يَا رَبُّ بِكَ احْتَمَيْتُ فَلَا تَدَعْنِي أَخْزَى إِلَى الأَبَدِ. | ١ 1 |
سەندىن، پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپىمەن؛ مېنى ھەرگىز يەرگە قاراتمىغايسەن. |
أَنْقِذْنِي وَفْقاً لِعَدْلِكَ وَنَجِّنِي. أَرْهِفْ إِلَيَّ أُذُنَكَ وَخَلِّصْنِي. | ٢ 2 |
ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن! |
كُنْ لِي صَخْرَةَ مَلْجَأٍ أَلُوذُ بِها دَائِماً. أَنْتَ أَمَرْتَ بِخَلاصِي لأَنَّكَ صَخْرَتِي وَحِصْنِي. | ٣ 3 |
ماڭا ئۆزۈم دائىم پاناھلىنىدىغان تۇرالغۇ قورام تاش بولغايسەن؛ سەن مېنى قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئېگىز تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن. |
يَا إِلَهِي أَنْقِذْنِي مِنْ يَدِ الشِّرِّيرِ، مِنْ قَبْضَةِ الأَثِيمِ وَالظَّالِمِ. | ٤ 4 |
خۇدايىم، مېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ھەققانىيەتسىز، رەھىمسىز ئادەمدىن ئازاد قىلغايسەن؛ |
فَإِنَّكَ أَنْتَ رَجَائِي أَيُّهَا السَّيِّدُ، وَمَوْضِعُ ثِقَتِي مُنْذُ صِبَايَ. | ٥ 5 |
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈمىدىمدۇرسەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، ياشلىقىمدىن تارتىپلا مېنىڭ تايانچىمدۇرسەن؛ |
عَلَيْكَ اعْتَمَدْتُ مُنْذُ وِلادَتِي، وَمِنْ بَطْنِ أُمِّي أَخْرَجْتَنِي، فَإِيَّاكَ أُسَبِّحُ فِي كُلِّ حِينٍ. | ٦ 6 |
بالىياتقۇدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا تايىنىپ كەلدىم، ئۆزۈڭ مېنى ئانامنىڭ قارنىدىن چىقارغۇچىسەن؛ مەدھىيەمنىڭ تېمىسى بولسا ھەردائىم سەن توغرۇلۇقتۇر. |
صِرْتُ مَثَارَ اسْتِهْجَانٍ عِنْدَ كَثِيرِينَ، لَكِنَّكَ أَنْتَ مَلْجَإِي الْقَوِيُّ. | ٧ 7 |
مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمدۇرسەن. |
لِيَمْتَلِئْ فَمِي مِنْ تَسْبِيحِكَ وَمِنْ تَمْجِيدِكَ طُولَ النَّهَارِ. | ٨ 8 |
ئاغزىم كۈن بويى مەدھىيىلىرىڭ ھەم شان-شەرىپىڭگە تولىدۇ؛ |
لَا تَنْبِذْنِي فِي شَيْخُوخَتِي، وَلَا تَخْذِلْنِي عِنْدَ اضْمِحْلالِ قُوَّتِي. | ٩ 9 |
ئەمدى قېرىغىنىمدا مېنى تاشلىمىغايسەن؛ ماغدۇرۇم كەتكىنىدە، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن. |
لأَنَّ أَعْدَائِي يَتَكَلَّمُونَ عَلَيَّ وَالْمُتَرَبِّصِينَ بِي يَتَآمَرُونَ مَعاً. | ١٠ 10 |
چۈنكى دۈشمەنلىرىم ماڭا قارشى سۆزلىشىدۇ؛ جېنىمنى ئېلىشقا كۆزلەۋاتقانلار قەستلىشىپ: ــ |
قَائِلِينَ: «قَدْ تَرَكَهُ اللهُ، فَطَارِدُوهُ وَاقْبِضُوا عَلَيْهِ لأَنَّهُ لَا مُنْقِذَ لَهُ». | ١١ 11 |
«خۇدا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىڭلار، چۈنكى قۇتۇلدۇرۇدىغانلار يوقتۇر» ــ دېيىشىدۇ. |
لَا تَبْتَعِدْ عَنِّي يَا اللهُ. أَسْرِعْ إِلَى مَعُونَتِي يَا إِلَهِي. | ١٢ 12 |
ئى خۇدا، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن؛ ئى خۇدايىم، ماڭا ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! |
لِيَخْزَ وَيَبِدْ خُصُومُ نَفْسِي. لِيَكْتَسِ الْعَارَ وَالْهَوَانَ الْمُلْتَمِسُونَ أَذِيَّتِي. | ١٣ 13 |
جېنىمغا كۈشەندە بولغانلار شەرمەندە بولۇپ يوقىتىلىسۇن؛ زىيىنىمغا ئىنتىلگەنلەر رەسۋالىق ھەم شەرمەندىچىلىك بىلەن قاپلانسۇن؛ |
أَمَّا أَنَا فَإِيَّاكَ أَرْجُو دَائِماً، وَأُكْثِرُ مِنْ تَسْبِيحِكَ. | ١٤ 14 |
بىراق مەن بولسام، ئىزچىل ئۈمىدتە بولىمەن، سېنى تېخىمۇ مەدھىيىلەيمەن. |
أُخْبِرُ بِبِرِّكَ وَخَلاصِكَ طُولَ النَّهَارِ، وَإِنْ كَانَا يَفُوقَانِ إِدْرَاكِي. | ١٥ 15 |
ھەققانىيلىقىڭ، نىجاتلىقىڭ ئاغزىمدا كۈن بويى بايان قىلىنىدۇ؛ بۇلار سان-ساناقسىزدۇر، بىلگىنىمدىن كۆپ ئارتۇقتۇر. |
أَجِيءُ (مُؤَيَّداً) بِقُوَّةِ السَّيِّدِ الرَّبِّ، لأَذْكُرَ بِرَّكَ وَحْدَكَ. | ١٦ 16 |
مەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلىغان ھالدا كېلىمەن؛ سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى ياد ئېتىپ جاكارلايمەن ــ پەقەت سېنىڭكىنىلا! |
قَدْ عَلَّمْتَنِي يَا اللهُ مُنْذُ صِبَايَ، فَلَمْ أَكُفَّ لَحْظَةً عَنْ إِعْلانِ عَجَائِبِكَ. | ١٧ 17 |
ئى خۇدا، سەن ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا ئۆگىتىپ كەلگەنسەن؛ بۈگۈنگە قەدەر سېنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىڭنى جاكارلاپ كېلىۋاتىمەن. |
لَا تَتْرُكْنِي فِي الشَّيْخُوخَةِ وَالشَّيْبِ يَا اللهُ، حَتَّى أُخْبِرَ هَذَا الْجِيلَ بِأَعْمَالِ قُدْرَتِكَ، وَبِقُوَّتِكَ (الْجِيلَ) الآتِي. | ١٨ 18 |
ئەمدى ھازىر مەن قېرىپ، ئاق چاچلىق بولغىنىمدا، ئى خۇدا، مەن بۇ دەۋرگە [كۈچلۈك] بىلىكىڭنى [جاكارلىغۇچە]، كېلەر ئەۋلادنىڭ ھەممىسىگە قۇدرىتىڭنى ئايان قىلغۇچە، [مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن]! |
بِرُّكَ مُتَعَالٍ يَا اللهُ، وَأَعْمَالُكَ الَّتِي صَنَعْتَ عَظِيمَةٌ، فَمَنْ مِثْلُكَ يَا اللهُ! | ١٩ 19 |
ئى ئۇلۇغ كارامەت ئىشلارنى قىلغان خۇدا، ھەققانىيلىقىڭ پەلەككە تاقاشتى؛ ساڭا كىممۇ ئوخشاش بولالىسۇن! |
أَنْتَ الَّذِي اجْتَزْتَ بِنَا ضِيقَاتٍ كَثِيرَةً وَقَاسِيَةً، وَلَكِنَّكَ تَعُودُ فَتُحْيِينَا، وَتُصْعِدُنَا مِنْ جَدِيدٍ مِنْ أَعْمَاقِ الأَرْضِ. | ٢٠ 20 |
سەن ماڭا كۆپ ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكەنىكەنسەن، مېنى قايتىدىن يېڭىلايسەن، يەر تەگلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ چىقىسەن؛ |
تَزِيدُنِي شَرَفاً وَتُطَوِّقُنِي بِتَعْزِيَتِكَ. | ٢١ 21 |
سەن مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىپ، ھەر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرىسەن. |
سَأَحْمَدُكَ وَأُشِيدُ بِحَقِّكَ عَلَى الرَّبَابِ يَا إِلَهِي. أَشْدُو لَكَ عَلَى الْعُودِ يَا قُدُّوسَ إِسْرَائِيلَ. | ٢٢ 22 |
مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن، سېنىڭ ھەقىقىتىڭنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدايىم؛ چىلتار چېلىپ سېنى كۈيلەيمەن، ئى سەن، ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى! |
تَبْتَهِجُ شَفَتَايَ عِنْدَمَا أُرَنِّمُ لَكَ، وَكَذَلِكَ نَفْسِي الَّتِي فَدَيْتَهَا. | ٢٣ 23 |
ساڭا كۈيلەر ئېيتقىنىمدا، لەۋلىرىم تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزۈڭ ھۆرلۈككە چىقارغان جېنىممۇ شۇنداق روھلىنىپ ئېيتىدۇ؛ |
وَيَلْهَجُ لِسَانِي بِبِرِّكَ الْيَوْمَ كُلَّهُ، لأَنَّ السَّاعِينَ إِلَى أَذِيَّتِي يَحِلُّ حَتْماً بِهِمِ الْخِزْيُ وَالْعَارُ. | ٢٤ 24 |
تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى ماڭا يامانلىق قىلماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنىدۇ. |