هَلَكَ الصِّدِّيقُ فَلَمْ يَتَأَمَّلْ أَحَدٌ فِي نَفْسِهِ وَيَعْتَبِرْ، وَمَاتَ الأَتْقِيَاءُ وَلَمْ يُدْرِكْ أَحَدٌ أَنَّ الصِّدِّيقَ قَدْ أُخِذَ تَفَادِياً لِلْكَارِثَةِ. | ١ 1 |
ھەققانىي ئادەم ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ھېچكىم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؛ مېھرىبان ئادەملەر يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ، بىراق ھېچكىم ئويلاپ چۈشىنەلمەيدۇكى، ھەققانىي ئادەملەر يامان كۈنلەرنى كۆرمىسۇن دەپ يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ. |
وَالسَّالِكُونَ بِالاسْتِقَامَةِ يَنْعَمُونَ بِالسَّلامِ، وَفِي مَضَاجِعِهِمْ يَسْتَرِيحُونَ. | ٢ 2 |
ئۇ بولسا ئارام-خاتىرجەملىك ئىچىگە كىرىدۇ؛ يەنى ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى، ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ. |
أَمَّا أَنْتُمْ يَا أَبْنَاءَ السَّاحِرَةِ، يَا نَسْلَ الْفَاسِقِ وَالْعَاهِرَةِ، فَادْنُوا مِنْ هُنَا. | ٣ 3 |
بىراق سەنلەر، ئى جادۇگەر ئايالنىڭ بالىلىرى، زىناخور بىلەن پاھىشە ئايالنىڭ نەسلى؛ بۇياققا يېقىن كېلىڭلار؛ |
بِمَنْ تَسْخَرُونَ؟ وَعَلَى مَنْ تَفْغَرُونَ أَشْدَاقَكُمْ وَاسِعَةً وَتَدْلَعُونَ أَلْسِنَتَكُمْ؟ أَلَسْتُمْ أَنْتُمْ أَبْنَاءَ الْخُطَاةِ وَالْمُنَافِقِينَ؟ | ٤ 4 |
سىلەر كىمنى مازاق قىلىۋاتىسىلەر؟ ياكى كىمگە قارشى ئاغزىڭلارنى كالچايتىپ، تىلىڭلارنى ئۇزۇن چىقىرىسىلەر؟ سىلەر بولساڭلار ئاسىيلىقتىن تۆرەلگەن بالىلار، ئالدامچىلىقنىڭ نەسلى ئەمەسمۇسىلەر؟ |
أَيُّهَا الْمُتَوَهِّجُونَ شَهْوَةً بَيْنَ أَشْجَارِ الْبَلُّوطِ، وَتَحْتَ كُلِّ شَجَرَةٍ خَضْرَاءَ، يَا مَنْ تَذْبَحُونَ أَوْلادَكُمْ فِي الأَوْدِيَةِ تَحْتَ شُقُوقِ الصُّخُورِ. | ٥ 5 |
ھەربىر چوڭ دەرەخ ئاستىدا، ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا شەھۋانىيلىق بىلەن كۆيۈپ كەتكۈچى، كىچىك بالىلارنى جىلغىلارغا ھەم خادا تاشلارنىڭ يېرىقلىرىغا ئېلىپ سويغۇچىسىلەر! |
إِنَّ نَصِيبَكُمْ هُوَ أَصْنَامُكُمْ مِنْ حَصَى الْوَادِي الْمَلْسَاءِ. هِيَ قُرْعَتُكُمْ، وَلَهَا سَكَبْتُمْ سَكِيبَ تَقْدِمَاتِكُمْ، وَأَصْعَدْتُمْ قَرَابِينَكُمْ، فَهَلْ أَرْضَى عَنْ هَذِهِ الأُمُورِ؟ | ٦ 6 |
ئېرىقتىكى سىلىقلانغان تاشلار ئارىسىدا سېنىڭ نېسىۋەڭ باردۇر؛ شۇلار، شۇلارلا سېنىڭ تەقسىماتىڭدۇر؛ شۇنداق، سەن ئۇلارغا ئاتاپ «شاراب ھەدىيەسى»نى قۇيۇپ، ئۇلارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نىمۇ سۇنۇپ بەردىڭغۇ؛ ئەمدى مۇشۇلارغا رازى بولۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالسام بولامتى؟ |
نَصَبْتُمْ مَضَاجِعَ زِنَاكُمْ عَلَى جَبَلٍ شَامِخٍ مُرْتَفِعٍ، وَإِلَى هُنَاكَ صَعِدْتُمْ لِتُقَرِّبُوا ذَبَائِحَكُمْ، | ٧ 7 |
سەن يۇقىرى، ئېگىز بىر تاغ ئۈستىدە ئورۇن-كۆرپە سېلىپ قويدۇڭ، سەن ئاشۇ يەردىمۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا چىقتىڭ. |
وَخَلْفَ الْبَابِ وَقَوَائِمِهِ أَقَمْتُمْ أَصْنَامَكُمْ، وَإِذْ هَجَرْتُمُونِي كَشَفْتُمْ عَنْ مَضَاجِعِكُمْ وَعَلَّوْتُمُوهَا وَوَسَّعْتُمُوهَا، وَأَبْرَمْتُمْ مَعَ أَصْنَامِكُمْ عَهْدَ زِنىً لأَنَّكُمْ أَحْبَبْتُمْ مَضَاجِعَهُمْ، وَتَأَمَّلْتُمْ فِي عُرْيِهِمْ. | ٨ 8 |
ئىشىكلەرنىڭ كەينىگە ۋە كەينى كېشەكلىرىگە «ئەسلەتمىلىرىڭ»نى بېكىتىپ قويدۇڭ، چۈنكى سەن مەندىن ئايرىلدىڭ، سەن يالىڭاچلىنىپ ئورنۇڭغا چىقتىڭ؛ ئورۇن-كۆرپەڭنى كېڭەيتىپ [خېرىدارلىرىڭ] بىلەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەھدىلەشتىڭ؛ ئۇلارنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە كۆڭلۈڭ چۈشتى، سەن ئۇلاردا كۈچ-ھوقۇقنى كۆرۈپ قالدىڭ. |
ارْتَحَلْتُمْ إِلَى مُولَكَ مُحَمَّلِينَ بِالدُّهْنِ، وَبِكَثْرَةِ الأَطْيَابِ، وَأَرْسَلْتُمْ سُفَرَاءَكُمْ إِلَى أَرْضٍ بَعِيدَةٍ، وَانْحَدَرْتُمْ حَتَّى إِلَى الْهَاوِيَةِ. (Sheol h7585) | ٩ 9 |
سەن زەيتۇن مېيى ھەدىيىسىنى ئېلىپ، ئەتىرلىرىڭنى ئۈستىبېشىڭگە بولۇشىغا چېچىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردىڭ؛ ئەلچىلىرىڭنى يىراققا ئەۋەتىپ، ھەتتا تەھتىساراغا يەتكۈچە ئۆزۈڭنى پەس قىلدىڭ. (Sheol h7585) |
أَصَابَكُمُ الإِعْيَاءُ مِنْ طُولِ الْمَسِيرِ، وَلَمْ تَقُولُوا: «يَئِسْنَا» بَلْ تَجَدَّدَتْ قُوَاكُمْ وَلَمْ تَخُورُوا. | ١٠ 10 |
سەن بېسىپ ماڭغان بارلىق يوللىرىڭدا چارچىغىنىڭ بىلەن، يەنە: «پوق يەپتىمەن، بولدى بەس!» دەپ قويمىدىڭ تېخى، ئېزىپ يۈرۈشكە يەنىلا كۈچۈڭنى يىغدىڭ، ھېچ جاق تويمىدىڭ. |
مِمَّنْ خِفْتُمْ وَارْتَعَبْتُمْ حَتَّى كَذِبْتُمْ وَلَمْ تَذْكُرُونِي أَوْ تُفَكِّرُوا فِيَّ؟ هَلِ اعْتَصَمْتُ بِالسَّكِينَةِ زَمَناً طَوِيلاً حَتَّى لَمْ تَعُودُوا تَخَافُونَنِي؟ | ١١ 11 |
سەن زادى كىمدىن يۈرەكزادە بولۇپ، قورقۇپ يۈرىسەن، يالغان گەپ قىلىپ، مېنى ئېسىڭگە ھېچ كەلتۈرمەي، كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ. مەن ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم ئەمەسمۇ؟ سەن يەنىلا مەندىن ھېچ قورقۇپ باقمىدىڭ! |
سَأَتَحَدَّثُ عَنْ بِرِّكُمْ وَأَعْمَالِكُمْ، وَلَكِنَّهَا لَنْ تُجْدِيَكُمْ نَفْعاً. | ١٢ 12 |
سېنىڭ «ھەققانىيلىقىڭ»نى ھەم «تۆھپىلىرىڭ»نى بايان قىلىمەن: ــ ئۇلارنىڭ ساڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر! |
عِنْدَمَا تَسْتَغِيثُونَ، فَلْتُنْقِذْكُمْ مَجْمُوعَاتُ أَصْنَامِكُمْ! إِنَّ الرِّيحَ تَحْمِلُهَا جَمِيعاً، وَنَفْخَةٌ تَطْرَحُهَا بَعِيداً. أَمَّا مَنْ يَلُوذُ بِي فَإِنَّهُ يَرِثُ الأَرْضَ وَيَمْلِكُ جَبَلَ قُدْسِي. | ١٣ 13 |
چىرقىرىغانلىرىڭدا سەن يىغىپ توپلىغان [بۇتلار] كېلىپ سېنى قۇتقۇزسۇن! بىراق شامال پۈۋ قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، بىر نەپەسلا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ بىراق ماڭا تايانغۇچى زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. |
وَيُقَالُ آنَئِذٍ: مَهِّدُوا! مَهِّدُوا السَّبِيلَ، أَزِيلُوا كُلَّ مَعْثَرَةٍ مِنْ طَرِيقِ شَعْبِي. | ١٤ 14 |
[شۇ چاغدا]: ــ «يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار، ئۇنى تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىنى بوشىتىپ بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار» دېيىلىدۇ. |
لأَنَّهُ هَكَذَا يَقُولُ الْعَلِيُّ السَّامِي، الْمُقِيمُ فِي الأَبَدِ، الَّذِي يُدْعَى اسْمُهُ الْقُدُّوسَ: إِنَّنِي أَسْكُنُ فِي الْعُلَى وَفِي الْمَوْضِعِ الْمُقَدَّسِ، وَأُقِيمُ مَعَ الْمُنْسَحِقِ، وَذَوِي الرُّوحِ الْمُتَوَاضِعَةِ، لأُحْيِيَ أَرْوَاحَ الْمُتَوَاضِعِينَ، وَأُنْعِشَ قُلُوبَ الْمُنْسَحِقِينَ. | ١٥ 15 |
چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى، يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا، ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى، كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن، دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن. |
لأَنَّنِي لَا أُخَاصِمُ إِلَى الأَبَدِ، وَلا أَظَلُّ عَلَى الدَّوَامِ غَاضِباً، لِئَلَّا تَبِيدَ أَمَامِي رُوحُ الإِنْسَانِ الَّتِي خَلَقْتُهَا. | ١٦ 16 |
چۈنكى مەن ھەرگىز مەڭگۈگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلىمەيمەن، ھەم ئەبەدىلئەبەدگىچە غەزەپلەنمەيمەن؛ شۇنداق قىلسام ئىنساننىڭ روھى مېنىڭ ئالدىمدا سۇسلىشىپ يوقايدۇ، ئۆزۈم ياراتقان نەپەس ئىگىلىرى تۈگىشىدۇ. |
قَدْ غَضِبْتُ عَلَى إِسْرَائِيلَ مِنْ جَرَّاءِ جَشَعِهِ، وَعَاقَبْتُهُ وَحَجَبْتُ عَنْهُ وَجْهِي سَخَطاً، وَلَكِنَّهُ أَوْغَلَ فِي عِصْيَانِهِ وَرَاءَ غِوَايَةِ قَلْبِهِ. | ١٧ 17 |
ئۇنىڭ ئۆز نەپسانىيەتلىك قەبىھلىكىدە مەن ئۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۇرغانمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلىكىم بىلەن، ئۇ يەنىلا ئارقىسىغا چېكىنگىنىچە ئۆز يولىنى مېڭىۋەردى؛ |
لَقَدْ رَأَيْتُ طُرُقَهُ الْمَكْتُوبَةَ، إِنَّمَا سَأُقَوِّمُهُ وَأَقُودُهُ وَأَرُدُّ لَهُ وَلِنَائِحِيهِ الطُّمَأْنِينَةَ | ١٨ 18 |
مەن ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ يەتكەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛ مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن، مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە يەنە تەسەللى بېرىمەن؛ يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن! ۋە مەن ئۇنى ساقايتىمەن! |
وَأَسْتَبْدِلُ نُوَاحَهُ بِالْحَمْدِ، يَقُولُ الرَّبُّ؛ فَيَكُونُ سَلامٌ لِلْقَرِيبِ وَالْبَعِيدِ لأَنَّنِي سَأَشْفِيهِ. | ١٩ 19 |
أَمَّا الأَشْرَارُ فَهُمْ كَالْبَحْرِ الْهَائِجِ الَّذِي لَا يَهْدَأُ، تَقْذِفُ مِيَاهُهُ الْقَذَرَ وَالطِّينَ | ٢٠ 20 |
بىراق رەزىللەر بولسا تىنچىلىنىشنى ھېچ بىلمەيدىغان، دولقۇنلىرى لاي-لاتقىلارنى ئۇرغۇتۇۋاتقان، داۋالغۇۋاتقان دېڭىزدەكتۇر. |
إِذْ لَيْسَ سَلامٌ لِلأَشْرَارِ، قَالَ إِلَهِي. | ٢١ 21 |
رەزىللەرگە، ــ دەيدۇ خۇدايىم ــ ھېچ ئارام-خاتىرجەملىك بولماس. |