«أَمَّا أَنْتَ يَا ابْنَ آدَمَ فَخُذْ لِنَفْسِكَ لِبْنَةً وَابْسُطْهَا أَمَامَكَ وَارْسُمْ عَلَيْهَا مَدِينَةَ أُورُشَلِيمَ، | ١ 1 |
ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بىر كېسەكنى ئېلىپ ئۆز ئالدىڭغا قويغىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەرنى ــ يەنى يېرۇسالېمنى ئويۇپ قويغىن. |
وَأَقِمْ عَلَيْهَا حِصَاراً، وَابْنِ بُرْجاً، وَانْصِبْ عَلَيْهَا مِتْرَاساً، وَطَوِّقْهَا بِالْجُيُوشِ، وَأَحِطْهَا مِنْ كُلِّ جَانِبٍ بِالْمَجَانِقِ، | ٢ 2 |
ئاندىن ئۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا پوتەيلەرنى قۇرۇپ، سېپىلغا چىقىدىغان بىر دۆڭلۈك ياساپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بارگاھلارنى تىكىپ ۋە سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەپ قويغىن. |
ثُمَّ خُذْ لِنَفْسِكَ صَاجاً مِنْ حَدِيدٍ وَاجْعَلْهُ سُوراً مِنْ حَدِيدٍ بَيْنَكَ وَبَيْنَ الْمَدِينَةِ، وَثَبِّتْ وَجْهَكَ عَلَيْهَا فَتُصْبِحَ مُحَاصَرَةً وَأَنْتَ تُحَاصِرُهَا، فَتَكُونَ هَذِهِ عَلامَةً لِشَعْبِ إِسْرَائِيلَ. | ٣ 3 |
بىر تۆمۈر تاختىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئارىسىغا تىكلە؛ يۈزۈڭنى ئۇنىڭغا قارىتىپ تىكلە؛ ئۇ مۇھاسىرىگە ئېلىنىدۇ، سەن ئۆزۈڭ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالىسەن؛ بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت بولىدۇ. |
أَمَّا أَنْتَ فَاتَّكِئْ عَلَى جَانِبِكَ الأَيْسَرِ، وَضَعْ عَلَيْهِ إِثْمَ شَعْبِ إِسْرَائِيلَ، إِذْ أَنَّكَ تَحْمِلُ إِثْمَهُمْ عَلَى حَسَبِ عَدَدِ الأَيَّامِ الَّتِي تَتَّكِئُ فِيهَا عَلَيْهِ. | ٤ 4 |
ۋە سەن، سول يېنىڭغا يانپاشلاپ ياتقىن؛ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز ئۈستۈڭگە قوي؛ سولغا يانپاشلاپ قانچە كۈن ياتساڭ، سەن شۇنچە كۈن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. |
فَإِنِّي قَدْ جَعَلْتُ لَكَ عَدَدَ أَيَّامٍ كَعَدَدِ سَنَوَاتِ إِثْمِهِمْ: ثَلاثَ مِئَةٍ وَتِسْعِينَ يَوْماً. فَتَحْمِلُ عِبْءَ إِثْمِ شَعْبِ إِسْرَائِيلَ. | ٥ 5 |
مەن ساڭا يېتىش كېرەك بولغان كۈنلەرنى ئۇلارنىڭ قەبىھلىك قىلغان يىللىرى بويىچە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈن قىلىپ بېكىتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. |
وَحَالَمَا تُكْمِلُهَا عُدْ فَاتَّكِئْ عَلَى جَانِبِكَ الأَيْمَنِ، وَاحْمِلْ إِثْمَ شَعْبِ يَهُوذَا أَرْبَعِينَ يَوْماً. إِذْ جَعَلْتُ كُلَّ يَوْمٍ مُقَابِلَ سَنَةٍ. | ٦ 6 |
بۇ كۈنلەر تۈگىگەندىن كېيىن، سەن يەنە ئوڭ يانپاشلاپ يېتىپ، يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ ساڭا قىرىق كۈننى بېكىتكەنمەن، ھەربىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلەيدۇ. |
ثُمَّ ثَبِّتْ وَجْهَكَ نَحْوَ حِصَارِ أُورُشَلِيمَ بِذِرَاعٍ مَكْشُوفَةٍ، وَتَنَبَّأْ عَلَيْهَا، | ٧ 7 |
ۋە سەن يۈزۈڭنى يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىسىگە قارىتىپ، يېڭىڭنى تۈرگەن ھالدا، ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىسەن؛ |
وَهَا أَنَا أُوْثِقُكَ بِحِبَالٍ لِئَلّا تَتَقَلَّبَ مِنْ جَنْبٍ إِلَى جَنْبٍ حَتَّى تَكْتَمِلَ أَيَّامُ حِصَارِكَ. | ٨ 8 |
ۋە مانا، مەن ئۈستۈڭگە ئارغامچىلارنى سالىمەنكى، سەن مۇھاسىرىنىڭ كۈنلىرىنى تۈگەتمىگۈچە ئۇيان-بۇيانغا ھېچ ئۆرۈلمەيسەن. |
أَمَّا أَنْتَ فَخُذْ لِنَفْسِكَ قَمْحاً وَشَعِيراً وَفُولاً وَعَدَساً وَذُرَةً وَكَرْسَنَّةً، وَاعْجِنْهَا فِي وَعَاءٍ وَاحِدٍ، وَاصْنَعْ لِنَفْسِكَ خُبْزاً تَأْكُلُ مِنْهُ ثَلاثَ مِئَةٍ وَتِسْعِينَ يَوْماً كَعَدَدِ الأَيَّامِ الَّتِي تَتَّكِئُ فِيهَا عَلَى جَنْبِكَ. | ٩ 9 |
ۋە سەن ئۆزۈڭگە بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، قىزىل ماش تېرىق ۋە قارا بۇغدايلارنى ئېلىپ بىر ئىدىش ئىچىگە سال؛ ۋە بۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاماق تەييارلايسەن؛ سەن بۇنى يانپاشلاپ ياتقان كۈنلەردە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈندە يەيسەن؛ |
وَيَكُونُ وَزْنُ كَمِّيَّةِ الطَّعَامِ الَّتِي تَأْكُلُهَا فِي كُلِّ يَوْمٍ تُعَادِلُ عِشْرِينَ شَاقِلاً (نَحْوَ مِئَتَيْنِ وَأَرْبَعِينَ جِرَاماً). تَأْكُلُ وَجْبَةً وَاحِدَةً فِي الْيَوْمِ. | ١٠ 10 |
سەن يەيدىغان تاماق بولسا مىقدارى بويىچە ھەر كۈنى يىگىرمە شەكەلدىن بولۇشى كېرەك؛ سەن ئۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا يەيسەن؛ |
وَتَشْرَبُ الْمَاءَ بِالْكَيْلِ، فَلا يَزِيدُ عَنْ سُدْسِ الهِينِ (نَحْوَ ثُلْثَيْ لِتْرٍ)، تَشْرَبُ مِنْهُ بَيْنَ حِينٍ وَآخَرَ. | ١١ 11 |
ۋە [ھەر كۈنى] سۇنىمۇ نورما بويىچە، يەنى ئالتىدىن بىر ھىن ئىچىسەن؛ [ھەر كۈندىكى] بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىچىسەن. |
وَتَأْكُلُهُ كَكَعْكِ الشَّعِيرِ، بَعْدَ أَنْ تَخْبِزَهُ عَلَى مَشْهَدٍ مِنْهُمْ فَوْقَ بِرَازِ الإِنْسَانِ. | ١٢ 12 |
سەن ئۇنى ئارپا كۆمىچى شەكلىدە قىلىپ يەيسەن؛ سەن ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىنسان نىجاسىتى ئۈستىدە پىشۇرىسەن». |
لأَنَّهُ هَكَذَا سَيَأْكُلُ أَبْنَاءُ إِسْرَائِيلَ خُبْزَهُمُ النَّجِسَ بَيْنَ الأُمَمِ الَّذِينَ أُجْلِيهِمْ إِلَيْهِمْ». | ١٣ 13 |
پەرۋەردىگار: «ئىسرائىللار مەن ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئەللەر ئارىسىدا تۇرۇپ شۇ ھارام يولدا ئۆز نېنىنى ھارام يەيدۇ» ــ دېدى. |
وَلَكِنِّي قُلْتُ: «آهِ، أَيُّهَا السَّيِّدُ الرَّبُّ، أَنَا لَمْ أُنَجِّسْ نَفْسِي أَبَداً فَمُنْذُ حَدَاثَتِي حَتَّى الآنَ لَمْ آكُلْ مَيْتَةً أَوْ فَرِيسَةً، وَلَمْ يَدْخُلْ فَمِي لَحْمٌ نَجِسٌ». | ١٤ 14 |
ئاندىن مەن: «ئى پەرۋەردىگار! مەن ئۆزۈمنى ھېچقاچان بۇلغاپ قويمىدىم، ۋە ياشلىقىمدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر مەن ئۆزى ئۆلگەندىن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان نەرسىدىن ھېچ يېمىگەنمەن؛ ھېچقانداق يىرگىنچلىك گۆشكە ئاغزىم تېگىپ باقمىغان!» ــ دېدىم. |
فَقَالَ: «انْظُرْ هَا أَنَا أُعْطِيكَ بَعْرَ الْبَقَرِ لِتَسْتَعِيضَ بِهِ عَنْ بِرَازِ الإِنْسَانِ لِتَصْنَعَ عَلَيْهِ خُبْزَكَ. | ١٥ 15 |
ۋە ئۇ ماڭا: «مانا، مەن ساڭا ئىنساننىڭ نىجاسىتىنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ تېزىكىنى بەردىم؛ سەن نېنىڭنى شۇنىڭ ئۈستىدە پىشۇرىسەن» ــ دېدى. |
يَا ابْنَ آدَمَ، هَا أَنَا أَبِيدُ مَؤُونَةَ الْخُبْزِ فِي أُورُشَلِيمَ، فَيَأْكُلُونَ الْخُبْزَ بِالْوَزْنِ مَعْجُوناً بِالْغَمِّ، وَيَشْرَبُونَ الْمَاءَ بِالْكَيْلِ مَمْزُوجاً بِالْحَيْرَةِ. | ١٦ 16 |
ۋە ئۇ ماڭا: «ئى ئىنسان ئوغلى، مانا مەن يېرۇسالېمدا ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولغان ناننى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئۇلار ناننى تارازىغا سېلىپ، ئۇنى تەشۋىش ئىچىدە يەيدۇ، سۇنى ئۆلچەم بىلەن ئالاقزىدىلىك ئىچىدە ئىچىدۇ؛ |
إِذْ يُعْوِزُهُمُ الْخُبْزُ وَالْمَاءُ، وَيَلْجَأُ الْوَاحِدُ إِلَى أَخِيهِ وَقَدِ اعْتَرَتْهُمُ الْحَيْرَةُ فَيَفْنَوْنَ جَمِيعاً بِإِثْمِهِمْ. | ١٧ 17 |
چۈنكى نان ۋە سۇ ئۇلاردىن قالىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ دەھشەت باسىدۇ، ئۆز قەبىھلىكىدىن قۇرۇپ كېتىدۇ». |