وَاقْتَرَبَ عِيدُ الْفَطِيرِ، الْمَعْرُوفُ بِالْفِصْحِ | ١ 1 |
ئەمدى پېتىر نان ھېيتى («ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېقىنلىشىپ قالغانىدى. |
وَمَازَالَ رُؤَسَاءُ الْكَهَنَةِ وَالْكَتَبَةُ يَسْعَوْنَ كَيْ يَقْتُلُوا يَسُوعَ، لأَنَّهُمْ كَانُوا خَائِفِينَ مِنَ الشَّعْبِ. | ٢ 2 |
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ئۆلۆمگە مەھكۇم قىلىشقا ئامال ئىزدەپ يۈرەتتى؛ چۈمكى ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى. |
وَدَخَلَ الشَّيْطَانُ فِي يَهُوذَا الْمُلَقَّبِ بِالإِسْخَرْيُوطِيِّ، وَهُوَ فِي عِدَادِ الاِثْنَيْ عَشَرَ. | ٣ 3 |
شۇ پەيتتە ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان، ئىشقارىيوت دەپ ئاتالغان يەھۇدانىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى. |
فَمَضَى وَتَكَلَّمَ مَعَ رُؤَسَاءِ الْكَهَنَةِ وَقُوَّادِ حَرَسِ الْهَيْكَلِ كَيْفَ يُسَلِّمُهُ إِلَيْهِمْ. | ٤ 4 |
ئۇ بېرىپ باش كاھىنلار ۋە ئىبادەتخانا پاسىبان بەگلىرى بىلەن ئەيسانى قانداق قىلىپ ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. |
فَفَرِحُوا، وَاتَّفَقُوا أَنْ يُعْطُوهُ بَعْضَ الْمَالِ. | ٥ 5 |
ئۇلار ئىنتايىن خۇش بولۇپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە كېلىشتى. |
فَرَضِيَ، وَأَخَذَ يَتَحَيَّنُ فُرْصَةً لِيُسَلِّمَهُ إِلَيْهِمْ بَعِيداً عَنِ الْجَمْعِ. | ٦ 6 |
يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ئۇنى خالايىقتىن ئايرىم قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە كىرىشتى. |
وَجَاءَ يَوْمُ الْفَطِيرِ الَّذِي كَانَ يَجِبُ أَنْ يُذْبَحَ فِيهِ (حَمَلُ) الْفِصْحِ. | ٧ 7 |
ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ [بىرىنچى] كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. شۇ كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاتاپ قۇربانلىق [قوزا] سويۇلاتتى. |
فَأَرْسَلَ يَسُوعُ بُطْرُسَ وَيُوحَنَّا قَائِلاً: «اذْهَبَا وَجَهِّزَا لَنَا الْفِصْحَ، لِنَأْكُلَ!» | ٨ 8 |
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: ــ بېرىپ بىزگە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ [قوزىسىنى] بىرگە يېگىلى تەييارلاڭلار، ــ دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى. |
فَسَأَلاهُ: «أَيْنَ تُرِيدُ أَنْ نُجَهِّزَ؟» | ٩ 9 |
ــ قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. |
فَقَالَ لَهُمَا: «حَالَمَا تَدْخُلانِ الْمَدِينَةَ، يُلاقِيكُمَا إِنْسَانٌ يَحْمِلُ جَرَّةَ مَاءٍ، فَالْحَقَا بِهِ إِلَى الْبَيْتِ الَّذِي يَدْخُلُهُ. | ١٠ 10 |
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ شەھەرگە كىرسەڭلار، مانا ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار. |
وَقُولا لِرَبِّ ذلِكَ الْبَيْتِ: يَقُولُ لَكَ الْمُعَلِّمُ: أَيْنَ غُرْفَةُ الضُّيُوفِ الَّتِي آكُلُ فِيهَا (حَمَلَ) الْفِصْحِ مَعَ تَلامِيذِي؟ | ١١ 11 |
ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستاز: ــ مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا ئۆي قەيەردە؟ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. |
فَيُرِيكُمَا غُرْفَةً فِي الطَّبَقَةِ الْعُلْيَا، كَبِيرَةً وَمَفْرُوشَةً. هُنَاكَ تُجَهِّزَانِ!» | ١٢ 12 |
ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار. |
فَانْطَلَقَا، وَوَجَدَا كَمَا قَالَ لَهُمَا، وَجَهَّزَا الْفِصْحَ. | ١٣ 13 |
شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بېرىۋىدى، ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى. |
وَلَمَّا حَانَتِ السَّاعَةُ، اتَّكَأَ وَمَعَهُ الرُّسُلُ، | ١٤ 14 |
ئەمدى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇردى؛ ئون ئىككى روسۇل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى. |
وَقَالَ لَهُمْ: «اشْتَهَيْتُ بِشَوْقٍ أَنْ آكُلَ هَذَا الْفِصْحَ مَعَكُمْ قَبْلَ أَنْ أَتَأَلَّمَ. | ١٥ 15 |
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، سىلەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىغا ھەمداستىخاندا بولۇشقا تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. |
فَإِنِّي أَقُولُ لَكُمْ: لَنْ آكُلَ مِنْهُ بَعْدُ، حَتَّى يَتَحَقَّقَ فِي مَلَكُوتِ اللهِ». | ١٦ 16 |
چۈنكى سىلەرگە ئېيتايكى، بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ [ئەھمىيىتى] خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن، ــ دېدى. |
وَإِذْ تَنَاوَلَ كَأْساً وَشَكَرَ، قَالَ: «خُذُوا هذِهِ وَاقْتَسِمُوهَا بَيْنَكُمْ. | ١٧ 17 |
ئاندىن ئۇ بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، تەشەككۈر ئېيتتى ۋە مۇخلىسلىرىغا: ــ بۇنى ئېلىپ ئاراڭلاردا تەقسىم قىلىپ [ئىچىڭلار]. |
فَإِنِّي أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي لَا أَشْرَبُ مِنْ نِتَاجِ الْكَرْمَةِ حَتَّى يَأْتِيَ مَلَكُوتُ اللهِ!» | ١٨ 18 |
چۈنكى شۇنى ئېيتايكى، مۇندىن كېيىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلمىگۈچە، ھەرگىز ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن، ــ دېدى. |
وَإِذْ أَخَذَ رَغِيفاً، شَكَرَ، وَكَسَّرَ، وَأَعْطَاهُمْ قَائِلاً: «هَذَا جَسَدِي الَّذِي يُبْذَلُ لأَجْلِكُمْ. هَذَا افْعَلُوهُ لِذِكْرِي!» | ١٩ 19 |
ئاندىن ئۇ بىر تال ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: ــ بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، ــ دېدى. |
وَكَذلِكَ أَخَذَ الْكَأْسَ أَيْضاً بَعْدَ الْعَشَاءِ، وَقَالَ: «هَذِهِ الْكَأْسُ هِيَ الْعَهْدُ الْجَدِيدُ بِدَمِي الَّذِي يُسْفَكُ لأَجْلِكُمْ. | ٢٠ 20 |
ئۇ شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىنكى جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ــ بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر. |
ثُمَّ إِنَّ يَدَ الَّذِي يُسَلِّمُنِي هِيَ مَعِي عَلَى الْمَائِدَةِ. | ٢١ 21 |
لېكىن مانا، مېنى تۇتۇپ بەرگۈچىنىڭ قولى مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندىدۇر. |
فَابْنُ الإِنْسَانِ لابُدَّ أَنْ يَمْضِيَ كَمَا هُوَ مَحْتُومٌ، وَلكِنِ الْوَيْلُ لِذلِكَ الرَّجُلِ الَّذِي يُسَلِّمُهُ!» | ٢٢ 22 |
ۋە ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا بېكىتىلگەندەك [ئالەمدىن] كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! |
فَأَخَذُوا يَتَسَاءَلُونَ فِيمَا بَيْنَهُمْ: مَنْ مِنْهُمْ يُوشِكُ أَنْ يَفْعَلَ هَذَا. | ٢٣ 23 |
ئاندىن مۇخلىسلار بىر-بىرىدىن: ــ ئارىمىزدا زادى كىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن؟ ــ دەپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشتى. |
وَقَامَ بَيْنَهُمْ أَيْضاً جِدَالٌ فِي أَيِّهِمْ يُحْسَبُ الأَعْظَمَ. | ٢٤ 24 |
ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىشىمىز كېرەك دېگەن تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. |
فَقَالَ لَهُمْ: «إِنَّ مُلُوكَ الأُمَمِ يَسُودُونَهُمْ، وَأَصْحَابَ السُّلْطَةِ عِنْدَهُمْ يُدْعَوْنَ مُحْسِنِينَ. | ٢٥ 25 |
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئەللەردىكى پادىشاھلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھوقۇقدارلىرى «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتىلىدۇ. |
وَأَمَّا أَنْتُمْ، فَلا يَكُنْ ذلِكَ بَيْنَكُمْ، بَلْ لِيَكُنِ الأَعْظَمُ بَيْنَكُمْ كَالأَصْغَرِ، وَالْقَائِدُ كَالْخَادِمِ. | ٢٦ 26 |
بىراق سىلەر شۇنداق بولماڭلار؛ بەلكى ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكى ئۆزىنى ئەڭ كىچىكىدەك ھېسابلىسۇن ۋە يېتەكچى بولغانلار [ھەممەيلەنگە] خىزمەتكاردەك بولسۇن. |
فَمَنْ هُوَ أَعْظَمُ: الَّذِي يَتَّكِئُ أَمِ الَّذِي يَخْدِمُ؟ أَلَيْسَ الَّذِي يَتَّكِئُ؟ وَلكِنِّي أَنَا فِي وَسَطِكُمْ كَالَّذِي يَخْدِمُ. | ٢٧ 27 |
كىم مەرتىۋىلىك، داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى داستىخاندىكى كۈتكۈچىمۇ؟ داستىخاندا ئولتۇرغىنى ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن بولسام ئاراڭلاردا خىزمىتىڭلاردا بولغۇچى كۈتكۈچىدەكتۇرمەن. |
أَنْتُمْ الَّذِينَ صَمَدْتُمْ مَعِي فِي مِحَنِي. | ٢٨ 28 |
سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر. |
وَأَنَا أُعَيِّنُ لَكُمْ، كَمَا عَيَّنَ لِي أَبِي، مَلَكُوتاً، | ٢٩ 29 |
ۋە خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى بېكىتكەندەك، مەن سىلەرگىمۇ شۇنداق بېكىتىمەن. |
لِكَيْ تَأْكُلُوا وَتَشْرَبُوا عَلَى مَائِدَتِي فِي مَلَكُوتِي، وَتَجْلِسُوا عَلَى عُرُوشٍ تَدِينُونَ أَسْبَاطَ إِسْرَائِيلَ الاِثْنَيْ عَشَرَ». | ٣٠ 30 |
شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. |
وَقَالَ الرَّبُّ «سِمْعَانُ، سِمْعَانُ! هَا إِنَّ الشَّيْطَانَ قَدْ طَلَبَكُمْ لِكَيْ يُغَرْبِلَكُمْ كَمَا يُغَرْبَلُ الْقَمْحُ، | ٣١ 31 |
رەب يەنە [پېترۇسقا]: ــ «ئەي سىمون، سىمون! مانا، شەيتان ھەممىڭلارنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقاپ سىناشنى تىلىگەن. |
وَلكِنِّي تَضَرَّعْتُ لأَجْلِكَ لِكَيْ لَا يَخِيبَ إِيمَانُكَ. وَأَنْتَ، بَعْدَ أَنْ تَرْجِعَ، ثَبِّتْ إِخْوَتَكَ». | ٣٢ 32 |
لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُ: «يَا رَبُّ، إِنِّي مُسْتَعِدٌّ أَنْ أَذْهَبَ مَعَكَ إِلَى السِّجْنِ وَإِلَى الْمَوْتِ مَعاً!» | ٣٣ 33 |
ــ ئى رەب، ــ دېدى پېترۇس، ــ مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن! |
فَقَالَ: «إِنِّي أَقُولُ لَكَ يَا بُطْرُسُ إِنَّ الدِّيكَ لَا يَصِيحُ الْيَوْمَ حَتَّى تَكُونَ قَدْ أَنْكَرْتَ ثَلاثَ مَرَّاتٍ أَنَّكَ تَعْرِفُنِي!» | ٣٤ 34 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى پېترۇس، ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، دېدى. |
ثُمَّ قَالَ لَهُمْ: «حِينَ أَرْسَلْتُكُمْ بِلا صُرَّةِ مَالٍ وَلا كِيسِ زَادٍ وَلا حِذَاءٍ، هَلِ احْتَجْتُمْ إِلَى شَيْءٍ؟» فَقَالُوا: «لا!» | ٣٥ 35 |
ئاندىن، ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرنى ھەميانسىز، خۇرجۇنسىز ۋە كەشسىز [سەپەرگە] ئەۋەتكىنىمدە سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ياق، دېدى. |
فَقَالَ لَهُمْ: «أَمَّا الآنَ، فَمَنْ عِنْدَهُ صُرَّةُ مَالٍ، فَلْيَأْخُذْهَا؛ وَكَذلِكَ مَنْ عِنْدَهُ حَقِيبَةُ زَادٍ. وَمَنْ لَيْسَ عِنْدَهُ، فَلْيَبِعْ رِدَاءَهُ وَيَشْتَرِ سَيْفاً. | ٣٦ 36 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا: ــ لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن. |
فَإِنِّي أَقُولُ لَكُمْ: إِنَّ هَذَا الَّذِي كُتِبَ عُدَّ مَعَ الْمُجْرِمِينَ لابُدَّ أَنْ يَتِمَّ فِيَّ، لأَنَّ كُلَّ نُبُوءَةٍ تَخْتَصُّ بِي لَهَا إِتْمَامٌ!» | ٣٧ 37 |
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن سۆز مەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ ــ دېدى. |
فَقَالُوا: «يَا رَبُّ هَا هُنَا سَيْفَانِ». فَقَالَ لَهُمْ: «كَفَى!» | ٣٨ 38 |
ــ ئى رەب، قارىغىن، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، دېدى ئۇلار. ــ بولدى، يېتىدۇ! ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. |
ثُمَّ انْطَلَقَ وَذَهَبَ كَعَادَتِهِ إِلَى جَبَلِ الزَّيْتُونِ، وَتَبِعَهُ التَّلامِيذُ أَيْضاً. | ٣٩ 39 |
ئاندىن ئۇ چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا يول ئالدى؛ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. |
وَلَمَّا وَصَلَ إِلَى الْمَكَانِ، قَالَ لَهُمْ: «صَلُّوا لِكَيْ لَا تَدْخُلُوا فِي تَجْرِبَةٍ». | ٤٠ 40 |
ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ ئۇلارغا: ــ ئازدۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. |
وَابْتَعَدَ عَنْهُمْ مَسَافَةً تُقَارِبُ رَمْيَةَ حَجَرٍ، وَرَكَعَ يُصَلِّي | ٤١ 41 |
ئاندىن، ئۇلاردىن بىر تاش ئېتىمىچە نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: |
قَائِلاً: «يَا أَبِي، إِنْ شِئْتَ أَبْعِدْ عَنِّي هذِهِ الْكَأْسَ. وَلكِنْ، لِتَكُنْ لَا مَشِيئَتِي بَلْ مَشِيئَتُكَ». | ٤٢ 42 |
ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن ــ دەپ دۇئا قىلدى؛ |
وَظَهَرَ لَهُ مَلاكٌ مِنَ السَّمَاءِ يُشَدِّدُهُ. | ٤٣ 43 |
ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى. |
وَإِذْ كَانَ فِي صِرَاعٍ، أَخَذَ يُصَلِّي بِأَشَدِّ إِلْحَاحٍ؛ حَتَّى إِنَّ عَرَقَهُ صَارَ كَقَطَرَاتِ دَمٍ نَازِلَةٍ عَلَى الأَرْضِ. | ٤٤ 44 |
ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى. |
ثُمَّ قَامَ مِنَ الصَّلاةِ وَجَاءَ إِلَى التَّلامِيذِ، فَوَجَدَهُمْ نَائِمِينَ مِنَ الْحُزْنِ. | ٤٥ 45 |
ئاندىن دۇئاسىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ غەمگە چۆكۈپ ھالسىزلىنىپ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا: |
فَقَالَ لَهُمْ: «مَا بَالُكُمْ نَائِمِينَ؟ قُومُوا وَصَلُّوا لِكَيْ لَا تَدْخُلُوا فِي تَجْرِبَةٍ!» | ٤٦ 46 |
ــ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. |
وَفِيمَا هُوَ يَتَكَلَّمُ، إِذَا جَمْعٌ يَتَقَدَّمُهُمُ الْمَدْعُوُّ يَهُوذَا، وَهُوَ وَاحِدٌ مِنَ الاِثْنَيْ عَشَرَ. فَتَقَدَّمَ إِلَى يَسُوعَ لِيُقَبِّلَهُ. | ٤٧ 47 |
ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياغلاشماستىنلا، بىر توپ ئادەملەر پەيدا بولدى. ئۇلارنى باشلاپ كەلگۈچى ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا دېگەن كىشى ئىدى؛ ئۇ ئەيساغا [سالام بېرىپ] سۆيگىلى قېشىغا باردى. |
فَقَالَ لَهُ يَسُوعُ: «يَا يَهُوذَا، أَبِقُبْلَةٍ تُسَلِّمُ ابْنَ الإِنْسَانِ؟» | ٤٨ 48 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەي يەھۇدا، بىر سۆيۈش بىلەن ئىنسانئوغلىنى تۇتۇپ بېرەرسەنمۇ؟ ــ دېدى. |
فَلَمَّا رَأَى الَّذِينَ حَوْلَهُ مَا يُوشِكُ أَنْ يَحْدُثَ، قَالُوا: «يَا رَبُّ، أَنَضْرِبُ بِالسَّيْفِ؟» | ٤٩ 49 |
ۋە ئەيسانىڭ ئەتراپىدىكىلەر نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ: ــ ئى رەب، قىلىچ بىلەن ئۇرايلىمۇ؟ ــ دېدى. |
وَضَرَبَ أَحَدُهُمْ عَبْدَ رَئِيسِ الْكَهَنَةِ فَقَطَعَ أُذُنَهُ الْيُمْنَى. | ٥٠ 50 |
ۋە ئۇلاردىن بىرى [قىلىچىنى كۆتۈرۈپ]، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى. |
فَأَجَابَ يَسُوعُ قَائِلاً: «قِفُوا عِنْدَ هَذَا الْحَدِّ!» وَلَمَسَ أُذُنَهُ فَشَفَاهُ. | ٥١ 51 |
بىراق ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بولدى، توختا! ــ دېدى؛ ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتتى. |
وَقَالَ يَسُوعُ لِرُؤَسَاءِ الْكَهَنَةِ وَقُوَّادِ حَرَسِ الْهَيْكَلِ وَالشُّيُوخِ، الَّذِينَ أَقْبَلُوا عَلَيْهِ: «أَكَمَا عَلَى لِصٍّ خَرَجْتُمْ بِالسُّيُوفِ وَالْعِصِيِّ؟ | ٥٢ 52 |
ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن باش كاھىنلار، پاسىبان بەگلىرى ۋە ئاقساقاللارغا قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ كەپسىلەرغۇ؟ |
عِنْدَمَا كُنْتُ مَعَكُمْ كُلَّ يَوْمٍ فِي الْهَيْكَلِ، لَمْ تَمُدُّوا أَيْدِيَكُمْ عَلَيَّ. وَلكِنَّ هذِهِ السَّاعَةَ لَكُمْ، وَالسُّلْطَةُ الآنَ لِلظَّلامِ!» | ٥٣ 53 |
مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم، سىلەر قول سالمىدىڭلار. ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر ــ دېدى. |
وَإِذْ قَبَضُوا عَلَيْهِ، سَاقُوهُ حَتَّى دَخَلُوا بِهِ قَصْرَ رَئِيسِ الْكَهَنَةِ. وَتَبِعَهُ بُطْرُسُ مِنْ بَعِيدٍ. | ٥٤ 54 |
ئۇلار ئەيسانى تۇتۇۋېلىپ، باش كاھىننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭدى. |
وَلَمَّا أُشْعِلَتْ نَارٌ فِي سَاحَةِ الدَّارِ وَجَلَسَ بَعْضُهُمْ حَوْلَهَا، جَلَسَ بُطْرُسُ بَيْنَهُمْ. | ٥٥ 55 |
ئەمدى ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت يېقىپ چۆرىسىدە [ئىسسىنىپ] ئولتۇرغاندا، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇردى. |
فَرَأَتْهُ خَادِمَةٌ جَالِساً عِنْدَ الضَّوْءِ، فَدَقَّقَتِ النَّظَرَ فِيهِ، وَقَالَتْ: «وَهَذَا كَانَ مَعَهُ!» | ٥٦ 56 |
ئاندىن ئوتنىڭ نۇرىدا ئۇنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: ــ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىللە ئىدى، ــ دېدى. |
وَلكِنَّهُ أَنْكَرَ قَائِلاً: «يَا امْرَأَةُ، لَسْتُ أَعْرِفُهُ!» | ٥٧ 57 |
لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ ئەي خوتۇن، ئۇنى تونۇمايمەن! ــ دېدى. |
وَبَعْدَ وَقْتٍ قَصِيرٍ رَآهُ آخَرُ فَقَالَ: «وَأَنْتَ مِنْهُمْ!» وَلكِنَّ بُطْرُسَ قَالَ: «يَا إِنْسَانُ، لَيْسَ أَنَا!» | ٥٨ 58 |
ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ: ــ سەنمۇ ئۇلاردىن ئىكەنسەن، ــ دېدى. لېكىن پېترۇس: ــ ئەي بۇرادەر، ئۇنداق ئەمەسمەن! ــ دېدى. |
وَبَعْدَ مُضِيِّ سَاعَةٍ تَقْرِيباً، قَالَ آخَرُ مُؤَكِّداً: «حَقّاً إِنَّ هَذَا كَانَ مَعَهُ أَيْضاً، لأَنَّهُ أَيْضاً مِنَ الْجَلِيلِ!» | ٥٩ 59 |
ئاندىن بىر سائەتچە ئۆتكەندە باشقا بىرەيلەن: ــ دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر، ــ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. |
فَقَالَ بُطْرُسُ: «يَا إِنْسَانُ، لَسْتُ أَدْرِي مَا تَقُولُ!» وَفِي الْحَالِ وَهُوَ مَازَالَ يَتَكَلَّمُ، صَاحَ الدِّيكُ. | ٦٠ 60 |
لېكىن پېترۇس: ــ ھەي بۇرادەر، نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلمەيمەن! ــ دېدى. ۋە ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، خوراز چىللىدى. |
فَالْتَفَتَ الرَّبُّ وَنَظَرَ إِلَى بُطْرُسَ. فَتَذَكَّرَ بُطْرُسُ كَلِمَةَ الرَّبِّ إِذْ قَالَ لَهُ: «قَبْلَ أَنْ يَصِيحَ الدِّيكُ تَكُونُ قَدْ أَنْكَرْتَنِي ثَلاثَ مَرَّاتٍ». | ٦١ 61 |
ئەمدى رەب كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قاراپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن پېترۇس رەبنىڭ سۆزىنى، يەنى: «بۈگۈن خوراز چىللاشتىن ئىلگىرى سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈردى. |
وَانْطَلَقَ إِلَى الْخَارِجِ، وَبَكَى بُكَاءً مُرّاً. | ٦٢ 62 |
ۋە ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. |
أَمَّا الرِّجَالُ الَّذِينَ كَانُوا يَحْرُسُونَ يَسُوعَ، فَقَدْ أَخَذُوا يَسْخَرُونَ مِنْهُ وَيَضْرِبُونَهُ، | ٦٣ 63 |
ئەمدى ئەيسانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ۋە ساۋاپ-دۇمبىلاشقا باشلىدى؛ |
وَيُغَطُّونَ وَجْهَهُ وَيَسْأَلُونَهُ: «تَنَبَّأْ! مَنِ الَّذِي ضَرَبَكَ؟» | ٦٤ 64 |
ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى ئۇرغان كىمدۇ؟ قېنى، بېشارەت بەرگىن! ــ دەپ سوراشتى |
وَوَجَّهُوا إِلَيْهِ شَتَائِمَ أُخْرَى كَثِيرَةً. | ٦٥ 65 |
ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇردى. |
وَلَمَّا طَلَعَ النَّهَارُ، اجْتَمَعَ مَجْلِسُ شُيُوخِ الشَّعْبِ الْمُؤَلَّفُ مِنْ رُؤَسَاءِ الْكَهَنَةِ وَالْكَتَبَةِ، وَسَاقُوهُ أَمَامَ مَجْلِسِهِمْ. | ٦٦ 66 |
تاڭ ئاتقاندا، خەلق ئاقساقاللىرى، يەنى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنى ئۆز كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىپ |
وَقَالُوا: «إِنْ كُنْتَ أَنْتَ الْمَسِيحَ، فَقُلْ لَنَا!» فَقَالَ لَهُمْ: «إِنْ قُلْتُ لَكُمْ، لَا تُصَدِّقُونَ، | ٦٧ 67 |
ئۇنىڭدىن: ــ ئېيتە، سەن مەسىھمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئېيتساممۇ، قەتئىي ئىشەنمەيسىلەر. |
وَإِنْ سَأَلْتُكُمْ، لَا تُجِيبُونَنِي. | ٦٨ 68 |
سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، ھېچ جاۋاب بەرمەيسىلەر. |
إِلّا أَنَّ ابْنَ الإِنْسَانِ مِنَ الآنَ سَيَكُونُ جَالِساً عَنْ يَمِينِ قُدْرَةِ اللهِ!» | ٦٩ 69 |
لېكىن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنسانئوغلى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ، ــ دېدى. |
فَقَالُوا كُلُّهُمْ: «أَأَنْتَ إِذَنِ ابْنُ اللهِ؟» قَالَ لَهُمْ: «أَنْتُمْ قُلْتُمْ، إِنِّي أَنَا هُوَ!» | ٧٠ 70 |
ــ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. ئۇ: ــ دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
فَقَالُوا: «أَيَّةُ حَاجَةٍ بِنَا بَعْدُ إِلَى شُهُودٍ؟ فَهَا نَحْنُ قَدْ سَمِعْنَا مِنْ فَمِهِ!» | ٧١ 71 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ــ ئەمدى باشقا گۇۋاھچىلىقنىڭ بىزگە نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققىنىنى ئاڭلىدۇق! ــ دېيىشتى. |