وَعَاشَتْ سَارَةُ مِئَةً وَسَبْعاً وَعِشْرِينَ سَنَةً. | ١ 1 |
ساراھ بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ياشقىچە ئۆمۈر كۆردى. بۇ ساراھنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى ئىدى. |
ثُمَّ مَاتَتْ سَارَةُ فِي قَرْيَةِ أَرْبَعَ، أَيْ حَبْرُونَ، فِي أَرْضِ كَنْعَانَ، فَجَاءَ إِبْرَاهِيمُ لِيَنْدُبَ سَارَةَ وَيَبْكِيَ عَلَيْهَا. | ٢ 2 |
ساراھ قانائان زېمىنىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروندا ۋاپات بولدى. ئىبراھىم بېرىپ ساراھ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار قىلدى. |
وَنَهَضَ إِبْرَاهِيمُ مِنْ أَمَامِ الْجُثْمَانِ وَقَالَ لِلْحِثِّيِّينَ: | ٣ 3 |
ئىبراھىم ئۆز مەرھۇمەسىنىڭ يېنىدىن قوپۇپ، ھىتتىيلارغا سۆز قىلىپ: |
«أَنَا غَرِيبٌ وَنَزِيلٌ بَيْنَكُمْ، فَمَلِّكُونِي مَعَكُمْ مَدْفَناً أُوَارِي فِيهِ مَيْتِي مِنْ أَمَامِي». | ٤ 4 |
ــ مەن بولسام ئاراڭلاردا مۇساپىر مېھمان، خالاس؛ سىلەر ئەمدى ئاراڭلاردىن ماڭا بىر يەرلىك بېرىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ مەرھۇمەمنى ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرمىسۇن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلاي، ــ دېدى. |
فَأَجَابُوهُ قَائِلِينَ: | ٥ 5 |
ھىتتىيلار ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، بىزگە قۇلاق سالغايلا! سىلى ئارىمىزدا خۇدانىڭ بىر شاھزادىسى ھېسابلىنىلا! ئارىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل يەرلىكنى تاللاپ، شۇ يەردە مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلغايلا! مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلىشقا ھېچقايسىمىز ئۆز يەرلىكىنى سىلىدىن ئايىمايدۇ، ــ دېدى. |
«أَصْغِ لَنَا يَا سَيِّدِي. أَنْتَ رَئِيسٌ مِنَ اللهِ فِي وَسَطِنَا، فَادْفِنْ مَيْتَكَ فِي أَفْضَلِ قُبُورِنَا، فَلا أَحَدَ مِنَّا يَمْنَعُ قَبْرَهُ عَنْكَ لِتَدْفِنَ مَيْتَكَ». | ٦ 6 |
فَنَهَضَ إِبْرَاهِيمُ وَانْحَنَى أَمَامَ الْحِثِّيِّينَ أَهْلِ الْبِلادِ، | ٧ 7 |
ئىبراھىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇ زېمىندىكى خەلققە، يەنى ھىتتىيلارغا تەزىم قىلىپ، |
وَقَالَ: «إِنْ طَابَتْ نُفُوسُكُمْ أَنْ أَدْفِنَ مَيْتِي مِنْ أَمَامِي، فَاسْمَعُوا لِي وَالْتَمِسُوا لأَجْلِي مِنْ عِفْرُونَ بْنِ صُوحَرَ، | ٨ 8 |
ئۇلارغا: ــ ئەگەر مەرھۇمەمنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشىمنى راۋا كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا سۆزۈمنى ئاڭلاپ مېنىڭ ئۈچۈن زوھارنىڭ ئوغلى ئەفرونغا سۆز قىلىپ، |
أَنْ يَبِيعَنِي مَغَارَةَ الْمَكْفِيلَةِ الَّتِي فِي طَرَفِ حَقْلِهِ، فَأَشْتَرِيَهَا مِنْهُ لِقَاءَ ثَمَنٍ كَامِلٍ، وَأَمْتَلِكَهَا لِتَكُونَ مَدْفَناً لِي فِي وَسَطِكُمْ». | ٩ 9 |
ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ ئايىغىدا ئۆزىنىڭكى بولغان ماكپېلاھنىڭ غارىنى ماڭا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىڭلار. ئۇ ماڭا بۇنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۆرىستان بولۇشقا تولۇق نەرخىدە بەرسۇن، ــ دېدى. |
وَكَانَ عِفْرُونُ جَالِساً بَيْنَ الْحِثِّيِّينَ، فَقَالَ فِي مَسَامِعِ الْحِثِّيِّينَ، أَمَامَ كُلِّ الْحَاضِرِينَ فِي مَجْلِسِ مَدِينَتِهِ: | ١٠ 10 |
شۇ چاغدا ئەفرون ھىتتىيلار ئارىسىدا ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىتتىيلىق ئەفرون ھىتتىيلارنىڭ ئالدىدا، يەنى شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ |
«لا يَا سَيِّدِي، بَلْ أَصْغِ إِلَيَّ، هُوَذَا الْحَقْلُ الَّذِي لِي وَالْمَغَارَةُ الَّتِي فِيهِ أَهَبُهُمَا لَكَ عَلَى مَشْهَدٍ مِنْ بَنِي شَعْبِي فَخُذْهُمَا وَادْفِنْ مَيْتَكَ». | ١١ 11 |
يوقسۇ، ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا. بۇ ئېتىزلىقنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى غارنى سىلىگە بېرەي؛ ئۇنى ئۆز خەلقىم بولغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا سىلىگە بەردىم؛ ئۆز مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا، ــ دېدى. |
فَانْحَنَى إِبْرَاهِيمُ أَمَامَ أَهْلِ الْبِلادِ مَرَّةً ثَانِيَةً، | ١٢ 12 |
ئاندىن ئىبراھىم يەنە زېمىن خەلقى ئالدىدا تەزىم قىلىپ، |
وَقَالَ لِعِفْرُونَ فِي مَسَامِعِ شَعْبِ الأَرْضِ: «إِنْ كُنْتَ تَشَاءُ فَاسْمَعْ لِي. أَنَا أَدْفَعُ ثَمَنَ الْحَقْلِ. فَاقْبَلْ ذَلِكَ مِنِّي فَأَقُومَ بِدَفْنِ مَيْتِي هُنَاكَ». | ١٣ 13 |
شۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ قۇلاقلىرى ئالدىدا ئەفرونغا: ــ ئىلتىماسىمغا قۇلاق سالغايلا؛ مەن بۇ ئېتىزلىقنىڭ نەرخى بويىچە پۇل بېرەي، ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغايلا، ئاندىن مەن مېيىتىمنى شۇ يەردە دەپنە قىلاي، ــ دېدى. |
فَأَجَابَ عِفْرُونُ إِبْرَاهِيمَ: | ١٤ 14 |
ئەفرون ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: |
«أَصْغِ لِي يَا سَيِّدِي، إِنَّ الأَرْضَ تُسَاوِي أَرْبَعَ مِئَةِ شَاقِلٍ (حَوَالَي خَمْسَةِ كِيلُو جِرَامَاتٍ) مِنَ الْفِضَّةِ، وَهُوَ (ثَمَنٌ) لَا قِيمَةَ لَهُ بَيْنِي وَبَيْنَكَ، فَادْفِنْ مَيْتَكَ». | ١٥ 15 |
ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا؛ تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشكە يارايدىغان بىر ئېتىزلىق، سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا نېمە ئىدى؟ سىلى مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا ــ دېدى. |
فَقَبِلَ إِبْرَاهِيمُ عَرْضَ عِفْرُونَ، وَوَزَنَ لَهُ الْفِضَّةَ الَّتِي ذَكَرَهَا فِي مَسَامِعِ الْحِثِّيِّينَ. أَرْبَعَ مِئَةِ شَاقِلٍ رَائِجَةً بَيْنَ التُّجَّارِ. | ١٦ 16 |
ئىبراھىم ئەفروننىڭ سۆزىگە قوشۇلدى؛ ئاندىن ئەفرون ھىتتىيلار ئالدىدا ئېيتقان باھانى، يەنى شۇ چاغدىكى سودا ئۆلچىمى بويىچە تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشنى تارازىدا تارتىپ بەردى. |
وَبِمُقْتَضَى ذَلِكَ أَصْبَحَ حَقْلُ عِفْرُونَ الَّذِي فِي الْمَكْفِيلَةِ مُقَابِلَ مَمْرَا، وَالْمَغَارَةُ الَّتِي فِيهِ، وَجَمِيعُ الأَشْجَارِ الْقَائِمَةِ فِي كُلِّ الْحُدُودِ الْمُحِيطَةِ بِهِ، | ١٧ 17 |
شۇنداق قىلىپ مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھقا جايلاشقان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى، يەنى ئېتىزلىقنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭدىكى غار، شۇنداقلا ئېتىزلىقنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى |
مُلْكاً لإِبْرَاهِيمَ، بِمَشْهَدٍ مِنَ الْحِثِّيِّينَ وَسَائِرِ الْحَاضِرِينَ فِي مَجْلِسِ مَدِينَتِهِ. | ١٨ 18 |
ھىتتىيلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىبراھىمغا تاپشۇرۇلۇپ، [يەنى ئەفروننىڭ] شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن بارلىق كىرگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ مۈلكى قىلىپ بېكىتىلدى. |
وَبَعْدَ ذَلِكَ دَفَنَ إِبْرَاهِيمُ زَوْجَتَهُ سَارَةَ فِي مَغَارَةِ الْمَكْفِيلَةِ، مُقَابِلَ مَمْرَا. وَهِيَ حَبْرُونُ فِي أَرْضِ كَنْعَانَ. | ١٩ 19 |
شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئايالى ساراھنى قانائان زېمىنىدىكى مامرە (يەنى، ھېبرون)نىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. |
فَامْتَلَكَ إِبْرَاهِيمُ مِنَ الْحِثِّيِّينَ الْحَقْلَ وَالْمَغَارَةَ الَّتِي فِيهِ لِيَكُونَا مَدْفَناً لَهُ. | ٢٠ 20 |
شۇ تەرىقىدە ئۇ ئېتىزلىق ۋە ئۇنىڭدىكى غار ھىتتىيلار تەرىپىدىن ئىبراھىمغا گۆرىستان بولۇشقا تايىن قىلىندى. |