وَقَالَ الرَّبُّ لِمُوسَى: | ١ 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
«أَوْصِ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَقُلْ لَهُمْ: أَيُّ رَجُلٍ أَوِ امْرَأَةٍ تَعَهَّدَ بِنَذْرٍ خَاصٍّ يَتَنَسَّكُ فِيهِ لِلرَّبِّ، | ٢ 2 |
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، «ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، نازارىيلاردىن بولىمەن» دېگەن ئالاھىدە بىر قەسەمنى ئىچكەن بولسا، |
فَلْيَمْتَنِعْ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمُسْكِرِ، وَلا يَشْرَبْ خَلَّ الْخَمْرِ وَلا خَلَّ الْمُسْكِرِ أَوْ نَقِيعَ الْعِنَبِ، وَلا يَأْكُلْ عِنَباً رَطْباً وَلا يَابِساً. | ٣ 3 |
ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ھاراق-شارابتىن ئايرىپ پەرھىز تۇتسۇن؛ ھاراق-شاراب بىلەن ئىشلەنگەن سىركىنىمۇ ئىچمىسۇن ياكى ھەرقانداق ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ۋە ھۆل-قۇرۇق ئۈزۈملەرنىمۇ يېمىسۇن. |
لَا يَذُقْ كُلَّ أَيَّامِ نَذْرِهِ شَيْئاً مِنْ نِتَاجِ الْكَرْمَةِ حَتَّى بُذُورِ الْعِنَبِ وَقِشْرِهِ. | ٤ 4 |
ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بارلىق كۈنلەردە، ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھەرقانداق نەرسىنى، مەيلى ئۈزۈم ئۇرۇقى بولسۇن، پوستى بولسۇن، ئۇلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. |
وَلا يَحْلِقْ رَأْسَهُ طَوَالَ مُدَّةِ نَذْرِهِ إِلَى أَنْ تَتِمَّ الأَيَّامُ الَّتِي نَذَرَ فِيهَا نَفْسَهُ لِلرَّبِّ، لأَنَّهُ مُقَدَّسٌ، فَعَلَيْهِ أَنْ يُرْخِيَ خُصَلَ شَعْرِ رَأْسِهِ. | ٥ 5 |
ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم دەپ قەسەم قىلغان كۈنلىرىدە، ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلەر ئۆتۈپ بولمىغۇچە، ئۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇشى كېرەك. |
لَا يَقْرُبْ جَسَدَ مَيْتٍ كُلَّ أَيَّامِ نَذْرِهِ لِلرَّبِّ. | ٦ 6 |
ئۇ قەسەم ئىچكەن بارلىق كۈنلىرىدە ھېچقانداق ئۆلۈكلەرگە يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ. |
سَوَاءٌ كَانَ الْمَيْتُ أَبَاهُ أَمْ أُمَّهُ أَمْ أَخَاهُ أَمْ أُخْتَهُ فَلا يَتَنَجَّسْ مِنْ أَجْلِهِمْ عِنْدَ مَوْتِهِمْ، لأَنَّ رَمْزَ نُسْكِ إِلَهِهِ عَلَى رَأْسِهِ. | ٧ 7 |
ئۇنىڭ ئۆز ئاتىسى، ئانىسى، قېرىندىشى ياكى ھەدە-سىڭىللىرى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇلارنى دەپ ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى بېشىدا پەرۋەردىگارغىلا خاس بولىمەن دەپ بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. |
وَيَكُونُ كُلَّ أَيَّامِ نَذْرِهِ مُقَدَّساً لِلرَّبِّ. | ٨ 8 |
ئۆزىنى خۇداغا ئاتىۋەتكەن بارلىق كۈنلەردە ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا مۇقەددەس بولۇپ تۇرسۇن. |
وَإذَا تَنَجَّسَ شَعْرُ انْتِذَارِهِ عَلَى أَثَرِ مَوْتِ أَحَدٍ عِنْدَهُ بَغْتَةً، يَحْلِقُ شَعْرَهُ بَعْدَ ذَلِكَ بِسَبْعَةِ أَيَّامٍ فَيَطْهُرُ. | ٩ 9 |
مۇبادا بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىپ، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقنىڭ بەلگىسى بولغان بېشى بۇلغانغان بولسا، ئۇ ئۆزىنى پاكلاش كۈنى ۋە كېيىنكى يەتتىنچى كۈنىمۇ چېچىنى ئالدۇرسۇن. |
ثُمَّ فِي الْيَوْمِ الثَّامِنِ يَأْتِي بِيَمَامَتَيْنِ أَوْ فَرْخَيْ حَمَامٍ إِلَى الْكَاهِنِ عِنْدَ مَدْخَلِ خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ. | ١٠ 10 |
سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەكنى ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كاھىنغا تاپشۇرسۇن. |
فَيُقَدِّمُ الْكَاهِنُ أَحَدَهُمَا ذَبِيحَةَ خَطِيئَةٍ وَالآخَرَ مُحْرَقَةً، وَيُكَفِّرُ عَنْهُ خَطِيئَتَهُ لِوُجُودِهِ أَمَامَ جُثَّةِ مَيْتٍ، وَيُقَدِّسُ رَأْسَهُ فِي ذَلِكَ الْيَوْمِ بِعَيْنِهِ. | ١١ 11 |
كاھىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇپ، ئۆلۈك سەۋەبىدىن ناپاك بولۇپ قالغان گۇناھىنى تىلەپ كافارەت قىلسۇن؛ نازارىي شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆز بېشىنى قايتىدىن مۇقەددەس-پاك قىلسۇن، |
وَلا تُحْسَبُ لَهُ أَيَّامُ نَذْرِهِ الَّتِي سَبَقَتْ تَنْجِيسَهُ بِسَبَبِ الْمَيْتِ، وَعَلَيْهِ أَنْ يَبْدَأَ عَدَّ أَيَّامِ فَتْرَةِ نَذْرِهِ مِنْ جَدِيدٍ، وَيَأْتِيَ بِحَمَلٍ حَوْلِيٍّ وَيُقَدِّمَهُ ذَبِيحَةَ إِثْمٍ. | ١٢ 12 |
ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلىرىنى يېڭىۋاشتىن باشلىسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن؛ ئىلگىرىكى كۈنلىرى بولسا ئىناۋەتسىز ھېسابلانسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنى [پەرۋەردىگارغا] ئاتىغان ھالىتى بۇلغانغان. |
وَهَذِهِ هِيَ شَرِيعَةُ النَّذِيرِ عِنْدَمَا يَسْتَوْفِي أَيَّامَ نَذْرِهِ: يَأْتِي إِلَى مَدْخَلِ خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ، | ١٣ 13 |
نازارىيلاردىن بىرى ئۆزىنى [پەرۋەردىگارغىلا] ئاتىغان كۈنلەر توشقان كۈنىدە ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق: ــ كىشىلەر ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكەلسۇن؛ |
فَيُقَدِّمُ قُرْبَانَهُ لِلرَّبِّ حَمَلاً حَوْلِيًّا، بِلا عَيْبٍ، لِيَكُونَ مُحْرَقَةً، وَنَعْجَةً حَوْلِيَّةً، صَحِيحَةً، لِتَكُونَ ذَبِيحَةَ خَطِيئَةٍ، وَكَبْشاً سَلِيماً لِيَكُونَ ذَبِيحَةَ سَلامَةٍ. | ١٤ 14 |
ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق چىشى بېجىرىم بىر قوزىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوشقارنى كەلتۈرسۇن، |
فَضْلاً عَنْ سَلٍّ مِنْ كَعْكِ فَطِيرٍ مَعْجُونٍ بِزَيْتٍ، وَرِقَاقٍ غَيْرِ مُخْتَمِرَةٍ مَدْهُونَةٍ بِالزَّيْتِ مَعَ تَقْدِمَةِ دَقِيقٍ وَخَمْرٍ. | ١٥ 15 |
شۇنداقلا بىر سېۋەت پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ھەمدە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە شۇ قۇربانلىقلارنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى كەلتۈرسۇن. |
فَيُقَدِّمُهَا الْكَاهِنُ أَمَامَ الرَّبِّ ذَبِيحَةَ خَطِيئَتِهِ وَمُحْرَقَتَهُ. | ١٦ 16 |
كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ، نازارىينىڭ شۇ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنسۇن؛ |
ثُمَّ يُقَرِّبُ كَبْشَ ذَبِيحَةِ السَّلامِ مَعَ سَلِّ كَعْكِ الْفَطِيرِ. وَأَخِيراً يَرْفَعُ الْكَاهِنُ تَقْدِمَةَ الدَّقِيقِ وَالْخَمْرَ. | ١٧ 17 |
ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوشقارنى سۇنسۇن، ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سېۋەت پېتىر ناننى سۇنسۇن؛ كاھىن شۇلار بىلەن تەڭ نازارىي قوشۇپ تەقدىم قىلغان ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى كەلتۈرۈپ سۇنسۇن. |
ثُمَّ يَحْلِقُ النَّذِيرُ شَعْرَ انْتِذَارِهِ عِنْدَ مَدْخَلِ خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ، وَيُحْرِقُهُ عَلَى نَارِ ذَبِيحَةِ السَّلامِ. | ١٨ 18 |
نازارىي جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقىغا بەلگە قىلىپ قويۇۋەتكەن چېچىنى چۈشۈرۈپ، چېچىنى ئېلىپ ئىناقلىق قۇربانلىقى ئاستىدىكى ئوتقا قويسۇن. |
ثُمَّ يَأْخُذُ الْكَاهِنُ كَتِفَ الْكَبْشِ بَعْدَ سَلْقِهِ، وَكَعْكَةَ فَطِيرٍ وَاحِدَةً وَرِقَاقَةً وَاحِدَةً. وَيَضَعُهَا بَيْنَ يَدَيِ النَّذِيرِ بَعْدَ حَلْقِهِ شَعْرَ انْتِذَارِهِ. | ١٩ 19 |
نازارىي شۇ تەرىقىدە ئۆزىنى پەرۋەردىگارغىلا ئاتىغانلىق چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كاھىن قايناپ پىشىرىلغان قوشقارنىڭ بىر ئالدى قولىنى ھەم سېۋەتتىن بىر پېتىر نان بىلەن بىر پېتىر ھەمەك ناننى ئېلىپ كېلىپ نازارىينىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن. |
وَيُرَجِّحُهَا الْكَاهِنُ أَمَامَ الرَّبِّ، فَتَكُونُ نَصِيباً مُقَدَّساً لِلْكَاهِنِ مَعَ صَدْرِ التَّرْجِيحِ وَسَاقِ الذَّبِيحَةِ. وَبَعْدَ ذَلِكَ يَشْرَبُ النَّذِيرُ خَمْراً. | ٢٠ 20 |
كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆرۈسۇن؛ بۇلار پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئالدى قول بىلەن قوشۇلۇپ، مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىپ كاھىنغا بېرىلسۇن؛ ئاندىن كېيىن نازارىي شاراب ئىچسە بولىدۇ. |
هَذِهِ هِيَ شَرِيعَةُ النَّذِيرِ الَّذِي يَنْذُرُ تَقْدِمَةً لِلرَّبِّ وَقْتَ نُسْكِهِ، فَضْلاً عَنْ تَقْدِمَاتِهِ الطَّوْعِيَّةِ الَّتِي يَبْذُلُهَا. وَعَلَيْهِ أَنْ يَفِيَ بِمَا نَذَرَ حَسَبَ شَرِيعَةِ انْتِذَارِهِ». | ٢١ 21 |
شۇلار بولسا قەسەم ئىچكەن نازارىي توغرىسىدا، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشتا سۇنۇش زۆرۈر بولغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر توغرىسىدا بېكىتىلگەن قانۇن-بەلگىلىمىدۇر؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قولى نېمىگە يەتسە شۇنى سۇنسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ ئىچكەن قەسىمى بويىچە، يەنى ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش ۋەدىسى توغرۇلۇق شۇ نىزام-بەلگىلىمە بويىچە ھەممە ئىشنى ئادا قىلسۇن؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسۇن. |
وَقَالَ الرَّبُّ لِمُوسَى: | ٢٢ 22 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
«أَوْصِ هَرُونَ وَأَبْنَاءَهُ قَائِلاً: هَذَا مَا يُبَارِكُونَ بِهِ بَنِي إِسْرَائِيلَ قَائِلِينَ لَهُمْ: | ٢٣ 23 |
سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — سىلەر ئىسرائىللارغا مۇنداق بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار: — |
يُبَارِكُكَ الرَّبُّ وَيَحْرُسُكَ. | ٢٤ 24 |
«پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي، سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي؛ |
يُضِيءُ الرَّبُّ بِوَجْهِهِ عَلَيْكَ وَيَرْحَمُكَ. | ٢٥ 25 |
پەرۋەردىگار يۈزىنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردە يورۇتۇپ، سىلەرگە شاپائەت قىلغاي؛ |
يَلْتَفِتُ الرَّبُّ بِوَجْهِهِ إِلَيْكَ وَيَمْنَحُكَ سَلاماً. | ٢٦ 26 |
پەرۋەردىگار يۈزىنى ئۈستۈڭلارغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، سىلەرگە خاتىرجەملىك بەرگەي!» ــ دەپ تىلەڭلار. |
وَهَكَذَا يَجْعَلُونَ اسْمِي عَلَى بَنِي إِسْرَائِيلَ وَأَنَا أُبَارِكُهُمْ». | ٢٧ 27 |
ئۇلار شۇنداق قىلىپ نامىمنى ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە قوندۇرىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. |