فَعُدْتُ وَرَفَعْتُ عَيْنَيَّ وَنَظَرْتُ وَإِذَا بِدَرْجٍ طَائِرٍ. | ١ 1 |
ئاندىن مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم. |
فَقَالَ لِي: «مَاذَا تَرَى؟» فَقُلْتُ: «إِنِّي أَرَى دَرْجًا طَائِرًا، طُولُهُ عِشْرُونَ ذِرَاعًا، وَعَرْضُهُ عَشَرُ أَذْرُعٍ». | ٢ 2 |
ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم؛ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ دېدىم. |
فَقَالَ لِي: «هَذِهِ هِيَ ٱللَّعْنَةُ ٱلْخَارِجَةُ عَلَى وَجْهِ كُلِّ ٱلْأَرْضِ. لِأَنَّ كُلَّ سَارِقٍ يُبَادُ مِنْ هُنَا بِحَسَبِهَا، وَكُلَّ حَالِفٍ يُبَادُ مِنْ هُنَاكَ بِحَسَبِهَا. | ٣ 3 |
ئۇ ماڭا: «بۇ بولسا پۈتۈن زېمىن ئۈستىگە چىقىرىلغان لەنەتتۇر؛ چۈنكى ھەربىر ئوغرىلىق قىلغۇچى بۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ۋە قەسەم ئىچكۈچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ». |
إِنِّي أُخْرِجُهَا، يَقُولُ رَبُّ ٱلْجُنُودِ، فَتَدْخُلُ بَيْتَ ٱلسَّارِقِ وَبَيْتَ ٱلْحَالِفِ بِٱسْمِي زُورًا، وَتَبِيتُ فِي وَسَطِ بَيْتِهِ وَتُفْنِيهِ مَعَ خَشَبِهِ وَحِجَارَتِهِ». | ٤ 4 |
ــ «مەن بۇ [يازمىنى] چىقىرىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، «ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ». |
ثُمَّ خَرَجَ ٱلْمَلَاكُ ٱلَّذِي كَلَّمَنِي وَقَالَ لِي: «ٱرْفَعْ عَيْنَيْكَ وَٱنْظُرْ مَا هَذَا ٱلْخَارِجُ». | ٥ 5 |
ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقىپ ماڭا: «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرگىن، نېمىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ باق» ــ دېدى. |
فَقُلْتُ: «مَا هُوَ؟» فَقَالَ: «هَذِهِ هِيَ ٱلْإِيفَةُ ٱلْخَارِجَةُ». وَقَالَ: «هَذِهِ عَيْنُهُمْ فِي كُلِّ ٱلْأَرْضِ». | ٦ 6 |
مەن: «ئۇ نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»، ۋە: «بۇ بولسا [شۇ رەزىللەرنىڭ] پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ دېدى. |
وَإِذَا بِوَزْنَةِ رَصَاصٍ رُفِعَتْ. وَكَانَتِ ٱمْرَأَةٌ جَالِسَةٌ فِي وَسَطِ ٱلْإِيفَةِ. | ٧ 7 |
ئەفاھ سېۋىتىنىڭ ئاغزىدىن دۇمىلاق بىر قوغۇشۇن كۆتۈرۈلدى، مانا، ئەفاھ سېۋىتى ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى. |
فَقَالَ: «هَذِهِ هِيَ ٱلشَّرُّ». فَطَرَحَهَا إِلَى وَسَطِ ٱلْإِيفَةِ، وَطَرَحَ ثِقْلَ ٱلرَّصَاصِ عَلَى فَمِهَا. | ٨ 8 |
ئۇ: «بۇ بولسا، رەزىللىك»تۇر» ــ دەپ، ئۇنى ئەفاھ سېۋىتى ئىچىگە قايتۇرۇپ تاشلاپ، ئەفاھنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇشۇننى تاشلاپ قويدى. |
وَرَفَعْتُ عَيْنَيَّ وَنَظَرْتُ وَإِذَا بِٱمْرَأَتَيْنِ خَرَجَتَا وَٱلرِّيحُ فِي أَجْنِحَتِهِمَا، وَلَهُمَا أَجْنِحَةٌ كَأَجْنِحَةِ ٱللَّقْلَقِ، فَرَفَعَتَا ٱلْإِيفَةَ بَيْنَ ٱلْأَرْضِ وَٱلسَّمَاءِ. | ٩ 9 |
بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا ئىككى ئايالنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم؛ شامال ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يەلپۈتۈپ تۇراتتى (ئۇلارنىڭ لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى)؛ ئۇلار ئەفاھنى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆتۈردى. |
فَقُلْتُ لِلْمَلَاكِ ٱلَّذِي كَلَّمَنِي: «إِلَى أَيْنَ هُمَا ذَاهِبَتَانِ بِٱلْإِيفَةِ؟» | ١٠ 10 |
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئۇلار ئەفاھنى نەگە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؟» ــ دەپ سورىدىم. |
فَقَالَ لِي: «لِتَبْنِيَا لَهَا بَيْتًا فِي أَرْضِ شِنْعَارَ. وَإِذَا تَهَيَّأَ تَقِرُّ هُنَاكَ عَلَى قَاعِدَتِهَا». | ١١ 11 |
ئۇ ماڭا: ئۇلار ئەفاھ ئۈچۈن «شىنار زېمىنى»دا بىر ئۆي سېلىشقا كەتتى؛ ئۆي بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى. |