وَكَانَتْ يَدُ الرَّبِّ عَلَيَّ فَأَحْضَرَنِي بِالرُّوحِ إِلَى وَسَطِ وَادٍ مَلِيءٍ بِعِظَامٍ، | ١ 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا قوندى؛ پەرۋەردىگار مېنى روھى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇرغۇزدى؛ ئۇ يەر سۆڭەكلەرگە تولدى. |
وَجَعَلَنِي أَجْتَازُ بَيْنَهَا وَحَوْلَهَا، وَإذَا بِها كَثِيرَةٌ جِدّاً، تُغَطِّي سَطْحَ أَرْضِ الْوَادِي، كَمَا كَانَتْ شَدِيدَةَ الْيُبُوسَةِ. | ٢ 2 |
ئۇ مېنى سۆڭەكلەر ئەتراپىدىن ئۇياق-بۇياققا ئۆتكۈزدى؛ مانا، بۇ ئوچۇق جىلغىدا [سۆڭەكلەر] ئىنتايىن نۇرغۇن ئىدى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئىنتايىن قۇرۇپ كەتكەنىدى. |
فَقَالَ لِي «يَا ابْنَ آدَمَ، أَيُمْكِنُ أَنْ تَحْيَا هَذِهِ الْعِظَامُ؟» فَأَجَبْتُ: «يَا سَيِّدُ الرَّبُّ، أَنْتَ أَعْلَمُ». | ٣ 3 |
ئۇ مەندىن: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر قايتىدىن ياشنامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن بىلىسەن، ــ دېدىم. |
فَقَالَ لِي: «تَنَبَّأْ عَلَى هَذِهِ الْعِظَامِ وَقُلْ لَهَا: اسْمَعِي أَيَّتُهَا الْعِظَامُ الْيَابِسَةُ كَلِمَةَ الرَّبِّ: | ٤ 4 |
ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر ئۈستىگە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «ئى قۇرۇق سۆڭەكلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! |
هَا أَنَا أَجْعَلُ رُوحاً يَدْخُلُ فِيكِ فَتَحْيَيْنِ. | ٥ 5 |
رەب پەرۋەردىگار بۇ سۆڭەكلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە بىر روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن، ۋە سىلەر ھايات بولىسىلەر. |
وَأَكْسُوكِ بِالْعَصَبِ وَاللَّحْمِ، وَأَبْسُطُ عَلَيْكِ جِلْداً وَأَجْعَلُ فِيكِ رُوحاً فَتَحْيَيْنِ وَتُدْرِكِينَ أَنِّي أَنَا الرَّبُّ». | ٦ 6 |
مەن ئۈستۈڭلەرگە پەي-سىڭىرلەرنى سالىمەن، سىلەرنى تېرە بىلەن ياپىمەن، سىلەرگە روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر». |
وَفِيمَا كُنْتُ أَتَنَبَّأُ كَمَا أُمِرْتُ، حَدَثَ صَوْتُ جَلَبَةٍ وَزَلْزَلَةٍ، فَتَقَارَبَتِ الْعِظَامُ كُلُّ عَظْمٍ إِلَى عَظْمِهِ، | ٧ 7 |
شۇڭا مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە بېشارەت بەردىم؛ مەن بېشارەت بېرىشىمگە، بىر شاۋقۇن كۆتۈرۈلدى، مانا جالاق-جۇلاق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، سۆڭەكلەر جىپسىلىشىپ، بىر-بىرىگە قوشۇلدى. |
وَاكْتَسَتْ بِالْعَصَبِ وَاللَّحْمِ وَبُسِطَ عَلَيْهَا الْجِلْدُ. إِنَّمَا لَمْ يَكُنْ فِيهَا رُوحٌ | ٨ 8 |
مەن كۆردۇم، مانا، پەي-سىڭىرلەر ۋە ئەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئۇلارنى قاپلىدى؛ بىراق ئۇلاردا ھېچ روھ-نەپەس بولمىدى. |
فَقَالَ لِي: «تَنَبَّأْ لِلرُّوحِ يَا ابْنَ آدَمَ، وَقُلْ: هَذَا مَا يَأْمُرُ بِهِ السَّيِّدُ الرَّبُّ: هَيَّا يَا رُوحُ أَقْبِلْ مِنَ الرِّيَاحِ الأَرْبَعِ وَهُبَّ عَلَى هَؤُلاءِ الْقَتْلَى لِيَحْيَوْا». | ٩ 9 |
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، روھ-نەپەسكە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: تۆت تەرەپتىن شامال كەلگەيسىلەر، ئى روھ-نەپەس، ۋە مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر تىرىلسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈۋلەڭلەر» ــ دېدى. |
فَتَنَبَّأْتُ كَمَا أَمَرَنِي الرَّبُّ، فَدَخَلَ فِيهِمِ الرُّوحُ فَدَبَّتْ فِيهِمِ الْحَيَاةُ، وَانْتَصَبُوا عَلَى أَقْدَامِهِمْ جَيْشاً عَظِيماً جِدّاً جِدّاً. | ١٠ 10 |
شۇڭا مەن بۇيرۇلغاندەك بېشارەت بېرىۋىدىم، روھ-نەپەس ئۇلارغا كىردى-دە، ئۇلار ھايات بولۇپ تىك تۇردى ــ بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى. |
ثُمَّ قَالَ لِي: «يَا ابْنَ آدَمَ، هَذِهِ الْعِظَامُ هِيَ جُمْلَةُ شَعْبِ إِسْرَائِيلَ. هَا هُمْ يَقُولُونَ قَدْ يَبِسَتْ عِظَامُنَا وَمَاتَ رَجَاؤُنَا وَانْقَطَعْنَا. | ١١ 11 |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جەمەتىدۇر. مانا، ئۇلار: «بىزنىڭ سۆڭەكلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى، ئۈمىدىمىز ئۈزۈلدى؛ بىز تۈگەشتۇق!» ــ دەيدۇ. |
لِذَلِكَ تَنَبَّأْ وَقْلُ لَهُمْ هَذَا مَا يُعْلِنُهُ السَّيِّدُ الرَّبُّ: هَا أَنَا أَفْتَحُ قُبُورَكُمْ وَأُخْرِجُكُمْ مِنْهَا يَا شَعْبِي وَأُحْضِرُكُمْ إِلَى أَرْضِ إِسْرَائِيلَ، | ١٢ 12 |
شۇڭا بېشارەت بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن گۆرۈڭلەرنى ئېچىپ، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقىرىمەن، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئېلىپ كىرىمەن؛ |
فَتُدْرِكُونَ أَنِّي أَنَا الرَّبُّ حِينَ أَفْتَحُ قُبُورَكُمْ وَأُخْرِجُكُمْ مِنْهَا يَا شَعْبِي. | ١٣ 13 |
مەن گۆرۈڭلەرنى ئاچقىنىمدا، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقارغىنىمدا، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. |
وَأَضَعُ رُوحِي فِيكُمْ فَتَحْيَوْنَ، وَأَرُدُّكُمْ إِلَى أَرْضِكُمْ فَتُدْرِكُونَ أَنِّي أَنَا الرَّبُّ قَدْ تَكَلَّمْتُ وَأَنْجَزْتُ مَا وَعَدْتُ بِهِ، يَقُولُ الرَّبُّ». | ١٤ 14 |
ۋە مەن ئۆز روھىمنى سىلەرگە كىرگۈزىمەن، سىلەر ھايات بولىسىلەر؛ ۋە مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا تۇرغۇزىمەن؛ سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنى شۇنداق سۆزنى قىلىپ، شۇنى ئادا قىلدى، دەپ بىلىپ يېتىسىلەر». |
وَأَوْحَى إِلَيَّ الرَّبُّ بِكَلِمَتِهِ قَائِلاً: | ١٥ 15 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«وَأَنْتَ يَا ابْنَ آدَمَ، خُذْ لَكَ قَضِيباً وَاحِداً وَاكْتُبْ عَلَيْهِ: هَذَا لِيَهُوذَا وَلأَبْنَاءِ إِسْرَائِيلَ رِفَاقِهِ، ثُمَّ خُذْ قَضِيباً آخَرَ وَاكْتُبْ عَلَيْهِ: هَذَا لِيُوسُفَ، قَضِيبُ أَفْرَايِمَ وَكُلِّ شَعْبِ إِسْرَائِيلَ رِفَاقِهِ. | ١٦ 16 |
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ يەنە بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەفرائىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ |
وَضُمَّهُمَا مَعاً كَقَضِيبٍ وَاحِدٍ فَيُصْبِحَا فِي يَدِكَ قَضِيباً وَاحِداً. | ١٧ 17 |
ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ قوي؛ ئۇلار قولۇڭدا بىر بولسۇن. |
وَإذَا سَأَلَكَ أَبْنَاءُ شَعْبِكَ: أَلا تُخْبِرُنَا مَا مَعْنَى هَذَا؟ | ١٨ 18 |
خەلقىمدىكىلەر سەندىن: «بۇ ئىشلار بىلەن نېمىنى چۈشەندۈرمەكچى بىزگە دەپ بەرمەمسەن؟» دەپ سورىسا، |
فَقُلْ لَهُمْ: هَذَا مَا يُعْلِنُهُ السَّيِّدُ الرَّبُّ: هَا أَنَا أَتَنَاوَلُ قَضِيبَ يُوسُفَ الَّذِي فِي حَوْزَةِ أَفْرَايِمَ وَأَسْبَاطِ إِسْرَائِيلَ رِفَاقِهِ، وَأَضُمُّ إِلَيْهِ قَضِيبَ يَهُوذَا، وَأَجْعَلُهُمْ جَمِيعاً قَضِيباً وَاحِداً فَيُصْبِحُونَ وَاحِداً فِي يَدِي. | ١٩ 19 |
ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئەفرائىمنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ قولى تۇتقان يۈسۈپنىڭ تايىقىنى ئېلىپ، ئۇنى يەھۇدانىڭ تايىقىغا قوشۇپ ئۇلاپ، ئۇلارنى بىرلا تاياق قىلىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ قولۇمدا بىر تاياق بولىدۇ. |
وَيَكُونُ فِي يَدِكَ، عَلَى مَشْهَدٍ مِنْهُمُ الْقَضِيبَانِ اللَّذَانِ كَتَبْتَ عَلَيْهِمَا. | ٢٠ 20 |
سەن يازغان تاياقلارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا قولۇڭدا تۇتۇپ ئۇلارغا شۇنداق دېگىن: ــ |
وَهَا أَنَا أَحْشِدُ أَبْنَاءَ إِسْرَائِيلَ مِنْ بَيْنِ الأُمَمِ الَّتِي تَفَرَّقُوا فِيهَا وَأَجْمَعُهُمْ مِنْ كُلِّ جِهَةٍ وَأُحْضِرُهُمْ إِلَى أَرْضِهِمْ. | ٢١ 21 |
«رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئىسرائىل بالىلىرىنى بارغان ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى ھەرياندىن يىغىپ ئۆز زېمىنىغا ئېپكېلىمەن. |
وَأَجْعَلُهُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً فِي الأَرْضِ وَعَلَى الْجِبَالِ، تَحْتَ رِيَاسَةِ مَلِكٍ وَاحِدٍ، فَلا يَكُونُونَ بَعْدُ أُمَّتَيْنِ، وَلا يَنْقَسِمُونَ إِلَى مَمْلَكَتَيْنِ. | ٢٢ 22 |
مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر ئەل قىلىمەن؛ بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلار قايتىدىن ئىككى ئەل بولمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئىككى پادىشاھلىققا ھېچ بۆلۈنمەيدۇ. |
وَلا يَتَدَنَّسُونَ بَعْدُ بِأَصْنَامِهِمْ وَرَجَاسَاتِهِمْ وَلا بِأَيٍّ مِنْ مَعَاصِيهِمْ، بَلْ أُخَلِّصُهُمْ مِنْ مَوَاطِنِ إِثْمِهِمْ، وَأُطَهِّرُهُمْ فَيَكُونُونَ لِي شَعْباً وَأَنَا أَكُونُ لَهُمْ إِلَهاً. | ٢٣ 23 |
ئۇلار ئۆزلىرىنى قايتىدىن ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى، لەنەتلىك ئىشلىرى ياكى ئاسىيلىقلىرىنىڭ ھېچقايىسىسى بىلەن ھېچ بۇلغىمايدۇ؛ مەن ئۇلارنى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى پاكلاندۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. |
وَيُصْبِحُ دَاوُدُ عَبْدِي مَلِكاً عَلَيْهِمْ، فَيَكُونُ لَهُمْ جَمِيعاً رَاعٍ وَاحِدٌ فَيُمَارِسُونَ أَحْكَامِي وَيُطِيعُونَ فَرَائِضِي عَامِلِينَ بِها. | ٢٤ 24 |
ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارغا پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا پادىچىسى بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. |
وَيُقِيمُونَ فِي الأَرْضِ الَّتِي وَهَبْتُهَا لِعَبْدِي يَعْقُوبَ الَّتِي سَكَنَ فِيهَا آبَاؤُكُمْ، فَيَسْكُنُونَ فِيهَا هُمْ وَأَبْنَاؤُهُمْ وَأَحْفَادُهُمْ إِلَى الأَبَدِ. وَيَكُونُ عَبْدِي دَاوُدُ رَئِيساً عَلَيْهِمْ مَدَى الدَّهْرِ. | ٢٥ 25 |
ئۇلار مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تۇرۇپ كەلگەن زېمىندا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭدا تۇرىدۇ ــ ئۇلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ۋە بالىلارنىڭ بالىلىرى مەڭگۈ تۇرىدۇ ــ مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارنىڭ شاھزادىسى بولىدۇ. |
وَأُبْرِمُ مَعَهُمْ مِيثَاقَ سَلامٍ، فَيَكُونُ مَعَهُمْ عَهْداً أَبَدِيًّا، وَأُوَطِّنُهُمْ وَأُكَثِّرُهُمْ وَأُقِيمُ مَقْدِسِي فِي وَسَطِهِمْ إِلَى الأَبَدِ. | ٢٦ 26 |
مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ بۇ ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنى جايىدا ماكانلاشتۇرۇپ ئاۋۇتىمەن؛ ۋە مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۇلار ئارىسىغا مەڭگۈگە تىكلەيمەن. |
وَيَكُونُ مَسْكَنِي مَعَهُمْ، فَأَكُونُ لَهُمْ إِلَهاً وَيَكُونُونَ لِي شَعْباً. | ٢٧ 27 |
مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم ئۇلاردا بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. |
فَتُدْرِكُ الأُمَمُ أَنِّي أَنَا الرَّبُّ مُقَدِّسُ إِسْرَائِيلَ، حِينَ يَكُونُ مَقْدِسِي قَائِماً فِي وَسَطِهِمْ إِلَى الأَبَدِ». | ٢٨ 28 |
مېنىڭ پاك-مۇقەددەس جايىم ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تىكلەنگەندە، ئەمدى ئەللەر ئۆزۈم پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». |