وَفِي الْيَوْمِ الأَوَّلِ مِنَ الأُسْبُوعِ، بَكَّرَتْ مَرْيَمُ الْمَجْدَلِيَّةُ إِلَى قَبْرِ يَسُوعَ، وَالظَّلامُ مُخَيِّمٌ، فَرَأَتِ الْحَجَرَ قَدْ رُفِعَ عَنْ بَابِ الْقَبْرِ. | ١ 1 |
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، ماگداللىق مەريەم قەبرىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. |
فَأَسْرَعَتْ وَجَاءَتْ إِلَى سِمْعَانَ بُطْرُسَ وَالتِّلْمِيذِ الآخَرِ الَّذِي كَانَ يَسُوعُ يُحِبُّهُ وَقَالَتْ لَهُمَا: «أَخَذُوا الرَّبَّ مِنَ الْقَبْرِ، وَلا نَدْرِي أَيْنَ وَضَعُوهُ!» | ٢ 2 |
شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى. |
فَخَرَجَ بُطْرُسُ وَالتِّلْمِيذُ الآخَرُ وَتَوَجَّهَا إِلَى الْقَبْرِ. | ٣ 3 |
پېترۇس بىلەن ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى. |
وَكَانَا يَرْكُضَانِ مَعاً. وَلكِنَّ التِّلْمِيذَ الآخَرَ سَبَقَ بُطْرُسَ فَوَصَلَ إِلَى الْقَبْرِ قَبْلَهُ، | ٤ 4 |
ئىككىيلەن تەڭ يۈگۈرۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى مۇخلىس پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، قەبرىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى. |
وَانْحَنَى فَرَأَى الأَكْفَانَ مُلْقَاةً عَلَى الأَرْضِ، وَلكِنَّهُ لَمْ يَدْخُلْ. | ٥ 5 |
ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كاناپ كېپەنلەرنىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى. |
ثُمَّ وَصَلَ سِمْعَانُ بُطْرُسُ فِي إِثْرِهِ إِلَى الْقَبْرِ وَدَخَلَهُ، فَرَأَى أَيْضاً الأَكْفَانَ مُلْقَاةً عَلَى الأَرْضِ. | ٦ 6 |
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن سىمون پېترۇس يېتىپ كېلىپ، قەبرىگە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كاناپ كېپەنلەرنى، |
وَالْمِنْدِيلُ الَّذِي كَانَ عَلَى رَأْسِ يَسُوعَ وَجَدَهُ مَلْفُوفاً وَحْدَهُ فِي مَكَانٍ مُنْفَصِلٍ عَنِ الأَكْفَانِ. | ٧ 7 |
شۇنداقلا ئەيسانىڭ بېشىغا ئورالغان ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەنلەر بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى. |
عِنْدَ ذَلِكَ دَخَلَ التِّلْمِيذُ الآخَرُ، الَّذِي كَانَ قَدْ وَصَلَ إِلَى الْقَبْرِ أَوَّلاً، وَرَأَى فَآمَنَ. | ٨ 8 |
ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى |
فَإِنَّ التَّلامِيذَ لَمْ يَكُونُوا حَتَّى ذَلِكَ الْوَقْتِ قَدْ فَهِمُوا أَنَّ الْكِتَابَ تَنَبَّأَ بِأَنَّهُ لابُدَّ أَنْ يَقُومَ مِنْ بَيْنِ الأَمْوَاتِ. | ٩ 9 |
(چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنى تېخىچە چۈشەنمەيتتى). |
ثُمَّ رَجَعَ التِّلْمِيذَانِ إِلَى بَيْتِهِمَا. | ١٠ 10 |
شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى. |
أَمَّا مَرْيَمُ فَظَلَّتْ وَاقِفَةً فِي الْخَارِجِ تَبْكِي عِنْدَ الْقَبْرِ. وَفِيمَا هِيَ تَبْكِي، انْحَنَتْ إِلَى الْقَبْرِ. | ١١ 11 |
ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، |
فَرَأَتْ مَلاكَيْنِ بِثِيَابٍ بِيضٍ، جَالِسَيْنِ حَيْثُ كَانَ جُثْمَانُ يَسُوعَ مَوْضُوعاً، وَاحِداً عِنْدَ الرَّأْسِ وَالآخَرَ عِنْدَ الْقَدَمَيْنِ. | ١٢ 12 |
مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. |
فَسَأَلاهَا: «يَا امْرَأَةُ، لِمَاذَا تَبْكِينَ؟» أَجَابَتْ: «أَخَذُوا سَيِّدِي، وَلا أَدْرِي أَيْنَ وَضَعُوهُ». | ١٣ 13 |
ئۇلار مەريەمدىن: ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. |
قَالَتْ هَذَا وَالْتَفَتَتْ إِلَى الْوَرَاءِ، فَرَأَتْ يَسُوعَ وَاقِفاً، وَلكِنَّهَا لَمْ تَعْلَمْ أَنَّهُ يَسُوعُ. | ١٤ 14 |
ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىپلا، كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئەيسانىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. |
فَسَأَلَهَا: «يَا امْرَأَةُ، لِمَاذَا تَبْكِينَ؟ عَمَّنْ تَبْحَثِينَ؟» فَظَنَّتْ أَنَّهُ الْبُسْتَانِيُّ، فَقَالَتْ لَهُ: «يَا سَيِّدُ، إِنْ كُنْتَ أَنْتَ قَدْ أَخَذْتَهُ فَقُلْ لِي أَيْنَ وَضَعْتَهُ لِآخُذَهُ». | ١٥ 15 |
ئەيسا ئۇنىڭدىن ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن، كىمنى ئىزدەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. مەريەم ئۇنى باغۋەن شۇ، دەپ ئويلاپ: ــ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز شۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ــ دېدى. |
فَنَادَاهَا يَسُوعُ: «يَا مَرْيَمُ!» فَالْتَفَتَتْ وَهَتَفَتْ بِالْعِبْرِيَّةِ: «رَبُّونِي»، أَيْ: يَا مُعَلِّمُ. | ١٦ 16 |
مەريەم! ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: ــ راببونى! ــ دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە). |
فَقَالَ لَهَا: «لا تُمْسِكِي بِي! فَإِنِّي لَمْ أَصْعَدْ بَعْدُ إِلَى الآبِ، بَلِ اذْهَبِي إِلَى إِخْوَتِي وَقُولِي لَهُمْ: إِنِّي سَأَصْعَدُ إِلَى أَبِي وَأَبِيكُمْ، وَإِلَهِي وَإِلَهِكُمْ!» | ١٧ 17 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى. |
فَرَجَعَتْ مَرْيَمُ الْمَجْدَلِيَّةُ وَبَشَّرَتِ التَّلامِيذَ قَائِلَةً: «إِنِّي رَأَيْتُ الرَّبَّ!» وَأَخْبَرَتْهُمْ بِمَا قَالَ لَهَا. | ١٨ 18 |
شۇنىڭ بىلەن ماگداللىق مەريەم مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «رەبنى كۆردۈم!» دېدى ۋە شۇنداقلا ئەيسا ئۆزىگە ئېيتقان ئۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. |
وَلَمَّا حَلَّ مَسَاءُ ذَلِكَ الْيَوْمِ، وَهُوَ الْيَوْمُ الأَوَّلُ مِنَ الأُسْبُوعِ، كَانَ التَّلامِيذُ مُجْتَمِعِينَ فِي بَيْتٍ أَغْلَقُوا أَبْوَابَهُ خَوْفاً مِنَ الْيَهُودِ، وَإذَا يَسُوعُ يَحْضُرُ وَسْطَهُمْ قَائِلاً: «سَلامٌ لَكُمْ!» | ١٩ 19 |
شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا [كۆرۈنۈپ]، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. |
وَإِذْ قَالَ هَذَا، أَرَاهُمْ يَدَيْهِ وَجَنْبَهُ، فَفَرِحَ التَّلامِيذُ إِذْ أَبْصَرُوا الرَّبَّ. | ٢٠ 20 |
بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى. |
فَقَالَ لَهُمْ يَسُوعُ: «سَلامٌ لَكُمْ. كَمَا أَنَّ الآبَ أَرْسَلَنِي، أُرْسِلُكُمْ أَنَا». | ٢١ 21 |
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ئاتا مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، ــ دېدى. |
قَالَ هَذَا وَنَفَخَ فِيهِمْ وَقَالَ لَهُمْ: «اقْبَلُوا الرُّوحَ الْقُدُسَ. | ٢٢ 22 |
بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پۈۋلەپ: ــ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىڭلار. |
مَنْ غَفَرْتُمْ خَطَايَاهُمْ غُفِرَتْ لَهُمْ، وَمَنْ أَمْسَكْتُمْ خَطَايَاهُمْ، أُمْسِكَتْ!» | ٢٣ 23 |
كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ! ــ دېدى. |
وَلكِنَّ تُومَا، أَحَدَ التَّلامِيذِ الاثَنْي عَشَرَ، وَهُوَ الْمَعْرُوفُ بِالتَّوْأَمِ، لَمْ يَكُنْ مَعَ التَّلامِيذِ، حِينَ حَضَرَ يَسُوعُ. | ٢٤ 24 |
ئەمما ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. |
فَقَالَ لَهُ التَّلامِيذُ الآخَرُونَ: «إِنَّنَا رَأَيْنَا الرَّبَّ!» فَأَجَابَ: «إِنْ كُنْتُ لَا أَرَى أَثَرَ الْمَسَامِيرِ فِي يَدَيْهِ، وَأَضَعُ إِصْبِعِي فِي مَكَانِ الْمَسَامِيرِ، وَأَضَعُ يَدِي فِي جَنْبِهِ، فَلا أُومِنُ!» | ٢٥ 25 |
شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ بىز رەبنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ــ دېدى. |
وَبَعْدَ ثَمَانِيَةِ أَيَّامٍ، إِذْ كَانَ تَلامِيذُهُ مُجْتَمِعِينَ ثَانِيَةً دَاخِلَ الْبَيْتِ وَتُومَا مَعَهُمْ، حَضَرَ يَسُوعُ وَالأَبْوَابُ مُغَلَّقَةٌ، وَوَقَفَ فِي الْوَسَطِ وَقَالَ: «سَلامٌ لَكُمْ!» | ٢٦ 26 |
سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. |
ثُمَّ قَالَ لِتُومَا: «هَاتِ إِصْبَعَكَ إِلى هُنَا، وَانْظُرْ يَدَيَّ، وَهَاتِ يَدَكَ وَضَعْهَا فِي جَنْبِي. وَلا تَكُنْ غَيْرَ مُؤْمِنٍ بَلْ كُنْ مَؤْمِناً!» | ٢٧ 27 |
ئاندىن ئۇ توماسقا: ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى. |
فَهَتَفَ تُومَا: «رَبِّي وَإِلَهِي». | ٢٨ 28 |
توماس ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
فَقَالَ لَهُ يَسُوعُ: «أَلأَنَّكَ رَأَيْتَنِي آمَنْتَ؟ طُوبَى لِلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ دُونَ أَنْ يَرَوْا.» | ٢٩ 29 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭ. كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگۈچىلەر بەختلىكتۇر! ــ دېدى. |
وَقَدْ أَجْرَى يَسُوعُ أَمَامَ تَلامِيذِهِ آيَاتٍ أُخْرَى كَثِيرَةً لَمْ تُدَوَّنْ فِي الْكِتَابِ. | ٣٠ 30 |
ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى. |
وَأَمَّا هَذِهِ الآيَاتُ فَقَدْ دُوِّنَتْ لِتؤْمِنُوا بِأَنَّ يَسُوعَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ اللهِ، وَلِكَيْ تَكُونَ لَكُمْ حَيَاةٌ بِاسْمِهِ إِذْ تُؤْمِنُونَ. | ٣١ 31 |
لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى. |