وَأَوْحَى إِلَيَّ الرَّبُّ بِكَلِمَتِهِ قَائِلاً: | ١ 1 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ |
«يَا ابْنَ آدَمَ، الْتَفِتْ بِوَجْهِكَ نَحْوَ جَبَلِ سَعِيرَ وَتَنَبَّأْ عَلَيْهِ. | ٢ 2 |
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى سېئىر تېغىغا قارىتىپ، بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ |
وَقُلْ لأَهْلِهِ: هَا أَنَا أَنْقَلِبُ عَلَيْكَ يَا جَبَلَ سَعِيرَ وَأُعَاقِبُكَ لأَجْعَلَكَ خَرَاباً مُقْفِراً. | ٣ 3 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، ئى سېئىر تېغى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنى بىر ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن. |
أَجْعَلُ مُدُنَكَ أَطْلالاً وَتَكُونُ أَنْتَ مُقْفِراً، فَتُدْرِكُ أَنِّي أَنَا الرَّبُّ. | ٤ 4 |
مەن شەھەرلىرىڭنى خارابە قىلىۋېتىمەن، ۋە سەن ۋەيرانە بولىسەن؛ ئاندىن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. |
لأَنَّكَ أَضْمَرْتَ فِي نَفْسِكَ بُغْضَةً أَبَدِيَّةً، وَأَسْلَمْتَ بَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَى حَدِّ السَّيْفِ فِي أَثْنَاءِ مِحْنَتِهِمْ، فِي سَاعَةِ دَيْنُونَةِ إِثْمِهِمْ. | ٥ 5 |
چۈنكى سەن مەڭگۈگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەنسەن، ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، ئۇلارنى قىلىچ كۈچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، |
لِذَلِكَ حَيٌّ أَنَا يَقُولُ السَّيِّدُ الرَّبُّ، إِنِّي أُعِدُّكَ لِسَفْكِ الدَّمِ، وَالدَّمُ يَتَعَقَّبُكَ. لأَنَّكَ لَمْ تَمْقُتْ سَفْكَ الدَّمِ فَالدَّمُ يَتَعَقَّبُكَ. | ٦ 6 |
شۇڭا مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن ساڭا قان تۆكۈلۈشنى بېكىتتىم؛ قان سېنى قوغلايدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئەمدى قان سېنى قوغلاپ يۈرىدۇ. |
فَأُحَوِّلُ جَبَلَ سَعِيرَ إِلَى أَطْلالٍ وَأَسْتَأْصِلُ مِنْهُ كُلَّ ذَاهِبٍ وَآيِبٍ. | ٧ 7 |
مەن سېئىر تېغىنى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىن بېسىپ ئۆتكۈچى ھەم ئۇنىڭغا قايتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. |
وَأَجْعَلُ جِبَالَهُ تَكْتَظُّ بِقَتْلاهُ، فَيَتَسَاقَطُونَ فِي تِلالِكَ وَأَوْدِيَتِكَ وَجَمِيعِ أَنْهَارِكَ صَرْعَى السَّيْفِ. | ٨ 8 |
مەن ئۇنىڭ تاغلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىرى بىلەن تولدۇرىمەن؛ سېنىڭ ئېگىزلىكلىرىڭدە، سېنىڭ جىلغىلىرىڭدا، سېنىڭ بارلىق جىرالىرىڭدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ. |
وَأُحِيلُكَ إِلَى خَرَائِبَ أَبَدِيَّةٍ، فَلا يَبْقَى لِمُدُنِكَ أَثَرٌ، فَتُدْرِكُونَ أَنِّي أَنَا الرَّبُّ. | ٩ 9 |
مەن سېنى مەڭگۈگە ۋەيرانە قىلىمەن؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئادەمزاتسىز بولىدۇ؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. |
لأَنَّكَ قُلْتَ: إِنَّ هَاتَيْنِ الأُمَّتَيْنِ، وَهَاتَيْنِ الأَرْضَيْنِ تُصْبِحَانِ لِي فَأَمْتَلِكُهُمَا، وَلَوْ كَانَ الرَّبُّ هُنَاكَ. | ١٠ 10 |
ــ چۈنكى سەن: «بۇ ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت مېنىڭكى بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگە بولىمىز» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن ــ گەرچە مەن پەرۋەردىگار شۇ يەردە بولغان بولساممۇ ــ، |
لِذَلِكَ حَيٌّ أَنَا يقُولُ السَّيِّدُ الرَّبُّ: لَأُعَامِلَنَّكَ بِمُقْتَضَى غَضَبِكَ وَحَسَدِكَ اللَّذَيْنِ أَبْدَيْتَهُمَا فِي بَغْضَائِكَ لَهُمْ، فَأُعْلِنُ ذَاتِي عِنْدَمَا أَدِينُكَ. | ١١ 11 |
ئەمدى مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سېنىڭ نەپرىتىڭدىن چىققان ئاچچىقىڭ بويىچە ۋە ھەسىتىڭ بويىچە ساڭا مۇئامىلە قىلىمەن؛ مەن ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىشىم بىلەن، مەن ئۇلار ئارىسىدا ئۆزۈمنى كۆرسىتىمەن. |
فَتُدْرِكُ أَنِّي أَنَا الرَّبُّ قَدْ سَمِعْتُ كُلَّ إِهَانَتِكَ الَّتِي عَيَّرْتَ بِها جِبَالَ إِسْرَائِيلَ قَائِلاً: قَدْ أَصْبَحَتْ خَرَاباً وَصَارَتْ لَنَا مَغْنَماً. | ١٢ 12 |
شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىسرائىل تاغلىرىغا قاراپ: «ئۇلار ۋەيران بولدى، ئۇلار بىزگە يەم بولۇشقا تەقدىم قىلىندى» دېگەن بارلىق ھاقارەتلىرىڭنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاڭلىغىنىمنى سەنلەر تونۇپ يېتىسىلەر. |
قَدْ تَبَاهَيْتُمْ عَلَيَّ بِأَفْوَاهِكُمْ، وَأَكْثَرْتُمْ مِنْ لَغْوِكُمْ عَلَيَّ وَأَنَا سَمِعْتُ. | ١٣ 13 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭلاردا سىلەر ماڭا قارشى چىقىپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ كۆرسىتىپ، ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغان سۆزۈڭلەرنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ مەن ئۇلارنى ئاڭلىدىم. |
فَفِي مَوْسِمِ الرَّبِيعِ أَجْعَلُكَ مُقْفِراً | ١٤ 14 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ پۈتكۈل يەر يۈزى شادلىنىپ كەتكىنىدە، مەن سېنى ۋەيرانە قىلىمەن. |
وَكَمَا فَرِحْتَ لِخَرَابِ مِيرَاثِ شَعْبِ إِسْرَائِيلَ، كَذَلِكَ أَفْعَلُ بِكَ، فَتَصِيرُ يَا جَبَلَ سَعِيرَ خَرَاباً أَنْتَ وَكُلُّ بِلادِ أَدُومَ فَتُدْرِكُونَ أَنِّي أَنَا الرَّبُّ». | ١٥ 15 |
ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مىراسى ۋەيران قىلىنغاندا بۇنىڭدىن سەن شادلانغىنىڭدەك، مەنمۇ ساڭا شۇنداق قىلىمەن؛ سەنمۇ، ئى سېئىر تېغى ۋە بارلىق ئېدوم ــ سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ؛ ۋە [ئېدومىيلار] مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». |