اقْتَرِبُوا أَيُّهَا الأُمَمُ لِلاسْتِمَاعِ، أَصْغُوا أَيُّهَا الشُّعُوبُ. لِتَسْمَعِ الأَرْضُ وَمِلْؤُهَا، الْمَسْكُونَةُ وَكُلُّ مَا يَخْرُجُ مِنْهَا، | ١ 1 |
يېقىن كېلىڭلار، ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار! ئى قوۋم-خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! يەر-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار، جىمى ئالەم ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان ھەممە مەۋجۇداتلار، تىڭشاڭلار! |
لأَنَّ الرَّبَّ سَاخِطٌ عَلَى كُلِّ الشُّعُوبِ، وَغَضَبُهُ مُنْصَبٌّ عَلَى جَمِيعِ أَجْنَادِهِمْ. قَضَى عَلَيْهِمْ بِالْفَنَاءِ، وَأَسْلَمَهُمْ إِلَى الذَّبْحِ، | ٢ 2 |
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەرگە قارىتا غەزىپى بار، ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ھالاكەتكە پۈتۈپ قويغان، ئۇلارنى قىرغىنچىلىققا تاپشۇرۇۋەتكەن؛ |
فَتُطْرَحُ قَتْلاهُمْ وَيَنْتَشِرُ نَتْنُ جِيَفِهِمْ فِي الْفَضَاءِ، وَتَفِيضُ الْجِبَالُ بِدِمَائِهِمْ، | ٣ 3 |
ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر سىرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ، جەسەتلىرىدىن سېسىقچىلىق پۇرايدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن ئېرىتىلىدۇ؛ |
وَتَنْحَلُّ كُلُّ كَوَاكِبِ السَّمَاءِ، وَتُطْوَى السَّمَاوَاتُ كَدَرْجٍ، وَتَتَسَاقَطُ كُلُّ نُجُومِهَا كَتَسَاقُطِ أَوْرَاقِ الْكَرْمَةِ أَوْ حَبَّاتِ التِّينِ الْمُتَغَضِّنَةِ. | ٤ 4 |
ئاسمانلاردىكى جىمىكى جىسىم-قوشۇنلار چىرىپ يوق بولىدۇ، ئاسمانلار يۆگىمە كىتابدەك تۈرۈلىدۇ؛ ئۈزۈم تېلىنىڭ يوپۇرماقلىرى خازان بولۇپ، سولىشىپ چۈشكەندەك، يىگلەپ كەتكەن ئەنجۈر شېخىدىن چۈشكەندەك، ئۇلارنىڭ جىمىكى جىسىم-قوشۇنلىرى يىقىلىدۇ؛ |
لأَنَّ سَيْفِي قَدْ تَشَرَّبَ بِالسَّخَطِ فِي السَّمَاءِ، وَهَا هُوَ يَنْزِلُ لِيُعَاقِبَ أَدُومَ، وَيَنْتَقِمَ مِنَ الشَّعْبِ الَّذِي قَضَيْتُ عَلَيْهِ بِالفَنَاءِ. | ٥ 5 |
چۈنكى شەمشىرىم ئاسمانلاردا [قان بىلەن] سۇغۇرۇلدى؛ قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛ |
لِلرَّبِّ سَيْفٌ مُشْبَعٌ بِالدَّمِ، مَطْلِيٌّ بِالشَّحْمِ، بِدَمِ حُمْلانٍ وَتُيُوسٍ، وَبِشَحْمِ كُلَى كِبَاشٍ، لأَنَّ لِلرَّبِّ ذَبِيحَةً فِي بُصْرَةَ، وَمَذْبَحَةً فِي أَدُومَ. | ٦ 6 |
پەرۋەردىگارنىڭ بىر شەمشىرى بار؛ ئۇ قانغا بويالدى؛ ئۇ ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن، ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن، قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى، ئېدومدا زور بىر قىرغىنچىلىقى بار. |
وَيَسْقُطُ مَعَهُمُ الْبَقَرُ الْوَحْشِيُّ، وَالْعُجُولُ وَالثِّيرَانُ الْقَوِيَّةُ، فَتَتَشَبَّعُ أَرْضُهُمْ بِالدِّمَاءِ، وَيُخْصِبُ تُرَابُهُمْ بِالشَّحْمِ، | ٧ 7 |
مۇشۇ قىرغىنچىلىقلار بىلەن ياۋايى كالىلار، تورپاقلار ۋە كۈچلۈك بۇقىلارمۇ يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا چۆمۈلىدۇ، توپا-چاڭلىرى ياغ بىلەن مايلىشىپ كېتىدۇ. |
لأَنَّ لِلرَّبِّ يَوْمَ انْتِقَامٍ، سَنَةَ ثَأْرٍ لِدَعْوَى صِهْيَوْنَ، | ٨ 8 |
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان بىر كۈنى، زىئون دەۋاسىدىكى ھېساب ئالىدىغان يىلى بار. |
فَتَنْقَلِبُ أَنْهَارُ أَدُومَ إِلَى زِفْتٍ، وَتُرَابُهُمْ إِلَى كِبْرِيتٍ، وَتُصْبِحُ أَرْضُهَا قَاراً مُشْتَعِلاً. | ٩ 9 |
[ئېدومدىكى] ئېقىنلار قارىمايغا، ئۇنىڭ توپىلىرى گۈڭگۈرتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ زېمىنى بولسا كۆيۈۋاتقان قارىماي بولىدۇ. |
فَلا تَنْطَفِئُ لَيْلاً وَنَهَاراً، وَيُحَلِّقُ دُخَانُهَا إِلَى الْفَضَاءِ مَدَى الدَّهْرِ، وَتَظَلُّ خَرَاباً جِيلاً بَعْدَ جِيلٍ، فَلا يَعْبُرُ بِها أَحَدٌ إِلَى الأَبَدِ، | ١٠ 10 |
ئۇنىڭ ئوتى كېچە-كۈندۈز ئۆچۈرۈلمەيدۇ؛ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈگە ئۆرلەيدۇ؛ ئۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە خارابىلىكتە تۇرىدۇ؛ ھېچكىم ئىككىنچى ئۇ يەرگە ئاياغ باسمايدۇ. |
وَلا يَرِثُهَا سِوَى الصُّقُورِ وَالْقَنَافِذِ، وَيَسْكُنُ فِيهَا الْبُومُ وَالْغُرَابُ، وَيَمُدُّ الرَّبُّ عَلَيْهَا خَيْطَ الدَّمَارِ وَمِطْمَارَ الْهَلاكِ، | ١١ 11 |
چۆل ھۇۋقۇشى ۋە چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ؛ چوڭ ھۇۋقۇش ۋە قاغا-قۇزغۇنلار شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ؛ خۇدا ئۇنىڭغا «تەرتىپسىزلىك-بىمەنىلىكنى ئۆلچەيدىغان تانا»نى، ۋە «قۇپ-قۇرۇقلۇقنى ئۆلچەيدىغان تىك ئۆلچىگۈچ»نى تارتىدۇ. |
وَلا يَجِدُ فِيهَا أَشْرَافُهَا أَثَراً لِلْمَلِكِ، وَيَنْقَرِضُ جَميِعُ رُؤَسَائِهَا. | ١٢ 12 |
بىرسى كېلىپ [ئېدومنىڭ] ئېسىلزادىلىرىنى پادىشاھلىقىنى [ئىدارە قىلىشقا] چاقىرسا، ئۇلاردىن ھېچكىم بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئەمىرلىرى يوق قىلىۋېتىلگەن بولىدۇ. |
يَنْمُو الشَّوْكُ فِي قُصُورِهَا، وَيَزْحَفُ الْعَوْسَجُ عَلَى حُصُونِهَا، فَتُصْبِحُ مَأْوىً لِبَنَاتِ آوَى، وَمَسْكِناً لِلنَّعَامِ. | ١٣ 13 |
ئوردىلىرىدا تىكەنلەر، قەلئە-قورغانلىرىدا چاققاق-جىغانلار ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ ئۇ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى، «ھۇۋقۇشلارنىڭ ئوردىسى» بولىدۇ. |
وَتَجْتَمِعُ فِيهَا الْوُحُوشُ الْبَرِّيَّةُ مَعَ الذِّئَابِ، وَوَعْلُ الْبَرِّ يَدْعُو صَاحِبَهُ، وَهُنَاكَ تَسْتَقِرُّ وُحُوشُ اللَّيْلِ وَتَجِدُ لِنَفْسِهَا مَلاذَ رَاحَةٍ. | ١٤ 14 |
شۇ يەردە چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار، ياۋايى ئىتلار جەم بولىدۇ؛ ھەربىر «ئۆچكە جىن» ئۆز قېرىندىشىغا توۋلايدۇ؛ تۈن مەخلۇقلىرى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، ئۇنى ئۆزىگە ئارامگاھ قىلىپ تۇرىدۇ. |
هُنَاكَ تَعِيشُ الْبُومُ وَتَبِيضُ وَتُفْرِخُ وَتَرْعَى صِغَارَهَا تَحْتَ أَجْنِحَتِهَا، وَهُنَاكَ أَيْضاً تَتَلاقَى الصُّقُورُ بَعْضُهَا بِبَعْضٍ. | ١٥ 15 |
«ئوق يىلان» شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدە تۇخۇملايدۇ، بالىلىرىنى يىغىپ باقىدۇ. قورۇلتاز-تاپقۇشلار ھەربىرى ئۆز جۈپى بىلەن شۇ يەردە توپلىنىدۇ؛ |
ابْحَثُوا فِي سِفْرِ الرَّبِّ وَاقْرَأُوا: فَكَلِمَةٌ وَاحِدَةٌ لَا يُمْكِنُ أَنْ تَسْقُطَ، إِذْ كُلُّ أَلِيفٍ سَيَجْتَمِعُ بِأَلِيفِهِ، لأَنَّ فَمَ الرَّبِّ قَدْ أَمَرَ، وَرُوحَهُ يَجْمَعُهَا مَعاً. | ١٦ 16 |
پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابىدىن ئىزدەپ ئوقۇپ باققىن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرى چۈشۈپ قالمايدۇ؛ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆز جورىسى كەم بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۆزىنىڭ ئاغزى ئۇلارغا بۇيرۇغان؛ ئۇنىڭ ئۆز روھى ئۇلارنى توپلىغان. |
فَهُوَ قَدْ أَلْقَى عَلَيْهَا الْقُرْعَةَ، وَيَدُهُ قَدْ وَزَّعَتْهَا بِقِسْطَاسٍ، فَتَرِثُهَا إِلَى الأَبَدِ وَتُقِيمُ فِيهَا جِيلاً بَعْدَ جِيلٍ. | ١٧ 17 |
چۈنكى [پەرۋەردىگار] ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ئۆز قولى بىلەن زېمىنغا تانا تارتىپ ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن؛ ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈگە ئىگىدارلىق قىلىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە شۇ يەرنى ماكان قىلىدۇ. |