كَانَ يُوشِيَّا بْنُ آمُونَ فِي الثَّامِنَةِ مِنْ عُمْرِهِ حِينَ مَلَكَ. وَدَامَ حُكْمُهُ إِحْدَى وَثَلاثِينَ سَنَةً فِي أُورُشَلِيمَ، وَاسْمُ أُمِّهِ يَدْيَدَةُ بِنْتُ عَدَايَةَ مِنْ بُصْقَةَ. | ١ 1 |
يوسىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەدىداھ ئىدى؛ ئۇ بوزكاتلىق ئادايانىڭ قىزى ئىدى. |
وَعَمِلَ مَا هُوَ صَالِحٌ فِي عَيْنَيِ الرَّبِّ، وَسَارَ فِي نَهْجِ جَدِّهِ دَاوُدَ وَلَمْ يَحِدْ عَنْ طَرِيقِهِ يَمِيناً أَوْ شِمَالاً. | ٢ 2 |
يوسىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ بارلىق يولىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى. |
وَفِي السَّنَةِ الثَّامِنَةِ عَشْرَةَ لِحُكْمِ الْمَلِكِ يُوشِيَّا، بَعَثَ الْمَلِكُ الْكَاتِبَ شَافَانَ بْنَ أَصَلْيَا بْنِ مَشُلّامَ إِلَى هَيْكَلِ الرَّبِّ قَائِلاً: | ٣ 3 |
پادىشاھ يوسىيا سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، پادىشاھ مەشۇللامنىڭ نەۋرىسى، ئازالىيانىڭ ئوغلى كاتىپ شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ: |
«اذْهَبْ إِلَى حِلْقِيَّا رَئِيسِ الْكَهَنَةِ، وَاطْلُبْ إِلَيْهِ أَنْ يَحْسُبَ قِيمَةَ الْفِضَّةِ الَّتِي تَبَرَّعَ بِها أَبْنَاءُ الشَّعْبِ وَجَمَعَهَا مِنْهُمْ حُرَّاسُ الْبَابِ، | ٤ 4 |
«باش كاھىن ھىلقىيانىڭ قېشىغا چىقىپ شۇنى بۇيرۇغىنكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنگەن، دەرۋازىۋەنلەر خەلقتىن يىغقان پۇلنى سانىسۇن. |
فَيُعْطِيَهَا لِلْمُوَكَّلِينَ عَلَى الإِشْرَافِ عَلَى الْعَمَلِ فِي هَيْكَلِ الرَّبِّ، فَيَدْفَعَهَا هَؤُلاءِ إِلَى الْقَائِمِينَ بِالْعَمَلِ فِي بَيْتِ الرَّبِّ لِتَرْمِيمِ ثُغْرَاتِ الْهَيْكَلِ، | ٥ 5 |
ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلغۇچى ئىشچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. بۇلار ھەم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بۇزۇلغان يەرلەرنى ئوڭشاشقا ئۆيدە ئىشلىگۈچىلەرگە، يەنى ياغاچچىلار، تامچىلار ۋە تاشتىراشلارغا بەرسۇن. ئۇلار مۇشۇ پۇل بىلەن ئۆينى ئوڭشاشقا لازىم بولغان ياغاچ بىلەن ئويۇلغان تاشلارنى سېتىۋالسۇن، دېگىن» ــ دېدى. |
مِنْ بَنَّائِينَ وَنَجَّارِينَ، وَلِشِرَاءِ الأَخْشَابِ وَالْحِجَارَةِ الْمَنْحُوتَةِ لِتَرْمِيمِ الْهَيْكَلِ». | ٦ 6 |
وَلَمْ يُطْلَبْ مِنْ هَؤُلاءِ الْمُوَكَّلِينَ عَلَى الْعَمَلِ تَقْدِيمُ أَيِّ حِسَابٍ عَنِ الْفِضَّةِ الْمُدْفُوعَةِ لَهُمْ لِنَزَاهَتِهِمْ. | ٧ 7 |
لېكىن ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان پۇلنىڭ ھېسابى قىلىنمىدى. چۈنكى ئۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى. |
ثُمَّ قَالَ حِلْقِيَّا رَئِيسُ الْكَهَنَةِ لِشَافَانَ الْكَاتِبِ: «لَقَدْ عَثَرْتُ عَلَى سِفْرِ الشَّرِيعَةِ فِي الْهَيْكَلِ». وَسَلَّمَ حِلْقِيَّا السِّفْرَ لِشَافَانَ فَقَرَأَهُ. | ٨ 8 |
باش كاھىن ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بىر تەۋرات كىتابىنى تاپتىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى. ئۇ ئۇنى ئوقۇدى. |
وَحَمَلَهُ إِلَى الْمَلِكِ، بَعْدَ أَنْ قَدَّمَ لَهُ تَقْرِيراً قَائِلاً: «قَدْ حَسَبَ عَبِيدُكَ الْفِضَّةَ الْمَوْجُودَةَ فِي الْهَيْكَلِ وَأَوْدَعُوهَا لَدَى الْمُوَكَّلِينَ عَلَى الإِشْرَافِ عَلَى الْعَمَلِ فِي الْهَيْكَلِ». | ٩ 9 |
ئاندىن كېيىن كاتىپ شافان پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ پادىشاھقا خەۋەر بېرىپ: ــ خىزمەتكارلىرى ئىبادەتخانىدىكى پۇلنى يىغىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىش بېشىلىرىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى، دېدى. |
ثُمَّ أَطْلَعَ شَافَانُ الْكَاتِبُ الْمَلِكَ عَلَى السِّفْرِ قَائِلاً: «قَدْ أَعْطَانِي حِلْقِيَّا سِفْراً». وَقَرَأَهُ شَافَانُ أَمَامَ الْمَلِكِ | ١٠ 10 |
ئاندىن كاتىپ شافان پادىشاھقا: ھىلقىيا ماڭا بىر كىتابنى بەردى، دېدى. ئاندىن شافان پادىشاھقا ئۇنى ئوقۇپ بەردى. |
فَلَمَّا سَمِعَ الْمَلِكُ مَا وَرَدَ فِي سِفْرِ الشَّرِيعَةِ مَزَّقَ ثِيَابَهُ، | ١١ 11 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ تەۋرات كىتابىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتتى. |
وَأَمَرَ حِلْقِيَّا الْكَاهِنَ، وَأَخِيقَامَ بْنَ شَافَانَ، وَعَكْبُورَ بْنَ مِيخَا، وَشَافَانَ الْكَاتِبَ، وَعَسَايَا خَادِمَ الْمَلِكِ قَائِلاً: | ١٢ 12 |
پادىشاھ ھىلقىيا كاھىن بىلەن شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكامغا، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور بىلەن شافان كاتىپقا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: ــ |
«اذْهَبُوا وَاسْأَلُوا الرَّبَّ عَنْ مَصِيرِي وَمَصِيرِ شَعْبِ يَهُوذَا بِنَاءً عَلَى مَا وَرَدَ فِي هَذَا السِّفْرِ الَّذِي تَمَّ الْعُثُورُ عَلَيْهِ، إِذْ إِنَّ غَضَبَ الرَّبِّ الْمُحْتَدِمَ عَلَيْنَا عَظِيمٌ جِدّاً، لأَنَّ آبَاءَنَا لَمْ يُطِيعُوا كَلامَ هَذَا السِّفْرِ، وَلَمْ يُمَارِسُوا كُلَّ مَا وَرَدَ فِيهِ». | ١٣ 13 |
بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە خەلق ئۈچۈن، يەنى پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابنىڭ سۆزلىرىگە، ئۇنىڭدىكى بىزلەرگە پۈتۈلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشقا قۇلاق سالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قوزغالغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك، دېدى. |
فَانْطَلَقَ حِلْقِيَّا الْكَاهِنُ، وَأَخِيقَامُ، وَعَكْبُورُ، وَشَافَانُ، وَعَسَايَا، وَاسْتَشَارُوا النَّبِيَّةَ خَلْدَةَ زَوْجَةَ شَلُّومَ بْنِ تِقْوَةَ بْنِ حَرْحَسَ حَارِسِ الثِّيَابِ الْمَلَكِيَّةِ، الْمُقِيمَةَ فِي الْمِنْطَقَةِ الثَّانِيَةِ مِنْ أُورُشَلِيمَ. | ١٤ 14 |
شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا كاھىن، ئاھىكام، ئاكبور، شافان ۋە ئاسايالار خارخاسنىڭ نەۋرىسى، تىكۋاھنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ئۇ يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. |
فَقَالَتْ لَهُمْ: «هَذَا مَا يَقُولُهُ الرَّبُّ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ: قُولُوا لِلرَّجُلِ الَّذِي أَرْسَلَكُمْ إِلَيَّ: | ١٥ 15 |
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە مۇنداق دەڭلار: ــ |
هَكَذا يَقُولُ الرَّبُّ: هَا أَنَا أَجْلِبُ عَلَى هَذَا الْمَوْضِعِ وَعَلَى أَهْلِهِ كُلَّ الْوَعِيدِ الْوَارِدِ فِي السِّفْرِ الَّذِي قَرَأَهُ مَلِكُ يَهُوذَا، | ١٦ 16 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئوقۇغان كىتابنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جايغا ۋە بۇ يەردە تۇرغۇچىلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. |
لأَنَّهُمْ نَبَذُونِي وَأَوْقَدُوا لِآلِهَةٍ أُخْرَى، لِيُثِيرُوا سَخَطِي بِمَا تَجْنِيهِ أَيْدِيهِمْ مِنْ آثَامٍ، فَاحْتَدَمَ غَضَبِي الَّذِي لَا يَنْطَفِئُ عَلَى هَذَا الْمَوْضِعِ. | ١٧ 17 |
چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قەھرىم بۇ يەرگە قاراپ ياندى ھەم ئۆچۈرۈلمەيدۇ. |
أَمَّا مَلِكُ يَهُوذَا الَّذِي أَرْسَلَكُمْ لِتَسْتَشِيرُوا الرَّبَّ، فَهَذَا مَا تَقُولُونَ لَهُ: إِلَيْكَ مَا يَقُولُ الرَّبُّ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ بِشَأْنِ مَا سَمِعْتَ مِنْ كَلامٍ: | ١٨ 18 |
لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يول سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا بولسا شۇنداق دەڭلار: سەن ئاڭلىغان سۆزلەر توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ |
مِنْ حَيْثُ أَنَّ قَلْبَكَ قَدْ رَقَّ، وَتَوَاضَعْتَ أَمَامَ الرَّبِّ لَدَى سَمَاعِكَ مَا قَضَيْتُ بِهِ عَلَى هَذَا الْمَوْضِعِ وَعَلَى أَهْلِهِ، بِأَنْ يَصِيرُوا مَثَارَ دَهْشَةٍ وَلَعْنَةٍ، وَمَزَّقْتَ ثِيَابَكَ وَبَكَيْتَ أَمَامِي، فَإِنَّنِي قَدِ اسْتَجَبْتُ أَنَا أَيْضاً رَجَاءَكَ. | ١٩ 19 |
چۈنكى كۆڭلۈڭ يۇمشاق بولۇپ، مۇشۇ جاي ۋە ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلارنىڭ ۋەيرانە ۋە لەنەتكە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن قىلىپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
لِذَلِكَ هَا أَنَا أَتَوَفَّاكَ فَتُدْفَنُ فِي قَبْرِكَ بِسَلامٍ، وَلا تَشْهَدُ عَيْنَاكَ مَا سَأُنْزِلُهُ بِهَذَا الْمَوْضِعِ مِنْ شَرٍّ». فَحَمَلَ الرِّجَالُ رَدَّهَا إِلَى الْمَلِكِ يُوشِيَّا. | ٢٠ 20 |
بۇنىڭ ئۈچۈن سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. |