بولغىن!». |