وَأَخَذَ يُخَاطِبُهُمْ بِأَمْثَالٍ، فَقَالَ: «غَرَسَ إِنْسَانٌ كَرْماً، وَأَقَامَ حَوْلَهُ سُوراً، وَحَفَرَ فِيهِ حَوْضَ مِعْصَرَةٍ، وَبَنَى فِيهِ بُرْجَ حِرَاسَةٍ. ثُمَّ سَلَّمَ الْكَرْمَ إِلَى مُزَارِعِينَ، وَسَافَرَ. | ١ 1 |
ئاندىن، ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: ــ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ؛ ئۇ بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارىنى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. |
وَفِي الأَوَانِ، أَرْسَلَ إِلَى الْمُزَارِعِينَ عَبْداً لِيَتَسَلَّمَ مِنْهُمْ حِصَّتَهُ مِنْ ثَمَرِ الْكَرْمِ. | ٢ 2 |
ئۈزۈم پەسلى كەلگەندە، باغۋەنلەردىن ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىلەردىن [تېگىشلىكىنى] ئەكېلىش ئۈچۈن بىر قۇلىنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. |
إِلّا أَنَّهُمْ أَمْسَكُوهُ وَضَرَبُوهُ وَرَدُّوهُ فَارِغَ الْيَدَيْنِ. | ٣ 3 |
لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. |
فَعَادَ وَأَرْسَلَ إِلَيْهِمْ عَبْداً آخَرَ، فَشَجُّوا رَأْسَهُ وَرَدُّوهُ مُهَاناً. | ٤ 4 |
خوجايىن يەنە بىر قۇلنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇنى بولسا ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ، باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ. |
ثُمَّ أَرْسَلَ آخَرَ أَيْضاً فَقَتَلُوهُ. ثُمَّ أَرْسَلَ آخَرِينَ كَثِيرِينَ، فَضَرَبُوا بَعْضاً وَقَتَلُوا بَعْضاً. | ٥ 5 |
خوجايىن يەنە بىرسىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلار ئۆلتۈرۈپتۇ. يەنە تولا قۇللارنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار بەزىلىرىنى دۇمبالاپ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. |
وَإِذْ كَانَ لَهُ بَعْدُ ابْنٌ وَحِيدٌ حَبِيبٌ، أَرْسَلَهُ أَيْضاً إِلَيْهِمْ أَخِيراً، قَائِلاً: إِنَّهُمْ سَيَهَابُونَ ابْنِي! | ٦ 6 |
خوجايىننىڭ يېنىدا پەقەت ئۇنىڭ سۆيۈملۈك بىر ئوغلىلا قالغاچقا، ئۇلار ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئۇ ئۇنى ئەڭ ئاخىرى بولۇپ باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. |
وَلكِنَّ أُولئِكَ الْمُزَارِعِينَ قَالُوا بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ: هَذَا هُوَ الْوَرِيثُ؛ تَعَالَوْا نَقْتُلْهُ فَنَحْصُلَ عَلَى الْمِيرَاثِ! | ٧ 7 |
لېكىن شۇ باغۋەنلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، شۇنىڭ بىلەن مىراسى بىزنىڭكى بولىدۇ!» دېيىشىپتۇ. |
فَأَمْسَكُوهُ وَقَتَلُوهُ وَطَرَحُوهُ خَارِجَ الْكَرْمِ. | ٨ 8 |
شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ. |
فَمَاذَا يَفْعَلُ رَبُّ الْكَرْمِ؟ إِنَّهُ يَأْتِي وَيُهْلِكُ الْمُزَارِعِينَ، وَيُسَلِّمُ الْكَرْمَ إِلَى غَيْرِهِمْ. | ٩ 9 |
ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ئۆزى كېلىپ باغۋەنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا بېرىدۇ. |
أَفَمَا قَرَأْتُمْ هذِهِ الآيَةَ الْمَكْتُوبَةَ: الْحَجَرُ الَّذِي رَفَضَهُ الْبُنَاةُ، هُوَ نَفْسُهُ صَارَ حَجَرَ الزَّاوِيَةِ. | ١٠ 10 |
ئەمدى سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟ ــ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. |
مِنَ الرَّبِّ كَانَ هَذَا، وَهُوَ عَجِيبٌ فِي أَنْظَارِنَا!» | ١١ 11 |
بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر» |
فَسَعَوْا إِلَى الْقَبْضِ عَلَيْهِ، وَلكِنَّهُمْ خَافُوا الْجَمْعَ، لأَنَّهُمْ أَدْرَكُوا أَنَّهُ كَانَ يَعْنِيهِمْ بِهذَا الْمَثَلِ. فَتَرَكُوهُ وَانْصَرَفُوا. | ١٢ 12 |
ئۇلار ئۇنىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى؛ شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەشتى؛ ھالبۇكى، خالايىقتىن قورقۇشۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. |
ثُمَّ أَرْسَلُوا إِلَيْهِ بَعْضاً مِنَ الْفَرِّيسِيِّينَ وَأَعْضَاءِ حِزْبِ هِيرُودُسَ، لِكَيْ يُوْقِعُوهُ بِكَلِمَةٍ يَقُولُهَا. | ١٣ 13 |
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بىرنەچچە پەرىسىي ۋە ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرىنى ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. |
فَجَاءُوا وَقَالُوا لَهُ: «يَا مُعَلِّمُ، نَحْنُ نَعْلَمُ أَنَّكَ صَادِقٌ، وَلا تُبَالِي بِأَحَدٍ، لأَنَّكَ لَا تُرَاعِي مَقَامَاتِ النَّاسِ، بَلْ تُعَلِّمُ طَرِيقَ اللهِ بِالْحَقِّ: أَيَحِلُّ أَنْ تُدْفَعَ الْجِزْيَةُ لِلْقَيْصَرِ أَمْ لا؟ أَنَدْفَعُهَا أَمْ لَا نَدْفَعُ؟» | ١٤ 14 |
ئۇلار كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز. [سىلىچە]، [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ |
وَلكِنَّهُ إِذْ عَلِمَ نِفَاقَهُمْ قَالَ لَهُمْ: «لِمَاذَا تُجَرِّبُونَنِي؟ أَحْضِرُوا إِلَيَّ دِينَاراً لأَرَاهُ!» | ١٥ 15 |
زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ ــ دېيىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ ماڭا بىر «دىنار» پۇلنى ئەكېلىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، ــ دېدى. |
فَأَحْضَرُوا إِلَيْهِ دِينَاراً، فَسَأَلَهُمْ: «لِمَنْ هذِهِ الصُّورَةُ وَهذَا النَّقْشُ؟» فَقَالُوا لَهُ: «لِلْقَيْصَرِ». | ١٦ 16 |
ئۇلار پۇلنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئۇلاردىن: ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ قەيسەرنىڭ، ــ دېيىشتى ئۇلار. |
فَرَدَّ عَلَيْهِمْ قَائِلاً: «أَعْطُوا مَا لِلْقَيْصَرِ لِلْقَيْصَرِ، وَمَا لِلهِ لِلهِ!» فَذُهِلُوا مِنْهُ. | ١٧ 17 |
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ [ئۇنداق بولسا]، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. |
وَتَقَدَّمَ إِلَيْهِ بَعْضُ الصَّدُّوقِيِّينَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْقِيَامَةِ، وَسَأَلُوهُ قَائِلِينَ: | ١٨ 18 |
ئاندىن «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى: |
«يَا مُعَلِّمُ، كَتَبَ لَنَا مُوسَى: إِنْ مَاتَ لأَحَدٍ أَخٌ وَتَرَكَ زَوْجَتَهُ مِنْ بَعْدِهِ دُونَ أَنْ يُخَلِّفَ أَوْلاداً، فَعَلَى أَخِيهِ أَنْ يَتَزَوَّجَ بِأَرْمَلَتِهِ وَيُقِيمَ نَسْلاً عَلَى اسْمِ أَخِيهِ. | ١٩ 19 |
ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر] تەۋراتتا بىزگە: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان. |
فَقَدْ كَانَ هُنَالِكَ سَبْعَةُ إِخْوَةٍ، اتَّخَذَ أَوَّلُهُمْ زَوْجَةً ثُمَّ مَاتَ دُونَ أَنْ يُخَلِّفَ نَسْلاً، | ٢٠ 20 |
بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئۆلدى. |
فَاتَّخَذَهَا الثَّانِي ثُمَّ مَاتَ هُوَ أَيْضاً دُونَ أَنْ يُخَلِّفَ نَسْلاً، فَفَعَلَ الثَّالِثُ كَذلِكَ. | ٢١ 21 |
ئىككىنچى قېرىندىشى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى. |
وَهكَذَا اتَّخَذَهَا السَّبْعَةُ دُونَ أَنْ يُخَلِّفُوا نَسْلاً. وَمِنْ بَعْدِهِمْ جَمِيعاً، مَاتَتِ الْمَرْأَةُ أَيْضاً. | ٢٢ 22 |
شۇ تەرىقىدە يەتتىسى ئوخشاشلا ئۇنى ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي كەتتى. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. |
فَفِي الْقِيَامَةِ، عِنْدَمَا يَقُومُونَ، لِمَنْ مِنْهُمْ تَكُونُ الْمَرْأَةُ زَوْجَةً، فَقَدْ كَانَتْ زَوْجَةً لِكُلٍّ مِنَ السَّبْعَةِ؟» | ٢٣ 23 |
ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە ئۇلار تىرىلگەندە، بۇ ئايال قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى يەتتىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! ــ دېيىشتى. |
فَرَدَّ عَلَيْهِمْ يَسُوعُ قَائِلاً: «أَلَسْتُمْ فِي ضَلالٍ لأَنَّكُمْ لَا تَفْهَمُونَ الْكِتَابَ وَلا قُدْرَةَ اللهِ؟ | ٢٤ 24 |
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئازغان ئەمەسمۇسىلەر؟ |
فَعِنْدَمَا يَقُومُ النَّاسُ مِنْ بَيْنِ الأَمْوَاتِ، لَا يَتَزَوَّجُونَ وَلا يُزَوَّجُونَ، بَلْ يَكُونُونَ كَالْمَلائِكَةِ الَّذِينَ فِي السَّمَاوَاتِ. | ٢٥ 25 |
چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. |
وَأَمَّا عَنِ الأَمْوَاتِ أَنَّهُمْ يَقُومُونَ، أَفَمَا قَرَأْتُمْ فِي كِتَابِ مُوسَى، فِي الْحَدِيثِ عَنِ الْعُلَّيْقَةِ، كَيْفَ كَلَّمَهُ اللهُ قَائِلاً: أَنَا إِلهُ إِبْرَاهِيمَ وَإِلَهُ إِسْحَاقَ وَإِلَهُ يَعْقُوبَ؟ | ٢٦ 26 |
ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى مەسىلىسى ھەققىدە [تەۋراتتا]، يەنى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن كىتابتىكى «تىكەنلىك» ۋەقەسىدە، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئېيتقىنىنى، يەنى: «مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگىنىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ |
فَإِنَّهُ لَيْسَ بِإِلهِ أَمْوَاتٍ، بَلْ هُوَ إِلهُ أَحْيَاءَ. فَأَنْتُمْ إِذَنْ فِي ضَلالٍ عَظِيمٍ!» | ٢٧ 27 |
ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر! شۇڭا سىلەر قاتتىق ئېزىپ كەتكەنسىلەر! |
وَتَقَدَّمَ إِلَيْهِ وَاحِدٌ مِنَ الْكَتَبَةِ كَانَ قَدْ سَمِعَهُمْ يَتَجَادَلُونَ، وَرَأَى أَنَّهُ أَحْسَنَ الرَّدَّ عَلَيْهِمْ، فَسَأَلَهُ: «أَيَّةُ وَصِيَّةٍ هِيَ أُولَى الْوَصَايَا جَمِيعاً؟» | ٢٨ 28 |
ئۇلارغا يېقىن كەلگەن، مۇنازىرىلەشكەنلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭدىن: ــ پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَأَجَابَهُ يَسُوعُ: «أُولَى الْوَصَايَا جَمِيعاً هِيَ: اسْمَعْ يَا إِسْرَائِيلُ، الرَّبُّ إِلهُنَا رَبٌّ وَاحِدٌ | ٢٩ 29 |
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەڭ مۇھىم ئەمر شۇكى، «ئاڭلىغىن، ئەي ئىسرائىل! پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بولغان رەب بىردۇر. |
فَأَحِبَّ الرَّبَّ إِلهَكَ بِكُلِّ قَلْبِكَ وَبِكُلِّ نَفْسِكَ وَبِكُلِّ فِكْرِكَ وَبِكُلِّ قُوَّتِكَ. هذِهِ هِيَ الْوَصِيَّةُ الأُولَى. | ٣٠ 30 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن». مانا بۇ ئەڭ مۇھىم ئەمر. |
وَهُنَاكَ ثَانِيَةٌ مِثْلُهَا، وَهِيَ أَنْ تُحِبَّ قَرِيبَكَ كَنَفْسِكَ. فَمَا مِنْ وَصِيَّةٍ أُخْرَى أَعْظَمُ مِنْ هَاتَيْنِ». | ٣١ 31 |
ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا: ــ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». ھېچقانداق ئەمر بۇلاردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. |
فَقَالَ لَهُ الْكَاتِبُ: «صَحِيحٌ، يَا مُعَلِّمُ! حَسَبَ الْحَقِّ تَكَلَّمْتَ. فَإِنَّ اللهَ وَاحِدٌ وَلَيْسَ آخَرُ سِوَاهُ. | ٣٢ 32 |
تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭغا: ــ توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، ھەقىقەت بويىچە سۆزلىدىڭىز؛ چۈنكى ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر؛ |
وَمَحَبَّتُهُ بِكُلِّ الْقَلْبِ وَبِكُلِّ الْفَهْمِ وَبِكُلِّ الْقُوَّةِ، وَمَحَبَّةُ الْقَرِيبِ كَالنَّفْسِ، أَفْضَلُ مِنْ جَمِيعِ الْمُحْرَقَاتِ وَالذَّبَائِحِ!» | ٣٣ 33 |
ئىنساننىڭ ئۇنى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم باشقا قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىنمۇ ئارتۇقتۇر. |
فَلَمَّا رَأَى يَسُوعُ أَنَّهُ أَجَابَ بِحِكْمَةٍ، قَالَ لَهُ: «لَسْتَ بَعِيداً عَنْ مَلَكُوتِ اللهِ!» وَلَمْ يَجْرُؤْ أَحَدٌ بَعْدَ ذلِكَ أَنْ يُوَجِّهَ إِلَيْهِ أَيَّ سُؤَالٍ. | ٣٤ 34 |
ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن جاۋاب بەرگىنىنى كۆرۈپ: ــ سەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسەن، ــ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى. |
وَتَكَلَّمَ يَسُوعُ فِيمَا هُوَ يُعَلِّمُ فِي الْهَيْكَلِ، فَقَالَ: «كَيْفَ يَقُولُ الْكَتَبَةُ إِنَّ الْمَسِيحَ هُوَ ابْنُ دَاوُدَ؟ | ٣٥ 35 |
ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بەرگەندە، ئەيسا بۇلارغا جاۋابەن مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ مەسىھنى «داۋۇتنىڭ ئوغلى» دېگىنىنى قانداق چۈشىنىسىلەر؟ |
فَإِنَّ دَاوُدَ نَفْسَهُ قَالَ بِالرُّوحِ الْقُدُسِ: قَالَ الرَّبُّ لِرَبِّي: اجْلِسْ عَنْ يَمِينِي حَتَّى أَضَعَ أَعْدَاءَكَ مَوْطِئاً لِقَدَمَيْكَ! | ٣٦ 36 |
چۈنكى داۋۇت ئۆزى مۇقەددەس روھتا مۇنداق دېگەنغۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!». |
فَمَادَامَ دَاوُدُ نَفْسُهُ يَدْعُوهُ الرَّبَّ فَمِنْ أَيْنَ يَكُونُ ابْنَهُ؟» وَكَانَ الْجَمْعُ الْعَظِيمُ يَسْمَعُهُ بِسُرُورٍ. | ٣٧ 37 |
داۋۇت [مەسىھنى] شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى [مەسىھ] قانداقمۇ [داۋۇتنىڭ] ئوغلى بولىدۇ؟ ئۇ يەردىكى توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى خۇرسەنلىك بىلەن ئاڭلايتتى. |
وَقَالَ لَهُمْ فِي تَعْلِيمِهِ: «خُذُوا حِذْرَكُمْ مِنَ الْكَتَبَةِ الَّذِينَ يُحِبُّونَ التَّجَوُّلَ بِالأَثْوَابِ الْفَضْفَاضَةِ، وَتَلَقِّي التَّحِيَّاتِ فِي السَّاحَاتِ الْعَامَّةِ، | ٣٨ 38 |
ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەرگىنىدە مۇنداق دېدى: ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا كېرىلىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان [ئۇزۇن] سالاملىرىغا، |
وَالأَمَاكِنَ الأُولَى فِي الْمَجَامِعِ، وَأَمَاكِنَ الصَّدَارَةِ فِي الْوَلائِمِ. | ٣٩ 39 |
سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردە تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. |
يَلْتَهِمُونَ بُيُوتَ الأَرَامِلِ، وَيَتَبَاهُونَ بِإِطَالَةِ الصَّلَوَاتِ. هؤُلاءِ سَتَنْزِلُ بِهِمْ دَيْنُونَةٌ أَقْسَى!» | ٤٠ 40 |
ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ! |
وَإِذْ جَلَسَ يَسُوعُ مُقَابِلَ صُنْدُوقِ الْهَيْكَلِ، رَأَى كَيْفَ كَانَ الْجَمْعُ يُلْقُونَ النُّقُودَ فِي الصُّنْدُوقِ. وَأَلْقَى كَثِيرُونَ مِنَ الأَغْنِيَاءِ مَالاً كَثِيراً. | ٤١ 41 |
ئۇ ئىبادەتخانىدىكى سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پۇللىرىنى تاشلاۋاتقان خالايىققا قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ئۇنىڭغا خېلى كۆپ پۇل تاشلاشتى. |
ثُمَّ جَاءَتْ أَرْمَلَةٌ فَقِيرَةٌ وَأَلْقَتْ فَلْسَيْنِ يُسَاوِيَانِ رُبْعاً وَاحِداً. | ٤٢ 42 |
نامرات بىر تۇل ئايالمۇ كېلىپ، تىيىننىڭ تۆتتىن بىرى قىممىتىدىكى ئىككى لەپتوننى تاشلىدى. |
فَدَعَا تَلامِيذَهُ وَقَالَ لَهُمْ: «الْحَقَّ أَقُولُ لَكُمْ: إِنَّ هذِهِ الأَرْمَلَةَ الْفَقِيرَةَ قَدْ أَلْقَتْ أَكْثَرَ مِنْ جَمِيعِ الَّذِينَ أَلْقَوْا فِي الصُّنْدُوقِ: | ٤٣ 43 |
ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنى باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاشلىغانلىرىدىن كۆپتۇر. |
لأَنَّ جَمِيعَهُمْ أَلْقَوْا مِنَ الْفَاضِلِ عَنْ حَاجَتِهِمْ، وَلكِنَّهَا هِيَ أَلْقَتْ مِنْ حَاجَتِهَا كُلَّ مَا عِنْدَهَا أَلْقَتْ مَعِيشَتَهَا كُلَّهَا!» | ٤٤ 44 |
چۈنكى باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئېشىپ تاشقانلىرىدىن سەدىقە قىلدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامرات تۇرۇپمۇ، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى ــ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىپ تاشلىدى. |