مَزْمُورٌ نَشِيدٌ بِمُنَاسَبَةِ تَدْشِينِ الْبَيْتِ. لِدَاوُدَ أُمَجِّدُكَ يَا رَبُّ لأَنَّكَ انْتَشَلْتَنِي وَلَمْ تَجْعَلْ أَعْدَائِي يَشْمَتُونَ بِي. | ١ 1 |
مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتاشنى تەبرىكلەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سېنى ئالىي دەپ ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن مېنى پەستىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن خۇشاللاندۇرمىدىڭ. |
يَا رَبُّ إِلَهِي اسْتَغَثْتُ بِكَ فَشَفَيْتَنِي | ٢ 2 |
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مەن ساڭا نالە كۆتۈردۈم، سەن مېنى ساقايتتىڭ. |
يَا رَبُّ، أَنْتَ انْتَشَلْتَ نَفْسِي مِنْ شَفَا الْهَاوِيَةِ. وَأَنْقَذْتَنِي مِنْ بَيْنِ الْمُنْحَدِرِينَ إِلَى عَالَمِ الأَمْوَاتِ. (Sheol h7585) | ٣ 3 |
ئى پەرۋەردىگار، سەن تەھتىسارادىن جېنىمنى ئېلىپ چىقتىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار ئارىسىدىن ماڭا ھايات بېرىپ ساقلىدىڭ. (Sheol h7585) |
يَا أَتْقِيَاءَ الرَّبِّ رَنِّمُوا لَهُ، وَارْفَعُوا الشُّكْرَ لاسْمِهِ الْمُقَدَّسِ، | ٤ 4 |
پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىڭلار، ئى ئۇنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار. |
فَإِنَّ غَضَبَهُ يَدُومُ لِلَحْظَةٍ، أَمَّا رِضَاهُ فَمَدَى الْحَيَاةِ. يَبْقَى الْبُكَاءُ لِلَيْلَةٍ، أَمَّا فِي الصَّبَاحِ فَيَعُمُّ الابْتِهَاجُ. | ٥ 5 |
چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى دەقىقىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، شاپائىتى بولسا ئۆمۈرۋايەت بولىدۇ؛ يىغا-زار كېچىچە قونۇپ قالسىمۇ، خۇشاللىق تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ كېلىدۇ. |
وَأَنَا قُلْتُ فِي أَثْنَاءِ طُمَأْنِينَتِي: لَا أَتَزَعْزَعُ أَبَداً. | ٦ 6 |
مەن بولسام ئۆز راھەت-پاراغىتىمدە: «مەڭگۈگە تەۋرەنمەي مۇقىم تۇرىمەن» ــ دېدىم. |
أَنْتَ يَا رَبُّ قَدْ وَطَّدْتَ بِرِضَاكَ قُوَّتِي كَالْجَبَلِ الرَّاسِخِ، لَكِنْ حِينَ حَجَبْتَ وَجْهَكَ عَنِّي ارْتَعَبْتُ. | ٧ 7 |
پەرۋەردىگار، شاپائىتىڭ بىلەن، مېنىڭ تېغىمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغانىدىڭ؛ ئەمما سەن دىدارىڭنى قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ؛ مەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىم؛ |
يَا رَبُّ إِلَيْكَ صَرَخْتُ، وَإِلَيْكَ يَا سَيِّدِي تَضَرَّعْتُ. | ٨ 8 |
مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ مەن [سەن] رەبكە ئىلتىجا قىلدىم: ــ |
مَاذَا يُجْدِيكَ مَوْتِي وَنُزُولِي إِلَى الْقَبْرِ؟ أَيَسْتَطِيعُ تُرَابِي أَنْ يَحْمَدَكَ أَوْ يُحَدِّثَ بِأَمَانَتِكَ؟ | ٩ 9 |
ــ مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟ توپا-چاڭ سېنى مەدھىيىلەمدۇ؟ ئۇ ھەقىقىتىڭنى جاكارلىيالامدۇ؟ |
اسْمَعْنِي يَا رَبُّ، وَارْحَمْنِي. كُنْ مُعِيناً لِي. | ١٠ 10 |
ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەمدە بولغايسەن! |
حَوَّلْتَ نَوْحِي إِلَى رَقْصٍ. خَلَعْتَ عَنِّي مِسْحَ الْحِدَادِ وَكَسَوْتَنِي رِدَاءَ الْفَرَحِ. | ١١ 11 |
سەن ماتەم قايغۇسىنى ئۇسسۇل ئويناشلارغا ئايلاندۇردۇڭ؛ [ھازىلىق] بۆز كىيىمىمنى سالدۇرىۋېتىپ، ماڭا خۇشاللىقنى بەلۋاغ قىلىپ باغلىدىڭ؛ |
لِتَتَرَنَّمْ لَكَ نَفْسِي وَلَا تَسْكُتْ، يَا رَبُّ إِلَهِي إِلَى الأَبَدِ أَحْمَدُكَ. | ١٢ 12 |
شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي، ساڭا كۈيلەر ئوقۇسۇن! ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، ساڭا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمەن! |