مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ مُبَارَكٌ الرَّبُّ صَخْرَتِي، الَّذِي يُدَرِّبُ يَدَيَّ عَلَى الْقِتَالِ وَأَصَابِعِي عَلَى الْحَرْبِ. | ١ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ قوللىرىمغا جەڭ قىلىشنى، بارماقلىرىمغا ئۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان، مېنىڭ قورام تېشىم پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! |
هُوَ رَحْمَتِي وَمَعْقِلِي، حِصْنِي وَمُنْقِذِي، تُرْسِي وَمُتَّكَلِي، وَالْمُخْضِعُ شَعْبِي لِي. | ٢ 2 |
مېنىڭ ئۆزگەرمەس شەپقىتىم ۋە مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە نىجاتكارىم، مېنىڭ قالقىنىم ۋە تايانغىنىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ ئۆز خەلقىمنى قول ئاستىمدا بويسۇندۇرغۇچىدۇر! |
يَا رَبُّ، مَنْ هُوَ الإِنْسَانُ حَتَّى تَعْبَأَ بِهِ وَابْنُ الإِنْسَانِ حَتَّى تَكْتَرِثَ لَهُ؟ | ٣ 3 |
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىدىكەنسەن، ئادەم دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئويلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى دېگەن نېمە؟ |
إِنَّمَا الإِنْسَانُ أَشْبَهُ بِنَفْخَةٍ. أَيَّامُهُ كَظِلٍّ عَابِرٍ. | ٤ 4 |
ئادەم بولسا بىر نەپەستۇرلا، خالاس؛ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كۆلەڭگىدۇر، خالاس. |
يَا رَبُّ طَأْطِئْ سَمَاوَاتِكَ وَانْزِلْ. الْمِسِ الْجِبَالَ فَتُدَخِّنَ. | ٥ 5 |
ئى پەرۋەردىگار، ئاسمانلارنى ئېگىلدۈرۈپ چۈشكەيسەن؛ تاغلارغا تېگىپ ئۇلاردىن ئىس-تۈتەك چىقارغايسەن؛ |
أَرْسِلْ بُرُوقَكَ وَبَدِّدْهُمْ، أَطْلِقْ سِهَامَكَ النَّارِيَّةَ وَأَزْعِجْهُمْ. | ٦ 6 |
چاقماقلارنى چاققۇزۇپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەيسەن؛ ئوقلىرىڭنى ئېتىپ ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالغايسەن؛ |
مُدَّ يَدَيْكَ مِنَ الْعَلاءِ. أَنْجِدْنِي وَأَنْقِذْنِي مِنْ لُجَجِ الْمِيَاهِ، مِنْ أَيْدِي الْغُرَبَاءِ، | ٧ 7 |
يۇقىرىدىن قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن، ياقا يۇرتتىكىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن چىقارغايسەن. |
الَّذِينَ نَطَقَتْ أَفْوَاهُهُمْ بِالكَذِبِ، وَيَمِينُهُمْ يَمِينُ زُورٍ. | ٨ 8 |
ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر. |
يَا اللهُ، أُرَنِّمُ لَكَ تَرْنِيمَةً جَدِيدَةً. أَشْدُو لَكَ عَلَى رَبَابٍ ذَاتِ عَشَرَةِ أَوْتَارٍ. | ٩ 9 |
ئى خۇدا، مەن ساڭا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىمەن؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن. |
يَا مَنْ تُعْطِي الْمُلُوكَ خَلاصاً، وَتُنْقِذُ دَاوُدَ عَبْدَكَ مِنَ السَّيْفِ الْقَاتِلِ. | ١٠ 10 |
سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق-غەلىبە بېغىشلايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن. |
أَنْجِدْنِي وَأَنْقِذْنِي مِنْ أَيْدِي الْغُرَبَاءِ، الَّذِينَ تَنْطِقُ أَفْوَاهُهُمْ بِالْكَذِبِ، وَيَمِينُهُمْ يَمِينُ زُورٍ. | ١١ 11 |
مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، يات يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر. |
حَتَّى يَكُونَ أَبْنَاؤُنَا كَأَغْرَاسٍ نَامِيَةٍ فِي حَدَاثَتِهَا، وَبَنَاتُنَا مِثْلَ أَعْمِدَةِ زَوَايَا الْقُصُورِ الْمَنْحُوتَةِ، | ١٢ 12 |
شۇنداق قىلىپ ئوغۇللىرىمىز ياشلىقىدا پۇختا يېتىلگەن كۆچەتلەرگە ئوخشايدۇ، قىزلىرىمىز ئوردىچە نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەردەك بولىدۇ؛ |
وَمَخَازِنُنَا مَلآنَةً تَفِيضُ بِشَتَّى الأَصْنَافِ، وَأَغْنَامُنَا تُنْتِجُ أُلُوفاً، وَعَشَرَاتِ الأُلُوفِ فِي مَرَاعِينَا، | ١٣ 13 |
ئاشلىق ئامبارلىرىمىز تولدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك-تۈرلۈك ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، قويلىرىمىز ئوتلاقلىرىمىزدا مىڭلاپ، تۈمەنلەپ قوزىلايدىغان؛ |
وَأَبْقَارُنَا حَامِلَةً، وَلَا يَكُونَ هُنَاكَ اقْتِحَامُ غَازٍ، وَلَا هُجُومُ عَدُوٍّ، وَلَا شَكْوَى خَصْمٍ فِي شَوَارِعِنَا. | ١٤ 14 |
كالىلىرىمىز بوغاز بولىدىغان؛ ھېچكىم بېسىپ كىرمەيدىغان، ھېچكىم [جەڭگە] چىقمايدىغان؛ كوچىلىرىمىزدا ھېچ جېدەل-غوۋغا بولمايدىغان؛ |
طُوبَى لِشَعْبٍ هَكَذا حَالَتُهُ. طُوبَى لِشَعْبٍ إِلَهُهُ الرَّبُّ. | ١٥ 15 |
ئەھۋالى شۇنداق بولغان خەلق نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! خۇداسى پەرۋەردىگار بولغان خەلق بەختلىكتۇر! |