عِنْدَ خُرُوجِ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ مِصْرَ، وَآلِ يَعْقُوبَ مِنْ بَيْنِ شَعْبٍ غَرِيبِ اللِّسَانِ. | ١ 1 |
ئىسرائىل مىسىردىن، ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، |
صَارَ يَهُوذَا هَيْكَلاً مُقَدَّساً لَهُ، وَإِسْرَائِيلُ مَقَرَّ سُلْطَانِهِ. | ٢ 2 |
شۇ چاغدا يەھۇدا [خۇدانىڭ] مۇقەددەس جايى، ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى، |
رَأَى الْبَحْرُ الأَحْمَرُ ذَلِكَ فَهَرَبَ، وَتَرَاجَعَ نَهْرُ الأُرْدُنِّ إِلَى الْوَرَاءِ. | ٣ 3 |
دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛ |
قَفَزَتِ الْجِبَالُ كَأَنَّهَا كِبَاشٌ، وَالتِّلالُ كَأَنَّهَا حُمْلانٌ. | ٤ 4 |
تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى. |
مَالَكَ يَا بَحْرُ قَدْ هَرَبْتَ، وَيَا أُرْدُنُّ قَدْ رَجَعْتَ إِلَى الْوَرَاءِ؟ | ٥ 5 |
ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟ ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟ |
مَالَكِ يَا جِبَالُ تَقْفِزِينَ كَالْكِبَاشِ، وَيَا تِلالُ كَالْحُمْلانِ؟ | ٦ 6 |
تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟ |
تَزَلْزَلِي يَا أَرْضُ فِي حَضْرَةِ الرَّبِّ إِلَهِ يَعْقُوبَ. | ٧ 7 |
ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛ |
الَّذِي حَوَّلَ الصَّخْرَةَ إِلَى جَدَاوِلَ، وَالصَّوَّانَ إِلَى يَنَابِيعِ مِيَاهٍ. | ٨ 8 |
ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. |