مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ سَأُشِيدُ بِرَحْمَتِكَ وَعَدْلِكَ يَا رَبُّ، وَلَكَ أُرَنِّمُ. | ١ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن، سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن. |
أَسْلُكُ بِتَعَقُّلٍ فِي طَرِيقِ الْكَمَالِ. مَتَى تَأْتِي يَا رَبُّ لِمَعُونَتِي؟ أَسْلُكُ فِي وَسَطِ بَيْتِي بِاسْتِقَامَةِ قَلْبِي. | ٢ 2 |
مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛ سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟ ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن. |
لَنْ أَضَعَ نُصْبَ عَيْنَيَّ أَمْراً بَاطِلاً، فَإِنِّي أُبْغِضُ عَمَلَ الضَّالِّينَ لِئَلّا يَلْتَصِقَ بِي. | ٣ 3 |
ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن، يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛ بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا. |
لِيُفَارِقْنِي الْقَلْبُ الْمُنْحَرِفُ فَلَا أَرْتَكِبَ شَرّاً. | ٤ 4 |
ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ، ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر. |
أُبِيدُ كُلَّ مَنْ يَغْتَابُ قَرِيبَهُ سِرّاً؛ وَذُو الْعَيْنِ الْمُتَشَامِخَةِ وَالْقَلْبِ الْمُتَكَبِّرِ لَا أَحْتَمِلُهُ. | ٥ 5 |
كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا، مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛ نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛ |
تَرْعَى عَيْنَايَ الأُمَنَاءَ فِي الأَرْضِ لِيَسْكُنُوا مَعِي. وَخُدَّامِي هُمُ السَّالِكُونَ فِي طَرِيقِ الكَمَالِ. | ٦ 6 |
كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر، ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن! كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ. |
لَا يُقِيمُ دَاخِلَ بَيْتِي الْغَشَّاشُونَ، وَالْكَذَبَةُ لَا يَمْثُلُونَ أَمَامِي. | ٧ 7 |
ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ، يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ. |
أَقْضِي فِي كُلِّ صَبَاحٍ عَلَى جَمِيعِ الأَشْرَارِ فِي أَرْضِنَا، حَتَّى أَسْتَأْصِلَ مِنْ مَدِينَةِ الرَّبِّ كُلَّ فَاعِلِي الإِثْمِ. | ٨ 8 |
پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن. |