لِقَائِدِ الْمُنْشِدِينَ، مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ انْتَظَرْتُ الرَّبَّ صَابِراً، فَالْتَفَتَ إِلَيَّ وَسَمِعَ صُرَاخَ اسْتِغَاثَتِي، | ١ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ، كۈتتۈم، كۈتتۈم؛ ئۇ ماڭا ئېگىلىپ پەريادىمنى ئاڭلىدى. |
وَانْتَشَلَنِي مِنْ هُوَّةِ الْهَلاكِ، مِنْ طِينِ الْمُسْتَنْقَعِ. وَأَوْقَفَ قَدَمَيَّ عَلَى أَرْضٍ صَخْرِيَّةٍ، فَصِرْتُ أَمْشِي بِخُطُوَاتٍ ثَابِتَةٍ. | ٢ 2 |
ئۇ مېنى ھالاكەت ئورىكىدىن، شۇنداقلا پاتقاق لايدىن تارتىۋالدى، پۇتلىرىمنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ، قەدەملىرىمنى مۇستەھكەم قىلدى. |
وَضَعَ فِي فَمِي تَرْنِيمَةً جَدِيدَةً، قَصِيدَةَ تَسْبِيحٍ لإِلَهِنَا. يَرَى ذَلِكَ كَثِيرُونَ فَيَخَافُونَ الرَّبَّ. | ٣ 3 |
ئۇ ئاغزىمغا يېڭى ناخشا-مۇناجاتنى، يەنى خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەشلەرنى سالدى؛ نۇرغۇن خەلق بۇنى كۆرۈپ، قورقىدۇ، ھەم پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ. |
طُوبَى لِرَجُلٍ وَضَعَ فِي الرَّبِّ ثِقَتَهُ، وَلَمْ يَلْتَفِتْ إِلَى الْمُتَكَبِّرِينَ وَالْمُنْحَرِفِينَ إِلَى الْكَذِبِ. | ٤ 4 |
تەكەببۇرلاردىن ياردەم ئىزدىمەيدىغان، يالغانچىلىققا ئېزىپ كەتمەيدىغان، بەلكى پەرۋەردىگارنى ئۆز تايانچىسى قىلغان كىشى بەختلىكتۇر! |
أَيُّهَا الرَّبُّ إِلَهِي، مَا أَكْثَرَ أَعْمَالَكَ الْعَجِيبَةَ! إِنْ تَحَدَّثْتُ عَنْ خُطَطِكَ الرَّائِعَةِ لَنَا فَلَنْ أَقْدِرَ أَنْ أُحْصِيَهَا. زَادَتْ عَنْ أَنْ تُعَدَّ. | ٥ 5 |
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، سېنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىڭ ۋە ئوي-نىيەتلىرىڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، سان-ساناقسىز قىلغانسەن، كىممۇ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ھېسابلاپ ئۆزۈڭگە [رەھمەت قايتۇرۇپ] بولالىسۇن! ئۇلارنى سۆزلەپ باشتىن-ئاخىر بايان قىلاي دېسەم، ئۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. |
لَمْ تُرِدْ أَوْ تَطْلُبْ ذَبَائِحَ وَمُحْرَقَاتٍ عَنِ الْخَطِيئَةِ، لَكِنَّكَ وَهَبْتَنِي أُذُنَيْنِ مُصْغِيَتَيْنِ مُطِيعَتَيْنِ. | ٦ 6 |
نە قۇربانلىق، نە ئاش ھەدىيەلەر سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن ماڭا [سەزگۈر] قۇلاقلارنى ئاتا قىلدىڭ؛ نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلمىدىڭ؛ |
عِنْدَئِذٍ قُلْتُ: «هَا أَنَا أَجِيءُ، كَمَا هُوَ مَكْتُوبٌ عَنِّي فِي دَرْجِ الْكِتَابِ: | ٧ 7 |
شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم!» ــ دېدىم. ئورام يازما دەستۇردا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەن: ــ |
إِنَّ مَسَرَّتِي أَنْ أَعْمَلَ مَشِيئَتَكَ الصَّالِحَةَ يَا إِلَهِي، وَشَرِيعَتُكَ فِي صَمِيمِ قَلْبِي. | ٨ 8 |
«خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىرادەڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر؛ سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭ قەلبىمگە پۈتۈكلۈكتۇر». |
أَعْلَنْتُ بِرَّكَ وَسَطَ جَمَاعَةِ شَعْبِكَ الْعَظِيمِ، وَأَنْتَ يَا رَبُّ عَلِمْتَ أَنَّنِي لَمْ أُلْجِمْ شَفَتَيَّ. | ٩ 9 |
بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا تۇرۇپ مەن ھەققانىيلىقنى جاكارلىدىم؛ مانا بۇلارنى ئۆزۈمدە قىلچە ئېلىپ قالغۇم يوقتۇر، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ بىلىسەن. |
لَمْ أُخْفِ بِرَّكَ دَاخِلَ قَلْبِي، بَلْ أَعْلَنْتُ أَمَانَتَكَ وَخَلاصَكَ. لَمْ أَكْتُمْ رَحْمَتَكَ وَحَقَّكَ عَنْ جَمَاعَةِ شَعْبِكَ الْعَظِيمِ». | ١٠ 10 |
ھەققانىيلىقىڭنى قەلبىمدە يوشۇرۇپ يۈرمىدىم؛ ۋاپادارلىقىڭنى ۋە نىجاتلىقىڭنى جاكارلىدىم؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى بۈيۈك جامائەتكە ھېچ يوشۇرماستىن بايان قىلدىم. |
فَأَنْتَ يَا رَبُّ لَنْ تَمْنَعَ مَرَاحِمَكَ عَنِّي. تَنْصُرُنِي دَائِماً رَحْمَتُكَ وَحَقُّكَ. | ١١ 11 |
ئى پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىقلىرىڭنى مەندىن ئايىمىغايسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ھەردائىم مېنى ساقلىغاي! |
إِنَّ شُرُوراً لَا تُحْصَى قَدْ أَحَاطَتْ بِي، وَآثَامِي قَدْ أَطْبَقَتْ عَلَيَّ فَأَعْمَتْنِي لأَنَّهَا أَكْثَرُ مِنْ شَعْرِ رَأْسِي، وَقَلْبِي قَدْ خَذَلَنِي. | ١٢ 12 |
چۈنكى سانسىز كۈلپەتلەر مېنى ئورىۋالدى؛ قەبىھلىكلىرىم مېنى بېسىۋېلىپ، كۆرەلمەيدىغان بولدۇم؛ ئۇلار بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ، جاسارىتىم تۈگىشىپ كەتتى. |
يَا رَبُّ، ارْتَضِ أَنْ تُنَجِّيَنِي. أَسْرِعْ يَا رَبُّ لإِغَاثَتِي. | ١٣ 13 |
مېنى قۇتقۇزۇشنى توغرا تاپقايسەن، ئى پەرۋەردىگار! ئى پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! |
لِيَخْزَ وَلْيَخْجَلْ مَعاً الَّذِينَ يَسْعَوْنَ إِلَى قَتْلِي. لِيُدْبِرْ وَلْيَخْزَ الْمَسْرُورُونَ بِأَذِيَّتِي. | ١٤ 14 |
مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار بىراقلا يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. |
لِيَذْهَلْ خِزْياً السَّاخِرُونَ مِنِّي. | ١٥ 15 |
مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتسۇن! |
وَلْيَفْرَحْ وَيَبْتَهِجْ بِكَ جَمِيعُ طَالِبِيكَ، وَلْيَقُلْ كُلَّ حِينٍ مُحبُّو خَلاصِكَ: «يَتَعَظَّمُ الرَّبُّ». | ١٦ 16 |
بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي! |
أَمَّا أَنَا فَمِسْكِينٌ وَبَائِسٌ. الرَّبُّ يَهْتَمُّ بِي. عَوْنِي وَمُنْقِذِي أَنْتَ. فَلَا تَتَوَانَ يَا إِلَهِي. | ١٧ 17 |
مەن ئېزىلگەن ھەم يوقسۇل بولساممۇ، بىراق رەب يەنىلا مېنى ياد ئېتىدۇ؛ سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى خۇدايىم، كېچىكمەي كەلگەيسەن! |