لِذَلِكَ أُنَاشِدُكُمْ أَيُّهَا الإِخْوَةُ، نَظَراً لِمَرَاحِمِ اللهِ، أَنْ تُقَدِّمُوا لَهُ أَجْسَادَكُمْ ذَبِيحَةً حَيَّةً مُقَدَّسَةً مَقْبُولَةً عِنْدَهُ، وَهِيَ عِبَادَتُكُمْ الْعَقْلِيَةُ. | ١ 1 |
شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ [خۇداغا] قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. |
وَلا تَتَشَبَّهُوا بِهَذَا الْعَالَمِ، بَلْ تَغَيَّرُوا بِتَجْدِيدِ الذِّهْنِ، لِتُمَيِّزُوا مَا هِيَ إِرَادَةُ اللهِ الصَّالِحَةُ الْمَقْبُولَةُ الْكَامِلَةُ. (aiōn g165) | ٢ 2 |
بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر. (aiōn g165) |
فَإِنِّي، بِالنِّعْمَةِ الْمَوْهُوبَةِ لِي، أُوْصِي كُلَّ وَاحِدٍ بَيْنَكُمْ أَلّا يُقَدِّرَ نَفْسَهُ تَقْدِيراً يَفُوقُ حَقَّهُ، بَلْ أَنْ يَكُونَ مُتَعَقِّلاً فِي تَفْكِيرِهِ، بِحَسَبِ مِقْدَارِ الإِيمَانِ الَّذِي قَسَمَهُ اللهُ لِكُلٍّ مِنْكُمْ. | ٣ 3 |
ماڭا ئاتا قىلىنغان شاپائەتكە ئاساسەن ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق ئۆزەڭلاردا بار بولغىنىدىن ئارتۇق ئويلىماي، بەلكى خۇدا ھەربىرىڭلارغا تەقسىم قىلغان ئىشەنچنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن سالماقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. |
فَكَمَا أَنَّ لَنَا فِي جَسَدٍ وَاحِدٍ أَعْضَاءَ كَثِيرَةً، وَلكِنْ لَيْسَ لِجَمِيعِ هذِهِ الأَعْضَاءِ عَمَلٌ وَاحِدٌ، | ٤ 4 |
چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك، |
فَكَذَلِكَ نَحْنُ الْكَثِيرِينَ جَسَدٌ وَاحِدٌ فِي الْمَسِيحِ، وَكُلُّنَا أَعْضَاءُ بَعْضُنَا لِبَعْضٍ. | ٥ 5 |
بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز. |
وَلكِنْ، بِمَا أَنَّ الْمَوَاهِبَ مُوَزَّعَةٌ بِحَسَبِ النِّعْمَةِ الْمَوْهُوبَةِ لَنَا، (فَلْنُمَارِسْهَا): فَمَنْ وُهِبَ النُّبُوءَةَ، فَلْيَتَنَبَّأْ بِحَسَبِ مِقْدَارِ الإِيمَانِ؛ | ٦ 6 |
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت بويىچە، ھەرخىل روھىي ئىلتىپاتلىرىمىزمۇ بار بولدى. بىرسىگە ئاتا قىلىنغان ئىلتىپات ۋەھىينى يەتكۈزۈش بولسا، ئىشەنچىسىنىڭ دائىرىسىدە ۋەھىينى يەتكۈزسۇن؛ |
وَمَنْ وُهِبَ الْخِدْمَةَ، فَلْيَنْهَمِكْ فِي الْخِدْمَةِ؛ أَوِ التَّعْلِيمَ، فَفِي التَّعْلِيمِ؛ | ٧ 7 |
باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛ |
أَوِ الْوَعْظَ، فَفِي الْوَعْظِ؛ أَوِ الْعَطَاءَ، فَلْيُعْطِ بِسَخَاءٍ؛ أَوِ الْقِيَادَةَ، فَلْيَقُدْ بِاجْتِهَادٍ؛ أَوْ إِظْهَارَ الرَّحْمَةِ، فَلْيَرْحَمْ بِسُرُورٍ. | ٨ 8 |
رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن قىلسۇن. |
وَلْتَكُنِ الْمَحَبَّةُ بِلا رِيَاءٍ. انْفُرُوا مِنَ الشَّرِّ، وَالْتَصِقُوا بِالْخَيْرِ. | ٩ 9 |
مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن؛ رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىڭلار، ياخشىلىققا چىڭ باغلىنىڭلار؛ |
أَحِبُّوا بَعْضُكُمْ بَعْضاً مَحَبَّةً أَخَوِيَّةً، مُفَضِّلِينَ بَعْضُكُمْ بَعْضاً فِي الْكَرَامَةِ. | ١٠ 10 |
بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار. |
لَا تَتَكَاسَلُوا فِي الاجْتِهَادِ، بَلْ كُونُوا مُلْتَهِبِينَ فِي الرُّوحِ، عَابِدِينَ لِلرَّبِّ، | ١١ 11 |
ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبكە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار. |
فَرِحِينَ بِالرَّجَاءِ، صَابِرِينَ فِي الضِّيقِ، مُوَاظِبِينَ عَلَى الصَّلاةِ، | ١٢ 12 |
ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار. |
مُتَعَاوِنِينَ عَلَى سَدِّ حَاجَاتِ الْقِدِّيسِينَ، مُدَاوِمِينَ عَلَى إِضَافَةِ الْغُرَبَاءِ. | ١٣ 13 |
مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛ |
بَارِكُوا الَّذِينَ يَضْطَهِدُونَكُمْ. بَارِكُوا وَلا تَلْعَنُوا! | ١٤ 14 |
سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. |
افْرَحُوا مَعَ الْفَرِحِينَ، وَابْكُوا مَعَ الْبَاكِينَ. | ١٥ 15 |
شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار. |
كُونُوا مُتَوَافِقِينَ بَعْضُكُمْ مَعَ بَعْضٍ، غَيْرَ مُهْتَمِّينَ بِالأُمُورِ الْعَالِيَةِ، بَلْ مُسَايِرِينَ ذَوِي الْمَرَاكِزِ الْوَضِيعَةِ. لَا تَكُونُوا حُكَمَاءَ فِي نَظَرِ أَنْفُسِكُمْ. | ١٦ 16 |
بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار. |
لَا تَرُدُّوا لأَحَدٍ شَرّاً مُقَابِلَ شَرٍّ، بَلِ اجْتَهِدُوا فِي تَقْدِيمِ مَا هُوَ حَسَنٌ أَمَامَ جَمِيعِ النَّاسِ. | ١٧ 17 |
ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار. |
إِنْ كَانَ مُمْكِناً، فَمَادَامَ الأَمْرُ يَتَعَلَّقُ بِكُمْ، عِيشُوا فِي سَلامٍ مَعَ جَمِيعِ النَّاسِ. | ١٨ 18 |
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛ |
لَا تَنْتَقِمُوا لأَنْفُسِكُمْ، أَيُّهَا الأَحِبَّاءُ، بَلْ دَعُوا الْغَضَبَ لِلهِ، لأَنَّهُ قَدْ كُتِبَ: «لِيَ الانْتِقَامُ، أَنَا أُجَازِي، يَقُولُ الرَّبُّ». | ١٩ 19 |
ئىنتىقام ئالماڭلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم؛ ئۇنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىپىگە يول قويۇڭلار، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، [يامانلىق] مەن قايتۇرىمەن». |
وَإِنَّمَا «إِنْ جَاعَ عَدُوُّكَ فَأَطْعِمْهُ، وَإِنْ عَطِشَ فَاسْقِهِ. فَإِنَّكَ، بِعَمَلِكَ هَذَا تَجْمَعُ عَلَى رَأْسِهِ جَمْراً مُشْتَعِلاً». | ٢٠ 20 |
شۇڭا ئەكسىچە «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن». |
لَا تَدَعِ الشَّرَّ يَغْلِبُكَ، بَلِ اغْلِبِ الشَّرَّ بِالْخَيْرِ. | ٢١ 21 |
يامانلىق ئالدىدا باش ئەگمەڭلار، بەلكى يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. |