وَفِيمَا كَانَ يُعَلِّمُ الشَّعْبَ فِي الْهَيْكَلِ ذَاتَ يَوْمٍ، وَيُبَشِّرُ، تَصَدَّى لَهُ رُؤَسَاءُ الْكَهَنَةِ وَالْكَتَبَةُ مَعَ الشُّيُوخِ، | ١ 1 |
ۋە شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: |
وَخَاطَبُوهُ قَائِلِينَ: «قُلْ لَنَا بِأَيَّةِ سُلْطَةٍ تَفْعَلُ مَا فَعَلْتَ؟ أَوْ مَنْ مَنَحَكَ هذِهِ السُّلْطَةَ؟» | ٢ 2 |
ــ بىزگە ئېيتقىن: سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَأَجَابَهُمْ يَسُوعُ قَائِلاً: «وَأَنَا أَيْضاً أَسْأَلُكُمْ أَمْراً وَاحِداً، فَأَجِيبُونِي عَنْهُ: | ٣ 3 |
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر ئىشنى سوراي؛ سىلەر ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ، |
أَمِنَ السَّمَاءِ كَانَتْ مَعْمُودِيَّةُ يُوحَنَّا أَمْ مِنَ النَّاسِ؟» | ٤ 4 |
ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَتَشَاوَرُوا فِيمَا بَيْنَهُمْ قَائِلِينَ: «إِنْ قُلْنَا: مِنَ السَّمَاءِ، يَقُولُ: وَلِمَاذَا لَمْ تُؤْمِنُوا بِهِ؟ | ٥ 5 |
ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن [يەھياغا] ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. |
وَإِنْ قُلْنَا: مِنَ النَّاسِ، يَرْجُمُنَا الشَّعْبُ كُلُّهُ، لأَنَّهُمْ مُقْتَنِعُونَ أَنَّ يُوحَنَّا كَانَ نَبِيًّا». | ٦ 6 |
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، بۇ بارلىق خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن، ــ دېيىشتى. |
فَأَجَابُوا أَنَّهُمْ لَا يَعْرِفُونَ مِنْ أَيْنَ هِيَ. | ٧ 7 |
ۋە ئۇلار: ــ [ئۇنىڭ] [ھوقۇقىنىڭ] قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. |
فَقَالَ لَهُمْ يَسُوعُ: «وَأَنَا لَا أَقُولُ لَكُمْ بِأَيَّةِ سُلْطَةٍ أَفْعَلُ مَا فَعَلْتُ!» | ٨ 8 |
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى. |
وَأَخَذَ يُكَلِّمُ الشَّعْبَ بِهَذَا الْمَثَلِ: «غَرَسَ إِنْسَانٌ كَرْماً وَسَلَّمَهُ إِلَى مُزَارِعِينَ، وَسَافَرَ مُدَّةً طَوِيلَةً. | ٩ 9 |
ئۇ خالايىققا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا بېرىپ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. |
وَفِي مَوْسِمِ الْحَصَادِ أَرْسَلَ إِلَى الْمُزَارِعِينَ عَبْداً، لِكَيْ يُعْطُوهُ مِنْ ثَمَرِ الْكَرْمِ. وَلكِنَّ الْمُزَارِعِينَ ضَرَبُوهُ وَرَدُّوهُ فَارِغَ الْيَدَيْنِ. | ١٠ 10 |
ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ. |
فَعَادَ وَأَرْسَلَ عَبْداً آخَرَ. إِلّا أَنَّهُمْ ضَرَبُوهُ أَيْضاً وَأَهَانُوهُ وَرَدُّوهُ فَارِغَ الْيَدَيْنِ. | ١١ 11 |
ئۇ يەنە باشقا بىر قۇلنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىمۇ دۇمبالاپ، خارلاپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇۋېتىپتۇ. |
ثُمَّ عَادَ وَأَرْسَلَ عَبْداً ثَالِثاً، فَجَرَّحُوهُ وَطَرَحُوهُ خَارِجَ الْكَرْمِ. | ١٢ 12 |
ئۇ يەنە ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتىپتۇ؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، تالاغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. |
فَقَالَ رَبُّ الْكَرْمِ: مَاذَا أَفْعَلُ؟ سَأُرْسِلُ ابْنِي الْحَبِيبَ، لَعَلَّهُمْ يَهَابُونَهُ! | ١٣ 13 |
[ئاخىردا] ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ. |
وَلكِنْ مَا إِنْ رَآهُ الْمُزَارِعُونَ، حَتَّى تَشَاوَرُوا فِيمَا بَيْنَهُمْ قَائِلِينَ: هَذَا هُوَ الْوَرِيثُ، فَلْنَقْتُلْهُ لِيَصِيرَ الْمِيرَاثُ لَنَا. | ١٤ 14 |
بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ. |
فَطَرَحُوهُ خَارِجَ الْكَرْمِ وَقَتَلُوهُ. فَمَاذَا إِذَنْ يَفْعَلُ رَبُّ الْكَرْمِ بِهِمْ؟ | ١٥ 15 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟ |
إِنَّهُ يَأْتِي وَيُهْلِكُ أُولئِكَ الْمُزَارِعِينَ، وَيُسَلِّمُ الْكَرْمَ إِلَى غَيْرِهِمْ». فَلَمَّا سَمِعُوا ذلِكَ، قَالُوا «حَاشَا!» | ١٦ 16 |
ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ». خالايىق بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولمىسۇن! ــ دېيىشتى. |
وَلكِنَّهُ نَظَرَ إِلَيْهِمْ وَقَالَ: «إِذَنْ مَا مَعْنَى هذِهِ الآيَةِ الْمَكْتُوبَةِ: الْحَجَرُ الَّذِي رَفَضَهُ الْبُنَاةُ، هُوَ نَفْسُهُ صَارَ حَجَرَ الزَّاوِيَةِ؟ | ١٧ 17 |
لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: ــ ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ |
مَنْ يَقَعُ عَلَى هَذَا الْحَجَرِ يَتَكَسَّرُ، وَمَنْ يَقَعُ الْحَجَرُ عَلَيْهِ يَسْحَقُهُ سَحْقاً؟» | ١٨ 18 |
بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. |
فَسَعَى رُؤَسَاءُ الْكَهَنَةِ وَالْكَتَبَةُ إِلَى إلْقَاءِ الْقَبْضِ عَلَيْهِ فِي تِلْكَ السَّاعَةِ عَيْنِهَا، وَلكِنَّهُمْ خَافُوا الشَّعْبَ، فَقَدْ أَدْرَكُوا أَنَّهُ عَنَاهُمْ بِهَذَا الْمَثَلِ. | ١٩ 19 |
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى. |
فَجَعَلُوا يُرَاقِبُونَهُ، وَبَثُّوا حَوْلَهُ جَوَاسِيسَ يَتَظَاهَرُونَ أَنَّهُمْ أَبْرَارٌ، لِكَيْ يُمْسِكُوهُ بِكَلِمَةٍ يَقُولُهَا، فَيُسَلِّمُوهُ إِلَى قَضَاءِ الْحَاكِمِ وَسُلْطَتِهِ. | ٢٠ 20 |
شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى [رىم] ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى. |
فَقَالُوا يَسْأَلُونَهُ: «يَا مُعَلِّمُ، نَعْلَمُ أَنَّكَ تَتَكَلَّمُ وَتُعَلِّمُ بِالصِّدْقِ، فَلا تُرَاعِي مَقَامَاتِ النَّاسِ، بَلْ تُعَلِّمُ طَرِيقَ اللهِ بِالْحَقِّ: | ٢١ 21 |
ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى: ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى [قەتئىي] قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز. |
أَفَيَحِلُّ لَنَا أَنْ نَدْفَعَ الْجِزْيَةَ لِلْقَيْصَرِ، أَمْ لا؟» | ٢٢ 22 |
[رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟». |
فَأَدْرَكَ مَكْرَهُمْ، وَقَالَ لَهُمْ: | ٢٣ 23 |
ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ |
«أَرُونِي دِينَاراً: لِمَنِ الصُّورَةُ وَالنَّقْشُ عَلَيْهِ؟» فَأَجَابُوا: «لِلْقَيْصَرِ!» | ٢٤ 24 |
ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: قەيسەرنىڭكى، ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُمْ: «إِذَنْ، أَعْطُوا مَا لِلْقَيْصَرِ لِلْقَيْصَرِ، وَمَا لِلهِ لِلهِ». | ٢٥ 25 |
ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. |
فَلَمْ يَتَمَكَّنُوا مِنَ الإِيقَاعِ بِهِ أَمَامَ الشَّعْبِ بِكَلِمَةٍ يَقُولُهَا، فَسَكَتُوا مَدْهُوشِينَ مِمَّا سَمِعُوا. | ٢٦ 26 |
ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيرانۇھەس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى. |
وَتَصَدَّى لَهُ بَعْضُ الصَّدُّوقِيِّينَ الَّذِينَ يُنْكِرُونَ أَمْرَ الْقِيَامَةِ، وَسَأَلُوهُ قَائِلِينَ: | ٢٧ 27 |
ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى: |
«يَا مُعَلِّمُ، كَتَبَ لَنَا مُوسَى: إِنْ مَاتَ لأَحَدٍ أَخٌ مُتَزَوِّجٌ وَلَيْسَ لَهُ وَلَدٌ، فَعَلَى أَخِيهِ أَنْ يَتَزَوَّجَ بِأَرْمَلَتِهِ وَيُقِيمَ نَسْلاً عَلَى اسْمِ أَخِيهِ. | ٢٨ 28 |
ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا] بىزگە: «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ دەپ يازغان. |
فَقَدْ كَانَ هُنَاكَ سَبْعَةُ إِخْوَةٍ، اتَّخَذَ أَوَّلُهُمْ زَوْجَةً ثُمَّ مَاتَ دُونَ وَلَدٍ، | ٢٩ 29 |
ئەمدى يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. |
فَتَزَوَّجَ الثَّانِي بِالأَرْمَلَةِ، | ٣٠ 30 |
ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. |
ثُمَّ اتَّخَذَهَا الثَّالِثُ، حَتَّى تَزَوَّجَ بِها السَّبْعَةُ وَمَاتُوا دُونَ أَنْ يُخَلِّفُوا وَلَداً. | ٣١ 31 |
ئاندىن ئۈچىنچىسى ئۇنى ئالدى؛ شۇنداق قىلىپ، يەتتىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. |
وَمِنْ بَعْدِهِمْ جَمِيعاً مَاتَتِ الْمَرْأَةُ أَيْضاً. | ٣٢ 32 |
ھەممىسىدىن كېيىن ئايالمۇ ئۆلدى. |
فَفِي الْقِيَامَةِ لِمَنْ مِنْهُمْ تَكُونُ الْمَرْأَةُ زَوْجَةً، فَقَدْ كَانَتْ زَوْجَةً لِكُلٍّ مِنَ السَّبْعَةِ». | ٣٣ 33 |
ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭكى بولار؟ چۈنكى يەتتىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە؟! |
فَرَدَّ عَلَيْهِمْ يَسُوعُ قَائِلاً: «أَبْنَاءُ الزَّمَانِ الْحَاضِرِ يُزَوِّجُونَ وَيَتَزَوَّجُونَ. (aiōn g165) | ٣٤ 34 |
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيلىنىدۇ، ياتلىق بولىدۇ. (aiōn g165) |
أَمَّا الَّذِينَ حُسِبُوا أَهْلاً لِلْمُشَارَكَةِ فِي الزَّمَانِ الآتِي وَالْقِيَامَةِ مِنْ بَيْنِ الأَمْوَاتِ، فَلا يُزَوِّجُونَ وَلا يَتَزَوَّجُونَ. (aiōn g165) | ٣٥ 35 |
لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. (aiōn g165) |
إِذْ لَا يُمْكِنُ أَنْ يَمُوتُوا أَيْضاً بَعْدَ ذَلِكَ، لأَنَّهُمْ يَكُونُونَ مِثْلَ الْمَلائِكَةِ، وَهُمْ أَبْنَاءُ اللهِ لِكَوْنِهِمْ أَبْنَاءَ الْقِيَامَةِ. | ٣٦ 36 |
چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر. |
وَأَمَّا أَنَّ الْمَوْتَى يَقُومُونَ، فَحَتَّى مُوسَى أَشَارَ إِلَى ذَلِكَ فِي الْحَدِيثِ عَنِ الْعُلَّيْقَةِ، حَيْثُ يَدْعُو الرَّبَّ إِلهَ إِبْرَاهِيمَ وَإِلَهَ إِسْحَاقَ وَإِلَهَ يَعْقُوبَ. | ٣٧ 37 |
ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى ھەتتا مۇسا [پەيغەمبەر] ئۆزىمۇ ئايان قىلغان؛ چۈنكى [تەۋراتتىكى] «تىكەنلىك» دېگەن ۋەقەنىڭ خاتىرىسىدە ئۇ پەرۋەردىگارنى: «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى» دەپ بايان قىلغان. |
وَلكِنَّ اللهَ لَيْسَ إِلهَ أَمْوَاتٍ بَلْ هُوَ إِلهُ أَحْيَاءَ، فَإِنَّ الْجَمِيعَ يَحْيَوْنَ لَدَيْهِ!» | ٣٨ 38 |
ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر! |
فَقَالَ بَعْضُ الْكَتَبَةِ: «يَا مُعَلِّمُ، أَحْسَنْتَ الْكَلامَ!» | ٣٩ 39 |
شۇنىڭ بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرقانچىسى باھا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭ، ــ دېدى. |
وَلَمْ يَجْرُؤْ أَحَدٌ بَعْدَ ذَلِكَ أَنْ يَسْأَلَهُ شَيْئاً. | ٤٠ 40 |
چۈنكى ئۇلاردىن ھېچكىم يەنە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. |
وَقَالَ لَهُمْ: «كَيْفَ يُقَالُ إِنَّ الْمَسِيحَ هُوَ ابْنُ دَاوُدَ، | ٤١ 41 |
ئەمدى ئۇ ئۇلارغا سوئال قويدى: ــ كىشىلەر مەسىھنى قانداقسىگە داۋۇتنىڭ ئوغلى دەيدۇ؟ |
فِيمَا يَقُولُ دَاوُدُ نَفْسُهُ فِي كِتَابِ الْمَزَامِيرِ: قَالَ الرَّبُّ لِرَبِّي: اجْلِسْ عَنْ يَمِينِي | ٤٢ 42 |
چۈنكى داۋۇت ئۆزى زەبۇردا: پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دېگەنغۇ؟ |
حَتَّى أَضَعَ أَعْدَاءَكَ مَوْطِئاً لِقَدَمَيْكَ؟ | ٤٣ 43 |
إِذَنْ، دَاوُدُ يَدْعُوهُ رَبّاً، فَكَيْفَ يَكُونُ ابْنَهُ؟» | ٤٤ 44 |
ئەمما داۋۇت ئۇنى «رەببىم» دەپ چاقىرغان يەردە، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ |
وَفِيمَا كَانَ جَمِيعُ الشَّعْبِ يُصْغُونَ، قَالَ لِتَلامِيذِهِ: | ٤٥ 45 |
ۋە بارلىق خالايىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ |
«احْذَرُوا مِنَ الْكَتَبَةِ الَّذِينَ يَرْغَبُونَ التَّجَوُّلَ بِالأَثْوَابِ الْفَضْفَاضَةِ، وَيُحِبُّونَ تَلَقِّي التَّحِيَّاتِ فِي السَّاحَاتِ الْعَامَّةِ، وَصُدُورَ الْمَجَالِسِ فِي الْمَجَامِعِ، وَأَمَاكِنَ الصَّدَارَةِ فِي الْوَلائِمِ؛ | ٤٦ 46 |
ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا غادىيىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان سالاملىرىغا، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. |
يَلْتَهِمُونَ بُيُوتَ الأَرَامِلِ وَيَتَبَاهُونَ بِإِطَالَةِ الصَّلَوَاتِ. هؤُلاءِ سَتَنْزِلُ بِهِمْ دَيْنُونَةٌ أَقْسَى!» | ٤٧ 47 |
ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ! |