وَتَطَلَّعَ يَعْقُوبُ مِنْ بَعِيدٍ، فَرَأَى عِيسُو مُقْبِلاً وَمَعَهُ أَرْبَعُ مِئَةِ رَجُلٍ، فَفَرَّق أَوْلادَهُ عَلَى لَيْئَةَ وَرَاحِيلَ وَالْجَارِيَتَيْنِ. | ١ 1 |
ياقۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئەساۋ تۆت يۈز كىشى بىلەن كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىرىنى ئايرىپ، لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى دېدەككە تاپشۇردى؛ |
فَجَعَلَ الْجَارِيَتَيْنِ وَأَوْلادَهُمَا فِي الطَّلِيعَةِ، ثُمَّ لَيْئَةَ وَأَوْلادَهَا، وَأَخِيراً رَاحِيلَ وَيُوسُفَ. | ٢ 2 |
ئۇ ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى، ئاندىن لېياھ بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرىنى، ئەڭ ئاخىرىدا راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. |
وَتَقَدَّمَهُمْ، وَسَجَدَ إِلَى الأَرْضِ سَبْعَ مَرَّاتٍ حَتَّى اقْتَرَبَ مِنْ أَخِيهِ. | ٣ 3 |
ئۆزى بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭدى، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغۇچە يەتتە قېتىم يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى. |
فَأَسْرَعَ عِيسُو لِمُلاقَاتِهِ وَعَانَقَهُ وَقَبَّلَهُ، وَبَكَيَا. | ٤ 4 |
ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ، بوينىغا گىرە سېلىپ، ئۇنى سۆيدى؛ ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كەتتى. |
وَتَلَفَّتَ عِيسُو حَوْلَهُ فَشَاهَدَ النِّسَاءَ وَالأَوْلادَ فَقَالَ: «مَنْ هَؤُلاءِ الَّذِينَ مَعَكَ؟» فَأَجَابَ: «هُمُ الأَوْلادُ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللهُ بِهِمْ عَلَى عَبْدِكَ». | ٥ 5 |
ئاندىن ئەساۋ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ سەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كىملەر؟ ــ دەپ سورىدى. ياقۇپ: ــ بۇلار خۇدا شاپائەت قىلىپ كەمىنىلىرىگە بەرگەن بالىلاردۇر، ــ دېدى. |
ثُمَّ دَنَتِ الْجَارِيَتَانِ مَعَ أَوْلادِهِمَا وَانْحَنَوْا أَمَامَ عِيسُو. | ٦ 6 |
ئاندىن ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى؛ |
وَبَعْدَهُمْ اقْتَرَبَتْ لَيْئَةُ وَأَوْلادُهَا وَانْحَنَوْا أَيْضاً، وَأَخِيراً تَقَدَّمَتْ رَاحِيلُ وَيُوسُفُ وَانْحَنَيَا أَمَامَهُ. | ٧ 7 |
ئاندىن لېياھمۇ ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى، ئاخىرىدا يۈسۈپ بىلەن راھىلە ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى. |
وَسَأَلَ عِيسُو: «مَا هُوَ قَصْدُكَ مِنْ كُلِّ هَذِهِ الْقُطْعَانِ الَّتِي صَادَفْتُهَا؟». فَأَجَابَ يَعْقُوبُ: «هِيَ لِكَيْ أَحْظَى بِرِضَى سَيِّدِي». | ٨ 8 |
ئەساۋ: ــ ماڭا يولدا ئۇچرىغان ئاشۇ توپلىرىڭدا نېمە مەقسىتىڭ بار؟ ــ دېۋىدى، ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ خوجامنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر، دېدى. |
فَقَالَ عِيسُو: «إِنَّ لَدَيَّ كَثِيراً يَا أَخِي. فَاحْتَفِظْ لِنَفْسِكَ بِمَا لَكَ». | ٩ 9 |
لېكىن ئەساۋ: ــ ئەي قېرىندىشىم، مەندە يېتىپ ئاشقۇدەك بار. سېنىڭ ئۆز نەرسىلىرىڭ ئۆزۈڭگە قالسۇن، دېدى. |
فَقَالَ يَعْقُوبُ: «لا، إِنْ كُنْتُ قَدْ حَظِيتُ بِرِضَاكَ، فَأَرْجُو مِنْكَ أَنْ تَقْبَلَ مِنِّي هَدِيَّتِي لأَنِّي رَأَيْتُ وَجْهَكَ كَمَا يُرَى وَجْهُ اللهِ، فَرَضِيتَ عَنِّي. | ١٠ 10 |
ئەمما ياقۇپ: ــ ئۇنداق قىلمىغىن؛ ئەگەر مەن نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سوۋغىتىمنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى سىلىنىڭ مېنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىرىنى كۆرۈپ، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم! |
فَأَطْلُبُ إِلَيْكَ أَنْ تَقْبَلَ بَرَكَتِي الَّتِي حَمَلْتُهَا إِلَيْكَ، فَإِنَّ اللهَ قَدْ أَغْدَقَ عَلَيَّ، وَلَدَيَّ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ». وَأَلَحَّ عَلَيْهِ حَتَّى قَبِلَ. | ١١ 11 |
ئەمدى ساڭا كەلتۈرۈلگەن، [خۇدادىن كۆرگەن] بۇ بەرىكەتلىرىمنى قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى خۇدا ماڭا شاپائەت كۆرسەتتى، ھەممە نەرسىلىرىم بار بولدى، ــ دەپ ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا ئۆتۈنۈۋىدى، ئۇ قوبۇل قىلدى. |
وَقَالَ عِيسُو: «لِنَرْتَحِلْ فَأَسِيرَ أَمَامَكَ وَتَتْبَعَنِي». | ١٢ 12 |
ئاندىن ئەساۋ: ــ ئەمدى بىز قوزغىلىپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭاي، دېدى. |
فَأَجَابَهُ يَعْقُوبُ: «يَا سَيِّدِي أَنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ الأَوْلادَ مَا بَرِحُوا أَطْرِيَاءَ الْعُودِ، وَغَنَمِي وَبَقَرِي مُرْضِعَةٌ، فَإِنْ أَجْهَدْتُهَا يَوْماً وَاحِداً فَإِنَّ كُلَّ الْغَنَمِ تَمُوتُ. | ١٣ 13 |
ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجام كۆردىلە، بالىلار كىچىك، قېشىمدا ئېمىدىغان قوزا ۋە موزايلار بار؛ ئەگەر مەن بۇلارنى بىر كۈنلا ئالدىرتىپ قوغلاپ ماڭدۇرسام، پۈتكۈل پادا ئۆلۈپ كېتىدۇ. |
فَلْيَتَقَدَّمْ مَوْلايَ عَبْدَهُ، وَأَنَا أَسِيرُ مُتَمَهِّلاً فِي إِثْرِ الْمَاشِيَةِ الَّتِي أَمَامِي، وَفِي إِثْرِ الأَوْلادِ أَيْضاً، إِلَى أَنْ أُقْبِلَ عَلَى سَيِّدِي فِي سَعِيرَ». | ١٤ 14 |
شۇڭا ئۆتۈنىمەنكى، خوجام كەمىنىلىرىدىن ئالدىدا ماڭغاچ تۇرسۇن؛ مەن ئالدىمدىكى مال-چارۋىلارنىڭ مېڭىشىغا، شۇنداقلا بالىلارنىڭ مېڭىشىغا قاراپ ئاستا مېڭىپ، خوجامنىڭ قېشىغا سېئىرغا ئۇدۇل باراي، دېدى. |
فَقَالَ لَهُ عِيسُو: «إِذاً أَتْرُكُ مَعَكَ بَعْضَ الْقَوْمِ الَّذِينَ مَعِي». فَأَجَابَهُ: «وَأَيُّ حَاجَةٍ لِذَلِكَ؟ إِنَّ كُلَّ مَا أَطْلُبُهُ هُوَ أَنْ أَحْظَى بِرِضَى سَيِّدِي». | ١٥ 15 |
ئۇ ۋاقىتتا ئەساۋ: ــ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆزۈم بىلەن كەلگەن كىشىلەردىن بىرنەچچىنى قېشىڭدا قويۇپ كېتەي، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ پەقەت خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپساملا شۇ كۇپايە، دېدى. |
فَمَضَى عِيسُو فِي طَرِيقِهِ فِي ذَلِكَ الْيَوْمِ رَاجِعاً إِلَى سَعِيرَ. | ١٦ 16 |
ئەساۋ ئۇ كۈنى يولغا چىقىپ سېئىرغا يېنىپ كەتتى. |
أَمَّا يَعْقُوبُ فَارْتَحَلَ إِلَى سُكُّوتَ، وَبَنَى لِنَفْسِهِ بَيْتاً وَصَنَعَ لِمَوَاشِيهِ مِظَلاتٍ. لِذَلِكَ دُعِيَ ذَلِكَ الْمَكَانُ بِاسْمِ سُكُّوتَ (وَمَعْنَاهُ: الْمِظَلاتُ). | ١٧ 17 |
ياقۇپ سەپەر قىلىپ، سۇككوت دېگەن جايغا كەلگەندە، ئۇ يەرگە بىر ئۆي سېلىپ، ماللىرىغا لاپاسلارنى ياسىدى. شۇڭا بۇ يەر «سۇككوت» دەپ ئاتالدى. |
ثُمَّ وَصَلَ يَعْقُوبُ سَالِماً مَدِينَةَ شَكِيمَ (وَهِيَ نَابُلْسُ) الَّتِي فِي أَرْضِ كَنْعَانَ، عَلَى طَرِيقِهِ الْمُؤَدِّيَةِ إِلَى سَهْلِ أَرَامَ، وَنَصَبَ خِيَامَهُ مُقَابِلَ الْمَدِينَةِ، | ١٨ 18 |
شۇ تەرىقىدە ياقۇپ پادان-ئارامدىن قايتىپ، قانائان زېمىنىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن كەلدى. ئۇ شەھەرنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى. |
وَاشْتَرَى الأَرْضَ الَّتِي نَصَبَ عَلَيْهَا خَيْمَتَهُ، مِنْ أَبْنَاءِ حَمُورَ أَبِي شَكِيمَ بِمِئَةِ قِطْعَةٍ مِنَ الْفِضَّةِ. | ١٩ 19 |
ئاندىن ئۇ چېدىر تىككەن يەرنىڭ بىر قىسىمىنى شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىر يۈز قەسىتىگە سېتىۋېلىپ، |
وَشَيَّدَ هُنَاكَ مَذْبَحاً دَعَاهُ إِيلَ (وَمَعْنَاهُ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ). | ٢٠ 20 |
شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ سېلىپ، نامىنى «ئەل-ئەلوھە-ئىسرائىل» دەپ ئاتىدى. |