فَعُدْتُ وَرَفَعْتُ عَيْنَيَّ وَنَظَرْتُ وَإِذَا بِأَرْبَعِ مَرْكَبَاتٍ خَارِجَاتٍ مِنْ بَيْنِ جَبَلَيْنِ، وَٱلْجَبَلَانِ جَبَلَا نُحَاسٍ. | ١ 1 |
ئاندىن مانا، مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم. تاغلار بولسا مىس تاغلار ئىدى. |
فِي ٱلْمَرْكَبَةِ ٱلْأُولَى خَيْلٌ حُمْرٌ، وَفِي ٱلْمَرْكَبَةِ ٱلثَّانِيَةِ خَيْلٌ دُهْمٌ، | ٢ 2 |
بىرىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قىزىل ئاتلار ئىدى؛ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قارا ئاتلار ئىدى؛ |
وَفِي ٱلْمَرْكَبَةِ ٱلثَّالِثَةِ خَيْلٌ شُهْبٌ، وَفِي ٱلْمَرْكَبَةِ ٱلرَّابِعَةِ خَيْلٌ مُنَمَّرَةٌ شُقْرٌ. | ٣ 3 |
ئۈچىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى ئاق ئاتلار، تۆتىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى كۈچلۈك چىپار ئاتلار ئىدى. |
فَأَجَبْتُ وَقُلْتُ لِلْمَلَاكِ ٱلَّذِي كَلَّمَنِي: «مَا هَذِهِ يَا سَيِّدِي؟» | ٤ 4 |
مەن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. |
فَأَجَابَ ٱلْمَلَاكُ وَقَالَ لِي: «هَذِهِ هِيَ أَرْوَاحُ ٱلسَّمَاءِ ٱلْأَرْبَعُ خَارِجَةٌ مِنَ ٱلْوُقُوفِ لَدَى سَيِّدِ ٱلْأَرْضِ كُلِّهَا. | ٥ 5 |
پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن چىققان ئاسمانلارنىڭ تۆت روھى. |
ٱلَّتِي فِيهَا ٱلْخَيْلُ ٱلدُّهْمُ تَخْرُجُ إِلَى أَرْضِ ٱلشِّمَالِ، وَٱلشُّهْبُ خَارِجَةٌ وَرَاءَهَا، وَٱلْمُنَمَّرَةُ تَخْرُجُ نَحْوَ أَرْضِ ٱلْجَنُوبِ». | ٦ 6 |
قارا ئاتلار قېتىلغان ھارۋا شىمالىي زېمىنلار تەرەپكە كىرىدۇ؛ ئاقلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ چىپارلار بولسا جەنۇبىي زېمىنلار تەرەپكە ماڭىدۇ. |
أَمَّا ٱلشُّقْرُ فَخَرَجَتْ وَٱلْتَمَسَتْ أَنْ تَذْهَبَ لِتَتَمَشَّى فِي ٱلْأَرْضِ، فَقَالَ: «ٱذْهَبِي وَتَمَشَّيْ فِي ٱلْأَرْضِ». فَتَمَشَّتْ فِي ٱلْأَرْضِ. | ٧ 7 |
ئاندىن مۇشۇ كۈچلۈك ئاتلار چىقىپ يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق كېزىشكە ئالدىرايدۇ» ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: «مېڭىڭلار، يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق مېڭىڭلار» ــ دېدى؛ ئۇلار يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق ماڭدى. |
فَصَرَخَ عَلَيَّ وَكَلَّمنِي قَائِلًا: «هُوَذَا ٱلْخَارِجُونَ إِلَى أَرْضِ ٱلشِّمَالِ قَدْ سَكَّنُوا رُوحِي فِي أَرْضِ ٱلشِّمَالِ». | ٨ 8 |
ۋە ئۇ ماڭا ئۈنلۈك ئاۋازدا: «قارا، شىمالىي يەر-زېمىنلار تەرەپكە ماڭغانلار مېنىڭ روھىمدىكى ئاچچىقنى شىمالىي زېمىن تەرەپتە بېسىقتۇردى» ــ دېدى. |
وَكَانَ إِلَيَّ كَلَامُ ٱلرَّبِّ قَائِلًا: | ٩ 9 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«خُذْ مِنْ أَهْلِ ٱلسَّبْيِ مِنْ حَلْدَايَ وَمِنْ طُوبِيَّا وَمِنْ يَدَعْيَا ٱلَّذِينَ جَاءُوا مِنْ بَابِلَ، وَتَعَالَ أَنْتَ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ وَٱدْخُلْ إِلَى بَيْتِ يُوشِيَّا بْنِ صَفَنْيَا. | ١٠ 10 |
سۈرگۈن بولۇپ كەلگەنلەردىن، يەنى ھەلداي، توبىيا ۋە يەدايادىن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغىن؛ شۇ كۈنى ئۇلار بابىلدىن كېلىپ چۈشكەن ئۆيگە، يەنى زەفانىيانىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ ئۆيىگە كىرگىن؛ |
ثُمَّ خُذْ فِضَّةً وَذَهَبًا وَٱعْمَلْ تِيجَانًا وَضَعْهَا عَلَى رَأْسِ يَهُوشَعَ بْنِ يَهُوصَادَقَ ٱلْكَاهِنِ ٱلْعَظِيمِ. | ١١ 11 |
شۇنداق، كۈمۈش ۋە ئالتۇننى قوبۇل قىلغىن، بۇلاردىن چەمبەرسىمان بىر تاجنى توقۇپ ۋە تاجنى يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئانىڭ بېشىغا كىيگۈزگىن؛ |
وَكَلِّمْهُ قَائِلًا: هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ قَائِلًا: هُوَذَا ٱلرَّجُلُ «ٱلْغُصْنُ» ٱسْمُهُ. وَمِنْ مَكَانِهِ يَنْبُتُ وَيَبْنِي هَيْكَلَ ٱلرَّبِّ. | ١٢ 12 |
ۋە يەشۇئاغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: قاراڭلار، «شاخ» دەپ ئاتالغان ئىنسان! ئۇ ئۆز تۈۋىدىن ئورنىدا شاخلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرىدۇ» ــ دېگىن. |
فَهُوَ يَبْنِي هَيْكَلَ ٱلرَّبِّ، وَهُوَ يَحْمِلُ ٱلْجَلَالَ وَيَجْلِسُ وَيَتَسَلَّطُ عَلَى كُرْسِيِّهِ، وَيَكُونُ كَاهِنًا عَلَى كُرْسِيِّهِ، وَتَكُونُ مَشُورَةُ ٱلسَّلَامِ بَيْنَهُمَا كِلَيْهِمَا. | ١٣ 13 |
«بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرغۇچى دەل شۇ بولىدۇ؛ ئۇ شۇ شاھانە شان-شەرەپنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز تەختىگە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ تەختكە ئولتۇرىدىغان كاھىن بولىدۇ؛ خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق ئۇلار ئىككىسى ئارىسىدا بولىدۇ. |
وَتَكُونُ ٱلتِّيجَانُ لِحَالِمَ وَلِطُوبِيَّا وَلِيَدَعْيَا وَلِحَيْنِ بْنِ صَفَنْيَا تَذْكَارًا فِي هَيْكَلِ ٱلرَّبِّ. | ١٤ 14 |
مۇشۇ چەمبەرسىمان تاج پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خەلەم، توبىيا، يەدايالارغا ۋە زەفانىيانىڭ ئوغلىنىڭ مېھرىبانلىقىغا بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ. |
وَٱلْبَعِيدُونَ يَأْتُونَ وَيَبْنُونَ فِي هَيْكَلِ ٱلرَّبِّ، فَتَعْلَمُونَ أَنَّ رَبَّ ٱلْجُنُودِ أَرْسَلَنِي إِلَيْكُمْ. وَيَكُونُ، إِذَا سَمِعْتُمْ سَمَعًا صَوْتَ ٱلرَّبِّ إِلَهِكُمْ». | ١٥ 15 |
ۋە يىراقتا تۇرۇۋاتقانلار كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇش خىزمىتىدە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ». |