وَقَالَ الرَّبُّ لِنُوحٍ: «هَيَّا ادْخُلْ أَنْتَ وَأَهْلُ بَيْتِكَ جَمِيعاً إِلَى الْفُلْكِ لأَنِّي وَجَدْتُكَ وَحْدَكَ صَالِحاً أَمَامِي فِي هَذَا الْجِيلِ. | ١ 1 |
پەرۋەردىگار نۇھقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن پۈتۈن ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كېمىگە كىرگىن؛ چۈنكى بۇ دەۋردە ئالدىمدا سېنى ھەققانىي دەپ كۆردۈم. |
خُذْ مَعَكَ مِنْ كُلِّ نَوْعٍ مِنَ الْحَيَوَانَاتِ الطَّاهِرَةِ سَبْعَةَ ذُكُورٍ وَسَبْعَ إِنَاثٍ، وَاثْنَيْنِ، ذَكَراً وَأُنْثَى مِنْ كُلِّ نَوْعٍ مِنَ الْحَيَوَانَاتِ الأُخْرَى غَيْرِ الطَّاهِرَةِ. | ٢ 2 |
ھەممە ھالال ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، ھارام ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىپ، شۇنىڭدەك ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە تىرىك ساقلاش ئۈچۈن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئەكىر. |
وَخُذْ مَعَكَ أَيْضاً مِنْ كُلِّ نَوْعٍ مِنَ الطُّيُورِ سَبْعَةَ ذُكُورٍ وَسَبْعَ إِنَاثٍ لاسْتِبْقَاءِ نَسْلِهَا عَلَى وَجْهِ كُلِّ الأَرْضِ. | ٣ 3 |
فَإِنِّي بَعْدَ سَبْعَةِ أَيَّامٍ أُمْطِرُ عَلَى الأَرْضِ أَرْبَعِينَ يَوْماً، لَيْلاً وَنَهَاراً، فَأَمْحُو عَنْ وَجْهِ الأَرْضِ كُلَّ مَخْلُوقٍ حَيٍّ». | ٤ 4 |
چۈنكى يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن؛ ئۆزۈم ياسىغان ھەممە جانىۋارلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن». |
وَفَعَلَ نُوحٌ بِمُوْجِبِ كُلِّ مَا أَمَرَهُ الرَّبُّ بِهِ. | ٥ 5 |
شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدى. |
وَكَانَ عُمْرُ نُوحٍ سِتَّ مِئَةِ سَنَةٍ عِنْدَمَا حَدَثَ طُوفَانُ الْمَاءِ عَلَى الأَرْضِ. | ٦ 6 |
يەر يۈزىنى توپان باسقاندا نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. |
فَدَخَلَ نُوحٌ إِلَى الْفُلْكِ مَعَ زَوْجَتِهِ وَأَبْنَائِهِ وَزَوْجَاتِهِمْ (لِيَنْجُوا) مِنْ مِيَاهِ الطُّوفَانِ. | ٧ 7 |
توپاندىن [قۇتۇلۇپ قېلىش] ئۈچۈن نۇھ بىلەن ئوغۇللىرى، ئايالى ۋە كېلىنلىرى بىللە كېمىگە كىردى. |
وَكَذَلِكَ الْحَيَوَانَاتُ الطَّاهِرَةُ وَغَيْرُ الطَّاهِرَةِ، وَالطُّيُورُ وَالزَّوَاحِفُ، | ٨ 8 |
ھالال ھايۋانلار بولسۇن، ھارام ھايۋانلار بولسۇن، قۇشلار بىلەن يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار بولسۇن، [ھەربىر تۈردىن] بىر جۈپ-بىر جۈپتىن ئەركەك-چىشى بولۇپ، خۇدا نۇھقا بۇيرۇغاندەك كېمىگە، نۇھنىڭ قېشىغا كىردى. |
دَخَلَتْ مَعَ نُوحٍ إِلَى الْفُلْكِ اثْنَيْنِ اثْنَيْنِ، ذَكَراً وَأُنْثَى، كَمَا أَمَرَ اللهُ نُوحاً. | ٩ 9 |
وَمَا إِنِ انْقَضَتِ الأَيَّامُ السَّبْعَةُ حَتَّى فَاضَتِ الْمِيَاهُ عَلَى الأَرْضِ | ١٠ 10 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى. |
فَفِي سَنَةِ سِتِّ مَئَةٍ مِنْ عُمْرِ نُوحٍ، فِي الشَّهْرِ الثَّانِي، فِي الْيَوْمِ السَّابِعَ عَشَرَ مِنْهُ، تَفَجَّرَتِ الْمِيَاهُ مِنَ اللُّجَجِ الْعَمِيقَةِ فِي بَاطِنِ الأَرْضِ، وَهَطَلَتْ أَمْطَارُ السَّمَاءِ الْغَزِيرَةُ، | ١١ 11 |
نۇھنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالتە يۈزىنچى يىلى، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنىدە چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بارلىق بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېچىلىپ كەتتى. |
وَاسْتَمَرَّ هَذَا الطُّوفَانُ عَلَى الأَرْضِ لَيْلاً وَنَهَاراً مُدَّةَ أَرْبَعِينَ يَوْماً. | ١٢ 12 |
يامغۇر ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە توختىماي ياغدى. |
فِي ذَلِكَ الْيَوْمِ الَّذِي بَدَأَ فِيهِ الطُّوفَانُ دَخَلَ نُوحٌ وَزَوْجَتُهُ وَأَبْنَاؤُهُ سَامٌ وَحَامٌ وَيَافَثُ وَزَوْجَاتُهُمُ الثَّلَاثُ إِلَى الْفُلْكِ. | ١٣ 13 |
دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، نۇھنىڭ شەم، ھام، يافەت دېگەن ئوغۇللىرى، نۇھنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ كېلىنى كېمىگە كىردى. |
وَدَخَلَ مَعَهُمْ أَيْضاً مِنَ الْوُحُوشِ وَالْبَهَائِمِ وَالزَّوَاحِفِ وَالطُّيُورِ وَذَوَاتِ الأَجْنِحَةِ كُلٍّ حَسَبَ أَصْنَافِهَا؛ | ١٤ 14 |
ئۇلار بىلەن بىللە ھەرخىل ياۋا ھايۋانلار تۈر-تۈرى بويىچە، ھەرخىل مال-چارۋىلار تۈر-تۈرى بويىچە، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەرخىل جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلار، يەنى ھەرخىل قاناتلىق جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە كېمىگە كىردى. |
مِنْ جَمِيعِ الْمَخْلُوقَاتِ الْحَيَّةِ أَقْبَلَتْ إِلَى الْفُلْكِ، وَدَخَلَتْ مَعَ نُوحٍ اثْنَيْنِ اثْنَيْنِ، | ١٥ 15 |
ئەت ئىگىلىرىدىن، يەنى بارلىق ھاياتلىق تىنىقى بولغان ھەرخىل جاندارلاردىن، بىر جۈپ-بىر جۈپ بولۇپ، كېمىگە نۇھنىڭ قېشىغا كىردى. |
ذَكَراً وَأُنْثَى دَخَلَتْ، مِنْ كُلِّ ذِي جَسَدٍ، كَمَا أَمَرَهُ اللهُ. ثُمَّ أَغْلَقَ الرَّبُّ عَلَيْهِ بَابَ الْفُلْكِ. | ١٦ 16 |
كىرگەنلەر خۇدانىڭ نۇھقا بۇيرۇغىنىدەك ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەرتۈرىنىڭ ئەركەك-چىشىسى ئىدى. ئاندىن پەرۋەردىگار ئىشىكنى ئېتىۋەتتى. |
وَدَامَ الطُّوفَانُ أَرْبَعِينَ يَوْماً عَلَى الأَرْضِ، وَطَغَتِ الْمِيَاهُ وَرَفَعَتِ الْفُلْكَ فَوْقَ الأَرْضِ، | ١٧ 17 |
توپان يەر يۈزىنى ئۇدا قىرىق كۈن بېسىپ، سۇلار ئۇلغىيىپ كەتتى. كېمە يەر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈپ لەيلەپ قالدى. |
وَتَكَاثَرَتِ الْمِيَاهُ عَلَى الأَرْضِ وَطَغَتْ جِدّاً، فَكَانَ الْفُلْكُ يَطْفُو فَوْقَ الْمِيَاهِ. | ١٨ 18 |
سۇ ئۇلغىيىپ، يەر ئۈستىدە تېخىمۇ ئېگىزلەپ كەتتى؛ كېمە سۇ ئۈستىدە داۋالغۇپ تۇراتتى. |
وَتَعَاظَمَتِ الْمِيَاهُ جِدّاً فَوْقَ الأَرْضِ حَتَّى أَغْرَقَتْ جَمِيعَ الْجِبَالِ الْعَالِيَةِ الَّتِي تَحْتَ السَّمَاءِ كُلِّهَا. | ١٩ 19 |
سۇلار يەر يۈزىدە تولىمۇ ئۇلغىيىپ، پۈتكۈل ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق ئېگىز تاغلارنىمۇ بېسىپ كەتتى. |
وَبَلَغَ ارْتِفَاعُهَا خَمْسَ عَشْرَةَ ذِرَاعاً (نَحْوَ سَبْعَةِ أَمْتَارٍ) عَنْ أَعْلَى الْجِبَالِ، | ٢٠ 20 |
سۇلار [تاغلاردىن] يەنە ئون بەش گەز ئۆرلەپ، تاغ چوققىلىرىمۇ سۇ ئاستىدا قالدى. |
فَمَاتَ كُلُّ كَائِنٍ حَيٍّ يَتَحَرَّكُ عَلَى الأَرْضِ مِنْ طُيُورٍ وَبَهَائِمَ وَوُحُوشٍ وَزَوَاحِفَ وَكُلِّ بَشَرٍ | ٢١ 21 |
بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە يۈرگۈچى ھەممە ئەت ئىگىلىرى، ئۇچار-قۇشلار، مال-چارۋىلار، ياۋايى ھايۋانلار، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەممە جانىۋارلار، جۈملىدىن پۈتكۈل ئادەملەر ھەممىسى ئۆلدى؛ |
مَاتَ كُلُّ مَا يَحْيَا وَيَتَنَفَّسُ عَلَى الْيَابِسَةِ. | ٢٢ 22 |
قۇرۇقلۇقتا ياشىغۇچى، بۇرنىدا ھاياتلىق تىنىقى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. |
وَبَادَ مِنْ عَلَى سَطْحِ الأَرْضِ كُلُّ كَائِنٍ حَيٍّ سَوَاءٌ مِنَ النَّاسِ أَمِ الْبَهَائِمِ أَمِ الزَّوَاحِفِ أَمِ الطُّيُورِ، كُلُّهَا أُبِيدَتْ مِنَ الأَرْضِ، وَلَمْ يَبْقَ سِوَى نُوحٍ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ. | ٢٣ 23 |
يەر يۈزىدىكى جېنى بارلارنىڭ ھەممىسى، ئىنسان بولسۇن، مال-چارۋىلار بولسۇن، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بولسۇن، ئاسماندىكى قۇشلار بولسۇن، ھەممىسى ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىن يوق قىلىندى؛ پەقەت نۇھ ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلار قۇتۇلۇپ قالدى. |
وَظَلَّتِ الْمِيَاهُ طَامِيَةً عَلَى الأَرْضِ مُدَّةَ مِئَةٍ وَخَمْسِينَ يَوْماً. | ٢٤ 24 |
بىر يۈز ئەللىك كۈنگىچە يەر يۈزىنى سۇ بېسىپ تۇردى. |