وَحَدَثَ فِي ذَلِكَ الْوَقْتِ أَنَّ يَهُوذَا افْتَرَقَ عَنْ إِخْوَتِهِ وَأَقَامَ عِنْدَ رَجُلٍ عَدُلَّامِيٍّ يُدْعَى حِيرَةَ | ١ 1 |
ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىدىن كېتىپ، ھىراھ ئىسىملىك ئادۇللاملىق بىر كىشىنىڭكىگە چۈشتى. |
وَشَاهَدَ هُنَاكَ ابْنَةَ كَنْعَانِيٍّ اسْمُهُ شُوعٌ، فَتَزَوَّجَهَا، | ٢ 2 |
شۇ يەردە يەھۇدا شۇئا ئىسىملىك بىر قانائانىينىڭ قىزىنى كۆردى؛ ئۇ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېشىغا كىرىپ ياتتى. |
فَحَمَلَتْ وَأَنْجَبَتْ لَهُ ابْناً دَعَاهُ عِيراً. | ٣ 3 |
ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى؛ يەھۇدا ئۇنىڭغا «ئەر» دەپ ئات قويدى. |
ثُمَّ حَمَلَتْ أَيْضاً وَأَنْجَبَتِ ابْناً سَمَّتْهُ أُونَانَ. | ٤ 4 |
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا ئونان دەپ ئات قويدى. |
ثُمَّ عَادَتْ فَأَنْجَبَتْ فِي كَزِيبَ ابْناً دَعَتْهُ شِيلَةَ. | ٥ 5 |
ئاندىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا شەلاھ دەپ ئات قويدى. ئۇ تۇغۇلغاندا يەھۇدا كېزىبدا ئىدى. |
وَأَخَذَ يَهُوذَا لِعِيرَ بِكْرِهِ زَوْجَةً تُدْعَى ثَامَارَ. | ٦ 6 |
يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئەرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. |
وَإِذْ كَانَ عِيرُ بِكْرُ يَهُوذَا شِرِّيراً، أَمَاتَهُ الرَّبُّ. | ٧ 7 |
لېكىن يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈردى. |
فَقَالَ يَهُوذَا لأُونَانَ: «ادْخُلْ عَلَى زَوْجَةِ أَخِيكَ وَتَزَوَّجْهَا وَأَقِمْ لأَخِيكَ نَسْلاً». | ٨ 8 |
بۇ چاغدا يەھۇدا ئونانغا: ــ ئاكاڭنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئاكاڭ ئۈچۈن نەسىل قالدۇرغىن، دېدى. |
وَعَرَفَ أُونَانُ أَنَّ النَّسْلَ لَا يَكُونُ لَهُ، فَكَانَ كُلَّمَا عَاشَرَ امْرَأَةَ أَخِيهِ يُفْسِدُ عَلَى الأَرْضِ، كَيْ لا يُقِيمَ لأَخِيهِ نَسْلاً. | ٩ 9 |
ئەمما ئونان بۇ نەسىلنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر قېتىم ئاكىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولغاندا مەنىيسىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى. |
فَسَاءَ عَمَلُهُ هَذَا فِي عَيْنَيِ الرَّبِّ فَأَمَاتَهُ أَيْضاً. | ١٠ 10 |
ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل كۆرۈنگەچكە، ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. |
فَقَالَ يَهُوذَا لِثَامَارَ كَنَّتِهِ: «امْكُثِي أَرْمَلَةً فِي بَيْتِ أَبِيكِ رَيْثَمَا يَكْبُرُ شِيلَةُ ابْنِي». لأَنَّهُ قَالَ: «لِئَلّا يَمُوتَ شِيلَةُ أَيْضاً كَمَا مَاتَ أَخَوَاهُ». فَمَضَتْ ثَامَارُ وَمَكَثَتْ فِي بَيْتِ أَبِيهَا. | ١١ 11 |
يەھۇدا ئەمدى كېلىنى تامارغا: ــ ئوغلۇم شەلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ئىچىدە: ــ بۇمۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش ئۆلۈپ كېتەرمىكىن، دەپ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن تامار بېرىپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. |
وَبَعْدَ زَمَنٍ طَوِيلٍ مَاتَتْ زَوْجَةُ يَهُوذَا ابْنةُ شُوعٍ. وَإِذْ تَعَزَّى يَهُوذَا بَعْدَهَا انْطَلَقَ إِلَى جُزَّازِ غَنَمِهِ فِي تِمْنَةَ بِرِفْقَةِ حِيرَةَ صَاحِبِهِ الْعَدُلامِيِّ. | ١٢ 12 |
ئەمدى كۆپ كۈنلەر ئۆتۈپ، شۇئانىڭ قىزى، يەھۇداغا تەگكەن ئايال ئۆلدى. يەھۇدا تەسەللى تاپقاندىن كېيىن ئادۇللاملىق دوستى ھىراھ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ قوي قىرقىغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە تىمناھقا چىقتى. |
فَقِيلَ لِثَامَارَ: «هُوَذَا حَمُوكِ قَادِمٌ لِتِمْنَةَ لِجَزِّ غَنَمِهِ». | ١٣ 13 |
تامارغا: ــ قېينئاتاڭ قويلىرىنى قىرقىغىلى تىمناھقا يول ئالدى، دېگەن خەۋەر يەتتى. |
فَنَزَعَتْ عَنْهَا ثِيَابَ تَرَمُّلِهَا، وَتَبَرْقَعَتْ وَتَلَفَّعَتْ وَجَلَسَتْ عِنْدَ مَدْخَلِ عَيْنَايِمَ الَّتِي عَلَى طَرِيقِ تِمْنَةَ، لأَنَّهَا عَرَفَتْ أَنَّ شِيلَةَ قَدْ كَبُرَ وَأَنَّهَا لَنْ تُزَفَّ إِلَيْهِ. | ١٤ 14 |
شۇنىڭ بىلەن تامار شەلاھ چوڭ بولغان بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىلمىدىم، دەپ قاراپ، تۇللۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، چۈمبەل تارتىپ بەدىنىنى ئوراپ، تىمناھ يولىنىڭ ئۈستىدە ئەنائىمغا كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ ئولتۇردى. |
فَعِنْدَمَا رَآهَا يَهُوذَا ظَنَّهَا زَانِيَةً لأَنَّهَا كَانَتْ تُغَطِّي وَجْهَهَا، | ١٥ 15 |
ئەمدى يەھۇدا ئۇنى يۈزى يېپىقلىق ھالدا كۆرگەندە: ــ بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى. |
فَمَالَ نَحْوَهَا إِلَى جَانِبِ الطَّرِيقِ وَقَالَ: «دَعِينِي أُعَاشِرُكِ». وَلَمْ يَكُنْ يَدْرِي أَنَّهَا كَنَّتُهُ. فَقَالَتْ: «مَاذَا تُعْطِينِي لِكَيْ تُعَاشِرَنِي؟» | ١٦ 16 |
ئۇ يولدىن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي: ــ كەل، مەن سەن بىلەن بىللە بولاي، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن بىللە بولساڭ، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ دەپ سورىدى. |
فَقَالَ: «أَبْعَثُ إِلَيْكِ جَدْيَ مِعْزَى مِنَ الْقَطِيعِ». فَقَالَتْ: «أَتُعْطِينِي رَهْناً حَتَّى تَبْعَثَ بِهِ؟» | ١٧ 17 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ پادامنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاقنى ساڭا ئەۋەتىپ بېرەي، دېدى. ئايال: ــ سەن ئۇنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، ماڭا رەنىگە بىرەر نەرسە بېرەمسەن؟ دەپ سورىۋىدى، |
فَسَأَلَهَا: «أَيُّ رَهْنٍ أُعْطِيكِ؟» فَأَجَابَتْهُ: «خَاتَمُكَ وَعِصَابَتُكَ وَعَصَاكَ». فَأَعْطَاهَا مَا طَلَبَتْ، وَعَاشَرَهَا فَحَمَلَتْ مِنْهُ. | ١٨ 18 |
ئۇ: ــ ساڭا نېمىنى رەنىگە بېرەي؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۆز مۆھۈرۈڭ بىلەن ئۇنىڭ شوينىسىنى ۋە قولۇڭدىكى ھاساڭنى رەنىگە بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ بۇلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. |
ثُمَّ قَامَتْ وَمَضَتْ، وَخَلَعَتْ بُرْقُعَهَا وَارْتَدَتْ ثِيَابَ تَرَمُّلِهَا. | ١٩ 19 |
ئاندىن تامار ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى؛ ئۇ پەرەنجىنى سېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىمىنى كىيىۋالدى. |
وَعِنْدَمَا أَرْسَلَ الْجَدْيَ مَعَ صَاحِبِهِ الْعَدُلامِيِّ لِيَسْتَرِدَّ الرَّهْنَ مِنْ يَدِ الْمَرْأَةِ لَمْ يَجِدْهَا. | ٢٠ 20 |
يەھۇدا: ــ ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىكى رەنىنى ياندۇرۇپ كەلسۇن دەپ ئادۇللاملىق دوستىنىڭ قولى ئارقىلىق ئوغلاقنى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇ ئۇنى تاپالمىدى. |
فَسَأَلَ أَهْلَ الْمَكَانِ: «أَيْنَ الزَّانِيَةُ الَّتِي كَانَتْ تَجْلِسُ عَلَى الطَّرِيقِ فِي عَيْنَايِمَ؟» فَقَالُوا: «لَمْ تَكُنْ فِي هَذَا الْمَكَانِ زَانِيَةٌ». | ٢١ 21 |
ئۇ شۇ جايدىكى ئادەملەردىن: ــ ئەنائىمدىكى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرغان بۇتپەرەس پاھىشە قېنى، دەپ سورىسا، ئۇلار: ــ بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە بولغان ئەمەس، دەپ جاۋاب بەردى. |
فَعَادَ إِلَى يَهُوذَا وَقَالَ: «لَمْ أَجِدْهَا؛ وَكَذَلِكَ قَالَ أَهْلُ الْمَكَانِ: لَمْ تَكُنْ هَهُنَا زَانِيَةٌ». | ٢٢ 22 |
بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ: ــ مەن ئۇنى تاپالمىدىم؛ ئۈنىڭ ئۈستىگە ئۇ جايدىكى ئادەملەرمۇ: «بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە ئايال بولغان ئەمەس» دېيىشتى، دېدى. |
فَأَجَابَ يَهُوذَا: «فَلْتَحْتَفِظْ بِمَا عِنْدَهَا، فَلَسْتُ أُرِيدُ أَنْ يَسْخَرَ النَّاسُ مِنِّي. لَقَدْ بَعَثْتُ بِهَذَا الْجَدْيِ أُجْرَةً لَهَا وَلَكِنَّكَ لَمْ تَجِدْهَا». | ٢٣ 23 |
يەھۇدا: ــ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئېلىپ كەتسە كەتسۇن؛ بولمىسا، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز. نېمىلا بولمىسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئوغلاق ئەۋەتتىم، لېكىن سەن ئۇ خوتۇننى تاپالمىدىڭ، دېدى. |
وَبَعْدَ مُضِيِّ ثَلاثَةِ أَشْهُرٍ قِيلَ لِيَهُوذَا: «ثَامَارُ كَنَّتُكَ زَنَتْ، وَحَبِلَتْ مِنْ زِنَاهَا». فَقَالَ يَهُوذَا: «أَخْرِجُوهَا لِتُحْرَقَ». | ٢٤ 24 |
ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى يەھۇداغا: ــ سېنىڭ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىنادىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. يەھۇدا جاۋابەن: ــ ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن! ــ دېدى. |
وَعِنْدَمَا أُخْرِجَتْ أَرْسَلَتْ إِلَى حَمِيهَا قَائِلَةً: «أَنَا حُبْلَى مِنْ صَاحِبِ هَذِهِ الأَشْيَاءِ. تَحَقَّقْ لِمَنْ هَذَا الْخَاتَمُ وَالْعِصَابَةُ وَالْعَصَا؟» | ٢٥ 25 |
لېكىن ئۇ ئېلىپ چىقىلغاندا قېيناتىسىغا خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئادەمدىن ھامىلىدار بولدۇم! ئەمدى سەن كۆرۈپ باق، بۇ مۆھۈر، شوينىسى ۋە ھاسىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىن، دېدى. |
فَأَقَرَّ بِها يَهُوذَا وَقَالَ: «هِيَ حَقّاً أَبَرُّ مِنِّي، لأَنَّنِي لَمْ أُزَوِّجْهَا مِنِ ابْنِي شِيلَةَ». وَلَمْ يُعَاشِرْهَا فِي مَا بَعْدُ. | ٢٦ 26 |
يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى ئېتىراپ قىلىپ: ــ ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر؛ دەرۋەقە مەن ئۇنى ئوغلۇم شەلاھقا ئېلىپ بەرمىدىم، دېدى. بۇ ئىشتىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يەنە يېقىنچىلىق قىلمىدى. |
وَعِنْدَمَا أَزِفَ مَوْعِدُ وِلادَتِهَا إِذَا فِي أَحْشَائِهَا تَوْأَمَانِ. | ٢٧ 27 |
ئۇنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشتى، مانا قورسىقىدا قوشكېزەك بار ئىدى. |
وَفِي أَثْنَاءِ وِلادَتِهَا أَخْرَجَ أَحَدُهُمَا يَداً فَرَبَطَتِ الْقَابِلَةُ حَوْلَهَا خَيْطاً أَحْمَرَ، وَقَالَتْ: «هَذَا خَرَجَ أَوَّلاً». | ٢٨ 28 |
ئۇ تۇغقان ۋاقتىدا بالىلاردىن بىرسى قولىنى چىقىرىۋىدى، تۇغۇت ئانىسى دەرھال بىر قىزىل يىپنى ئېلىپ: «بۇ ئاۋۋال چىقتى» دەپ ئۇنىڭ قولىغا چىگىپ قويدى. |
غَيْرَ أَنَّهُ سَحَبَ يَدَهُ فَخَرَجَ أَخُوهُ، فَقَالَتْ: «أَيُّ اقْتِحَامٍ اقْتَحَمْتَ لِنَفْسِكَ؟» لِذَلِكَ دُعِيَ اسْمُهُ فَارَصَ (وَمَعْنَاهُ: اقْتِحَامٌ). | ٢٩ 29 |
لېكىن ئۇ قولىنى يەنە ئىچىگە تىقىۋالدى، مانا ئۇنىڭ ئىنىسى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۇغۇت ئانىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «پەرەز» دېگەن ئات قويۇلدى. |
وَبَعْدَ ذَلِكَ خَرَجَ أَخُوهُ ذُو الْمِعْصَمِ الْمُطَوَّقِ بِالْخَيْطِ الأَحْمَرِ فَسُمِّيَ زَارَحَ (وَمَعْنَاهُ: أَحْمَرُ، أَوْ إِشْرَاقٌ). | ٣٠ 30 |
ئاندىن قولىغا قىزىل يىپ چىگىلگەن ئاكىسى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئىسمى زەراھ دەپ ئاتالدى. |