هَلِّلُويَا! أَشْكُرُ الرَّبَّ مِنْ كُلِّ قَلْبِي فِي مَحْفَلِ أَتْقِيَاءِ الشَّعْبِ. | ١ 1 |
ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، ھەم جامائەتتە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن. |
مَا أَعْظَمَ أَعْمَالَ الرَّبِّ! يَتَأَمَّلُهَا جَمِيعُ الْمَسْرُورِينَ بِها. | ٢ 2 |
پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛ بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە. |
صَنِيعُهُ جَلالٌ وَبَهَاءٌ، وَعَدْلُهُ ثَابِتٌ إِلَى الأَبَدِ. | ٣ 3 |
ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. |
جَعَلَ لِعَجَائِبِهِ ذِكْراً، فَالرَّبُّ حَنَّانٌ وَرَحِيمٌ. | ٤ 4 |
ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛ پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىكتۇر. |
أَعْطَى مُتَّقِيهِ طَعَاماً، لأَنَّهُ لَا يَنْسَى عَهْدَهُ أَبَداً. | ٥ 5 |
ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ. |
أَظْهَرَ قُوَّتَهُ لِشَعْبِهِ حِينَ أَوْرَثَهُمْ أَرْضَ الأُمَمِ. | ٦ 6 |
ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ، باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى. |
أَعْمَالُ يَدَيْهِ حَقٌّ وَعَدْلٌ. وَكُلُّ وَصَايَاهُ أَمِينَةٌ. | ٧ 7 |
ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر. |
رَاسِخَةٌ أَبَدَ الدَّهْرِ، مَصْنُوعَةٌ بِالْحَقِّ وَالاسْتِقَامَةِ. | ٨ 8 |
بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛ ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر. |
افْتَدَى شَعْبَهُ وَكَرَّسَ عَهْدَهُ مَعَهُ إِلَى الأَبَدِ، قَدُّوسٌ وَمَهُوبٌ اسْمُهُ. | ٩ 9 |
ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛ ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛ مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى. |
رَأْسُ الْحِكْمَةِ مَخَافَةُ الرَّبِّ. وَالعَامِلُ بِها ذُو فِطْنَةٍ شَدِيدَةٍ. تَسْبِيحُ الرَّبِّ دَائِمٌ إِلَى الأَبَدِ. | ١٠ 10 |
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ. |