وَارْتَفَعَ صُرَاخُ الشَّعْبِ وَنِسَائِهِمْ بِالشَّكْوَى احْتِجَاجاً عَلَى إِخْوَتِهِمِ الْيَهُودِ الْمُسْتَغِلِّينَ، | ١ 1 |
ئۇ چاغدا خالايىق ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدالار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ قاتتىق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى. |
فَمِنْ قَائِلٍ: إِنَّنَا رُزِقْنَا بَنِينَ وَبَنَاتٍ كَثِيرِينَ، دَعْنَا نَأْخُذُ قَمْحاً حَتَّى نَأْكُلَ وَنَحْيَا. | ٢ 2 |
بەزىلەر: ــ بىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ جان سانىمىز كۆپ، كۈن كەچۈرىشىمىز ئۈچۈن تويغۇدەك ئاشلىق ئالمىساق بولمايدۇ، دېيىشتى. |
وَمِنْ قَائِلٍ: إِنَّا رَهَنَّا حُقُولَنَا وَكُرُومَنَا وَبُيُوتَنَا لِقَاءَ الْحِنْطَةِ لِنَدْفَعَ عَنَّا الْجُوعَ. | ٣ 3 |
يەنە بەزىلەر: ــ بىز ئاچارچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا ئاشلىق ئېلىپ يەيمىز دەپ ئېتىزلىرىمىز، ئۈزۈمزارلىقلىرىمىزنى ۋە ئۆيلىرىمىزنى رەنىگە بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق، دېيىشتى. |
وَمِنْ قَائِلٍ: إِنَّنَا اسْتَقْرَضْنَا فِضَّةً لِنَدْفَعَ خَرَاجَ الْمَلِكِ عَلَى حُقُولِنَا وَكُرُومِنَا، | ٤ 4 |
ۋە يەنە بەزىلەر: ــ پادىشاھنىڭ ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ئۈستىگە سالغان باج-سېلىقنى تاپشۇرۇشقا پۇل قەرز ئالدۇق. |
وَمَعَ أَنَّ لَحْمَنَا مِنْ لَحْمِ إِخْوَتِنَا وَأَوْلادَنَا كَأَوْلادِهِمْ، فَإِنَّ عَلَيْنَا أَنْ نُخْضِعَ أَبْنَاءَنَا وَبَنَاتِنَا لِلْعُبُودِيَّةِ، بَلْ إِنَّ بَعْضَ بَنَاتِنَا مُسْتَعْبَدَاتٌ، وَلَيْسَ بِيَدِنَا حِيلَةٌ، لأَنَّ حُقُولَنَا وَكُرُومَنَا مَرْهُونَةٌ لِلآخَرِينَ. | ٥ 5 |
گەرچە بەدەنلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەدەنلىرىگە، پەرزەنتلىرىمىز ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى قۇل-دېدەك بولۇشقا تاپشۇرماي ئامالىمىز بولمىدى؛ ئەمەلىيەتتە قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى ئاللىقاچان دېدەك بولۇپمۇ كەتتى؛ ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قۇربىمىز يەتمىدى، چۈنكى بىزنىڭ ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ھازىر باشقىلارنىڭ قولىدىدۇر، ــ دېيىشتى. |
وَحِينَ سَمِعْتُ صُرَاخَ شَكْوَاهُمْ وَكَلامَهُمْ غَضِبْتُ جِدّاً. | ٦ 6 |
مەن ئۇلارنىڭ داد-پەريادلىرىنى ۋە ئېيتقان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەندىم. |
وَبَعْدَ أَنْ تَدَبَّرْتُ الأَمْرَ فِي نَفْسِي عَنَّفْتُ الأَشْرَافَ وَالوُلاةَ قَائِلاً: «إِنَّكُمْ تَأْخُذُونَ الرِّبَا مِنْ إِخْوَتِكُمْ». ثُمَّ عَقَدْتُ اجْتِمَاعاً عَظِيماً لِمُقَاضَاتِهِمْ. | ٧ 7 |
كۆڭلۈمدە بىرەر قۇر ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا قەرز بېرىپ ئۇلاردىن ئۆسۈم ئالىدىكەنسىلەر-ھە! ــ دەپ تەنبىھ بەردىم. ئاندىن ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن چوڭ بىر يىغىن ئېچىپ |
وَقُلْتُ لَهُمْ: «إِنَّنَا بِحَسَبِ طَاقَتِنَا افْتَدَيْنَا بِالأَمْوَالِ إِخْوَتَنَا الْيَهُودَ الَّذِينَ بِيعُوا لِلأُمَمِ، وَهَا أَنْتُمْ تَبِيعُونَ إِخْوَتَكُمْ لَهُمْ، وَهُمْ يَعُودُونَ فَيَبِيعُونَهُمْ لَنَا». فَسَكَتُوا وَلَمْ يَجِدُوا جَوَاباً. | ٨ 8 |
ئۇلارنى: ــ بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە يات تائىپىلەرگە سېتىۋېتىلگەن قېرىندىشىمىز يەھۇدالارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالدۇق، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن دەپ قېرىنداشلىرىڭلارنى يەنە سېتىۋەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ ــ دەپ ئەيىبلىۋىدىم، ئۇلار دەيدىغان گەپ تاپالماي، شۈك تۇرۇپ قالدى. |
ثُمَّ اسْتَطْرَدْتُ: «هَذَا تَصَرُّفٌ سَيِّئٌ. أَلا تَسْلُكُونَ فِي خَوْفِ إِلَهِنَا تَفَادِياً لِتَعْيِيرِ الأُمَمِ أَعْدَائِنَا؟ | ٩ 9 |
ئاندىن مەن ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار قاملاشماپتۇ. سىلەر دۈشمەنلىرىمىز بولغان تائىپىلەر ئالدىدا بىزنى ئاھانەتكە قالدۇرماي، خۇدايىمىزنىڭ قورقۇنچىدا ماڭساڭلار بولماسمىدى؟ |
لَقَدْ أَقْرَضْتُ أَنَا وَغِلْمَانِي الشَّعْبَ أَيْضاً فِضَّةً وَقَمْحاً، فَلْنَمْتَنِعْ عَنْ تَقَاضِي الرِّبَا. | ١٠ 10 |
مەنمۇ، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىم ئۇلارغا پۇل ۋە ئاشلىق ئۆتنە بېرىپ تۇرۇپ ئۆسۈم ئالساق ئالاتتۇق! سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، مۇنداق ئۆسۈم ئېلىشتىن ۋاز كېچەيلى! |
رُدُّوا لَهُمْ هَذَا الْيَوْمَ حُقُولَهُمْ وَكُرُومَهُمْ وَزَيْتُونَهُمْ وَبُيُوتَهُمْ، وَالنِّسْبَةَ الْمِئَوِيَّةَ مِنَ الرِّبَا الَّتِي تَتَقَاضَوْنَهَا عَلَى الْفِضَّةِ وَالْقَمْحِ وَالْخَمْرِ وَالزَّيْتِ». | ١١ 11 |
ئۆتۈنۈپ قالاي، سىلەر دەل بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنزارلىق ۋە ئۆيلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ۋە شۇنىڭدەك سىلەر ئۇلاردىن ئۈندۈرۈۋالغان پۇل، ئاشلىق، يېڭى مەي-شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مايلىرىنىڭ ئۆسۈمىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار، دېدىم. |
فَأَجَابُوا: «نَرُدُّ وَلا نُطَالِبُهُمْ بِرِبَا، صَانِعِينَ كُلَّ مَا قُلْتَ». فَاسْتَدْعَيْتُ الْكَهَنَةَ وَاسْتَحْلَفْتُهُمْ أَنْ يَعْمَلُوا بِمُقْتَضَى هَذَا التَّعَهُّدِ، | ١٢ 12 |
ئۇلار: ــ قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئەمدى ئۇلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالمايمىز؛ سىلى نېمە دېسىلە، بىز شۇنداق قىلىمىز، دېيىشتى. مەن كاھىنلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنى بۇ ۋەدە بويىچە شۇنداق ئىجرا قىلىشقا قەسەم ئىچكۈزدۈم. |
ثُمَّ نَفَضْتُ حِجْرِي قَائِلاً: «هَكَذَا يَنْفُضُ اللهُ كُلَّ إِنْسَانٍ لَا يُنَفِّذُ هَذَا التَّعَهُّدَ فِي بَيْتِهِ وَفِي عَمَلِهِ، فَيُصْبِحُ شَرِيداً مُعْدَماً». فَأَجَابَتْ كُلُّ الْجَمَاعَةِ: «آمِين». وَسَبَّحَتِ الرَّبَّ. وَنَفَّذَ الشَّعْبُ نَصَّ هَذَا التَّعَهُّدِ. | ١٣ 13 |
مەن تونۇمنىڭ پېشىنى قېقىپ تۇرۇپ: ــ كىم مۇشۇ ۋەدىنى ئادا قىلمىسا، خۇدا شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئۆيىدىن ۋە مال-مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىپ قېقىۋەتسۇن! شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ھەممە نېمىسى قۇرۇقدىلىپ قالغۇچە قېقىۋېتىلسۇن! ــ دېدىم. پۈتكۈل جامائەت بىردەك: «ئامىن!» دېيىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. ئاندىن كۆپچىلىك شۇ ۋەدىسى بويىچە دېگىنىدەك قىلىشتى. |
كَمَا أَنَّنِي مُنْذُ أَنْ عُيِّنْتُ وَالِياً فِي أَرْضِ يَهُوذَا، مِنْ مُسْتَهَلِّ السَّنَةِ الْعِشْرِينَ مِنْ حُكْمِ أَرْتَحْشَشْتَا الْمَلِكِ، إِلَى السَّنَةِ الثَّانِيَةِ وَالثَّلاثِينَ، أَيْ طَوَالَ اثْنَتَيْ عَشْرَةَ سَنَةً لَمْ آخُذْ مِنَ الشَّعْبِ الضَّرَائِبَ الْمُخَصَّصَةَ لِنَفَقَاتِ الْوَالِي لأَعِيشَ مِنْهَا أَنَا وَمُوَظَّفِيَّ، | ١٤ 14 |
شۇنىڭدەك، يەھۇدىيە زېمىنىدا ئۇلارغا ۋالىي بولۇشقا تىكلەنگەن كۈندىن بۇيان، يەنى پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلىدىن ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىغىچە بولغان ئون ئىككى يىل ئىچىدە نە مەن، نە مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋالىيلىق نېنىنى ھېچ يېمىدۇق. |
عَلَى نَقِيضِ الْوُلاةِ السَّابِقِينَ الَّذِينَ ثَقَّلُوا الضَّرَائِبَ عَلَى الشَّعْبِ، وَابْتَزُّوا مِنْهُمْ خُبْزاً وَخَمْراً، فَضْلاً عَنْ أَرْبَعِينَ شَاقِلاً مِنَ الْفِضَّةِ (نَحْوِ أَرْبَعِ مِئَةٍ وَثَمَانِينَ جِرَاماً). كَمَا تَسَلَّطَ رِجَالُهُمْ عَلَى الشَّعْبِ. أَمَّا أَنَا فَلَمْ أَفْعَلْ هَكَذَا مِنْ خَوْفِ اللهِ، | ١٥ 15 |
مەندىن ئىلگىرى ۋالىي بولغانلار خەلققە ئېغىرچىلىك سېلىپ، ئۇلاردىن [كۈندىلىك] ئاشلىق، مەي-شاراب ۋە شۇنىڭدەك قىرىق شەكەل كۈمۈش ئېلىپ كەلگەنىكەن؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىن ھوقۇقۋازلىق قىلىپ كەلگەنىكەن. لېكىن مەن خۇدادىن قورقىدىغىنىم ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدىم. |
وَبَدَلاً مِنْ ذَلِكَ كَرَّسْتُ نَفْسِي لِلْعَمَلِ فِي بِنَاءِ هَذَا السُّورِ، فَلَمْ أَشْتَرِ حَقْلاً، وَتَضَافَرَ رِجَالِي هُنَاكَ لِلْعَمَلِ عَلَى إِعَادَةِ إِنْشَائِهِ. | ١٦ 16 |
مەن دەرۋەقە سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشىغىلا بېرىلگەچكە، بىز ھەتتا بىرەر ئېتىزنىمۇ سېتىۋالمىدۇق؛ مېنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىممۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلەشكە شۇ يەرگە يىغىلاتتى. |
كَمَا شَارَكَنِي عَلَى مَائِدَتِي مِئَةٌ وَخَمْسُونَ رَجُلاً مِنَ الْيَهُودِ وَالْمُوَظَّفِينَ، فَضْلاً عَنِ الْوُفُودِ الْقَادِمَةِ إِلَيْنَا مِنَ الأُمَمِ الْمُجَاوِرَةِ، | ١٧ 17 |
ئەتراپىمىزدىكى يات ئەللەردىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەنلەردىن بۆلەك، مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا غىزا يەيدىغانلار يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلاردىن بىر يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. |
فَكَانَ يُعَدُّ لِي فِي كُلِّ يَوْمٍ ثَوْرٌ وَسِتَّةٌ مِنْ خِيَارِ الْغَنَمِ عَلاوَةً عَلَى الطَّيْرِ، وَكَمِّيَّةٌ كَبِيرَةٌ مِنْ جَمِيعِ أَصْنَافِ الْخُمُورِ كُلَّ عَشَرَةِ أَيَّامٍ، وَمَعَ هَذَا لَمْ آخُذِ الضَّرَائِبَ الْمُخَصَّصَةَ لِنَفَقَاتِ الْوَالِي، لأَنَّ وَطْأَةَ الضَّرَائِبِ كَانَتْ ثَقِيلَةً عَلَى هَذَا الشَّعْبِ. | ١٨ 18 |
ھەركۈنى بىر كالا، خىللانغان ئالتە قوي تەييارلىناتتى، يەنە ماڭا بەزى ئۇچار قۇشلار تەييارلىناتتى؛ ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەرخىل مول مەي-شاراب بىلەن تەمىنلىنەتتى. شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا «ۋالىي نېنى»نى تەلەپ قىلمىدىم؛ چۈنكى قۇرۇلۇش ئىشى خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈك ئىدى. |
فَاذْكُرْ لِي يَا إِلَهِي مَا صَنَعْتُهُ مِنْ خَيْرٍ لِهَذَا الشَّعْبِ، وَأَحْسِنْ إِلَيَّ. | ١٩ 19 |
ــ ئاھ خۇدايىم، مەن مۇشۇ خەلق ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشىمنى ياد ئەتكەيسەن، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن! |