فَقَالَ أَغْرِيبَاسُ لِبُولُسَ: «إِنَّنَا نَسْمَحُ لَكَ بِالدِّفَاعِ عَنْ نَفْسِكَ». فَأَشَارَ بُولُسُ بِيَدِهِ، وَابْتَدَأَ دِفَاعَهُ قَائِلاً: | ١ 1 |
شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ ئۆزۈڭنىڭ گېپىڭنى قىلىشىڭغا رۇخسەت، ــ دېدى. پاۋلۇس قولىنى سوزۇپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى: |
«أَيُّهَا الْمَلِكُ أَغْرِيبَاسُ، يُسْعِدُنِي أَنْ أُدَافِعَ عَنْ نَفْسِي فِي حَضْرَتِكَ، وَأَرُدَّ كُلَّ مَا يَتَّهِمُنِي بِهِ الْيَهُودُ، | ٢ 2 |
ــ ئى ئاگرىپپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلار توغرۇلۇق جاۋاب بېرىش پۇرسىتىگە نېسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدىن خەۋەرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن! شۇنىڭ ئۈچۈن دېگەنلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. |
وَبِخَاصَّةٍ لأَنَّكَ تَعْرِفُ تَمَاماً طُقُوسَهُمْ وَمُجَادَلاتِهِمْ. فَأَلْتَمِسُ أَنْ تَسْمَعَنِي بِرَحَابَةِ صَدْرٍ. | ٣ 3 |
إِنَّ الْيَهُودَ جَمِيعاً يَعْرِفُونَ نَشْأَتِي مِنَ الْبَدَايَةِ. فَقَدْ عِشْتُ بَيْنَ شَعْبِي فِي أُورُشَلِيمَ مُنْذُ صِغَرِي. | ٤ 4 |
مېنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا، يەنى كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆز ئېلىمدە، يېرۇسالېمدا يۈرۈش-تۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان. |
وَمَادَامُوا يَعْرِفُونَنِي مِنَ الْبَدَايَةِ، فَلَوْ أَرَادُوا لَشَهِدُوا أَنَّنِي كُنْتُ فَرِّيسِيًّا، أَيْ تَابِعاً لِلْمَذْهَبِ الأَكْثَرِ تَشَدُّداً فِي دِيَانَتِنَا. | ٥ 5 |
ئۇلار شۇ دەسلەپكى ۋاقتىمدىن بېرى مېنى تونۇغاچقا (ئەگەر خالىسائىدى، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەتتى)، مېنىڭ ئىبادەت تۈزۈمىدىكى ئەڭ تەلەپچان مەزھەپنىڭ شەرتلىرى بويىچە ياشاپ، يەنى پەرىسىي بولۇپ ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىدۇ. |
وَأَنَا الْيَوْمَ أُحَاكَمُ لأَنَّ لِي رَجَاءً بِأَنْ يُحَقِّقَ اللهُ مَا وَعَدَ بِهِ آبَاءَنَا، | ٦ 6 |
ئەمدى مەن خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىگە باغلىغان ئۈمىدىم تۈپەيلىدىن ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىمەن. |
وَمَازَالَتْ أَسْبَاطُ شَعْبِنَا الاثْنَا عَشَرَ تُوَاظِبُ عَلَى الْعِبَادَةِ لَيْلَ نَهَارَ رَاجِيَةً تَحْقِيقَهُ. مِنْ أَجْلِ هَذَا الرَّجَاءِ، أَيُّهَا الْمَلِكُ، يَتَّهِمُنِي الْيَهُودُ. | ٧ 7 |
شۇ [ۋەدىنىڭ] نېسىۋىسىگە يېتىشنى بىزنىڭ پۈتكۈل ئون ئىككى قەبىلىمىز كېچە-كۈندۈز توختاۋسىز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ ئۈمىد قىلماقتا. ئى ئالىيلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى دەل شۇ ئۈمىدكە باغلىقتۇر! |
لِمَاذَا لَا تُصَدِّقُونَ أَنَّ اللهَ يُقِيمُ الأَمْوَاتَ؟ | ٨ 8 |
[خالايىق]، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟ |
وَكُنْتُ أَعْتَقِدُ أَنَّهُ يَجِبُ أَنْ أَبْذُلَ غَايَةَ جَهْدِي لأُقَاوِمَ اسْمَ يَسُوعَ النَّاصِرِيِّ. | ٩ 9 |
دەرۋەقە، ئۆزۈممۇ ئەسلىدە ناسارەتلىك ئەيسانىڭ نامىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ قايىل ئىدىم |
وَقَدْ عَمِلْتُ عَلَى تَنْفِيذِ خُطَّتِي فِي أُورُشَلِيمَ بِتَفْوِيضٍ خَاصٍّ مِنْ رُؤَسَاءِ الْكَهَنَةِ، فَأَلْقَيْتُ فِي السِّجْنِ عَدَداً كَبِيراً مِنَ الْقِدِّيسِينَ. وَكُنْتُ أُعْطِي صَوْتِي بِالْمُوَافَقَةِ عِنْدَمَا كَانَ الْمَجْلِسُ يَحْكُمُ بِإِعْدَامِهِمْ. | ١٠ 10 |
ۋە يېرۇسالېمدا ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلغانىدىم. باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئېلىپ، ئۆزۈم خۇدانىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلىرىنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم. |
وَكَمْ عَذَّبْتُهُمْ فِي الْمَجَامِعِ كُلِّهَا لأُجْبِرَهُمْ عَلَى التَّجْدِيفِ. وَقَدْ بَلَغَ حِقْدِي عَلَيْهِمْ دَرَجَةً جَعَلَتْنِي أُطَارِدُهُمْ فِي الْمُدُنِ الَّتِي فِي خَارِجِ الْبِلادِ. | ١١ 11 |
مەن ھەممە سىناگوگلاردا كۆپ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ جازالاپ، كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم. مەن ئۇلارغا تەلۋىلەرچە ئۆچ بولۇپ، ھەتتا ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانىدىم. |
وَتَوَجَّهْتُ إِلَى مَدِينَةِ دِمَشْقَ بِتَفْوِيضٍ وَتَرْخِيصٍ مِنْ رُؤَسَاءِ الْكَهَنَةِ، | ١٢ 12 |
بۇ ئىشلاردا بولۇپ باش كاھىنلار بەرگەن تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقى بىلەن دەمەشق شەھىرىگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتاتتىم. |
فَرَأَيْتُ، أَيُّهَا الْمَلِكُ، عَلَى الطَّرِيقِ عِنْدَ الظُّهْرِ نُوراً يَفُوقُ نُورَ الشَّمْسِ يَسْطَعُ حَوْلِي وَحَوْلَ مُرَافِقِيَّ، | ١٣ 13 |
چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن، قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. |
فَسَقَطْنَا كُلُّنَا عَلَى الأَرْضِ. وَسَمِعْتُ صَوْتاً يُنَادِينِي بِاللُّغَةِ الْعِبْرِيَّةِ قَائِلاً: شَاوُلُ، شَاوُلُ، لِمَاذَا تَضْطَهِدُنِي؟ يَصْعُبُ عَلَيْكَ أَنْ تَرْفُسَ الْمَنَاخِسَ. | ١٤ 14 |
ھەممىمىز يەرگە يىقىلغان بولۇپ مەن ئىبرانىي تىلىدا ئېيتىلغان: «ئەي سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سېنى زىخلاشلارغا قارشى تەپمىكىڭ سەن ئۈچۈن تەس كېلىدۇ!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. |
فَسَأَلْتُ: مَنْ أَنْتَ يَا سَيِّدُ؟ فَأَجَابَ: أَنَا يَسُوعُ الَّذِي أَنْتَ تَضْطَهِدُهُ. | ١٥ 15 |
مەن: ــ «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا: «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن! |
انْهَضْ وَقِفْ عَلَى قَدَمَيْكَ، فَقَدْ ظَهَرْتُ لَكَ لأُعَيِّنَكَ خَادِماً لِي وَشَاهِداً بِهَذِهِ الرُّؤْيَا الَّتِي تَرَانِي فِيهَا الآنَ، وَبِالرُّؤَى الَّتِي سَتَرَانِي فِيهَا بَعْدَ الْيَوْمِ. | ١٦ 16 |
ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر؛ چۈنكى مەن سېنى سەن كۆرگەن ئىشلارغا ھەمدە ئۆزۈم ساڭا ئايان قىلىنغىنىمدا كۆرىدىغان ئىشلارغا خەزىنىچى غوجىدار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇشقا تىكلەش ئۈچۈن، ساڭا ئايان بولدۇم. |
وَسَأُنْقِذُكَ مِنْ شَعْبِكَ وَمِنَ الأُمَمِ الَّتِي أُرْسِلُكَ إِلَيْهَا الآنَ، | ١٧ 17 |
مەن سېنى ئۆز خەلقىڭنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن ــ چۈنكى مەن سېنى يات ئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇداغا باغلىنىشقا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمىگە، شۇنداقلا ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا مىراسقا مۇيەسسەر بولىدۇ» ــ دېدى. |
لِتَفْتَحَ عُيُونَهُمْ كَيْ يَرْجِعُوا مِنَ الظَّلامِ إِلَى النُّورِ، وَمِنْ سَيْطَرَةِ الشَّيْطَانِ إِلَى اللهِ، فَيَنَالُوا غُفْرَانَ الْخَطَايَا وَنَصِيباً بَيْنَ الَّذِينَ تَقَدَّسُوا بِالإِيمَانِ بِي. | ١٨ 18 |
وَمِنْ ذَلِكَ الْحِينِ لَمْ أُعَانِدِ الرُّؤْيَا السَّمَاوِيَّةَ، أَيُّهَا الْمَلِكُ أَغْرِيبَاسُ. | ١٩ 19 |
شۇڭا، ئى ئاگرىپپا ئالىيلىرى، مەن ئەرشتىن كەلگەن بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشكە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم. |
فَبَشَّرْتُ أَهْلَ دِمَشْقَ أَوَّلاً، ثُمَّ أَهْلَ أُورُشَلِيمَ وَمِنْطَقَةِ الْيَهُودِيَّةِ كُلِّهَا، ثُمَّ الأَجَانِبَ. فَدَعَوْتُ الْجَمِيعَ إِلَى التَّوْبَةِ وَالرُّجُوعِ إِلَى اللهِ، وَالْقِيَامِ بِأَعْمَالٍ تَلِيقُ بِالتَّوْبَةِ. | ٢٠ 20 |
بەلكى ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، ئاندىن يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەرگە، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەرگە ھەمدە يات ئەللىكلەرگىمۇ، «توۋا قىلىپ، خۇداغا باغلىنىڭلار، شۇنداقلا توۋا قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى كۆرسىتىڭلار» دەپ جاكارلاپ خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلدىم. |
وَبِسَبَبِ تَبْشِيرِي قَبَضَ الْيَهُودُ عَلَيَّ فِي الْهَيْكَلِ وَحَاوَلُوا أَنْ يَقْتُلُونِي، | ٢١ 21 |
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. |
وَلَكِنَّ اللهَ حَفِظَنِي حَتَّى هَذَا الْيَوْمِ، وَبِمَعُونَتِهِ أَقِفُ أَمَامَ الْبُسَطَاءِ وَالْعُظَمَاءِ شَاهِداً لَهُ وَلَسْتُ أَحِيدُ عَمَّا تَنَبَّأَ بِهِ مُوسَى وَالأَنْبِيَاءُ، | ٢٢ 22 |
لېكىن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ياردەم-مەدىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ مەن چىڭ تۇرۇۋاتىمەن، تۆۋەندىكىلەر بولسۇن يۇقىرىدىكىلەر بولسۇن ھەممەيلەنگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدىم. گۇۋاھلىقىم دەل پەيغەمبەرلەر ھەم مۇسا ئۆزى بېشارەت قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ــ |
مِنْ أَنَّ الْمَسِيحَ سَيَتَأَلَّمُ فَيَكُونُ أَوَّلَ مَنْ يَقُومُ مِنْ بَيْنِ الأَمْوَاتِ، وَيُبَشِّرُ بِالنُّورِ شَعْبَنَا وَالشُّعُوبَ الأُخْرَى». | ٢٣ 23 |
دېمەك، مەسىھ جەزمەن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى بولۇپ [يەھۇدىي] خەلقىگە ھەم پۈتكۈل ئەللەرگىمۇ يورۇقلۇق جاكارلايدۇ. |
وَمَا إِنْ وَصَلَ بُولُسُ فِي دِفَاعِهِ إِلَى هَذَا الْحَدِّ، حَتَّى قَاطَعَهُ فَسْتُوسُ قَائِلاً بِصَوْتٍ عَالٍ: «جُنِنْتَ يَا بُولُسُ! إِنَّ تَبَحُّرَكَ فِي الْعِلْمِ أَصَابَكَ بِالْجُنُونِ!» | ٢٤ 24 |
پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئاقلاش جاۋابىنى بەرگەندە، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: ــ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! بىلىمىڭنىڭ كۆپلىكى ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! ــ دېدى. |
فَقَالَ بُولُسُ: «لَسْتُ مَجْنُوناً يَا سُمُوَّ الْحَاكِمِ فَسْتُوسَ، فَأَنَا أَنْطِقُ بِكَلامِ الْحَقِّ وَالصَّوَابِ. | ٢٥ 25 |
لېكىن پاۋلۇس: ــ ساراڭ ئەمەسمەن، ئى فېستۇس جانابلىرى، مەن بەلكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ھەم سالمىقى بار سۆزلەرنى جار قىلىمەن. |
وَالْمَلِكُ الَّذِي أُخَاطِبُهُ الآنَ صَرَاحَةً يَعْرِفُ هَذِهِ الأُمُورَ الَّتِي أَتَحَدَّثُ عَنْهَا، وَأَنَا مُتَأَكِّدٌ أَنَّهُ لَا يَخْفَى عَلَيْهِ شَيْءٌ مِنْهَا، لأَنَّهَا لَمْ تَحْدُثْ فِي زَاوِيَةٍ مُظْلِمَةٍ! | ٢٦ 26 |
چۈنكى [ئاگرىپپا] ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. مەن ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن ئوچۇق سۆزلەۋاتىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس! |
أَيُّهَا الْمَلِكُ أَغْرِيبَاسُ، أَتُصَدِّقُ أَقْوَالَ الأَنْبِيَاءِ؟ أَنَا أَعْلَمُ أَنَّكَ تُصَدِّقُهَا!» | ٢٧ 27 |
ــ ئەي ئاگرىپپا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ مەن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ــ دېدى. |
فَأَجَابَ أَغْرِيبَاسُ: «قَلِيلاً بَعْدُ، وَتُقْنِعُنِي بِأَنْ أَصِيرَ مَسِيحِيًّا!» | ٢٨ 28 |
ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا خرىستىئان بولۇشقا قايىل قىلماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. |
فَقَالَ بُولُسُ: «سَوَاءٌ كَانَ قَلِيلاً أَمْ كَثِيراً، فَإِنَّ صَلاتِي إِلَى اللهِ لأَجْلِكَ وَلأَجْلِ الْحَاضِرِينَ هُنَا جَمِيعاً أَنْ تَصِيرُوا مِثْلِي، ولكِنْ دُونَ هَذِهِ السَّلاسِلِ!» | ٢٩ 29 |
پاۋلۇس: ــ مەيلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا بولسۇن، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بۈگۈن سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بولغاي (پەقەت مەندىكى زەنجىرلەر سىلەردە بولمىسۇن!) دەپ خۇدادىن تىلەيمەن، ــ دېدى. |
بَعْدَ ذَلِكَ قَامَ الْمَلِكُ وَالْحَاكِمُ وَبَرْنِيكِي وَالْحَاضِرُونَ | ٣٠ 30 |
شۇنىڭ بىلەن [ئاگرىپپا] خان، شۇنداقلا ۋالىي، بەرنىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، |
وَتَرَكُوا الْقَاعَةَ، وَهُمْ يَقُولُونَ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ: «لَمْ يَرْتَكِبْ هَذَا الرَّجُلُ مَا يَسْتَحِقُّ الْمَوْتَ أَوِ السَّجْنَ». | ٣١ 31 |
[زالدىن] چىقىپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك ھېچبىر جىنايىتى يوق ئىكەن! ــ دېيىشتى. |
وَقَالَ أَغْرِيبَاسُ لِفَسْتُوسَ: «لَوْ لَمْ يَسْتَأْنِفْ هَذَا الرَّجُلُ دَعْوَاهُ إِلَى الْقَيْصَرِ لَكَانَ يُمْكِنُ إِطْلاقُهُ!» | ٣٢ 32 |
ئاگرىپپا فېستۇسقا: ــ بۇ ئادەم قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلمىغان بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! ــ دېدى. |