وَاتَّفَقَ بَعْدَ ذَلِكَ أَنَّ سَاقِيَ مَلِكِ مِصْرَ وَالْخَبَّازَ أَذْنَبَا إِلَى سَيِّدِهِمَا مَلِكِ مِصْرَ، | ١ 1 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھىنىڭ زىتىغا تېگىپ گۇناھكار بولۇپ قالدى. |
فَسَخَطَ فِرْعَوْنُ عَلَى خَصِيَّيْهِ: رَئِيسِ السُّقَاةِ وَرَئِيسِ الْخَبَّازِينَ، | ٢ 2 |
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئۇنىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىغا، يەنى باش ساقىي ۋە باش ناۋايغا غەزەپلىنىپ، |
وَزَجَّهُمَا فِي مُعْتَقَلِ بَيْتِ رَئِيسِ الْحَرَسِ فِي السِّجْنِ، فِي الْمَكَانِ الَّذِي كَانَ يُوسُفُ مَحْبُوساً فِيهِ. | ٣ 3 |
ئۇلارنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىغا، يۈسۈپ سولاقلىق مۇنارلىق زىندانغا سولاپ قويدى. |
فَوَلَّى رَئِيسُ الْحَرَسِ يُوسُفَ أَمْرَهُمَا، فَقَامَ عَلَى خِدْمَتِهِمَا، فَمَكَثَا فِي الْمُعْتَقَلِ أَيَّاماً. | ٤ 4 |
پاسىبان بېشى يۈسۈپنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنى كۈتۈشكە تەيىنلىدى. ئۇلار سولاقتا بىرنەچچە كۈن يېتىپ قالدى. |
وَحَلُمَ كُلٌّ مِنْ سَاقِي مَلِكِ مِصْرَ وَخَبَّازِهِ الْمُعْتَقَلَيْنِ فِي السِّجْنِ حُلْماً فِي لَيْلَةٍ وَاحِدَةٍ. وَكَانَ لِحُلْمِ كُلٍّ مِنْهُمَا مَعْنَاهُ الْخَاصُّ بِصَاحِبِهِ. | ٥ 5 |
ئۇلار ئىككىسى ــ مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە ناۋىيى گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرغان بىر كېچىدە چۈش كۆردى. ھەربىرىنىڭ چۈشىنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرى بار ئىدى. |
فَأَقْبَلَ عَلَيْهِمَا يُوسُفُ فِي الصَّبَاحِ فَوَجَدَهُمَا مُكْتَئِبَيْنِ. | ٦ 6 |
ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ غەمكىن ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ |
فَسَأَلَهُمَا: «لِمَاذَا وَجْهَاكُمَا مُكَمَّدَانِ فِي هَذَا الْيَوْمِ؟» | ٧ 7 |
شۇڭا ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە خوجىسىنىڭ سارىيىدا سولاقلىق ياتقان پىرەۋننىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىدىن: ــ نېمىشقا چىرايىڭلار بۈگۈن شۇنچە سولغۇن؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَأَجَابَاهُ: «حَلُمَ كُلٌّ مِنَّا حُلْماً وَلَيْسَ مَنْ يُفَسِّرُهُ». فَقَالَ يُوسُفُ: «أَلَيْسَتْ تَفَاسِيرُ الأَحْلامِ لِلهِ؟ حَدِّثَانِي بِهِمَا». | ٨ 8 |
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئىككىمىز بىر چۈش كۆردۇق؛ ئەمما چۈشىمىزنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىدىغان كىشى يوق، دېدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ چۈشكە تەبىر بېرىش خۇدادىن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. |
فَسَرَدَ رَئِيسُ السُّقَاةِ حُلْمَهُ عَلَى يُوسُفَ. قَالَ: «رَأَيْتُ فِي حُلْمِي وَإذَا كَرْمَةٌ أَمَامِي، | ٩ 9 |
بۇنىڭ بىلەن باش ساقىي يۈسۈپكە چۈشىنى ئېيتىپ: ــ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر ئۈزۈم تېلى تۇرغۇدەك؛ |
فِيهَا ثَلاثَةُ أَغْصَانٍ أَفْرَخَتْ ثُمَّ أَزْهَرَتْ، وَمَا لَبِثَتْ عَنَاقِيدُهَا أَنْ أَثْمَرَتْ عِنَباً نَاضِجاً. | ١٠ 10 |
بۇ ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۈچ شېخى بار ئىكەن. ئۇ بىخ ئۇرۇپ چېچەكلەپ، ساپلىرىدا ئۇزۇم پىشىپ كېتىپتۇدەك؛ |
وَكَانَتْ كَأْسُ فِرْعَوْنَ فِي يَدِي، فَتَنَاوَلْتُ الْعِنَبَ وَعَصَرْتُهُ فِي كَأْسِ فِرْعَوْنَ وَوَضَعْتُ الْكَأْسَ فِي يَدِهِ». | ١١ 11 |
پىرەۋننىڭ قەدەھى قولۇمدا ئىكەن؛ مەن ئۈزۈملەرنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ قەدەھىگە سىقىپ، قەدەھنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنۇپتىمەن، دېدى. |
فَقَالَ لَهُ يُوسُفُ: «إِلَيْكَ تَفْسِيرَهُ: الثَّلاثَةُ الأَغْصَان هِيَ ثَلاثَةُ أَيَّامٍ. | ١٢ 12 |
يۈسۈپ ئۇنىڭغا جاۋابەن: چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى، بۇ ئۈچ شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. |
بَعْدَ ثَلاثَةِ أَيَّامٍ يَرْضَى عَنْكَ فِرْعَوْنُ، وَيَرُدُّكَ إِلَى مَنْزِلَتِكَ حَيْثُ تُنَاوِلُ فِرْعَوْنَ كَأْسَهُ، تَمَاماً كَمَا كُنْتَ مُعْتَاداً أَنْ تَفْعَلَ عِنْدَمَا كُنْتَ سَاقِيَهُ. | ١٣ 13 |
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن قەددىڭنى رۇسلىتىپ، سېنى مەنسىپىڭگە قايتىدىن تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەن بۇرۇن ئۇنىڭغا ساقىي بولغاندەك پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنىدىغان بولىسەن. |
إِنَّمَا إِذَا أَصَابَكَ خَيْرٌ فَاذْكُرْنِي وَأَحْسِنْ إِلَيَّ. اذْكُرْنِي لَدَى فِرْعَوْنَ وَأَخْرِجْنِي مِنْ هَذَا السِّجْنِ، | ١٤ 14 |
لېكىن ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاندا مېنى يادىڭغا يەتكۈزۈپ، ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ پىرەۋننىڭ ئالدىدا مېنىڭ توغرامدا گەپ قىلىپ، مېنى بۇ ئۆيدىن چىقارتقايسەن. |
لأَنَّنِي حُمِلْتُ عَنْوَةً مِنْ أَرْضِ الْعِبْرَانِيِّينَ، وَهُنَا أَيْضاً لَمْ أَجْنِ شَيْئاً لِيَزُجُّوا بِي فِي هَذَا السِّجْنِ». | ١٥ 15 |
چۈنكى مەن ھەقىقەتەن ئىبرانىيلارنىڭ زېمىنىدىن ناھەق تۇتۇپ ئېلىپ كېلىندىم؛ بۇ يەردىمۇ مېنى زىندانغا سالغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى. |
وَعِنْدَمَا رَأَى رَئِيسُ الْخَبَّازِينَ أَنَّ يُوسُفَ أَحْسَنَ التَّفْسِيرَ، قَالَ لَهُ: «رَأَيْتُ أَنَا أَيْضاً حُلْماً، وَإذَا بِثَلاثَةِ سِلالٍ بَيْضَاءَ عَلَى رَأْسِي. | ١٦ 16 |
باش ناۋاي يۈسۈپنىڭ شۇنداق ياخشى تەبىر بەرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ مەنمۇ ئۆزۈمنى چۈشۈمدە كۆردۈم؛ مانا، بېشىمدا ئاق نان بار ئۈچ سېۋەت بار ئىكەن. |
وَكَانَ السَّلُّ الأَعْلَى مَلِيئاً مِنْ طَعَامِ فِرْعَوْنَ مِمَّا يُعِدُّهُ الْخَبَّازُ، إِلّا أَنَّ الطُّيُورَ كَانَتْ تَلْتَهِمُهُ مِنَ السَّلِّ الَّذِي عَلَى رَأْسِي». | ١٧ 17 |
ئەڭ ئۈستۈنكى سېۋەتتە ناۋايلار پىرەۋنگە پىشۇرغان ھەرخىل نازۇنېمەتلەر بار ئىكەن؛ لېكىن قۇشلار بېشىمدىكى ئۇ سېۋەتتىكى نەرسىلەرنى يەپ كېتىپتۇدەك، ــ دېدى. |
فَقَالَ يُوسُفُ: «إِلَيْكَ تَفْسِيرَهُ: الثَّلاثَةُ السِّلالُ هِيَ ثَلاثَةُ أَيَّامٍ | ١٨ 18 |
يۈسۈپ جاۋابەن: ــ چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى: ــ بۇ ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. |
بَعْدَ ثَلاثَةِ أَيَّامٍ يَقْطَعُ فِرْعَوْنُ رَأْسَكَ وَيُعَلِّقُكَ عَلَى خَشَبَةٍ فَتَأْكُلُ الطُّيُورُ لَحْمَكَ». | ١٩ 19 |
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ، جەسىتىڭنى دەرەخكە ئاسىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇچارقاناتلار كېلىپ گۆشۈڭنى يەيدىكەن، ــ دېدى. |
وَكَانَ الْيَوْمُ الثَّالِثُ هُوَ يَوْمُ عِيدِ مِيلادِ فِرْعَوْنَ، فَأَقَامَ مَأْدُبَةً لِجَمِيعِ رِجَالِهِ، وَأَحْضَرَ مِنَ السِّجْنِ رَئِيسَ السُّقَاةِ وَرَئِيسَ الْخَبَّازِينَ أَمَامَهُمْ. | ٢٠ 20 |
ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، پىرەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت قىلىپ بەردى، شۇنداقلا دەرۋەقە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا باش ساقىينىڭ بېشىنى كۆتۈردى ۋە باش ناۋاينىڭ بېشىنى ئالدى؛ |
وَرَدَّ رَئِيسَ السُّقَاةِ إِلَى عَمَلِهِ، فَصَارَ يُقَدِّمُ الْكَأْسَ لِيَدِ فِرْعَوْنَ. | ٢١ 21 |
ئۇ باش ساقىينى قايتىدىن ئۆز مەنسىپىگە تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا قايتىدىن سۇنىدىغان بولدى. |
أَمَّا رَئِيسُ الْخَبَّازِينَ فَقَدْ عَلَّقَهُ (عَلَى خَشَبَةٍ) مِثْلَمَا فَسَّرَ لَهُمَا يُوسُفُ حُلْمَيْهِمَا. | ٢٢ 22 |
لېكىن باش ناۋاينى بولسا يۈسۈپ ئۇلارغا تەبىر بەرگەندەك ئېسىۋەتتى. |
وَلَكِنَّ رَئِيسَ السُّقَاةِ لَمْ يَذْكُرْ يُوسُفَ بَلْ نَسِيَهُ. | ٢٣ 23 |
ئەمما باش ساقىي يۈسۈپنى ھېچ ئەسلىمەي، ئەكسىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قالدى. |