وَتَصْنَعُ مَذْبَحاً مِنْ خَشَبِ السَّنْطِ لإِحْرَاقِ الْبَخُورِ، | ١ 1 |
سەن يەنە خۇشبۇي ياندۇرۇش ئۈچۈن بىر خۇشبۇيگاھنى ياساتقىن؛ ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تەييارلىغىن. |
يَكُونُ ذَا سَطْحٍ مُرَبَّعٍ، طُولُهُ ذِرَاعٌ (نَحْوَ نِصْفِ الْمِتْرِ) وَعَرْضُهُ ذِرَاعٌ (نَحْوَ نِصْفِ الْمِتْرِ) وَيَكُونُ ارْتِفَاعُهُ ذِرَاعَينِ (نَحْوَ مِتْرٍ)، وَلَهُ قُرُونٌ مَنْحُوتَةٌ فِي ذَاتِ خَشَبِهِ. | ٢ 2 |
ئۇ تۆت چاسا، ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولسۇن. ئۇنىڭ [تۆت بۇرجىكىدىكى] مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن. |
وَتُغَشِّي سَطْحَهُ وَجَوانِبَهُ وَقُرُونَهُ بِذَهَبٍ خَالِصٍ، وَطَوِّقْهُ بِإِطَارٍ مِنَ الذَّهَبِ. | ٣ 3 |
سەن ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتقىن؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقارغىن. |
وَثَبِّتْ عَلَى كُلٍّ مِنْ جَانِبَيْهِ تَحْتَ الإِطَارِ، حَلْقَتَيْنِ مَصْنُوعَتَيْنِ مِنَ الذَّهَبِ، لِتَضَعَ فِيهِمَا عَصَوَيْنِ يُحْمَلُ الْمَذْبَحُ بِهِمَا. | ٤ 4 |
ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتكىن؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتكىن. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغىن. |
أَمَّا الْعَصَوَانِ فَاصْنَعْهُمَا مِنْ خَشَبِ السَّنْطِ الْمُغَشَّى بِذَهَبٍ. | ٥ 5 |
بالداقلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. |
وَتَضَعُ هَذَا الْمَذْبَحَ أَمَامَ الْحِجَابِ الْمُوَاجِهِ لِتَابُوتِ الشَّهَادَةِ (الَّذِي فِيهِ لَوْحَا الْشَّرِيعَةِ) مُقَابِلَ الْغِطَاءِ الَّذِي فَوْقَ التَّابُوتِ حَيْثُ أَجْتَمِعُ بِكَ. | ٦ 6 |
خۇشبۇيگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىغا، يەنى مەن سەن بىلەن كۆرىشىدىغان جاي بولغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنىڭ ئۇدۇلىغا قويغىن. |
فَيَحْرِقُ هَرُونُ عَلَيْهِ بَخُوراً عَطِراً فِي كُلِّ صَبَاحٍ، عِنْدَمَا يَدْخُلُ لإِصْلاحِ فَتَائِلِ الْمَنَارَةِ. | ٧ 7 |
ھارۇن شۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇي ئەتىرنى ياندۇرسۇن؛ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى چىراغلارنى پەرلىگىلى كەلگەندە، خۇشبۇيلارنى ياندۇرسۇن. |
وَكَذَلِكَ يَحْرِقُهُ أَيْضاً عِنْدَمَا يُضِيءُ هَرُونُ الْمَنَارَةَ فِي الْمَسَاءِ. فَيَظَلُّ الْبَخُورُ مُوْقَداً أَمَامَ الرَّبِّ مِنْ جِيلٍ إِلَى جِيلٍ. | ٨ 8 |
شۇنىڭدەك ھارۇن گۇگۇمدا چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا، خۇشبۇي ياندۇرسۇن. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەسىلدىن-نەسىلگە خۇشبۇي ھەمىشە ئۆچۈرۈلمەي يېنىق بولىدۇ. |
لَا تَحْرِقْ عَلَى هَذَا الْمَذْبَحِ بَخُوراً غَرِيباً وَلا مُحْرَقَةً أَوْ تَقْدِمَةً، وَلا تَسْكُبُوا عَلَيْهِ سَكِيباً. | ٩ 9 |
سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە نە ھېچقانداق غەيرىي خۇشبۇي ياندۇرماڭلار، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق نە ئاشلىق ھەدىيە سۇنماڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق شاراب ھەدىيەنى تۆكمەڭلار. |
وَيُقَرِّبُ هَرُونُ كَفَّارَةً عَلَى قُرُونِهِ مَرَّةً فِي السَّنَةِ فَيَرُشُّ مِنْ دَمِ ذَبِيحَةِ الْخَطِيئَةِ الْكَفَّارِيَّةِ عَلَيْهِ مَرَّةً فِي السَّنَةِ مِنْ جِيلٍ إِلَى جِيلٍ، لأَنَّهُ هُوَ قُدْسُ أَقْدَاسٍ للرَّبِّ. | ١٠ 10 |
ھەر يىلدا ھارۇن بىر قېتىم [خۇشبۇيگاھنىڭ] مۈڭگۈزلىرىگە كافارەت كەلتۈرسۇن؛ ھەر قېتىم كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن. نەسىلدىن-نەسىلگە شۇنداق قىلىڭلار؛ بۇ [خۇشبۇيگاھ] پەرۋەردىگارغا «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. |
وَخَاطَبَ الرَّبُّ مُوسَى: | ١١ 11 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ |
«عِنْدَمَا تَقُومُ بِإِحْصَاءِ بَنِي إِسْرَائِيلَ، يُقَدِّمُ كُلُّ مَنْ تُحْصِيهِ فِدْيَةً عَنْ نَفْسِهِ للرَّبِّ لِئَلّا يُصِيبَهُمْ وَبَأٌ عِنْدَ إحْصَائِهِمْ. | ١٢ 12 |
سەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سانىغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سانىلىشى ۋەجىدىن ئارىسىغا بالايىئاپەت كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كافارەت پۇلى تاپشۇرسۇن. |
فَيُعْطِي كُلُّ مُحْصىٍ نِصْفَ شَاقِلٍ (نَحْوَ سِتَّةِ جِرَامَاتٍ) مِنَ الْفِضَّةِ تَقْدِمَةً للرَّبِّ. | ١٣ 13 |
رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىشى كېرەك بولغىنى شۇكى، ھەربىرى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل بەرسۇن (بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر كېلىدۇ). بۇ يېرىم شەكەل پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ. |
كُلُّ مَنْ جَازَ عَلَيْهِ الإِحْصَاءُ مِنِ ابْنِ عِشْرِينَ سَنَةً فَمَا فَوْقُ، يُعْطِي تَقْدِمَةً للرَّبِّ. | ١٤ 14 |
رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەر، يەنى يىگىرمە ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى بەرسۇن. |
فَلا يُعْطِي الْغَنِيُّ أَكْثَرَ مِنْ نِصْفِ شَاقِلٍ (نَحْوِ سِتَّةِ جِرَامَاتٍ) وَلا يَدْفَعُ الْفَقِيرُ أَقَلَّ مِنْهَا لأَنَّهَا تَقْدِمَةُ الرَّبِّ، لِلتَّكْفِيرِ عَنْ نُفُوسِكُمْ. | ١٥ 15 |
ئۆز جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كۆتۈرمە ھەدىيە بەرگىنىڭلاردا باي كىشى يېرىم شەكەلدىن ئارتۇق بەرمىسۇن، كەمبەغەل كىشىمۇ يېرىم شەكەلدىن كەم بەرمىسۇن. |
وَتَسْتَخْدِمُ فِضَّةَ الْكَفَّارَةِ هَذِهِ الَّتِي تَجْمَعُهَا مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ، لِنَفَقَاتِ خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ. فَتَكُونُ تَذْكَاراً. لِبَنِي إِسْرَائِيلَ أَمَامَ الرَّبِّ لِلتَّكْفِيرِ عَنْ نُفُوسِكُمْ». | ١٦ 16 |
سەن ئىسرائىللاردىن شۇ كافارەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلاپ ئىشلەتكىن؛ ئۇ پۇل ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەسلەتمە سۈپىتىدە جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرىدىغان بولىدۇ. |
وَخَاطَبَ الرَّبُّ مُوسَى: | ١٧ 17 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ |
«اصْنَعْ حَوْضاً نُحَاسِيًّا لِلاغْتِسَالِ ذَا قَاعِدَةٍ نُحَاسِيَّةٍ، وَأَقِمْهُ بَيْنَ خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ وَالْمَذْبَحِ، وَامْلأْهُ بِالْمَاءِ، | ١٨ 18 |
سەن يۇيۇنۇشقا ئىشلىتىشكە مىستىن [يوغان] بىر داس ۋە ئۇنىڭغا مىستىن بىر تەگلىك ياساتقىن؛ ئۇنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچىگە سۇ توشتۇرۇپ قويغىن. |
لِيَغْسِلَ هَرُونُ وَبَنُوهُ أَيْدِيَهُمْ وَأَرْجُلَهُمْ مِنْهُ، | ١٩ 19 |
ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭدىكى سۇ بىلەن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن. |
لَدَى دُخُولِهِمْ إِلَى خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ، أَوْ عِنْدَ اقْتِرَابِهِمْ إِلَى الْمَذْبَحِ لِلْقِيَامِ بِخِدْمَةِ تَقْدِيمِ الْمُحْرَقَاتِ لِئَلّا يَمُوتُوا إِذَا لَمْ يَغْتَسِلُوا. | ٢٠ 20 |
ئۇلار جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن سۇ بىلەن ئۆزىنى يۇيۇشى كېرەك؛ ئۇلار خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق ئاتىلىدىغان قۇربانلىق سۇنماقچى بولغىنىدىمۇ، شۇنداق قىلسۇن. |
لِيَغْسِلُوا أَيْدِيَهُمْ وَأَرْجُلَهُمْ لِئَلّا يَمُوتُوا. فَتَكُونُ هَذِهِ فَرِيضَةً أَبَدِيَّةً لِهَرُونَ وَنَسْلِهِ جِيلاً بَعْدَ جِيلٍ». | ٢١ 21 |
ئۇلار ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن؛ بۇ ئىش ئۇلارغا، يەنى ئۆزى ۋە ئۇنىڭ نەسىللىرى ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. |
ثُمَّ قَالَ الرَّبُّ لِمُوسَى: | ٢٢ 22 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ |
«خُذْ لَكَ أَطْيَبَ الْعُطُورِ: خَمْسَ مِئَةِ شَاقِلٍ (نَحْوَ سِتَّةَ كِيلو جِرَامَاتٍ) مِنَ الْمُرِّ النَّقِيِّ السَّائِلِ، وَمِئَتَيْنِ وَخَمْسِينَ شَاقِلاً (نَحْوَ ثَلاثَةِ كِيلو جِرَامَاتٍ) مِنَ الْقِرْفَةِ، وَمَئَتَيْنِ وَخَمْسِينَ شَاقِلاً (نَحْوَ ثَلاثَةِ كِيلو جِرَامَاتٍ) مِنْ قَصَبِ الذَّرِيرَةِ. | ٢٣ 23 |
سەن ھەممىدىن ئېسىل خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەردىن تەييارلا، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن بەش يۈز شەكەل، دارچىندىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، ئېگىردىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، |
وَخَمْسَ مِئَةِ شَاقِلٍ (نَحْوَ سِتَّةِ كِيلُو جِرَامَاتٍ) مِنَ السَّلِيخَةِ وَهِيناً (نَحْوَ سِتَّةِ لِتْرَاتٍ) مِنْ زَيْتِ الزَّيْتُونِ النَّقِيِّ. | ٢٤ 24 |
قوۋزاقدارچىندىن بەش يۈز شەكەل ئېلىپ (بۇ ئۆلچەملەر مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن) ۋە زەيتۇن مېيىدىنمۇ بىر ھىن تەييارلا؛ |
وَاصْنَعْ مِنْهَا دُهْنَ مَسْحَةٍ مُقَدَّساً طَيِّباً شَذِيًّا صَنْعَةَ عَطَّارٍ مَاهِرٍ، فَيَكُونَ دُهْنَ مَسْحَةٍ مُقَدَّساً. | ٢٥ 25 |
بۇ دورا-دەرمەكلەر بىلەن مەسىھ قىلىش ئۈچۈن بىر مۇقەددەس ماي ــ ئەتىرچى چىقارغاندەك بىر خۇشبۇي ماي چىقارغۇزغىن. بۇ «مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى» بولىدۇ. |
تَمْسَحُ بِهِ خَيْمَةَ الاجْتِمَاعِ، وَتَابُوتَ الشَّهَادَةِ، | ٢٦ 26 |
سەن ئۇنىڭ بىلەن جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى، |
وَالْمَائِدَةَ مَعَ كُلِّ آنِيَتِهَا، وَالْمَنَارَةَ وَآنِيَتَهَا، وَمَذْبَحَ الْبَخُورِ، | ٢٧ 27 |
شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى، |
وَمَذْبَحَ الْمُحْرَقَةِ وَسَائِرَ آنِيَتِهِ، وَالْحَوْضَ وَقَاعِدَتَهُ. | ٢٨ 28 |
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلىگىن؛ |
تُقَدِّسُهَا فَتُصْبِحُ قُدْسَ أَقْدَاسٍ، وَيُصْبِحُ كُلُّ مَا مَسَّهَا مُقَدَّساً. | ٢٩ 29 |
سەن شۇ تەرزدە ئۇلارنى «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا مۇقەددەس قىلغىن. ئۇلارغا تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ «مۇقەددەس» ھېسابلىنىدۇ. |
وَتَمْسَحُ هَرُونَ وَبَنِيهِ أَيْضاً وَتُقَدِّسُهُمْ لِيَكُونُوا كَهَنَةً لِي. | ٣٠ 30 |
ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى بولسا ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن. |
وَتَقُولُ لِبَنِي إِسْرَائِيلَ: إِنَّ هَذَا الدُّهْنَ يَكُونُ لِي دُهْناً مُقَدَّساً لِلْمَسْحَةِ عَلَى مَرِّ أَجْيَالِكُمْ | ٣١ 31 |
ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئېيتقىن: ــ بۇ ماي ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى بولىدۇ. |
لَا يُسْكَبُ عَلَى جَسَدِ إِنْسَانٍ، وَلا تَسْتَخْدِمُوا مَقَادِيرَهُ فِي صِنَاعَةِ طِيبٍ مِثْلِهِ، فَهُوَ مُقَدَّسٌ، وَيَجِبُ أَنْ يَكُونَ مُقَدَّساً عِنْدَكُمْ. | ٣٢ 32 |
ئۇنى ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ياكى تەركىبى ئوخشىشىدىغان ھېچقانداق مايلارنى ياسىماڭلار. ئۇ مۇقەددەس بولغىنى ئۈچۈن سىلەرگىمۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. |
كُلُّ مَنْ رَكَّبَ مِثْلَهُ أَوْ دَهَنَ بِهِ غَرِيباً مِنْ غَيْرِ الْكَهَنَةِ يُسْتَأْصَلُ مِنْ بَيْنِ قَوْمِهِ». | ٣٣ 33 |
كىمكى تەركىبى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ماي تەڭشىسە، ياكى ئۇنى ئېلىپ يات بىرسىگە سۈرسە، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
وَقَالَ الرَّبُّ لِمُوسَى: «خُذْ لَكَ أَطْيَاباً، أَجْزَاءَ مُتَسَاوِيَةً مِنَ الْمَيْعَةِ وَالأَظْفَارِ وَالْقِنَّةِ الْعَطِرَةِ وَاللُّبَانِ الزَّكِيِّ، وَاخْلِطْهَا، | ٣٤ 34 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، يەنى خۇشبۇي يېلىم، دېڭىز قۇلۇلىسى مېيى، ئاق دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى تەييارلىغىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مىقداردا بولسۇن؛ |
صَانِعاً مِنْهَا بَخُوراً عَطِراً مُمَلَّحاً نَقِيًّا مُقَدَّساً، كَمَا يَفْعَلُ أَمْهَرُ الْعَطَّارِينَ. | ٣٥ 35 |
خۇددى ئەتىرچى ماي چىقارغانغا ئوخشاش، ئۇلارنى تەڭشەپ خۇشبۇي ياسىغىن؛ ئۇ تۇزلانغان، ساپ ۋە مۇقەددەس پۇراقلىق ئەتىر بولىدۇ. |
وَتَسْحَقُ بَعْضاً مِنْهُ وَتَجْعَلُهُ أَمَامَ التَّابُوتِ فِي خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ حَيْثُ أَجْتَمِعُ بِكَ. فَيَكُونُ قُدْسَ أَقْدَاسٍ عِنْدَكُمْ. | ٣٦ 36 |
سەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ، تالقاندەك ئوبدان ئېزىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق [ساندۇقىنىڭ] ئۇدۇلىغا، يەنى مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا قويغىن. بۇ سىلەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا ھېسابلانسۇن. |
وَلا يَسْتَخْدِمُ أَحَدٌ مَقَادِيرَهُ فِي صِنَاعَةِ بَخُورٍ مِثْلِهِ. يَكُونُ مُقَدَّساً عِنْدَكَ لِلرَّبِّ وَحْدَهُ. | ٣٧ 37 |
سىلەر ياسىغان بۇ خۇشبۇينىڭ رېتسېپى بىلەن ئۆزۈڭلارغىمۇ ئوخشاش بىر خۇشبۇينى ياسىۋالساڭلار بولمايدۇ. ئۇ ساڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەرۋەردىگارغا خاس قىلىنغان مۇقەددەس بولىدۇ. |
كُلُّ مَنْ يُرَكِّبُ مِثْلَهُ لِيَشُمَّهُ يُسْتَأْصَلُ مِنْ بَيْنِ قَوْمِهِ». | ٣٨ 38 |
كىمكى ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرقانداق بىر خۇشبۇينى ياسىسا، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن. |