ثُمَّ غَادَرَ تِلْكَ الْمِنْطَقَةَ وَجَاءَ إِلَى نَوَاحِي مِنْطَقَةِ الْيَهُودِيَّةِ وَمَا وَرَاءَ الأُرْدُنِّ. فَاجْتَمَعَتْ إِلَيْهِ الْجُمُوعُ ثَانِيَةً وَأَخَذَ يُعَلِّمُهُمْ كَعَادَتِهِ. | ١ 1 |
ئۇ ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسى تەرەپلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغىمۇ باردى. توپ-توپ ئادەملەر يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. |
وَتَقَدَّمَ إِلَيْهِ بَعْضُ الْفَرِّيسِيِّينَ وَسَأَلُوهُ لِيُجَرِّبُوهُ: «هَلْ يَحِلُّ لِلرَّجُلِ أَنْ يُطَلِّقَ زَوْجَتَهُ؟» | ٢ 2 |
بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: ــ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَرَدَّ عَلَيْهِمْ سَائِلاً: | ٣ 3 |
لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دېدى. |
«بِمَاذَا أَوْصَاكُمْ مُوسَى؟» فَقَالُوا: «سَمَحَ مُوسَى بِأَنْ تُكْتَبَ وَثِيقَةُ طَلاقٍ ثُمَّ تُطَلَّقَ الزَّوْجَةُ». | ٤ 4 |
ئۇلار: ــ مۇسا [پەيغەمبەر] كىشىنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، ــ دېيىشتى. |
فَأَجَابَهُمْ يَسُوعُ: «بِسَبَبِ قَسَاوَةِ قُلُوبِكُمْ كَتَبَ لَكُمْ مُوسَى هَذِهِ الْوَصِيَّةَ. | ٥ 5 |
ئەيسا ئۇلارغا: ــ تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن ئۇ سىلەرگە بۇ ئەمرنى پۈتكەن؛ |
وَلكِنْ مُنْذُ بَدْءِ الْخَلِيقَةِ جَعَلَ اللهُ الإِنْسَانَ ذَكَراً وَأُنْثَى. | ٦ 6 |
لېكىن خۇدا ئالەم ئاپىرىدە بولغىنىدا [ئىنسانلارنى] «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». |
لِذَلِكَ يَتْرُكُ الرَّجُلُ أَبَاهُ وَأُمَّهُ وَيَتَّحِدُ بِزَوْجَتِهِ، | ٧ 7 |
«شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ |
فَيَصِيرُ الاِثْنَانِ جَسَداً وَاحِداً. فَلا يَكُونَانِ بَعْدُ اثْنَيْنِ بَلْ جَسَداً وَاحِداً. | ٨ 8 |
ئىككىلىسى بىر تەن بولىدۇ». شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. |
فَمَا جَمَعَهُ اللهُ لَا يُفَرِّقُهُ إِنْسَانٌ». | ٩ 9 |
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، ــ دېدى. |
وَفِي الْبَيْتِ، عَادَ تَلامِيذُهُ فَسَأَلُوهُ عَنِ الأَمْرِ. | ١٠ 10 |
ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىدى. |
فَقَالَ لَهُمْ: «أَيُّ مَنْ طَلَّقَ زَوْجَتَهُ وَتَزَوَّجَ بِأُخْرَى، يَرْتَكِبُ مَعَهَا الزِّنَى. | ١١ 11 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى ئايالىغا گۇناھ قىلىپ زىنا قىلغان بولىدۇ. |
وَإِنْ طَلَّقَتِ الزَّوْجَةُ زَوْجَهَا وَتَزَوَّجَتْ مِنْ آخَرَ، تَرْتَكِبُ الزِّنَى!» | ١٢ 12 |
ئېرىنى قويۇۋېتىپ، باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، ــ دېدى. |
وَقَدَّمَ إِلَيْهِ بَعْضُهُمْ أَوْلاداً صِغَاراً لِكَيْ يَلْمِسَهُمْ. فَزَجَرَهُمُ التَّلامِيذُ. | ١٣ 13 |
قولۇڭنى تەگكۈزگەيسەن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. |
فَلَمَّا رَأَى يَسُوعُ ذلِكَ، غَضِبَ وَقَالَ لَهُمْ: «دَعُوا الصِّغَارَ يَأْتُونَ إِلَيَّ، وَلا تَمْنَعُوهُمْ، لأَنَّ لِمِثْلِ هؤُلاءِ مَلَكُوتَ اللهِ! | ١٤ 14 |
بۇنى كۆرگەن ئەيسا ئاچچىقلىنىپ، مۇخلىسلىرىغا: بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر. |
الْحَقَّ أَقُولُ لَكُمْ: مَنْ لَا يَقْبَلْ مَلَكُوتَ اللهِ كَأَنَّهُ وَلَدٌ صَغِيرٌ، فَلَنْ يَدْخُلَهُ أَبَداً!» | ١٥ 15 |
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى. |
ثُمَّ ضَمَّ الأَوْلادَ بِذِرَاعَيْهِ وَبَارَكَهُمْ وَاضِعاً يَدَيْهِ عَلَيْهِمْ. | ١٦ 16 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى. |
وَبَيْنَمَا كَانَ خَارِجاً إِلَى الطَّرِيقِ، أَسْرَعَ إِلَيْهِ رَجُلٌ وَسَجَدَ لَهُ يَسْأَلُهُ: «أَيُّهَا الْمُعَلِّمُ الصَّالِحُ، مَاذَا أَعْمَلُ لأَرِثَ الْحَيَاةَ الأَبَدِيَّةَ؟» (aiōnios g166) | ١٧ 17 |
ئۇ يولغا چىققاندا، بىرسى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭدىن: ــ ئى ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراسلىق قىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōnios g166) |
وَلكِنَّ يَسُوعَ قَالَ لَهُ: «لِمَاذَا تَدْعُونِي الصَّالِحَ؟ لَيْسَ أَحَدٌ صَالِحاً إِلّا وَاحِدٌ، وَهُوَ اللهُ. | ١٨ 18 |
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسەن؟ پەقەت بىرىدىن، يەنى خۇدادىن باشقا ھېچكىم ياخشى ئەمەستۇر. |
أَنْتَ تَعْرِفُ الْوَصَايَا: لَا تَقْتُلْ؛ لَا تَزْنِ؛ لَا تَسْرِقْ؛ لَا تَشْهَدْ بِالزُّورِ؛ لَا تَظْلِمْ؛ أَكْرِمْ أَبَاكَ وَأُمَّكَ!» | ١٩ 19 |
سەن تەۋراتتىكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، خىيانەت قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرھىز-پەرزلەرنى بىلىسەن، ــ دېدى. |
فَأَجَابَهُ قَائِلاً: «هذِهِ كُلُّهَا عَمِلْتُ بِها مُنْذُ صِغَرِي» | ٢٠ 20 |
ئۇ ئادەم جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى. |
وَإِذْ نَظَرَ يَسُوعُ إِلَيْهِ، أَحَبَّهُ، وَقَالَ لَهُ: «يَنْقُصُكَ شَيْءٌ وَاحِدٌ: اذْهَبْ، بِعْ كُلَّ مَا عِنْدَكَ، وَوَزِّعْ عَلَى الْفُقَرَاءِ، فَيَكُونَ لَكَ كَنْزٌ فِي السَّمَاءِ، ثُمَّ تَعَالَ اتْبَعْنِي». | ٢١ 21 |
ئەيسانىڭ ئۇنىڭغا قاراپ مۇھەببىتى قوزغالدى ۋە ئۇنىڭغا: ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ كرېستنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. |
وَأَمَّا هُوَ فَمَضَى حَزِيناً وَقَدِ اكْتَأَبَ مِنْ هَذَا الْقَوْلِ، لأَنَّهُ كَانَ صَاحِبَ ثَرْوَةٍ كَبِيرَةٍ. | ٢٢ 22 |
لېكىن مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. |
فَتَطَلَّعَ يَسُوعُ حَوْلَهُ وَقَالَ لِتَلامِيذِهِ: «مَا أَصْعَبَ دُخُولَ الأَغْنِيَاءِ إِلَى مَلَكُوتِ اللهِ!» | ٢٣ 23 |
ئاندىن ئەيسا چۆرىسىگە سەپسېلىپ قاراپ، مۇخلىسلىرىغا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەسلىكتە بولىدۇ-ھە! ــ دېدى. |
فَدُهِشَ التَّلامِيذُ لِهذَا الْكَلامِ. فَعَادَ يَسُوعُ يَقُولُ لَهُمْ: «يَا بَنِيَّ، مَا أَصْعَبَ دُخُولَ الْمُتَّكِلِينَ عَلَى الْمَالِ إِلَى مَلَكُوتِ اللهِ! | ٢٤ 24 |
مۇخلىسلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى، لېكىن ئەيسا ئۇلارغا يەنە جاۋابەن: ــ بالىلىرىم، مال-مۈلۈككە تايانغانلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە! |
فَأَسْهَلُ أَنْ يَدْخُلَ الْجَمَلُ فِي ثَقْبِ إِبْرَةٍ، مِنْ أَنْ يَدْخُلَ الْغَنِيُّ إِلَى مَلَكُوتِ اللهِ». | ٢٥ 25 |
تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى. |
فَذُهِلُوا جِدّاً، وَقَالَ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ: «وَمَنْ يَقْدِرُ أَنْ يَخْلُصَ؟» | ٢٦ 26 |
ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن: ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. |
فَقَالَ لَهُمْ يَسُوعُ وَهُوَ نَاظِرٌ إِلَيْهِمْ: «هَذَا مُسْتَحِيلٌ عِنْدَ النَّاسِ، وَلكِنْ لَيْسَ عِنْدَ اللهِ. فَإِنَّ كُلَّ شَيْءٍ مُسْتَطَاعٌ عِنْدَ اللهِ!» | ٢٧ 27 |
ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: ــ بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇدا ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، ــ دېدى. |
فَأَخَذَ بُطْرُسُ يَقُولُ لَهُ: «هَا نَحْنُ قَدْ تَرَكْنَا كُلَّ شَيْءٍ وَتَبِعْنَاكَ.» | ٢٨ 28 |
بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مانا، بىز بولساق، ھەممىنى تاشلاپ ساڭا ئەگەشتۇق!؟ ــ دېگىلى تۇردى. |
فَأَجَابَ يَسُوعُ: «الْحَقَّ أَقُولُ لَكُمْ: مَا مِنْ أَحَدٍ تَرَكَ لأَجْلِي وَلأَجْلِ الإِنْجِيلِ بَيْتاً أَوْ إِخْوَةً أَوْ أَخَوَاتٍ أَوْ أُمّاً أَوْ أَباً أَوْ أَوْلاداً أَوْ حُقُولاً، | ٢٩ 29 |
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتىسى، ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى |
إِلّا وَيَنَالُ مِئَةَ ضِعْفٍ الآنَ فِي هَذَا الزَّمَانِ، بُيُوتاً وَإِخْوَةً وَأَخَوَاتٍ وَأُمُّهَاتٍ وَأَوْلاداً وَحُقُولاً مَعَ اضْطِهَادَاتٍ، وَفِي الزَّمَانِ الآتِي الْحَيَاةَ الأَبَدِيَّةَ. (aiōn g165, aiōnios g166) | ٣٠ 30 |
بۇ زاماندا بۇلارنىڭ يۈز ھەسسىسىگە، يەنى ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالىلار ۋە يەر-زېمىنلارغا (زىيانكەشلىكلەر قوشۇلغان ھالدا) مۇيەسسەر بولماي قالمايدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. (aiōn g165, aiōnios g166) |
وَهُنَاكَ أَوَّلُونَ كَثِيرُونَ يَصِيرُونَ آخِرِينَ، وَالآخِرُونَ يَصِيرُونَ أَوَّلِينَ!» | ٣١ 31 |
لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ. |
وَكَانُوا فِي الطَّرِيقِ صَاعِدِينَ إِلَى أُورُشَلِيمَ، وَيَسُوعُ يَتَقَدَّمُهُمْ، وَكَانَ التَّلامِيذُ مُتَحَيَّرِينَ وَالَّذِينَ يَتْبَعُونَهُ خَائِفِينَ. فَانْفَرَدَ بِالاِثْنَيْ عَشَرَ، مَرَّةً أُخْرَى، وَأَخَذَ يُطْلِعُهُمْ عَلَى مَا سَيَحْدُثُ لَهُ، فَقَالَ: | ٣٢ 32 |
ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىدىغان يولدا ئىدى، ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. [مۇخلىسلىرى] بەك ھەيران ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ئەيسا ئون ئىككەيلەننى يەنە ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا چۈشىدىغانلىرىنى ئۇقتۇرۇشقا باشلاپ: |
«هَا نَحْنُ صَاعِدُونَ إِلَى أُورُشَلِيمَ، وَسَوْفَ يُسَلَّمُ ابْنُ الإِنْسَانِ إِلَى رُؤَسَاءِ الْكَهَنَةِ وَإِلَى الْكَتَبَةِ، فَيَحْكُمُونَ عَلَيْهِ بِالْمَوْتِ، وَيُسَلِّمُونَهُ إِلَى أَيْدِي الأُمَمِ، | ٣٣ 33 |
ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ۋە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. |
فَيَسْخَرُونَ مِنْهُ، وَيَبْصُقُونَ عَلَيْهِ، وَيَجْلِدُونَهُ، وَيَقْتُلُونَهُ. وَفِي الْيَوْمِ الثَّالِثِ يَقُومُ!» | ٣٤ 34 |
ئۇلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى. |
عِنْدَئِذٍ تَقَدَّمَ إِلَيْهِ يَعْقُوبُ وَيُوحَنَّا ابْنَا زَبَدِي، وَقَالا لَهُ: «يَا مُعَلِّمُ، نَرْغَبُ فِي أَنْ تَفْعَلَ لَنَا كَلَّ مَا نَطْلُبُ مِنْكَ». | ٣٥ 35 |
زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، سەندىن نېمە تىلىسەك ئورۇنداپ بەرسەڭ، دەپ ئۆتۈنىمىز، ــ دېيىشتى. |
فَسَأَلَهُمَا: «مَاذَا تَرْغَبَانِ فِي أَنْ أَفْعَلَ لَكُمَا؟» | ٣٦ 36 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دېدى. |
قَالا لَهُ: «هَبْنَا أَنْ نَجْلِسَ فِي مَجْدِكَ: وَاحِدٌ عَنْ يَمِينِكَ، وَوَاحِدٌ عَنْ يَسَارِكَ!» | ٣٧ 37 |
ــ سەن شان-شەرىپىڭدە بولغىنىڭدا، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭدا، بىرىمىزنى سول يېنىڭدا ئولتۇرغۇزغايسەن، ــ دېيىشتى ئۇلار. |
فَقَالَ لَهُمَا يَسُوعُ: «أَنْتُمَا لَا تَدْرِيَانِ مَا تَطْلُبَانِ: أَتَقْدِرَانِ أَنْ تَشْرَبَا الْكَأْسَ الَّتِي سَأَشْرَبُهَا أَنَا، أَوْ تَغُوصَا فِي الآلامِ الَّتِي سَأَغُوصُ فِيهَا؟» | ٣٨ 38 |
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىدىغان قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟ |
فَقَالا لَهُ: «إِنَّنَا نَقْدِرُ!» فَأَجَابَهُمَا يَسُوعُ: «الْكَأْسَ الَّتِي سَأَشْرَبُهَا سَوْفَ تَشْرَبَانِ، وَالآلامَ الَّتِي سَأَغُوصُ فِيهَا سَوْفَ تَغُوصَانِ فِيهَا. | ٣٩ 39 |
ــ قىلالايمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: ــ دەرۋەقە، مەن ئىچىدىغان قەدەھىمنى سىلەرمۇ ئىچىسىلەر ۋە مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر. |
أَمَّا الْجُلُوسُ عَنْ يَمِينِي وَعَنْ يَسَارِي، فَلَيْسَ لِي أَنْ أَمْنَحَهُ إِلّا لِلَّذِينَ أُعِدَّ لَهُمْ». | ٤٠ 40 |
بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشقا نېسىپ بولۇش مېنىڭ ئىلىكىمدە ئەمەس؛ بەلكى كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلارغا بېرىلىدۇ، ــ دېدى. |
وَلَمَّا سَمِعَ التَّلامِيذُ الْعَشَرَةُ بِذلِكَ، أَخَذُوا يَسْتَاءُونَ مِنْ يَعْقُوبَ وَيُوحَنَّا. | ٤١ 41 |
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان [قالغان] ئون [مۇخلىس] ياقۇپ بىلەن يۇھاننادىن خاپا بولۇشقا باشلىدى. |
وَلكِنَّ يَسُوعَ دَعَاهُمْ إِلَيْهِ وَقَالَ لَهُمْ: «تَعْرِفُونَ أَنَّ الْمُعْتَبَرِينَ حُكَّاماً عَلَى الأُمَمِ يَسُودُونَهُمْ، وَأَنَّ عُظَمَاءَهُمْ يَتَسَلَّطُونَ عَلَيْهِمْ. | ٤٢ 42 |
لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، يات ئەللەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمران دەپ ھېسابلانغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ. |
وَأَمَّا أَنْتُمْ فَلا يَكُنْ ذَلِكَ بَيْنَكُمْ، وَإِنَّمَا أَيُّ مَنْ أَرَادَ أَنْ يَصِيرَ عَظِيماً بَيْنَكُمْ، فَلْيَكُنْ لَكُمْ خَادِماً، | ٤٣ 43 |
بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمايدۇ؛ بەلكى سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ |
وَأَيُّ مَنْ أَرَادَ أَنْ يَصِيرَ أَوَّلاً فِيكُمْ، فَلْيَكُنْ لِلْجَمِيعِ عَبْداً. | ٤٤ 44 |
ۋە كىم ئاراڭلاردا بىرىنچى بولۇشنى ئىستىسە، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن. |
فَحَتَّى ابْنُ الإِنْسَانِ قَدْ جَاءَ لَا لِيُخْدَمَ، بَلْ لِيَخْدِمَ وَيَبْذِلَ نَفْسَهُ فِدْيَةً عَنْ كَثِيرِينَ». | ٤٥ 45 |
چۈنكى ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى. |
ثُمَّ وَصَلُوا إِلَى أَرِيحَا. وَبَيْنَمَا كَانَ خَارِجاً مِنْ أَرِيحَا، وَمَعَهُ تَلامِيذُهُ وَجَمْعٌ كَبِيرٌ، كَانَ بَارْتِيمَاوُسُ الأَعْمَى – ابْنُ تِيمَاوُسَ، جَالِساً عَلَى جَانِبِ الطَّرِيقِ يَسْتَعْطِي. | ٤٦ 46 |
ئۇلار يېرىخو شەھىرىگە كەلدى. [ئەيسا] مۇخلىسلىرى ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە يېرىخودىن چىققان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. |
وَإِذْ سَمِعَ أَنَّ ذَاكَ هُوَ يَسُوعُ النَّاصِرِيُّ، أَخَذَ يَصْرُخُ قَائِلاً: «يَا يَسُوعُ ابْنَ دَاوُدَ، ارْحَمْنِي!» | ٤٧ 47 |
ئۇ «ناسارەتلىك ئەيسا»نىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ توۋلاشقا باشلىدى. |
فَزَجَرَهُ كَثِيرُونَ لِيَسْكُتَ، وَلكِنَّهُ صَرخَ أَكْثَرَ: «يَا ابْنَ دَاوُدَ، ارْحَمْنِي». | ٤٨ 48 |
نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى «ئۈن چىقارما» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىدى. |
فَتَوَقَّفَ يَسُوعُ وَقَالَ: «اُدْعُوهُ!» فَدَعَوْا الأَعْمَى قَائِلِينَ: «تَشَجَّعْ، اِنْهَضْ! إِنَّهُ يَدْعُوكَ!» | ٤٩ 49 |
ئەيسا توختاپ: ئۇنى چاقىرىڭلار، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قارىغۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! ــ دېيىشتى. |
فَهَبَّ مُتَّجِهاً إِلَى يَسُوعَ طَارِحاً عَنْهُ رِدَاءَهُ. | ٥٠ 50 |
ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى. |
وَسَأَلَهُ يَسُوعُ: «مَاذَا تُرِيدُ أَنْ أَفْعَلَ لَكَ؟» فَأَجَابَهُ الأَعْمَى: «يَا سَيِّدِي، أَنْ أُبْصِرَ!» | ٥١ 51 |
ئەيسا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: ــ سەن مېنى نېمە قىل دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. قارىغۇ: ــ ئى ئىگەم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُ يَسُوعُ: «اذْهَبْ! إِيمَانُكَ قَدْ شَفَاكَ». وَفِي الْحَالِ أَبْصَرَ، وَتَبِعَ يَسُوعَ فِي الطَّرِيقِ. | ٥٢ 52 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يولۇڭغا قايتساڭ بولىدۇ، ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇئان كۆرەلەيدىغان بولدى ۋە يول بويى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. |