أَيُّهَا الْهَارِبُونَ مِنْ مُوآبَ إِلَى سَالِعَ فِي الصَّحْرَاءِ، أَرْسِلُوا حُمْلاناً إِلَى مَلِكِ يَهُوذَا فِي أُورُشَلِيمَ (طَلَباً لِلْحِمَايَةِ قَائِلِينَ): | ١ 1 |
«ئەمدى [غەللە-پاراق] قوزىسىنى سېلا [رايوندىن] ئېلىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ زېمىنلارنىڭ ھۆكۈمرانىغا، يەنى زىئون قىزىنىڭ تېغىغا ئەۋەتكىن!» |
نِسَاءُ مُوآبَ عَلَى ضِفَافِ أَرْنُونَ مِثْلُ الطُّيُورِ التَّائِهَةِ أَوِ الفِرَاخِ الشَّارِدَةِ. | ٢ 2 |
ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن قۇشلاردەك، موئاب قىزلىرى ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىدە [ئالاقزادە] يۈرىدۇ. |
فَانْصَحْنَا، أَنْصِفْنَا، لِيَكُنْ ظِلُّكَ عَلَيْنَا فِي الظَّهِيرَةِ كَاللَّيْلِ فَتَسْتُرَ مَنْفِيِّينَا عَنْ عُيُونِ أَعْدَائِنَا وَلا تَشِي بِاللّاجِئِينَ مِنَّا. | ٣ 3 |
«پاراسەت بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار!» |
لِتَمْكُثْ مَعَكُمْ فُلُولُ الْهَارِبِينَ مِنَّا وَاعْصُمْهُمْ مِنْ مُدَمِّرِهِمْ لأَنَّ البَاغِيَ يَبِيدُ وَالدَّمَارَ يَكُفُّ وَالظَّالِمَ يَفْنَى مِنَ الأَرْضِ. | ٤ 4 |
«[ئى زىئون قىزى]، سايىڭىزنى چۈشۈرۈپ چۈشتىكى يورۇقلۇقنى تۈن قاراڭغۇسىدەك قىلىڭ، شۇ غېرىبلارنى يوشۇرۇپ قويغايسىز؛ قوغلانغانلارنى ئاشكارىلاپ قويمىغايسىز! مېنىڭ موئابدىكى مۇساپىرلىرىمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرغۇزغايسىز، ئۇلار ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا باشپاناھ بولغايسىز!». |
وَلا يَلْبَثُ أَنْ يَثْبُتَ بالرَّحْمَةِ عَرْشٌ فِي بَيْتِ دَاوُدَ يَجْلِسُ عَلَيْهِ بِأَمَانَةٍ مَلِكٌ يَقْضِي بِالْعَدْلِ وَالإِنْصَافِ. | ٥ 5 |
«[ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا]، چۈنكى ئەزگۈچى يوقىلىدۇ، ھالاكەت يوق بولىدۇ، ئەزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى زېمىندىن يوقىلىدۇ. ئۆزگەرمەس مېھىر-شەپقەت بىلەن بىر تەخت تىكلىنىدۇ؛ «داۋۇتنىڭ چېدىرى» ئىچىدىكى شۇ تەخت ئۈستىدە بىرسى ئولتۇرىدۇ. ئۇ بولسا، ھەقىقەتەن ئادالەت يۈرگۈزىدىغان، شۇنداقلا ئادالەتنى ئىزدەيدىغان، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولىدۇ. |
قَدْ سَمِعْنَا بِكِبْرِيَاءِ مُوآبَ، وَبِعَجْرَفَتِهَا وَغَطْرَسَتِهَا الطَّاغِيَتَيْنِ، وَبِغُرُورِهَا وَصَلَفِهَا، وَلَكِنَّ كُلَّ افْتِخَارِهَا بَاطِلٌ. | ٦ 6 |
ــ بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، يەنى ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، تەكەببۇرلۇقى، نوچىلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق؛ بىراق ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ! |
لِذَلِكَ يُوَلْوِلُ الْمُوآبِيُّونَ عَلَى مُوآبَ، وَيَئِنُّونَ عَلَى قِيرَ حَارِسَ الْمُدَمَّرَةِ. | ٧ 7 |
شۇڭا موئاب موئاب ئۈچۈن زار يىغلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى زار-زار يىغلايدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈپ كىر-ھارەسەتنىڭ «كىشمىش پوشكاللىرى» ئۈچۈن زار-زار يىغلاڭلار! |
ذَبُلَتْ حُقُولُ حَشْبُونَ وَكُرُومُ سِبْمَةَ الَّتِي أَتْلَفَ أُمَرَاءُ الأُمَمِ أَفْضَلَهَا، الَّتِي وَصَلَتْ يَوْماً إِلَى يَعْزِيرَ، وَامْتَدَّتْ إِلَى الْقَفْرِ وَبَلَغَتْ فُرُوعُهَا إِلَى الصَّحْرَاءِ. | ٨ 8 |
ھەشبون رايونىدىكى ئېتىزلار، سىبماھدىكى ئۈزۈم تاللىرىمۇ يىگلەپ كېتىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سەرخىل ئۆسۈملۈكلىرىنى بۇزۇپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەرگىچە يېتىپ، چۆل-دالالارنى كەزگەنىدى؛ پېلەكلىرى سوزۇلۇپ، «[ئۆلۈك] دېڭىز»نىڭ نېرىسىغا يەتتى. |
لِذَلِكَ أَبْكِي كَبُكَاءِ يَعْزِيرَ عَلَى كُرُومِ سِبْمَةَ وَأُرْوِيكُمَا بِدُمُوعِي يَا حَشْبُونُ وَيَا أَلْعَالَةُ. لأَنَّ جَلَبَةَ الدَّمَارِ قَدْ وَقَعَتْ عَلَى حَصَادِكِ وَقِطَافِكِ. | ٩ 9 |
شۇڭا مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن بىللە سىبماھنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن يىغلايمەن؛ ئى ھەشبون، ئېلېئالاھ، ئۆز كۆز ياشلىرىم بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمەن! چۈنكى يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە تەنتەنە بىر سادا ياڭرىتىلىدۇ. |
وَانْتُزِعَ الْفَرَحُ وَالابْتِهَاجُ مِنْ رَوْضَتِكِ، فَلَمْ يَبْقَ أَحَدٌ يُرَنِّمُ أَوْ يَهْتِفُ فِي كُرُومِكِ، وَلا يُوْجَدُ مَنْ يَدُوسُ الْخَمْرَ فِي مِعْصَرَتِكِ، لأَنِّي قَدْ أَخْرَسْتُ الْهُتَافَ. | ١٠ 10 |
خۇشاللىق مېۋىلىك باغلاردىن مەھرۇم قىلىنىپ، شادلىقمۇ يوق قىلىنىدۇ؛ ئۈزۈمزارلىقلاردا نە ناخشا ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ، نە تەنتەنە قىلىنمايدۇ؛ دەسسىگۈچىلەر ئۈزۈم كۆلچەكلىرىنى چەيلىمەيدۇ. چۈنكى مەن ئۈزۈم كۆلچەكلىرىدىكى خۇشال ۋارقىراشلارنى توختاتتىم. |
لِهَذَا تَئِنُّ رُوحِي عَلَى مُوآبَ كَعُودٍ، وَأَحْشَائِي تَتَلَوَّى عَلَى قِيرَ حَارِسَ. | ١١ 11 |
شۇڭا ئىچ-باغرىلىرىم موئاب ئۈچۈن چالغان چىلتاردەك ئاغرىپ مۇڭلۇق ياڭرايدۇ، ئىچىم كىر-ھەرەسدىكىلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق؛ |
وَعِنْدَمَا يَحْضُرُ الْمُوآبِيُّونَ إِلَى الْمُرْتَفَعَاتِ الْمُشْرِفَةِ، يَأْخُذُهُمُ الإِعْيَاءُ، وَعِنْدَمَا يَذْهَبُونَ إِلَى مَقَادِسِهِمْ لِيُصَلُّوا، يَجْنُونَ الْبَاطِلَ. | ١٢ 12 |
شۇنداق بولىدۇكى، موئاب ئۆزىنى ئۇپرىتىپ دۇئا قىلغىلى ئۆزىنىڭ «يۇقىرى ئورنى»غا چىقىپ كەلگەندە، ياكى دۇئا قىلغىلى «مۇقەددەس ئۆيى»گە كىرگەندە، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. |
هَذَا مَا تَكَلَّمَ الرَّبُّ بِهِ عَلَى مُوآبَ مُنْذُ زَمَنٍ. | ١٣ 13 |
مانا مۇشۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار موئاب توغرۇلۇق بۇرۇن ئېيتقان. |
وَهَا هُوَ يَتَكَلَّمُ الآنَ قَائِلاً: «فِي غُضُونِ ثَلاثِ سَنَوَاتٍ، كَسَنَواتِ الأَجِيرِ، يُذَلُّ مَجْدُ مُوآبَ، وَيُحْتَقَرُ جَمِيعُ شَعْبِهَا، وَالنَّاجُونَ مِنْهُمْ يَكُونُونَ قِلَّةً ضَعِيفَةً». | ١٤ 14 |
بىراق ھازىر پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۈچ يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، موئابنىڭ كۆپلىگەن قوشۇن-ئاھالىسى بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ پەخىرلەنگەن شۆھرىتى يەكسان بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بولسا ئىنتايىن ئاز ۋە ھالسىز بولىدۇ». |