ثُمَّ ظَهَرَ الرَّبُّ لإِبْرَاهِيمَ وَهُوَ جَالِسٌ عِنْدَ بَلُّوطَاتِ مَمْرَا وَقْتَ اشْتِدَادِ حَرِّ النَّهَارِ، | ١ 1 |
پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىدا ئىبراھىمغا كۆرۈندى؛ بۇ كۈن ئەڭ ئىسسىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇراتتى. |
فَرَفَعَ عَيْنَيْهِ وَإذَا بِهِ يَرَى ثَلاثَةَ رِجَالٍ مَاثِلِينَ لَدَيْهِ. فَأَسْرَعَ لاسْتِقْبَالِهِمْ مِنْ بَابِ الْخَيْمَةِ وَسَجَدَ إِلَى الأَرْضِ. | ٢ 2 |
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر سېلىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشى ئۆرە تۇراتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ئۇ چېدىرىنىڭ ئىشىكىدىن قوپۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: |
وَقَالَ: «يَا سَيِّدِي، إِنْ كُنْتُ قَدْ حَظِيْتُ بِرِضَاكَ فَلا تَعْبُرْ عَنْ عَبْدِكَ. | ٣ 3 |
ــ ئى رەببىم، ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنىمەنكى، قۇللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەيلا؛ |
بَلْ دَعْنِي أُقَدِّمُ لَكُمْ بَعْضَ مَاءٍ تَغْسِلُونَ بِهِ أَرْجُلَكُمْ وَتَتَّكِئُونَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ، | ٤ 4 |
ئازغىنا سۇ كەلتۈرۈلسۇن، سىلەر پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ دەرەخنىڭ تېگىدە ئارام ئېلىۋېلىڭلار. |
ثُمَّ آتِي لَكُمْ بِلُقْمَةِ خُبْزٍ تُسْنِدُونَ بِها قُلُوبَكُمْ، وَبَعْدَ ذَلِكَ تُوَاصِلُونَ مَسِيرَتَكُمْ، لأَنَّكُمْ قَدْ مِلْتُمْ إِلَى بَيْتِ عَبْدِكُمْ». فَأَجَابُوهُ: «حَسَناً، لِيَكُنْ كَمَا قُلْتَ». | ٥ 5 |
سىلەر ئۆز قۇلۇڭلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىكەنسىلەر، مەن بىر چىشلەم نان ئېلىپ چىقاي، سىلەر ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىپ، ئاندىن ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر، دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن، دېۋىدى، |
فَأَسْرَعَ إِبْرَاهِيمُ إِلَى دَاخِلِ الْخَيْمَةِ إِلَى زَوْجَتِهِ سَارَةَ وَقَالَ: «هَيَّا أَسْرِعِي وَاعْجِنِي ثَلاثَ كَيْلاتٍ مِنْ أَفْضَلِ الدَّقِيقِ وَاخْبِزِيهَا». | ٦ 6 |
ئىبراھىم چېدىرىغا ساراھنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۈچ داس ئېسىل ئۇندىن تېز خېمىر يۇغۇرۇپ توقاچ ئەتكىن، ــ دېدى. |
ثُمَّ أَسْرَعَ إِبْرَاهِيمُ نَحْوَ قَطِيعِهِ وَاخْتَارَ عِجْلاً غَضّاً مُسَمَّناً وَأَعْطَاهُ لِغُلامٍ كَيْ يُجَهِّزَهُ. | ٧ 7 |
ئاندىن ئىبراھىم كالا پادىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۇمران ئوبدان بىر موزاينى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى؛ ئۇ بۇنى تېزلا تەييار قىلدى. |
ثُمَّ أَخَذَ زُبْداً وَلَبَناً وَالْعِجْلَ الَّذِي طَبَخَهُ، وَمَدَّهَا أَمَامَهُمْ، وَبَقِيَ وَاقِفاً فِي خِدْمَتِهِمْ تَحْتَ الشَّجَرَةِ وَهُمْ يَأْكُلُونَ. | ٨ 8 |
ئاندىن ئىبراھىم سېرىق ماي، سۈت ۋە تەييارلاتقان موزاينى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇتۇپ، ئۆزى دەرەخنىڭ تېگىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ ئۇلار ئۇلاردىن يېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: ئايالىڭ ساراھ نەدە، دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، چېدىردا، دېدى. |
ثُمَّ سَأَلُوهُ: «أَيْنَ زَوْجَتُكَ؟» فَأَجَابَ: «هَا هِيَ فِي الْخَيْمَةِ». | ٩ 9 |
فَقَالَ: «إِنِّي أَرْجِعُ إِلَيْكَ فِي مِثْلِ هَذَا الْوَقْتِ مِنَ السَّنَةِ الْقَادِمَةِ فَتَكُونُ سَارَةُ آنَئِذٍ قَدْ وَلَدَتْ لَكَ ابْناً». وَكَانَتْ سَارَةُ وَرَاءَهُ، عِنْدَ بَابِ الْخَيْمَةِ، فَسَمِعَتْ حَدِيثَهُ. | ١٠ 10 |
بىرسى: ــ مەن كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قېشىڭغا جەزمەن قايتىپ كېلىمەن، ۋە مانا ئۇ ۋاقىتتا ئايالىڭ ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. ساراھ بولسا ئۇنىڭ كەينىدىكى چېدىرنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، بۇلارنى ئاڭلاۋاتاتتى. |
وَكَانَ إِبْرَاهِيمُ وَسَارَةُ عَجُوزَيْنِ طَاعِنَيْنِ جِدّاً فِي السِّنِّ وَقَدْ تَجَاوَزَتْ سَارَةُ سِنَّ الْيَأْسِ. | ١١ 11 |
ئىبراھىم بىلەن ساراھ ئىككىسى ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى؛ ساراھتا ئايال كىشىلەردە بولىدىغان ئادەت كۆرۈش توختاپ قالغانىدى. |
فَضَحِكَتْ سَارَةُ فِي نَفْسِهَا قَائِلَةً: «أَبَعْدَ أَنْ فَنِيَ عُمْرِي وَأَصْبَحَ زَوْجِي شَيْخاً يَكُونُ لِي هَذَا التَّنَعُّمُ؟» | ١٢ 12 |
شۇڭا ساراھ ئۆز ئىچىدە كۈلۈپ: ــ مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا لەززەت كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا؟ ــ دەپ خىيال قىلدى. |
فَقَالَ الرَّبُّ لإِبْرَاهِيمَ: «لِمَاذَا ضَحِكَتْ سَارَةُ قَائِلَةً: أَحَقّاً أَلِدُ ابْناً وَقَدْ بَلَغْتُ سِنَّ الشَّيْخُوخَةِ؟ | ١٣ 13 |
پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: ــ ساراھنىڭ: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا بالا تۇغارمەنمۇ؟» دەپ كۈلگىنى نېمىسى؟ |
أَيَتَعَذَّرُ عَلَى الرَّبِّ شَيْءٌ؟ سَأَرْجِعُ إِلَيْكَ فِي مِثْلِ هَذَا الْوَقْتِ مِنَ السَّنَةِ الْقَادِمَةِ فَتَكُونُ سَارَةُ قَدْ أَنْجَبَتِ ابْناً». | ١٤ 14 |
پەرۋەردىگارغا مۇمكىن بولمايدىغان تىلسىمات ئىش بارمۇ؟ بېكىتكەن ۋاقىتتا، يەنى كېلەر يىلى دەل بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. |
فَخَافَتْ سَارَةُ وَأَنْكَرَتْ قَائِلَةً: «لَمْ أَضْحَكْ». فَقَالَ: «لا، بَلْ ضَحِكْتِ». | ١٥ 15 |
ئەمما ساراھ قورقۇپ كېتىپ: ــ كۈلمىدىم، دەپ ئىنكار قىلدى. لېكىن ئۇ: ــ ياق، سەن كۈلدۈڭ، ــ دېدى. |
ثُمَّ نَهَضَ الرِّجَالُ وَتَطَلَّعُوا نَحْوَ سَدُومَ. فَمَشَى إِبْرَاهِيمُ مَعَهُمْ لِيُوَدِّعَهُمْ. | ١٦ 16 |
ئاندىن بۇ زاتلار ئۇ يەردىن قوپۇپ، سودوم تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. |
فَقَالَ الرَّبُّ: «أَأَكْتُمُ عَنْ إِبْرَاهِيمَ مَا أَنَا فَاعِلُهُ؟ | ١٧ 17 |
پەرۋەردىگار: ــ مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولامدۇ؟ |
وَإِبْرَاهِيمُ لابُدَّ أَنْ يُصْبِحَ أُمَّةً كَبِيرَةً وَقَوِيَّةً، وَبِهِ تَتَبَارَكُ شُعُوبُ الأَرْضِ جَمِيعاً، | ١٨ 18 |
چۈنكى ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر ئەل چىقىدۇ ۋە شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-مىللەتلەر ئۇ ئارقىلىق بەخت-بەرىكەتكە مۇيەسسەر بولىدىغان تۇرسا؟ |
لأَنَّنِي قَدِ اخْتَرْتُهُ لِيُوْصِيَ بَنِيهِ وَأَهْلَ بَيْتِهِ مِنْ بَعْدِهِ كَيْ يَحْفَظُوا طَرِيقَ الرَّبِّ، عَامِلِينَ الْبِرَّ وَالْعَدْلَ، حَتَّى يُنْجِزَ الرَّبُّ مَا وَعَدَ بِهِ إِبْرَاهِيمَ». | ١٩ 19 |
چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىم توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ــ دېدى. |
وَقَالَ الرَّبُّ: «لأَنَّ الشَّكْوَى ضِدَّ مَظَالِمِ سَدُومَ وَعَمُورَةَ قَدْ كَثُرَتْ وَخَطِيئَتُهُمْ قَدْ عَظُمَتْ جِدّاً | ٢٠ 20 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «سودوم ۋە گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، |
أَنْزِلُ لأَرَى إِنْ كَانَتْ أَعْمَالُهُمْ مُطَابِقَةً لِلشَّكْوَى ضِدَّهُمْ وَإلَّا فَأَعْلَمُ». | ٢١ 21 |
مەن ھازىرلا چۈشىمەن، قىلمىشلىرى راستتىنلا شۇ داد-پەريادلاردىن ماڭا مەلۇم بولغاندەك شۇنچە رەزىلمۇ، بىلىپ باقاي؛ ئۇنچە رەزىل بولمىغاندىمۇ، مەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك». |
وَانْطَلَقَ الرَّجُلانِ مِنْ هُنَاكَ نَحْوَ سَدُومَ، وَبَقِيَ إِبْرَاهِيمُ مَاثِلاً أَمَامَ الرَّبِّ. | ٢٢ 22 |
شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، سودوم تەرەپكە يول ئالدى. لېكىن ئىبراھىم يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. |
فَاقْتَرَبَ إِبْرَاهِيمُ وَقَالَ: «أَتُهْلِكُ الْبَارَّ مَعَ الأَثِيمِ؟ | ٢٣ 23 |
ئىبراھىم يېقىن بېرىپ: ــ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى رەزىللەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ |
لَوْ وُجِدَ فِي الْمَدِينَةِ خَمْسُونَ بَارّاً، فَهَلْ تُدَمِّرُهَا وَلا تَصْفَحُ عَنْهَا مِنْ أَجْلِ الْخَمْسِينَ بَارّاً الَّذِينَ فِيهَا؟ | ٢٤ 24 |
شەھەردە ئەللىك ھەققانىي كىشى بار بولۇشى مۇمكىن؛ سەن راستتىنلا شۇ جاينى ھالاك قىلامسەن، ئەللىك ھەققانىي كىشى ئۈچۈن ئۇ جاينى كەچۈرۈم قىلمامسەن؟ |
تَنَزَّهْتَ عَنْ أَنْ تُهْلِكَ الْبَارَّ مَعَ الأَثِيمِ، فَيَكُونُ الْبَارُّ كَالأَثِيمِ؛ حَاشَا لَكَ. أَدَيَّانُ الأَرْضِ كُلِّهَا لَا يُجْرِي عَدْلاً؟» | ٢٥ 25 |
ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى. |
فَقَالَ الرَّبُّ: «إِنْ وَجَدْتُ فِي سَدُومَ خَمْسِينَ بَارّاً فَإِنَّنِي أَصْفَحُ عَنِ الْمَكَانِ كُلِّهِ مِنْ أَجْلِهِمْ». | ٢٦ 26 |
پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر مەن سودوم شەھىرىدە ئەللىك ھەققانىينى تاپسام، ئۇلار ئۈچۈن پۈتكۈل جاينى ئاياپ قالىمەن، ــ دېدى. |
فَأَجَابَ إِبْرَاهِيمُ: «هَا أَنَا قَدْ أَخَذْتُ فِي مُخَاطَبَةِ الْمَوْلَى، مَعَ أَنَّنِي لَسْتُ سِوَى تُرَابٍ وَرَمَادٍ. | ٢٧ 27 |
ئاندىن ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن پەقەت توپا بىلەن كۈلدىن ئىبارەت بولساممۇ، مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى يەنە پېتىنالىدىم. |
مَاذَا لَوْ نَقَصَ الْخَمْسُونَ بَارّاً خَمْسَةً؟ أَفَتُهْلِكُ الْمَدِينَةَ كُلَّهَا مِنْ أَجْلِ الْخَمْسَةِ؟» فَأَجَابَهُ: «إِنْ وَجَدْتُ خَمْسَةً وَأَرْبَعِينَ بَارّاً لَا أُهْلِكُهَا». | ٢٨ 28 |
مۇبادا شۇ ئەللىك ھەققانىيدىن بەش كىشى كەم بولسا، سەن بۇ بەش كىشىنىڭ كەم بولغىنى ئۈچۈن پۈتكۈل شەھەرنى يوقىتامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن شۇ يەردە قىرىق بەشنى تاپساممۇ، ئۇنى يوقاتمايمەن، دېدى. |
فَخَاطَبَهُ إِبْرَاهِيمُ ثَانِيَةً: «وَمَاذَا لَوْ وُجِدَ هُنَاكَ أَرْبَعُونَ بَارّاً فَقَطْ؟». فَأَجَابَهُ: «لا أُهْلِكُهَا مِنْ أَجْلِ الأَرْبَعِينَ». | ٢٩ 29 |
ئىبراھىم ئۇنىڭغا سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ شۇ يەردە قىرىق كىشىلا تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، [پەرۋەردىگار]: ــ بۇ قىرىقى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. |
وَقَالَ إِبْرَاهِيمُ: «لا يَغْضَبِ الْمَوْلَى، بَلْ دَعْنِي أَتَكَلَّمُ. مَاذَا لَوْ وُجِدَ هُنَاكَ ثَلاثُونَ بَارّاً؟». فَأَجَابَهُ: «لا أُهْلِكُهَا إِنْ وَجَدْتُ ثَلاثِينَ». | ٣٠ 30 |
ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ئى ئىگەم، خاپا بولمىغايسەن، مەن يەنە سۆز قىلاي. شۇ يەردە ئوتتۇزى تېپىلىشى مۇمكىن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن ئۇ يەردە ئوتتۇزنى تاپساممۇ، يوقاتمايمەن، ــ دېدى. |
وَقَالَ إِبْرَاهِيمُ: «هَا أَنَا قَدِ اسْتَرْسَلْتُ فِي الْكَلامِ أَمَامَ الْمَوْلَى، فَمَاذَا لَوْ وَجَدْتَ هُنَاكَ عِشْرِينَ بَارّاً؟» فَقَالَ: «لا أُهْلِكُهَا مِنْ أَجْلِ الْعِشْرِينَ». | ٣١ 31 |
ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ــ مانا ئەمدى مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى جۈرئەت قىلدىم؛ شۇ يەردە يىگىرمىسى تېپىلىشى مۇمكىن، ــ دېدى. پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: بۇ يىگىرمىسى ئۈچۈن ئۇ يەرنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. |
وَقَالَ إِبْرَاهِيمُ: «لا يَغْضَبِ الْمَوْلَى، فَأَتَكَلَّمَ مَرَّةً أُخْرَى: مَاذَا لَوْ وُجِدَ هُنَاكَ عَشَرَةٌ؟». فَأَجَابَهُ الرَّبُّ: «لا أُهْلِكُهَا مِنْ أَجْلِ الْعَشَرَةِ». | ٣٢ 32 |
ئۇ سۆزلەپ: ــ ئى ئىگەم، خاپا بولمىغاي، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سۆز قىلاي! شۇ يەردە ئونى تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئونى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. |
وَعِنْدَمَا فَرَغَ الرَّبُّ مِنْ مُحَادَثَةِ إِبْرَاهِيمَ مَضَى، وَرَجَعَ إِبْرَاهِيمُ إِلَى مَكَانِهِ. | ٣٣ 33 |
پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كەتتى؛ ئىبراھىممۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى. |