وَفِي ذلِكَ الزَّمَانِ، أَصْدَرَ الْقَيْصَرُ أُغُسْطُسُ مَرْسُوماً يَقْضِي بِإِحْصَاءِ سُكَّانِ الإِمْبِرَاطُورِيَّةِ. | ١ 1 |
ئەمدى شۇ كۈنلەردە، [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەر ئاۋغۇستۇستىن بارلىق خەلقتىن باج ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رويخېتى تىزىملانسۇن دەپ پەرمان چۈشتى. |
وَقَدْ تَمَّ هَذَا الإِحْصَاءُ الأَوَّلُ عِنْدَمَا كَانَ كِيرِينِيُوسُ حَاكِماً لِسُورِيَّةَ. | ٢ 2 |
تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۇرىيە ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. |
فَذَهَبَ الْجَمِيعُ لِيُسَجَّلُوا، كُلُّ وَاحِدٍ إِلَى بَلْدَتِهِ. | ٣ 3 |
شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىش كېرەك بولدى. |
وَصَعِدَ يُوسُفُ أَيْضاً مِنْ مَدِينَةِ النَّاصِرَةِ بِمِنْطَقَةِ الْجَلِيلِ إِلَى مَدِينَةِ دَاوُدَ الْمَدْعُوَّةِ بَيْتَ لَحْمٍ بِمِنْطَقَةِ الْيَهُودِيَّةِ، لأَنَّهُ كَانَ مِنْ بَيْتِ دَاوُدَ وَعَشِيرَتِهِ، | ٤ 4 |
يۈسۈپمۇ داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا، گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى، داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەرگە كەتتى. |
لِيَتَسَجَّلَ هُنَاكَ مَعَ مَرْيَمَ الْمَخْطُوبَةِ لَهُ، وَهِيَ حُبْلَى. | ٥ 5 |
نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن لايىقى، بولغۇسى ئايالى مەريەممۇ بىللە باردى. مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغانىدى. |
وَبَيْنَمَا كَانَا هُنَاكَ، تَمَّ زَمَانُهَا لِتَلِدَ، | ٦ 6 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمدە تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. |
فَوَلَدَتِ ابْنَهَا الْبِكْرَ، وَلَفَّتْهُ بِقِمَاطٍ، وَأَنَامَتْهُ فِي مِذْوَدٍ، إِذْ لَمْ يَكُنْ لَهُمَا مُتَّسَعٌ فِي الْمَنْزِلِ. | ٧ 7 |
بىراق سارايدا ئۇلارغا ئورۇن بولمىغاچقا، مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ئۇنى زاكىلاپ، ئېغىلدىكى ئوقۇرغا ياتقۇزدى. |
وَكَانَ فِي تِلْكَ الْمِنْطَقَةِ رُعَاةٌ يَبِيتُونَ فِي الْعَرَاءِ، يَتَنَاوَبُونَ حِرَاسَةَ قَطِيعِهِمْ فِي اللَّيْلِ. | ٨ 8 |
شۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى پادىچىلار دالادا تۇراتتى؛ ئۇلار كېچىچە تۈنەپ، پادىسىغا قارايتتى. |
وَإذَا مَلاكٌ مِنْ عِنْدِ الرَّبِّ قَدْ ظَهَرَ لَهُمْ، وَمَجْدُ الرَّبِّ أَضَاءَ حَوْلَهُمْ، فَخَافُوا أَشَدَّ الْخَوْفِ. | ٩ 9 |
ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق شەرىپى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن بەك قورقۇپ كەتتى. |
فَقَالَ لَهُمُ الْمَلاكُ: «لا تَخَافُوا! فَهَا أَنَا أُبَشِّرُكُمْ بِفَرَحٍ عَظِيمٍ يَعُمُّ الشَّعْبَ كُلَّهُ: | ١٠ 10 |
بىراق پەرىشتە ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! چۈنكى مانا، پۈتۈن خەلققە خۇشاللىق بولىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئېلان قىلىمەن. |
فَقَدْ وُلِدَ لَكُمُ الْيَوْمَ فِي مَدِينَةِ دَاوُدَ مُخَلِّصٌ هُوَ الْمَسِيحُ الرَّبُّ. | ١١ 11 |
چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ ــ رەب مەسىھدۇر! |
وَهذِهِ هِيَ الْعَلامَةُ لَكُمْ. تَجِدُونَ طِفْلاً مَلْفُوفاً بِقِمَاطٍ وَنَائِماً فِي مِذْوَدٍ». | ١٢ 12 |
[ئۇنى] تېپىشىڭلار [ئۈچۈن] شۇ ئالامەت بولىدۇكى، بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر، ــ دېدى. |
وَفَجْأَةً ظَهَرَ مَعَ الْمَلاكِ جُمْهُورٌ مِنَ الْجُنْدِ السَّمَاوِيِّ، يُسَبِّحُونَ اللهَ قَائِلِينَ: | ١٣ 13 |
بىردىنلا، پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا زور بىر توپ ساماۋى قوشۇندىكىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ: |
«الْمَجْدُ لِلهِ فِي الأَعَالِي، وَعَلَى الأَرْضِ السَّلامُ؛ وَبِالنَّاسِ الْمَسَرَّةُ!» | ١٤ 14 |
«ئەرشىئەلادا خۇداغا شان-شەرەپلەر بولغاي! يەر يۈزىدە بولسا ئۇ سۆيۈنىدىغان بەندىلىرىگە ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!» دېيىشتى. |
وَلَمَّا انْصَرَفَ الْمَلائِكَةُ عَنِ الرُّعَاةِ إِلَى السَّمَاءِ، قَالَ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ: «لِنَذْهَبْ إِذَنْ إِلَى بَيْتِ لَحْمٍ، وَنَنْظُرْ هَذَا الأَمْرَ الَّذِي حَدَثَ وَقَدْ أَعْلَمَنَا بِهِ الرَّبُّ!» | ١٥ 15 |
پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋىدى، پادىچىلار بىر-بىرىگە: ــ بەيت-لەھەمگە يول ئېلىپ، پەرۋەردىگار بىزگە ئۇقتۇرغان، ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ ئىشنى كۆرۈپ كېلەيلى، ــ دېيىشتى. |
وَجَاءُوا مُسْرِعِينَ، فَوَجَدُوا مَرْيَمَ وَيُوسُفَ، وَالطِّفْلَ نَائِماً فِي الْمِذْوَدِ. | ١٦ 16 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ شەھەرگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى ۋە ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى ئىزدەپ تاپتى. |
فَلَمَّا رَأَوْا ذلِكَ، أَخَذُوا يُخْبِرُونَ بِمَا قِيلَ لَهُمْ بِخُصُوصِ هَذَا الطِّفْلِ. | ١٧ 17 |
پادىچىلار [بوۋاقنى] كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىگە ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغان سۆزلەرنى كەڭ تارقىتىۋەتتى. |
وَجَمِيعُ الَّذِينَ سَمِعُوا بِذلِكَ دُهِشُوا مِمَّا قَالَهُ لَهُمُ الرُّعَاةُ. | ١٨ 18 |
بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. |
وَأَمَّا مَرْيَمُ، فَكَانَتْ تَحْفَظُ هذِهِ الأُمُورَ جَمِيعاً، وَتَتَأَمَّلُهَا فِي قَلْبِهَا. | ١٩ 19 |
مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ يۈرەتتى. |
ثُمَّ رَجَعَ الرُّعَاةُ يُمَجِّدُونَ اللهَ وَيُسَبِّحُونَهُ عَلَى كُلِّ مَا سَمِعُوهُ وَرَأَوْهُ كَمَا قِيلَ لَهُمْ. | ٢٠ 20 |
پادىچىلار كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، مەدھىيە ئوقۇشقان پېتى قايتىشتى؛ بارلىق ئىشلار دەل ئۇلارغا خەۋەرلەندۈرۈلگەندەك بولۇپ چىققانىدى. |
وَلَمَّا تَمَّتْ ثَمَانِيَةُ أَيَّامٍ لِيُخْتَنَ الطِّفْلُ، سُمِّيَ يَسُوعَ، كَمَا كَانَ قَدْ سُمِّيَ بِلِسَانِ الْمَلاكِ قَبْلَ أَنْ يُحْبَلَ بِهِ فِي الْبَطْنِ. | ٢١ 21 |
بوۋاقنى خەتنە قىلىش ۋاقتى، يەنى سەككىزىنچى كۈنى توشقاندا، ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. پەرىشتە بۇ ئىسىمنى ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاپىرىدە بولمايلا قويغانىدى. |
ثُمَّ لَمَّا تَمَّتِ الأَيَّامُ لِتَطْهِيرِهَا حَسَبَ شَرِيعَةِ مُوسَى، صَعِدَا بِهِ إِلَى أُورُشَلِيمَ لِيُقَدِّمَاهُ إِلَى الرَّبِّ، | ٢٢ 22 |
ئەمدى مۇسا [پەيغەمبەرگە] چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا ئۇلار بالىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى |
كَمَا كُتِبَ فِي شَرِيعَةِ الرَّبِّ: «كُلُّ بِكْرٍ مِنَ الذُّكُورِ يُدْعَى قُدْساً لِلرَّبِّ»، | ٢٣ 23 |
(پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا: «بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك) |
وَلِيُقَدِّمَا ذَبِيحَةً كَمَا يُوصَى فِي شَرِيعَةِ الرَّبِّ: «زَوْجَيْ يَمَامٍ، أَوْ فَرْخَيْ حَمَامٍ». | ٢٤ 24 |
ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك ئىدى. |
وَكَانَ فِي أُورُشَلِيمَ رَجُلٌ اسْمُهُ سِمْعَانُ، وَهُوَ رَجُلٌ بَارٌّ تَقِيٌّ يَنْتَظِرُ الْعَزَاءَ لإِسْرَائِيلَ وَكَانَ الرُّوحُ الْقُدُسُ عَلَيْهِ. | ٢٥ 25 |
ۋە مانا شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا سىمېئون ئىسىملىك بىر كىشى تۇراتتى. ئۇ ھەم ھەققانىي ۋە ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، «ئىسرائىلغا تەسەللى بەرگۈچى»نى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يار ئىدى. |
وَكَانَ الرُّوحُ الْقُدُسُ قَدْ أَوْحَى إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا يَرَى الْمَوْتَ قَبْلَ أَنْ يَرَى مَسِيحَ الرَّبِّ، | ٢٦ 26 |
ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھىنى كۆرمىگۈچە ئۆلۈم كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. |
وَقَدْ جَاءَ إِلَى الْهَيْكَلِ بِدَافِعٍ مِنَ الرُّوحِ. فَلَمَّا أَحْضَرَ الأَبَوَانِ الطِّفْلَ يَسُوعَ لِيُقَدِّمَا عَنْهُ مَا سُنَّ فِي الشَّرِيعَةِ، | ٢٧ 27 |
ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ باشلىشى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ [ھويلىلىرىغا] كىردى؛ ئاتا-ئانىسى تەۋراتتا بېكىتىلگەن ئادەتنى بېجىرىش ئۈچۈن بوۋاق ئەيسانى كۆتۈرۈپ كىرگەندە، |
حَمَلَهُ عَلَى ذِرَاعَيْهِ وَبَارَكَ اللهَ، وَقَالَ: | ٢٨ 28 |
سىمېئون بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ |
«أَيُّهَا السَّيِّدُ، الآنَ تُطْلِقُ عَبْدَكَ بِسَلامٍ حَسَبَ وَعْدِكَ! | ٢٩ 29 |
«ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن؛ |
فَإِنَّ عَيْنَيَّ قَدْ أَبْصَرَتَا خَلاصَكَ | ٣٠ 30 |
چۈنكى ئۆز كۆزۈم سېنىڭ نىجاتىڭنى كۆردى، |
الَّذِي هَيَّأْتَهُ لِتُقَدِّمَهُ إِلَى الشُّعُوبِ كُلِّهَا، | ٣١ 31 |
ئۇنى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا ھازىرلىغانسەن؛ |
نُورَ هِدَايَةٍ لِلأُمَمِ وَمَجْداً لِشَعْبِكَ إِسْرَائِيلَ». | ٣٢ 32 |
ئۇ ئەللەرگە ۋەھىي بولىدىغان نۇر، ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىدۇر!» |
وَكَانَ أَبُوهُ وَأُمُّهُ يَتَعَجَّبَانِ مِنْ هَذَا الْكَلامِ الَّذِي قِيلَ فِيهِ. | ٣٣ 33 |
بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالا ھەققىدە ئېيتىلغانلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. |
فَبَارَكَهُمَا سِمْعَانُ، وَقَالَ لِمَرْيَمَ أُمِّ الطِّفْلِ: «هَا إِنَّ هَذَا الطِّفْلَ قَدْ جُعِلَ لِسُقُوطِ كَثِيرِينَ وَقِيَامِ كَثِيرِينَ فِي إِسْرَائِيلَ، وَعَلامَةً تُقَاوَمُ | ٣٤ 34 |
سىمېئون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئاپىسى مەريەمگە مۇنداق دېدى: ــ مانا! بۇ بالا ئىسرائىلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىقىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تەيىنلەندى، شۇنداقلا كىشىلەر قارشى چىقىپ ھاقارەتلەيدىغان، [خۇدانىڭ] بېشارەتلىك ئالامىتى بولىدۇ. |
حَتَّى أَنْتِ سَيَخْتَرِقُ نَفْسَكِ سَيْفٌ لِكَيْ تَنْكَشِفَ نِيَّاتُ قُلُوبٍ كَثِيرَةٍ!» | ٣٥ 35 |
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ ــ ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ! |
وَكَانَتْ هُنَاكَ نَبِيَّةٌ، هِيَ حَنَّةُ بِنْتُ فَنُوئِيلَ مِنْ سِبْطِ أَشِيرَ، وَهِيَ مُتَقَدِّمَةٌ فِي السِّنِّ، وَكَانَتْ قَدْ عَاشَتْ مَعَ زَوْجِهَا سَبْعَ سِنِينَ بَعْدَ عَذْرَاوِيَّتِهَا، | ٣٦ 36 |
شۇ يەردە ئاشىر قەبىلىسىدىن بولغان فانۇئىلنىڭ قىزى ئاننا ئىسىملىك خېلى ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار ئىدى. ئۇ قىز ۋاقتىدا ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ، |
وَهِيَ أَرْمَلَةٌ نَحْوَ أَرْبَعٍ وَثَمَانِينَ سَنَةً. لَمْ تَكُنْ تُفَارِقُ الْهَيْكَلَ وَكَانَتْ تَتَعَبَّدُ لَيْلاً وَنَهَاراً بِالصَّوْمِ وَالدُّعَاءِ. | ٣٧ 37 |
ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، كېچە-كۈندۈز روزا تۇتۇشلار ۋە دۇئالار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. |
فَإِذْ حَضَرَتْ فِي تِلْكَ السَّاعَةِ، أَخَذَتْ تُسَبِّحُ الرَّبَّ وَتَتَحَدَّثُ عَنْ يَسُوعَ مَعَ جَمِيعِ الَّذِينَ كَانُوا يَنْتَظِرُونَ فِدَاءً فِي أُورُشَلِيمَ. | ٣٨ 38 |
ئۇ دەل شۇ پەيتتە يېتىپ كېلىپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتتى، ھەمدە يېرۇسالېمدا نىجات-ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى. |
وَبَعْدَ إِتْمَامِ كُلِّ مَا تَقْتَضِيهِ شَرِيعَةُ الرَّبِّ، رَجَعُوا إِلَى مَدِينَتِهِمِ النَّاصِرَةِ بِالْجَلِيلِ. | ٣٩ 39 |
[يۈسۈپ] بىلەن [مەريەم] تەۋراتتا بېكىتىلگەن بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، گالىلىيەگە، ئۆز شەھىرى ناسارەتكە قايتتى. |
وَكَانَ الطِّفْلُ يَنْمُو وَيَتَقَوَّى، مُمْتَلِئاً حِكْمَةً، وَكَانَتْ نِعْمَةُ اللهِ عَلَيْهِ. | ٤٠ 40 |
بالا بولسا ئۆسۈپ، دانا-ئاقىلانىلىك بىلەن تولۇپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى. |
وَكَانَ أَبَوَاهُ يَذْهَبَانِ كُلَّ سَنَةٍ إِلَى أُورُشَلِيمَ فِي عِيدِ الْفِصْحِ. | ٤١ 41 |
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا باراتتى. |
فَلَمَّا بَلَغَ سِنَّ الثَّانِيَةَ عَشْرَةَ، صَعِدُوا إِلَى أُورُشَلِيمَ كَالْعَادَةِ فِي الْعِيدِ. | ٤٢ 42 |
ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ھېيتنىڭ ئادىتى بويىچە يەنە چىقىپ باردى. |
وَبَعْدَ انْتِهَاءِ أَيَّامِ الْعِيدِ، رَجَعَا، وَبَقِيَ الصَّبِيُّ يَسُوعُ فِي أُورُشَلِيمَ، وَهُمَا لَا يَعْلَمَانِ. | ٤٣ 43 |
ھېيت كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، بالا ئەيسا يېرۇسالېمدا قالدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى، |
وَلكِنَّهُمَا إِذْ ظَنَّاهُ بَيْنَ الرِّفَاقِ، سَارَا مَسِيرَةَ يَوْمٍ وَاحِدٍ ثُمَّ أَخَذَا يَبْحَثَانِ عَنْهُ بَيْنَ الأَقَارِبِ وَالْمَعَارِفِ. | ٤٤ 44 |
بەلكى ئۇنى سەپەرداش-ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، بىر كۈن يول يۈردى. ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلارى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئىزدەشكە باشلىدى؛ |
وَلَمَّا لَمْ يَجِدَاهُ، رَجَعَا إِلَى أُورُشَلِيمَ يَبْحَثَانِ عَنْهُ. | ٤٥ 45 |
ئىزدەپ تاپالماي، ئۇلار كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ يەنە ئىزدىدى. |
وَبَعْدَ ثَلاثَةِ أَيَّامٍ وَجَدَاهُ فِي الْهَيْكَلِ، جَالِساً وَسْطَ الْمُعَلِّمِينَ يَسْتَمِعُ إِلَيْهِمْ وَيَطْرَحُ عَلَيْهِمِ الأَسْئِلَةَ. | ٤٦ 46 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئۇنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاۋاتقان ھەم ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۈستىدە تاپتى. |
وَجَمِيعُ الَّذِينَ سَمِعُوهُ ذُهِلُوا مِنْ فَهْمِهِ وَأَجْوِبَتِهِ. | ٤٧ 47 |
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ چۈشەنچىسىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. |
فَلَمَّا رَأَيَاهُ دُهِشَا، وَقَالَتْ لَهُ أُمُّهُ: «يَا بُنَيَّ، لِمَاذَا عَمِلْتَ بِنَا هكَذَا؟ فَقَدْ كُنَّا، أَبُوكَ وَأَنَا، نَبْحَثُ عَنْكَ مُتَضَايِقَيْنِ!» | ٤٨ 48 |
ئاتا-ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيرانۇھەس بولۇشتى، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلدىڭ؟ ئاتاڭ ئىككىمىز پاراكەندە بولۇپ سېنى ئىزدەپ كەلدۇق! ــ دېدى. |
فَأَجَابَهُمَا: «لِمَاذَا كُنْتُمَا تَبْحَثَانِ عَنِّي؟ أَلَمْ تَعْلَمَا أَنَّ عَلَيَّ أَنْ أَكُونَ فِي مَا يَخُصُّ أَبِي؟» | ٤٩ 49 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى ئىزدىدىڭلار؟ ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى. |
فَلَمْ يَفْهَمَا مَا قَالَهُ لَهُمَا. | ٥٠ 50 |
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۇلارغا ئېيتقىنىنى چۈشەنمىدى. |
ثُمَّ نَزَلَ مَعَهُمَا وَرَجَعَ إِلَى النَّاصِرَةِ، وَكَانَ خَاضِعاً لَهُمَا. وَكَانَتْ أُمُّهُ تَحْفَظُ هذِهِ الأُمُورَ كُلَّهَا فِي قَلْبِهَا. | ٥١ 51 |
ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن ناسارەتكە قايتتى ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىزچىل بويسۇناتتى. لېكىن ئانىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. |
أَمَّا يَسُوعُ، فَكَانَ يَتَقَدَّمُ فِي الْحِكْمَةِ وَالْقَامَةِ، وَفِي النِّعْمَةِ عِنْدَ اللهِ وَالنَّاسِ. | ٥٢ 52 |
شۇنداق قىلىپ، ئەيسا ئاقىلانىلىك-دانالىقتا ۋە قامەتتە يېتىلىپ، خۇدا ۋە كىشىلەر ئالدىدا بارغانسېرى سۆيۈلمەكتە ئىدى. |