أَلا تُنَادِي الْحِكْمَةُ؟ أَلا يَرْتَفِعُ صَوْتُ الْفِطْنَةِ هَاتِفاً؟ | ١ 1 |
[قۇلاق سال،] دانالىق چاقىرىۋاتمامدۇ؟ يورۇقلۇق سادا چىقىرىۋاتمامدۇ؟ |
إِنَّهَا تَقِفُ عَلَى الْمُرْتَفَعَاتِ، فِي مُحَاذَاةِ الطَّرِيقِ، وَعِنْدَ مُلْتَقَى الشَّوَارِعِ. | ٢ 2 |
يوللارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن، دوقمۇشلاردىن ئۇ ئورۇن ئالىدۇ، |
إِلَى جُوَارِ أَبْوَابِ الْمَدِينَةِ وَفِي مَدْخَلِ الثَّغْرِ، تَنْتَصِبُ مُجَاهِرَةً قَائِلَةً: | ٣ 3 |
شەھەرگە كىرىدىغان قوۋۇقلارنىڭ يېنىدا، ھەرقانداق دەرۋازا ئېغىزلىرىدا ئۇ مۇراجىئەت قىلماقتا: ــ |
إِيَّاكُمْ أَدْعُو أَيُّهَا النَّاسُ وَأَرْفَعُ صَوْتِي بِالنِّدَاءِ إِلَى كُلِّ بَنِي الْبَشَرِ. | ٤ 4 |
«ئى مۆتىۋەرلەر، سىلەرگە مۇراجئەت قىلىمەن، ھەي، ئادەم بالىلىرى، سادانى سىلەر ئۈچۈن قىلىمەن، |
أَيُّهَا الْحَمْقَى، تَعَلَّمُوا الْفِطْنَةَ، وَأَيُّهَا الأَغْبِيَاءُ اكْتَسِبُوا فَهْماً. | ٥ 5 |
گۆدەك بولغانلار، زېرەكلىكنى ئۆگىنىۋېلىڭلار، ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار! |
أَنْصِتُوا لأَنَّنِي سَأَنْطِقُ بِأَقْوَالٍ أَثِيرَةٍ، وَأَفْتَحُ شَفَتَيَّ بِكَلامٍ قَوِيمٍ. | ٦ 6 |
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى گۈزەل نەرسىلەرنى دەپ بېرىمەن، ئاغزىمنى ئېچىپ، دۇرۇس ئىشلارنى [سىلەرگە] يەتكۈزىمەن. |
لأَنَّ فَمِي يَتَكَلَّمُ بِالصِّدْقِ، وَشَفَتَيَّ تَمْقُتَانِ الإِثْمَ. | ٧ 7 |
ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر، ئاغزىم رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛ |
كُلُّ أَقْوَالِ فَمِي عَادِلَةٌ خَالِيَةٌ مِنْ كُلِّ الْتِوَاءٍ وَاعْوِجَاجٍ. | ٨ 8 |
سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەق، ئۇلاردا ھېچقانداق ھىيلىگەرلىك ياكى ئەگىتمىلىك يوقتۇر. |
قَوِيمَةٌ لَدَى الْفَهِيمِ، وَمُسْتَقِيمَةٌ لِلَّذِينَ أَدْرَكُوا الْمَعْرِفَةَ. | ٩ 9 |
ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق، بىلىم ئالغانلار ئۈچۈن دۇرۇس-توغرىدۇر. |
اخْتَرْ إِرْشَادِي عِوَضَ الْفِضَّةِ، وَالْمَعْرِفَةَ بَدَلَ الذَّهَبِ الْخَالِصِ. | ١٠ 10 |
كۈمۈشكە ئېرىشكەندىن كۆرە، نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار، ساپ ئالتۇننى ئېلىشتىن كۆرە بىلىمنى ئېلىڭلار. |
لأَنَّ الْحِكْمَةَ أَفْضَلُ مِنَ اللَّآلِئِ، وَكُلُّ مُشْتَهَيَاتِكَ لَا تُعَادِلُهَا. | ١١ 11 |
چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىن ئەۋزەل، ھەرقانداق ئەتىۋارلىق نەرسەڭمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر. |
أَنَا الْحِكْمَةُ أَسْكُنُ التَّعَقُّلَ، وَأَمْلِكُ الْمَعْرِفَةَ وَالتَّدْبِيرَ. | ١٢ 12 |
مەن بولسام دانالىقمەن، زېرەكلىك بىلەن بىللە تۇرىمەن، ئىستىقامەتتىن كېلىپ چىققان بىلىمنى ئايان قىلىمەن. |
مَخَافَةُ الرَّبِّ كَرَاهَةُ الشَّرِّ. أَنَا قَدْ أَبْغَضْتُ الْكِبْرِيَاءَ وَالْغَطْرَسَةَ وَطَرِيقَ السُّوءِ وَفَمَ الْمَكْرِ. | ١٣ 13 |
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ــ يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن. |
لِي الْمَشُورَةُ وَالرَّأْيُ الصَّائِبُ، لِي الْفِطْنَةُ وَالْقُوَّةُ. | ١٤ 14 |
مەندە ئوبدان مەسلىھەتلەر، پىشقان ھېكمەت بار؛ مەن دېگەن يورۇقلۇق، قۇدرەت مەندىدۇر. |
بِمَعُونَتِي يَحْكُمُ الْمُلُوكُ، وَيَشْتَرِعُ الْحُكَّامُ مَا هُوَ عَدْلٌ. | ١٥ 15 |
پادىشاھلار مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، مەنسىز ھاكىملار ئادىل ھۆكۈم چىقارماس. |
بِمَعُونَتِي يَسُودُ الرُّؤَسَاءُ وَالْعُظَمَاءُ وَكُلُّ قُضَاةِ الأَرْضِ. | ١٦ 16 |
مەن ئارقىلىقلا ئەمىرلەر ئىدارە قىلىدۇ، ئالىيجانابلار، يەر يۈزىدىكى بارلىق سوراقچىلار [توغرا] ھۆكۈم قىلىدۇ. |
أُحِبُّ مَنْ يُحِبُّونَنِي، وَمَنْ يَجِدُّ فِي الْبَحْثِ عَنِّي يَعْثُرُ علَيَّ. | ١٧ 17 |
كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛ |
لَدَيَّ الثَّرَاءُ وَالْمَجْدُ وَالْغِنَى الدَّائِمُ وَالصَّلاحُ. | ١٨ 18 |
مەندە بايلىق، شۆھرەت، ھەتتا كونىرىماس، كۆچمەس دۆلەت ۋە ھەققانىيەتمۇ بار. |
ثَمَرِي أَفْضَلُ مِنَ الذَّهَبِ الْخَالِصِ، وَغَلَّتِي خَيْرٌ مِنَ الْفِضَّةِ الْمُنْتَقَاةِ. | ١٩ 19 |
مەندىن چىققان مېۋە ئالتۇندىن، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر، مەندىن ئالىدىغان دارامەت ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئۈستۈندۇر. |
أَمْشِي فِي طَرِيقِ الْبِرِّ، وَفِي سُبُلِ الْعَدْلِ أَسِيرُ. | ٢٠ 20 |
مەن ھەققانىيەت يولىغا ماڭىمەن؛ ئادالەت يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىمەنكى، |
لِكَيْ أَوَرِّثَ مُحِبِّيَّ غِنىً، وَأَمْلأَ خَزَائِنَهُمْ كُنُوزاً. | ٢١ 21 |
مېنى سۆيگەنلەرنى ئەمەلىي نەرسىلەرگە مىراس قىلدۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن. |
اقْتَنَانِي الرَّبُّ مُنْذُ بَدْءِ خَلْقِهِ، مِنْ قَبْلِ الشُّرُوعِ فِي أَعْمَالِهِ الْقَدِيمَةِ. | ٢٢ 22 |
پەرۋەردىگار ئىشلىرىنى باشلىشىدىلا، قەدىمدە ياسىغانلىرىدىن بۇرۇنلا، مەن ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمەن. ئەزەلدىن تارتىپلا ــ مۇقەددەمدە، يەر-زېمىن يارىتىلماستىلا، مەن تىكلەنگەنمەن. |
مُنْذُ الأَزَلِ أَنَا هُوَ، مُنْذُ الْبَدْءِ قَبْلَ أَنْ تُوجَدَ الأَرْضُ. | ٢٣ 23 |
وُلِدْتُ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَتَكَوَّنَ اللُّجَجُ وَالْيَنَابِيعُ الْغَزِيرَةُ الْمِيَاهِ. | ٢٤ 24 |
چوڭقۇر ھاڭلار، دېڭىز-ئوكيانلار ئاپىرىدە بولۇشتىن ئاۋۋال، مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن؛ مول سۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بولماستىنلا، |
وُلِدْتُ مِنْ قَبْلِ الْجِبَالِ وَالتِّلالِ. | ٢٥ 25 |
ئېگىز تاغلار ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلماستىنلا، تۆپىلىكلەر شەكىللەنمەستىنلا، [پەرۋەردىگار] بىپايان زېمىن، كەڭ دالالارنى، ئالەمنىڭ ئەسلىيدىكى توپا-چاڭلىرىنىمۇ تېخى ياراتماستىنلا، مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن. |
إِذْ لَمْ يَكُنْ قَدْ خَلَقَ الأَرْضَ بَعْدُ، وَلا الْبَرَارِيَ وَلا بِدَايَةَ أَتْرِبَةِ الْمَسْكُونَةِ. | ٢٦ 26 |
وَعِنْدَمَا ثَبَّتَ الرَّبُّ السَّمَاءَ، وَحِينَ رَسَمَ دَائِرَةَ الأُفُقِ حَوْلَ وَجْهِ الْغَمْرِ، كُنْتُ هُنَاكَ. | ٢٧ 27 |
ئۇ ئاسمانلارنى بىنا قىلىۋاتقىنىدا، دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىۋاتقىنىدا، ئەرشتە بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىزدىكى بۇلاق-مەنبەلەرنى مۇستەھكەملەۋاتقىنىدا، دېڭىز سۇلىرىنى بېكىتكەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرىۋاتقىنىدا، بىپايان زېمىننىڭ ئۇللىرىنى قۇرۇۋاتقىنىدا، مەن ئۇ يەردە ئىدىم؛ |
عِنْدَمَا ثَبَّتَ السُّحُبَ فِي الْعَلاءِ، وَرَسَّخَ يَنَابِيعَ اللُّجَجِ. | ٢٨ 28 |
عِنْدَمَا قَرَّرَ لِلْبَحْرِ تُخُوماً لَا تَتَجَاوَزُهَا مِيَاهُهُ مُتَعَدِّيَةً عَلَى أَمْرِ الرَّبِّ، وَحِينَ رَسَمَ أُسُسَ الأَرْضِ، | ٢٩ 29 |
كُنْتُ عِنْدَهُ صَانِعاً مُبْدِعاً، وَكُنْتُ كُلَّ يَوْمٍ لَذَّتَهُ، أَفِيضُ بَهْجَةً دَائِماً أَمَامَهُ. | ٣٠ 30 |
شۇ چاغدا گويا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەندەك ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، مەن ھەردائىم ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىناتتىم، مەن ئۇنىڭ كۈندىلىك دىلئارامى ئىدىم؛ |
مُغْتَبِطَةً بِعَالَمِهِ الْمَسْكُونِ، وَمَسَرَّاتِي مَعَ بَنِي آدَمَ. | ٣١ 31 |
مەن ئۇنىڭ ئالىمىدىن، يەر-زېمىنىدىن شادلىنىپ، دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن خۇرسەنلىك تېپىپ يۈرەتتىم، |
وَالآنَ أَصْغُوا إِلَيَّ أَيُّهَا الأَبْنَاءُ، إِذْ طُوبَى لِمَنْ يُمَارِسُونَ طُرُقِي. | ٣٢ 32 |
شۇڭا ئى بالىلار، ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ چۈنكى يوللىرىمنى چىڭ تۇتقانلار نەقەدەر بەخت تاپار! |
اسْتَمِعُوا إِلَى إِرْشَادِي، وَكُونُوا حُكَمَاءَ وَلا تَتَجَاهَلُوهُ. | ٣٣ 33 |
ئالغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلىپ، دانا بولغىن، ئۇنى رەت قىلما. |
طُوبَى لِلإِنْسَانِ الَّذِي يَسْتَمِعُ إلَيَّ، الْحَرِيصِ عَلَى السَّهَرِ عِنْدَ أَبْوَابِي، حَارِساً قَوَائِمَ مَصَارِيعِي، | ٣٤ 34 |
سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ھەركۈنى دەرۋازىلىرىم ئالدىدىن كەتمەي، ئىشىكلىرىم ئالدىدا مېنى كۈتىدىغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر! |
لأَنَّ مَنْ يَجِدُنِي يَجِدُ حَيَاةً، وَيَحُوزُ عَلَى مَرْضَاةِ الرَّبِّ. | ٣٥ 35 |
كىمكى مېنى تاپسا ھاياتنى تاپىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نېسىپ بولىدۇ. |
وَمَنْ يَضِلُّ عَنِّي يُؤْذِي نَفْسَهُ، وَمَنْ يُبْغِضُنِي يُحِبُّ الْمَوْتَ. | ٣٦ 36 |
لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ». |