اِفْتَحْ أَبْوَابَكَ يَا لُبْنَانُ، فَتَأْكُلَ ٱلنَّارُ أَرْزَكَ. | ١ 1 |
ئى لىۋان، ئوت سېنىڭ كېدىر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلىرىڭنى ئاچ! |
وَلْوِلْ يَا سَرْوُ، لِأَنَّ ٱلْأَرْزَ سَقَطَ، لِأَنَّ ٱلْأَعِزَّاءَ قَدْ خَرِبُوا. وَلْوِلْ يَا بَلُّوطَ بَاشَانَ، لِأَنَّ ٱلْوَعْرَ ٱلْمَنِيعَ قَدْ هَبَطَ. | ٢ 2 |
ۋايساڭلار، ئى قارىغايلار، چۈنكى كېدىر يىقىلدى، ئېسىل دەرەخلەر ۋەيران قىلىندى؛ ۋايساڭلار، ئى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرى، چۈنكى باراقسان ئورمان يىقىتىلدى! |
صَوْتُ وَلْوَلَةِ ٱلرُّعَاةِ، لِأَنَّ فَخْرَهُمْ خَرِبَ. صَوْتُ زَمْجَرَةِ ٱلْأَشْبَالِ، لِأَنَّ كِبْرِيَاءَ ٱلْأُرْدُنِّ خَرِبَتْ. | ٣ 3 |
پادىچىلارنىڭ ۋايسىغان ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرىپى [بولغان چىمەن-يايلاق] ۋەيران قىلىندى؛ ئارسلانلارنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ پەخرى بولغان [بۈك-باراقسانلىقى] ۋەيران قىلىندى. |
هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ إِلَهِي: «ٱرْعَ غَنَمَ ٱلذَّبْحِ | ٤ 4 |
پەرۋەردىگار خۇدايىم مۇنداق دەيدۇ: ــ بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادىنى باققىن! |
ٱلَّذِينَ يَذْبَحُهُمْ مَالِكُوهُمْ وَلَا يَأْثَمُونَ، وَبَائِعُوهُمْ يَقُولُونَ: مُبَارَكٌ ٱلرَّبُّ! قَدِ ٱسْتَغْنَيْتُ. وَرُعَاتُهُمْ لَا يُشْفِقُونَ عَلَيْهِمْ. | ٥ 5 |
ئۇلارنى سېتىۋالغانلار ئۇلارنى بوغۇزلىۋەتكەندە ھېچ گۇناھكار دەپ قارالمايدۇ؛ ئۇلارنى سېتىۋەتكەنلەر: «پەرۋەردىگارغا شۈكرى! چۈنكى بېيىپ كەتتىم!» ــ دەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆز پادىچىلىرى ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ. |
لِأَنِّي لَا أُشْفِقُ بَعْدُ عَلَى سُكَّانِ ٱلْأَرْضِ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، بَلْ هَأَنَذَا مُسَلِّمٌ ٱلْإِنْسَانَ، كُلَّ رَجُلٍ لِيَدِ قَرِيبِهِ وَلِيَدِ مَلِكِهِ، فَيَضْرِبُونَ ٱلْأَرْضَ وَلَا أُنْقِذُ مِنْ يَدِهِمْ». | ٦ 6 |
چۈنكى مەن زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارغا يەنە ئىچىمنى ھېچ ئاغرىتمايمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە مانا، مەن ئادەملەرنى، ھەربىرىنى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىغا ۋە ئۆز پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ مانا، بۇلار زېمىننى خاراب قىلىدۇ، مەن ئۇلارنى بۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزمايمەن. |
فَرَعَيْتُ غَنَمَ ٱلذَّبْحِ. لَكِنَّهُمْ أَذَلُّ ٱلْغَنَمِ. وَأَخَذْتُ لِنَفْسِي عَصَوَيْنِ، فَسَمَّيْتُ ٱلْوَاحِدَةَ «نِعْمَةَ» وَسَمَّيْتُ ٱلْأُخْرَى «حِبَالًا» وَرَعَيْتُ ٱلْغَنَمَ. | ٧ 7 |
شۇڭا مەن «بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادا»نى بېقىپ تۇردۇم، بولۇپمۇ پادىنىڭ ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەرنى باقتىم. مەن ئۆزۈمگە ئىككى تاياقنى ئالدىم؛ بىرىنچىسىنى «شاپائەت»، ئىككىنچىسىنى «رىشتە» دەپ ئاتىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن پادىنى باقتىم. |
وَأَبَدْتُ ٱلرُّعَاةَ ٱلثَّلَاثَةَ فِي شَهْرٍ وَاحِدٍ، وَضَاقَتْ نَفْسِي بِهِمْ، وَكَرِهَتْنِي أَيْضًا نَفْسُهُمْ. | ٨ 8 |
شۇنىڭدەك مەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ پادىچىنى ھالاك قىلدىم؛ مېنىڭ جېنىم بۇ [خەلقتىن] بىزار بولدى ۋە ئۇلارنىڭ جېنى مېنى ئۆچ كۆردى. |
فَقُلْتُ: «لَا أَرْعَاكُمْ. مَنْ يَمُتْ فَلْيَمُتْ، وَمَنْ يُبَدْ فَلْيُبَدْ. وَٱلْبَقِيَّةُ فَلْيَأْكُلْ بَعْضُهَا لَحْمَ بَعْضٍ!». | ٩ 9 |
مەن: «مەن سىلەرنى باقمايمەن؛ ئۆلەي دەپ قالغانلىرى ئۆلۈپ كەتسۇن؛ ھالاك بولاي دەپ قالغانلىرى ھالاك بولسۇن؛ تىرىك قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يېسۇن» ــ دېدىم. |
فَأَخَذْتُ عَصَايَ «نِعْمَةَ» وَقَصَفْتُهَا لِأَنْقُضَ عَهْدِي ٱلَّذِي قَطَعْتُهُ مَعَ كُلِّ ٱلْأَسْبَاطِ. | ١٠ 10 |
مەن «شاپائەت» دېگەن تايىقىمنى ئېلىپ سۇندۇرىۋەتتىم، شۇنىڭدەك مېنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن بولغان ئەھدەمنى سۇندۇرۇۋەتتىم. |
فَنُقِضَ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ. وَهَكَذَا عَلِمَ أَذَلُّ ٱلْغَنَمِ ٱلْمُنْتَظِرُونَ لِي أَنَّهَا كَلِمَةُ ٱلرَّبِّ. | ١١ 11 |
ئەھدە شۇ كۈنى بىكار قىلىۋېتىلدى؛ شۇڭا پادا ئارىسىدىكى ماڭا دىققەت قىلغان مىسكىن مۆمىنلەر بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. |
فَقُلْتُ لَهُمْ: «إِنْ حَسُنَ فِي أَعْيُنِكُمْ فَأَعْطُونِي أُجْرَتِي وَإِلَّا فَٱمْتَنِعُوا». فَوَزَنُوا أُجْرَتِي ثَلَاثِينَ مِنَ ٱلْفِضَّةِ. | ١٢ 12 |
ۋە مەن ئۇلارغا: «مۇۋاپىق كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئىش ھەققىمنى بېرىڭلار؛ بولمىسا بولدى قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىمگە ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى تارازىغا سالدى. |
فَقَالَ لِي ٱلرَّبُّ: «أَلْقِهَا إِلَى ٱلْفَخَّارِيِّ، ٱلثَّمَنَ ٱلْكَرِيمَ ٱلَّذِي ثَمَّنُونِي بِهِ». فَأَخَذْتُ ٱلثَّلَاثِينَ مِنَ ٱلْفِضَّةِ وَأَلْقَيْتُهَا إِلَى ٱلْفَخَّارِيِّ فِي بَيْتِ ٱلرَّبِّ. | ١٣ 13 |
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا بۇ ئۇلار ماڭا بېكىتكەن قالتىس باھا! ئۇنى ساپالچىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ساپالچىنىڭ ئالدىغا چۆرىۋەتتىم. |
ثُمَّ قَصَفْتُ عَصَايَ ٱلْأُخْرَى «حِبَالًا» لِأَنْقُضَ ٱلْإِخَاءَ بَيْنَ يَهُوذَا وَإِسْرَائِيلَ. | ١٤ 14 |
ئاندىن مەن يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى تايىقىمنى، يەنى «رىشتە»نى سۇندۇرۇۋەتتىم. |
فَقَالَ لِي ٱلرَّبُّ: «خُذْ لِنَفْسِكَ بَعْدُ أَدَوَاتِ رَاعٍ أَحْمَقَ، | ١٥ 15 |
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئەمدى يەنە ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال. |
لِأَنِّي هَأَنَذَا مُقِيمٌ رَاعِيًا فِي ٱلْأَرْضِ لَا يَفْتَقِدُ ٱلْمُنْقَطِعِينَ، وَلَا يَطْلُبُ ٱلْمُنْسَاقَ، وَلَا يَجْبُرُ ٱلْمُنْكَسِرَ، وَلَا يُرَبِّي ٱلْقَائِمَ. وَلَكِنْ يَأْكُلُ لَحْمَ ٱلسِّمَانِ وَيَنْزِعُ أَظْلَافَهَا». | ١٦ 16 |
چۈنكى مانا، مەن زېمىندا بىر پادىچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەنكى، ئۇ ھالاك بولاي دېگەنلەردىن خەۋەر ئالمايدۇ، تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدىمەيدۇ، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدۇ، ساغلاملارنىمۇ باقمايدۇ؛ ئۇ بەلكى سەمرىگەنلەرنىڭ گۆشىنى يەيدۇ، ھەتتا تۇياقلىرىنى يىرىپ يەيدۇ. |
وَيْلٌ لِلرَّاعِي ٱلْبَاطِلِ ٱلتَّارِكِ ٱلْغَنَمِ! اَلسَّيْفُ عَلَى ذِرَاعِهِ وَعَلَى عَيْنِهِ ٱلْيُمْنَى. ذِرَاعُهُ تَيْبَسُ يَبْسًا، وَعَيْنُهُ ٱلْيُمْنَى تَكِلُّ كُلُولًا! | ١٧ 17 |
پادىنى تاشلىۋەتكەن ئەرزىمەس پادىچىنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكى ۋە ئوڭ كۆزىگە چۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلىكى پۈتۈنلەي يىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ. |