وَفِي السَّنَةِ السَّابِعَةِ تَشَجَّعَ يَهُويَادَاعُ، وَقَطَعَ عَهْداً مَعَ رُؤَسَاءِ الْمِئَاتِ: عَزَرْيَا بْنِ يَرُوحَامَ، وَإِسْمَاعِيلَ بْنِ يَهُوحَانَانَ، وَعَزَرْيَا بْنِ عُوبِيدَ، وَمَعَسِيَا بْنِ عَدَايَا، وَأَلِيشَافَاطَ بْنِ زِكْرِي. | ١ 1 |
يەتتىنچى يىلى، يەھويادا جاسارەتكە كېلىپ، يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارىيا، يەھوھاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبەدنىڭ ئوغلى ئازارىيا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېياھ ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىشافات قاتارلىق بىرقانچە يۈزبېشىنى چاقىرىپ ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى. |
وَطَافُوا فِي أَرْجَاءِ يَهُوذَا يَسْتَدْعُونَ اللّاوِيِّينَ مِنْ جَمِيعِ مُدُنِ يَهُوذَا وَرُؤَسَاءَ بُيُوتَاتِ إِسْرَائِيلَ لِلْحُضُورِ إِلَى أُورُشَلِيمَ. | ٢ 2 |
ئۇلار يەھۇدا زېمىنىنى ئارىلاپ، يەھۇدادىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن لاۋىيلارنى ۋە ئىسرائىلدىكى چوڭ يولباشچىلارنى يىغدى؛ ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى. |
فَأَقْسَمَ كُلُّ الْمَجْمَعِ يَمِينَ الْوَلاءِ لِلْمَلِكِ فِي هَيْكَلِ اللهِ، وَقَالَ لَهُمْ يَهُويَادَاعُ: «هُوَذَا ابْنُ الْمَلِكِ يَحْكُمُ، كَمَا وَعَدَ الرَّبُّ ذُرِّيَّةَ دَاوُدَ. | ٣ 3 |
پۈتكۈل جامائەت خۇدانىڭ ئۆيىدە پادىشاھ بىلەن ئەھدىلەشتى. يەھويادا ئۇلارغا: ــ پادىشاھنىڭ ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق ۋەدە قىلغىنىدەك چوقۇم سەلتەنەت قىلىدۇ. |
وَإِلَيْكُمْ مَا يَجِبُ أَنْ تَفْعَلُوهُ: لِيَقُمْ ثُلُثُ الْحُرَّاسِ مِنَ الْكَهَنَةِ وَاللّاوِيِّينَ، الَّذِينَ يَتَوَلَّوْنَ الْخِدْمَةَ يَوْمَ السَّبْتِ بِحِرَاسَةِ الأَبْوَابِ. | ٤ 4 |
مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەرقايسى دەرۋازىلارنى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛ |
وَالثُّلُثُ الثَّانِي يَحْرُسُ قَصْرَ الْمَلِكِ، وَالثُّلُثُ الثَّالِثُ يَحْرُسُ بَابَ الأَسَاسِ، أَمَّا بَقِيَّةُ الشَّعْبِ فَلْيَحْتَشِدُوا فِي دِيَارِ الْهَيْكَلِ. | ٥ 5 |
ئۈچتىن بىرى پادىشاھ ئوردىسىنى، ئۈچتىن بىرى «ئۇل دەرۋازىسى»نى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛ باشقىلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن. |
وَيُحْظَرُ عَلَى غَيْرِ الْكَهَنَةِ وَالَّذِينَ يَخْدُمُونَ مِنَ اللّاوِيِّينَ دُخُولُ هَيْكَلِ الرَّبِّ، لأَنَّهُمْ وَحْدَهُمْ مُقَدَّسُونَ. أَمَّا بَقِيَّةُ الشَّعْبِ فَلْيَقُومُوا بِحِرَاسَةِ مَا عَهَدَ الرَّبُّ إِلَيْهِمْ بِهِ. | ٦ 6 |
لېكىن كاھىنلار ھەم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان لاۋىيلاردىن بۆلەك ھېچكىمنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزمىسۇن (كاھىن-لاۋىيلار پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلانغاچقا كىرىشىگە بولىدۇ). باشقا خەلقنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگار ئۆزىگە بېكىتكەن جايلارنى كۆزەت قىلسۇن. |
وَعَلَى اللّاوِيِّينَ الإِحَاطَةُ بِالْمَلِكِ، وَكُلُّ وَاحِدٍ مِنْهُمْ مُدَجَّجٌ بِسِلاحِهِ. وَلْيُقْتَلْ كُلُّ مَنْ يَتَسَلَّلُ إِلَى الْهَيْكَلِ مِنَ الْغُرَبَاءِ. رَافِقُوا الْمَلِكَ فِي خُرُوجِهِ وَدُخُولِهِ». | ٧ 7 |
لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى قولىغا قوراللىرىنى ئېلىپ پادىشاھنى ئوراپ تۇرسۇن؛ ئۆز مەيلىچە مۇقەددەس ئۆيگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ھەركىم ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر پادىشاھ كىرىپ-چىقىپ يۈرگىنىدە ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار، ــ دېدى. |
فَنَفَّذَ اللّاوِيُّونَ وَكُلُّ أَبْنَاءِ يَهُوذَا أَوَامِرَ يَهُويَادَاعَ الْكَاهِنِ، وَجَنَّدَ كُلُّ قَائِدٍ رِجَالَهُ الْقَائِمِينَ عَلَى الْخِدْمَةِ فِي يَوْمِ السَّبْتِ وَالْمُعْفَيْنَ مِنْهَا، لأَنَّ يَهُويَادَاعَ الْكَاهِنَ لَمْ يُسَرِّحْ أَيَّةَ فِرْقَةٍ. | ٨ 8 |
لاۋىيلار بىلەن يەھۇدالارنىڭ ھەممىسى كاھىن يەھويادانىڭ بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى. لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى شابات كۈنى نۆۋەتچىلىككە كىرگەن ۋە نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەرنى ئۆز يېنىدا قالدۇرۇپ قالدى؛ چۈنكى كاھىن يەھويادا ھېچكىمنى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشۈشكە قويمىدى. |
فَسَلَّمَ يَهُويَادَاعُ رُؤَسَاءَ الْمِئَاتِ حِرَابَ الْمَلِكِ دَاوُدَ وَدُرُوعَهُ وَأَتْرَاسَهُ، الَّتِي كَانَتْ مَحْفُوظَةً فِي الْهَيْكَلِ، | ٩ 9 |
ئاندىن يەھويادا كاھىن داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقان-سىپارلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى. |
وَأَوْقَفَ جَمِيعَ الْحُرَّاسِ وَكُلُّ وَاحِدٍ سِلاحُهُ بِيَدِهِ مُحِيطِينَ بِالْمَلِكِ، إِلَى جَانِبِ الْمَذْبَحِ وَالْهَيْكَلِ، مِنَ الطَّرَفِ الأَيْمَنِ لِلْهَيْكَلِ حَتَّى الطَّرَفِ الأَيْسَرِ مِنْهُ. | ١٠ 10 |
ئۇ يەنە كۆپچىلىكنى، ھەربىرى قولىغا ئۆز نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە، قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى. |
ثُمَّ أَخْرَجُوا ابْنَ الْمَلِكِ وَتَوَّجُوهُ، وَأَعْطَوْهُ نُسْخَةً مِنْ شَهَادَةِ الْعَهْدِ، وَنَصَّبُوهُ مَلِكاً. وَمَسَحَهُ يَهُويَادَاعُ وَأَبْنَاؤُهُ هَاتِفِينَ: «لِيَحْيَ الْمَلِكُ!». | ١١ 11 |
ئاندىن ئۇلار شاھزادىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ قىلدى؛ يەھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى [خۇشبۇي ماي بىلەن] ئۇنى مەسىھ قىلدى ۋە «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. |
فَعِنْدَمَا سَمِعَتْ عَثَلْيَا صَوْتَ انْدِفَاعِ الشَّعْبِ، وَهُتَافَاتِ الشَّعْبِ لِلْمَلِكِ، انْدَسَّتْ بَيْنَ الشَّعْبِ فِي هَيْكَلِ الرَّبِّ، | ١٢ 12 |
ئاتالىيا خەلقلەرنىڭ چېپىشىپ يۈرگەنلىكىنى ۋە پادىشاھنى تەرىپلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى. |
فَشَاهَدَتِ الْمَلِكَ مُنْتَصِباً عَلَى مِنْبَرِهِ فِي الْمَدْخَلِ، مُحَاطاً بِالرُّؤَسَاءِ وَنَافِخِي الأَبْوَاقِ، وَقَدْ غَمَرَ الْفَرَحُ شَعْبَ الأَرْضِ، الَّذِي امْتَزَجَتْ هُتَافَاتُهُ بِنَفْخِ الأَبْوَاقِ وَغِنَاءِ الْمُغَنِّينَ الْعَازِفِينَ عَلَى الآلاتِ الْمُوسِيقِيَّةِ وَتَسْبِيحِ الْمُسَبِّحِينَ، فَشَقَّتْ عَثَلْيَا ثِيَابَهَا وَصَاحَتْ: «خِيَانَةٌ! خِيَانَةٌ!» | ١٣ 13 |
ئۇ قارىسا، مانا پادىشاھ ئۆينىڭ دەرۋازىسىدا، تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى، بارلىق يۇرتنىڭ خەلقى شادلىنىپ كاناي چېلىشاتتى، نەغمىچىلەر ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، جامائەتنى باشلاپ مەدھىيە ئوقۇتۇۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى. |
فَبَعَثَ يَهُويَادَاعُ الْكَاهِنُ رُؤَسَاءَ الْمِئَاتِ الْمُوَكَّلِينَ عَلَى الْجَيْشِ قَائِلاً: «خُذُوهَا إِلَى خَارِجِ الصُّفُوفِ وَاقْتُلُوا بِالسَّيْفِ كُلَّ مَنْ يُحَاوِلُ إِنْقَاذَهَا». وَأَمَرَ الْكَاهِنُ أَنْ لَا تُقْتَلَ دَاخِلَ بَيْتِ الرَّبِّ. | ١٤ 14 |
ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدە ئۆلتۈرمەڭلار، دەپ ئېيتقانىدى. |
فَقَبَضُوا عَلَيْهَا وَجَرُّوهَا إِلَى الْمَدْخَلِ الَّذِي تَعْبُرُ مِنْهُ الْخَيْلُ إِلَى سَاحَةِ الْقَصْرِ، وَقُتِلَتْ هُنَاكَ. | ١٥ 15 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ئۇ ئوردىنىڭ «ئات دەرۋازىسى» بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگەندە [لەشكەرلەر] ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. |
وَأَبْرَمَ يَهُويَادَاعُ عَهْداً بَيْنَهُ وَبَيْنَ كُلِّ الشَّعْبِ وَبَيْنَ الْمَلِكِ، حَتَّى يَكُونُوا شَعْباً لِلرَّبِّ. | ١٦ 16 |
يەھويادا، پۈتكۈل جامائەت ۋە پادىشاھ بىرلىكتە: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دېگەن بىر ئەھدىنى تۈزۈشتى. |
وَانْدَفَعَ جَمِيعُ الشَّعْبِ إِلَى مَعْبَدِ الْبَعْلِ، وَهَدَمُوهُ وَحَطَّمُوا مَذَابِحَهُ وَتَمَاثِيلَهُ، وَقَتَلُوا مَتَّانَ كَاهِنَ الْبَعْلِ أَمَامَ الْمَذْبَحِ. | ١٧ 17 |
ئاندىن بارلىق خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. |
وَعَيَّنَ يَهُويَادَاعُ مُشْرِفِينَ عَلَى الْهَيْكَلِ مِنَ الْكَهَنَةِ اللّاوِيِّينَ، مِمَّنْ وَزَّعَ دَاوُدُ عَلَيْهِمْ وَاجِبَاتِ خِدْمَةِ الْهَيْكَلِ، لِيُقَرِّبُوا مُحْرَقَاتِ الرَّبِّ بِمُوجِبِ شَرِيعَةِ مُوسَى، فَرِحِينَ مُغَنِّينَ حَسَبَ مَا أَمَرَ دَاوُدُ. | ١٨ 18 |
ئاندىن كېيىن يەھويادا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. كاھىنلارنى بولسا، ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا نۆۋەت بىلەن قاراشقا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا داۋۇت تەيىنلىگەنىدى. ئۇلار قۇربانلىقلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە نەغمە-ناۋا ئوقۇغان ھالدا مۇساغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك سۇنۇشقا مەسئۇل ئىدى. |
وَأَقَامَ حُرَّاساً عَلَى أَبْوَابِ الْهَيْكَلِ لِئَلّا يَدْخُلَ إِلَيْهِ أَيُّ وَاحِدٍ غَيْرِ طَاهِرٍ لِسَبَبٍ مَا. | ١٩ 19 |
[يەھويادا] يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھەرقايسى دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تەيىنلىدىكى، ھەرقانداق ئىشلاردىن ناپاك قىلىنغان ئادەملەر كىرگۈزۈلمەيتتى. |
ثُمَّ اصْطَحَبَ مَعَهُ رُؤَسَاءَ الْمِئَاتِ وَالْعُظَمَاءَ وَحُكَّامَ الأُمَّةِ وَسَائِرَ الشَّعْبِ وَأَنْزَلَ الْمَلِكَ مِنْ بَيْتِ الرَّبِّ مُجْتَازِينَ مِنْ الْبَابِ الأَعْلَى إِلَى قَصْرِ الْمَلِكِ، حَيْثُ أَجْلَسُوهُ عَلَى عَرْشِ الْمَمْلَكَةِ. | ٢٠ 20 |
ئۇ يەنە يۈزبېشىلىرى، ئاقسۆڭەكلەر، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلار ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى باشلاپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، «يۇقىرىقى دەرۋازا» ئارقىلىق ئوردىغا ئەكىرىپ، پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. |
وَعَمَّ الْفَرَحُ شَعْبَ الْبِلادِ، وَغَمَرَ السَّلامُ الْمَدِينَةَ، بَعْدَ مَقْتَلِ عَثَلْيَا بِالسَّيْفِ. | ٢١ 21 |
يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى. |