كَيْفَ خَيَّمَ الرَّبُّ فِي غَضَبِهِ بِالظَّلامِ عَلَى ابْنَةِ صِهْيَوْنَ، وَطَرَحَ مِنَ السَّمَاءِ إِلَى الأَرْضِ جَلالَ إِسْرَائِيلَ، وَلَمْ يَذْكُرْ مَوْطِئَ قَدَمَيْهِ فِي يَوْمِ سُخْطِهِ؟ | ١ 1 |
(ئالەف) رەب غەزەپ بۇلۇتى بىلەن زىئون قىزىنى شۇنداق قاپلىدى! ئۇ ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسىنى ئاسماندىن يەرگە چۆرۈۋەتتى، غەزىپى چۈشكەن كۈنىدە ئۆز تەختىپەرىنى ھېچ ئېسىدە قالدۇرمىدى. |
قَدْ هَدَمَ الرَّبُّ مِنْ غَيْرِ رَحْمَةٍ جَمِيعَ مَسَاكِنِ يَعْقُوبَ. قَوَّضَ بِغَضَبِهِ مَعَاقِلَ ابْنَةِ يَهُوذَا، وَأَلْحَقَ الْعَارَ بِالْمَمْلَكَةِ وَحُكَّامِهَا، إِذْ سَوَّاهَا بِالأَرْضِ. | ٢ 2 |
(بەت) رەب ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرىنى يۇتۇۋەتتى، ھېچ ئايىمىدى؛ ئۇ قەھرى بىلەن يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى؛ ئۇ پادىشاھلىقنى ئەمىرلىرى بىلەن نومۇسقا قويۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. |
بَتَرَ فِي احْتِدَامِ غَضَبِهِ كُلَّ قُوَّةِ إِسْرَائِيلَ. رَدَّ يَمِينَهُ إِلَى الْوَرَاءِ أَمَامَ الأَعْدَاءِ، وَاشْتَعَلَ مِثْلَ نَارٍ مُلْتَهِبَةٍ فِي إِسْرَائِيلَ، تَلْتَهِمُ كُلَّ مَا حَوْلَهَا. | ٣ 3 |
(گىمەل) ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى؛ دۈشمەننى توسۇغان ئوڭ قولىنى ئۇنىڭ ئالدىدىن تارتىۋالدى؛ لاۋۇلداپ كۆيگەن ئۆز ئەتراپىنى يەپ كەتكۈچى ئوتتەك، ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى. |
وَتَّرَ قَوْسَهُ كَعَدُوٍّ. نَصَبَ يَمِينَهُ كَمُبْغِضٍ. ذَبَحَ كَعَدُوٍّ كُلَّ عَزِيزٍ فِي عُيُونِنَا. وَسَكَبَ سُخْطَهُ كَنَارٍ عَلَى خَيْمَةِ ابْنَةِ صِهْيَوْنَ. | ٤ 4 |
(دالەت) دۈشمەندەك ئۇ ئوقياسىنى كەردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ئېتىشقا تەييارلانغانىدى؛ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈشەندىسى كەبى قىردى؛ زىئون قىزىنىڭ چېدىرى ئىچىدە، قەھرىنى ئوتتەك ياغدۇردى؛ |
وَأَصْبَحَ الرَّبُّ كَعَدُوٍّ، فَقَوَّضَ إِسْرَائِيلَ، وَهَدَمَ جَمِيعَ قُصُورِهَا، وَدَمَّرَ حُصُونَهَا، وَأَكْثَرَ النَّوْحَ وَالْعَويِلَ فِي ابْنَةِ صِهْيَوْنَ. | ٥ 5 |
(خې) رەب دۈشمەندەك بولدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالدى، ئوردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇتۇۋالدى؛ ئۇنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنى يوقاتتى، يەھۇدانىڭ قىزىدا ماتەم ۋە يىغا-زارلارنى كۆپەيتتى. |
نَقَضَ مَظَلَّتَهُ كَمَا يُنْقَضُ كُوخٌ مِنَ الأَغْصَانِ فِي حَدِيقَةٍ، وَرَدَمَ مَقَرَّ مُجْتَمَعِهِ. جَعَلَ الرَّبُّ صِهْيَوْنَ تَنْسَى مَوَاسِمَ أَعْيَادِهَا وَسُبُوتَهَا. وَنَبَذَ بِاحْتِدَامِ سُخْطِهِ الْمَلِكَ وَالْكَاهِنَ. | ٦ 6 |
(ۋاۋ) ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى؛ ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى [خەلقىنىڭ] ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى؛ غەزەپ ئوتى بىلەن پادىشاھ ھەم كاھىننى چەتكە قېقىۋەتتى. |
كَرِهَ الرَّبُّ مَذْبَحَهُ، وَتَبَرَّأَ مِنْ مَقْدِسِهِ، وَسَلَّمَ أَسْوَارَ قُصُورِهَا إِلَى يَدِ الأَعْدَاءِ الَّذِينَ عَلا هُتَافُهُمْ فِي بَيْتِ الرَّبِّ كَمَا كَانَ يَعْلُو هُتَافُنَا فِي الأَعْيَادِ. | ٧ 7 |
(زائىن) رەب قۇربانگاھىنى تاشلىۋەتتى، مۇقەددەس جايىدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇ زىئوندىكى ئوردىلارنىڭ سېپىللىرىنى دۈشمەننىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ئۇلار ھېيت-ئايەم كۈنىدىكىدەك تەنتەنە قىلىشتى! |
عَزَمَ الرَّبُّ أَنْ يُقَوِّضَ سُورَ ابْنَةِ صِهْيَوْنَ. مَدَّ خَيْطَ الْقِيَاسِ وَلَمْ يَرُدَّ يَدَهُ عَنْ سَحْقِهَا، فَاسْتَبْكَى الْمِتْرَسَةَ وَالسُّورَ فَسَقَطَا مَعاً. | ٨ 8 |
(خەت) پەرۋەردىگار زىئون قىزىنىڭ سېپىلىنى چېقىۋېتىشنى قارار قىلغان؛ ئۇ ئۇنىڭغا [ھالاك] ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان؛ ئۇ قولىنى چېقىشتىن ھېچ ئۈزمىدى؛ ئۇ ھەم ئىستىھكاملارنى ھەم سېپىلنى زارلاتتى؛ ئىككىسى تەڭ ھالسىراپ قايغۇرماقتا. |
غَاصَتْ فِي الأَرْضِ بَوَّابَاتُهَا، دَمَّرَ وَحَطَّمَ مَزَالِيجَهَا. نَفَى مَلِكَهَا وَرُؤَسَاءَهَا بَيْنَ الأُمَمِ. زَالَتِ الشَّرِيعَةُ، وَلَمْ يَعُدْ أَنْبِيَاؤُهَا يَحْصُلُونَ عَلَى رُؤْيَا مِنْ عِنْدِ الرَّبِّ. | ٩ 9 |
(تەت) ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۆمۈر-تاقاقلىرىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. پادىشاھى ھەم ئەمىرلىرى ئەللەر ئارىسىغا پالاندى؛ تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق يوقاپ كەتتى، پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ. |
يَجْلِسُ شُيُوخُ ابْنَةِ صِهْيَوْنَ عَلَى الأَرْضِ صَامِتِينَ. عَفَّرُوا بِالرَّمَادِ رُؤُوسَهُمْ، وَارْتَدَوْا الْمُسُوحَ، وَطَأْطَأَتْ عَذَارَى أُورُشَلِيمَ رُؤُوسَهُنَّ إِلَى الأَرْضِ. | ١٠ 10 |
(يود) زىئون قىزىنىڭ ئاقساقاللىرى، يەردە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرماقتا؛ ئۇلار باشلىرىغا توپا-چاڭ چېچىشتى؛ ئۇلار بېلىگە بۆز يۆگىۋېلىشتى؛ يېرۇسالېمنىڭ پاك قىزلىرىنىڭ باشلىرى يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. |
كَلَّتْ عَيْنَايَ مِنَ الْبُكَاءِ، جَاشَتْ أَحْشَائِي وَأُرِيقَتْ كَبِدِي عَلَى الأَرْضِ حُزْناً لِدَمَارِ ابْنَةِ شَعْبِي، لأَنَّ الأَطْفَالَ وَالرُّضَّعَ غُشِيَ عَلَيْهِمْ فِي شَوَارِعِ الْمَدِينَةِ. | ١١ 11 |
(كاف) مېنىڭ كۆزلىرىم تاراملىغان ياشلىرىمدىن ھالىدىن كەتتى؛ ئىچى-باغرىلىرىم زەرداپغا تولدى؛ جىگىرىم يەر يۈزىگە تۆكۈلۈپ پارە-پارە بولدى، چۈنكى خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىندى، چۈنكى شەھەر كوچىلىرىدا نارسىدىلەر ھەم بوۋاقلار ھوشسىز ياتماقتا. |
يَقُولُونَ لأُمَّهَاتِهِمْ بَاكِينَ: «أَيْنَ الْخُبْزُ وَالْخَمْرُ؟» ثُمَّ يُغْشَى عَلَيْهِمْ كَالْجَرْحَى فِي شَوَارِعِ الْمَدِينَةِ، حِينَ تُهْرَقُ حَيَاتُهُمْ فِي أَحْضَانِ أُمَّهَاتِهِمْ. | ١٢ 12 |
(لامەد) ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا يارىلانغانلاردەك ھالىدىن كەتكەندە، ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ جان تالاشقاندا، ئانىلىرىغا: «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» دەپ يالۋۇرۇشماقتا. |
بِمَاذَا أُنْذِرُكِ وَبِأَيِّ شَيْءٍ أُشَبِّهُكِ يَا ابْنَةَ أُورُشَلِيمَ؟ بِمَاذَا أُقَارِنُكِ فَأُعَزِّيَكِ أَيَّتُهَا الْعَذْرَاءُ ابْنَةُ صِهْيَوْنَ؟ إِنَّ خَرَابَكِ عَظِيمٌ كَالْبَحْرِ، فَمَنْ ذَا يُبْرِئُكِ؟ | ١٣ 13 |
(مەم) مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟ سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟ ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟ چۈنكى سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر؛ كىم سېنى ساقايتالىسۇن؟ |
رَأَى لَكِ أَنْبِيَاؤُكِ رُؤىً بَاطِلَةً خَادِعَةً. لَمْ يَفْضَحُوا إِثْمَكِ لِيَرُدُّوا سَبْيَكِ. إِنَّمَا رَأَوْا لَكِ وَحْياً كَاذِباً مُضِلاً. | ١٤ 14 |
(نۇن) پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى بىمەنىلىك ھەم ئەخمەقلىقتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى ھېچ ئاشكارە قىلمىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار سۈرگۈن بولۇشۇڭنىڭ ئالدىنى ئالمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر ھەم ئېزىتقۇلۇقلاردۇر. |
كُلُّ عَابِرِي السَّبِيلِ صَفَّقُوا عَلَيْكِ بِالأَيَادِي فَرَحاً. صَفَرُوا وَهَزُّوا رُؤُوسَهُمْ عَلَى ابْنَةِ أُورُشَلِيمَ وَتَسَاءَلُوا: أَهَذِهِ هِيَ الْمَدِينَةُ الَّتِي تُدْعَى كَامِلَةَ الْجَمَالِ وَبَهْجَةَ الأَرْضِ بِأَسْرِهَا؟ | ١٥ 15 |
(سامەق) يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈشقىرتىپ يېرۇسالېمنىڭ قىزىغا باش چايقاشماقتا: ــ «گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دەپ ئاتالغان شەھەر مۇشۇمىدۇ؟» |
قَدْ فَتَحَ جَمِيعُ أَعْدَائِكِ أَفْوَاهَهُمْ. يُصَفِّرُونَ وَيُحَرِّقُونَ الأَسْنَانَ. يَهْتِفُونَ: قَدِ ابْتَلَعْنَاهَا. هَذَا هُوَ الْيَوْمُ الَّذِي طَالَ انْتِظَارُنَا لَهُ. قَدْ عِشْنَا وَشَهِدْنَاهُ! | ١٦ 16 |
(پې) بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ساڭا قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ [مازاق قىلماقتا]، ئۇش-ئۇش قىلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتماقتا؛ ئۇلار: «بىز ئۇنى يۇتۇۋالدۇق! بۇ بەرھەق بىز كۈتكەن كۈندۇر! بىز بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق!» ــ دېمەكتە. |
نَفَّذَ الرَّبُّ قَضَاءَهُ، وَحَقَّقَ وَعِيدَهُ الَّذِي حَكَمَ بِهِ مُنْذُ الْحِقَبِ السَّالِفَةِ. هَدَمَ وَلَمْ يَرْأَفْ، فَأَشْمَتَ بِكِ الْخَصْمَ، وَعَظَّمَ قُوَّةَ عَدُوِّكِ. | ١٧ 17 |
(ئايىن) پەرۋەردىگار ئۆز نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى؛ ئۇ ھېچ رەھىم قىلماي غۇلاتتى؛ ئۇ دۈشمەننى ئۈستۈڭدىن شادلاندۇردى؛ كۈشەندىلىرىڭنىڭ مۈڭگۈزىنى يۇقىرى كۆتۈردى. |
اسْتَغَاثَتْ قُلُوبُهُمْ بِالرَّبِّ. لِتَجْرِ الدُّمُوعُ، يَا أَسْوَارَ ابْنَةِ صِهْيَوْنَ، كَالنَّهْرِ لَيْلاً وَنَهَاراً. لَا تَسْتَكِينِي وَلا تَكُفَّ عَيْنَاكِ عَنِ الْبُكَاءِ. | ١٨ 18 |
(تسادە) ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەبگە نىدا قىلماقتا! ئى زىئون قىزىنىڭ سېپىلى! ياشلىرىڭ دەريادەك كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن! ئۆزۈڭگە ئارام بەرمە؛ ياش تامچىلىرىڭ تاراملاشتىن ئارام ئالمىسۇن! |
قُومِي وَانْتَحِبِي فِي الرُّبْعِ الأَوَّلِ مِنَ اللَّيْلِ. اسْكُبِي كَالْمَاءِ قَلْبَكِ فِي مَحْضَرِ الرَّبِّ. ارْفَعِي إِلَيْهِ يَدَيْكِ مِنْ أَجْلِ نُفُوسِ أَطْفَالِكِ الْمَغْشِيِّ عَلَيْهِمْ مِنَ الْجُوعِ عِنْدَ نَاصِيَةِ كُلِّ شَارِعٍ. | ١٩ 19 |
(كوف) تۈن كېچىدە ئورنۇڭدىن تۇر، كەچتە جېسەك باشلىنىشى بىلەن نىدا قىل! كۆڭلۈڭنى رەبنىڭ ئالدىغا سۇدەك تۆك؛ نارسىدىلىرىڭنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوللىرىڭنى كۆتۈر! ئۇلار بارلىق كوچىلىرىڭ دوقمۇشىدا قەھەتچىلىكتىن ھالىدىن كەتمەكتە. |
انْظُرْ يَا رَبُّ وَتَأَمَّلْ! بِمَنْ صَنَعْتَ هَذَا؟ أَعَلَى النِّسَاءِ أَنْ يَأْكُلْنَ ثَمَرَةَ بُطُونِهِنَّ، وَأَطْفَالَ حَضَانَتِهِنَّ؟ أَيَتَحَتَّمُ عَلَى الْكَاهِنِ وَالنَّبِيِّ أَنْ يُقْتَلا فِي مَقْدِسِ الرَّبِّ؟ | ٢٠ 20 |
(رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، ئويلاپ باققايسەن، سەن كىمگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باققان؟! ئاياللار ئۆز مېۋىلىرى ــ ئەركە بوۋاقلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟ كاھىن ھەم پەيغەمبەرنى رەبنىڭ مۇقەددەس جايىدا ئۆلتۈرۈشكە بولامدۇ؟! |
قَدِ انْطَرَحَ الصَّبِيُّ وَالشُّيُوخُ فِي غُبَارِ الطُّرُقَاتِ. سَقَطَ عَذَارَايَ وَشُبَّانِي بِالسَّيْفِ. قَدْ قَتَلْتَهُمْ فِي يَوْمِ غَضَبِكَ، وَنَحَرْتَهُمْ مِنْ غَيْرِ رَحْمَةٍ. | ٢١ 21 |
(شىين) ياشلار ھەم قېرىلار كوچىلاردا يېتىشماقتا؛ پاك قىزلىرىم ۋە ياش يىگىتلىرىم قىلىچلىنىپ يىقىلدى؛ ئۇلارنى غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە قىردىڭسەن؛ ئۇلارنى ھېچ ئايىماي سويدۇڭسەن. |
أَنْتَ دَعَوْتَ، كَمَا فِي يَوْمِ عِيدٍ، مُرَوِّعِيَّ الْمُحِيطِينَ بِي. فَلَمْ يُفْلِتْ وَلَمْ يَنْجُ أَحَدٌ فِي يَوْمِ سُخْطِكَ يَا رَبُّ. قَدْ أَفْنَى عَدُوِّي الَّذِينَ حَضَنْتُهُمْ وَرَبَّيْتُهُمْ. | ٢٢ 22 |
(تاۋ) سەن ھېيت-بايرام كۈنىدە جامائەتنى چاقىرغاندەك، مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ؛ پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ كۈنىدە قاچقانلار ياكى تىرىك قالغانلار يوق ئىدى؛ ئۆزۈم ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغانلارنى دۈشمىنىم يەپ كەتتى. |