أَقُولُ ٱلصِّدْقَ فِي ٱلْمَسِيحِ، لَا أَكْذِبُ، وَضَمِيرِي شَاهِدٌ لِي بِٱلرُّوحِ ٱلْقُدُسِ: | ١ 1 |
مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ |
إِنَّ لِي حُزْنًا عَظِيمًا وَوَجَعًا فِي قَلْبِي لَا يَنْقَطِعُ. | ٢ 2 |
قەلبىمدە زور دەرد-ئەلەم ۋە تۈگىمەس ئازاب بار. |
فَإِنِّي كُنْتُ أَوَدُّ لَوْ أَكُونُ أَنَا نَفْسِي مَحْرُومًا مِنَ ٱلْمَسِيحِ لِأَجْلِ إِخْوَتِي أَنْسِبَائِي حَسَبَ ٱلْجَسَدِ، | ٣ 3 |
چۈنكى مېنىڭ بۇرادەرلىرىم، يەنى جىسمانىي جەھەتتىكى قېرىنداشلىرىم بولغان ئىسرائىللارنى [نىجات تاپقۇزالىسام] [خۇدانىڭ] لەنىتىگە قېلىپ مەسىھتىن مەھرۇم قىلىنىشىمنى تىلەشكە رازى ئىدىم؛ ئۇلار ئىسرائىللار! ــ ئۇلارغا ئوغۇللۇق ھوقۇقى، [خۇدانىڭ] شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشى، ئەھدىلىرى، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئامانەت بولۇشى، ئىبادەت خىزمەتلىرى ۋە [تەۋرات] ۋەدىلىرى نېسىۋە قىلىندى. |
ٱلَّذِينَ هُمْ إِسْرَائِيلِيُّونَ، وَلَهُمُ ٱلتَّبَنِّي وَٱلْمَجْدُ وَٱلْعُهُودُ وَٱلِٱشْتِرَاعُ وَٱلْعِبَادَةُ وَٱلْمَوَاعِيدُ، | ٤ 4 |
وَلَهُمُ ٱلْآبَاءُ، وَمِنْهُمُ ٱلْمَسِيحُ حَسَبَ ٱلْجَسَدِ، ٱلْكَائِنُ عَلَى ٱلْكُلِّ إِلَهًا مُبَارَكًا إِلَى ٱلْأَبَدِ. آمِينَ. (aiōn g165) | ٥ 5 |
ئۇلۇغ [ئىبرانىي] ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارنىڭكىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن! (aiōn g165) |
وَلَكِنْ لَيْسَ هَكَذَا حَتَّى إِنَّ كَلِمَةَ ٱللهِ قَدْ سَقَطَتْ. لِأَنْ لَيْسَ جَمِيعُ ٱلَّذِينَ مِنْ إِسْرَائِيلَ هُمْ إِسْرَائِيلِيُّونَ، | ٦ 6 |
ــ بىراق خۇدانىڭ [ئىسرائىلغا بولغان] سۆزى بىكار بولدى، دېمەيمەن؛ چۈنكى ئىسرائىلدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ؛ |
وَلَا لِأَنَّهُمْ مِنْ نَسْلِ إِبْرَاهِيمَ هُمْ جَمِيعًا أَوْلَادٌ. بَلْ «بِإِسْحَاقَ يُدْعَى لَكَ نَسْلٌ». | ٧ 7 |
شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا ئىبراھىمغا]: «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ» ــ دېيىلگەن. |
أَيْ لَيْسَ أَوْلَادُ ٱلْجَسَدِ هُمْ أَوْلَادَ ٱللهِ، بَلْ أَوْلَادُ ٱلْمَوْعِدِ يُحْسَبُونَ نَسْلًا. | ٨ 8 |
دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن [ئىبراھىمدىن] تۆرەلگەن پەرزەنتلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولىۋەرمەيدۇ، بەلكى [خۇدانىڭ] ۋەدىسى ئارقىلىق تۆرەلگەنلەر [ئىبراھىمنىڭ] ھەقىقىي نەسلى ھېسابلىنىدۇ. |
لِأَنَّ كَلِمَةَ ٱلْمَوْعِدِ هِيَ هَذِهِ: «أَنَا آتِي نَحْوَ هَذَا ٱلْوَقْتِ وَيَكُونُ لِسَارَةَ ٱبْنٌ». | ٩ 9 |
چۈنكى خۇدانىڭ بەرگەن ۋەدىسى مۇنداق ئىدى: «[كېلەر يىلى] مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن، ساراھ بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ». |
وَلَيْسَ ذَلِكَ فَقَطْ، بَلْ رِفْقَةُ أَيْضًا، وَهِيَ حُبْلَى مِنْ وَاحِدٍ وَهُوَ إِسْحَاقُ أَبُونَا. | ١٠ 10 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىۋكاھ بىر ئەردىن، يەنى ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن [قوشكېزەكگە] ھامىلىدار بولغاندا، |
لِأَنَّهُ وَهُمَا لَمْ يُولَدَا بَعْدُ، وَلَا فَعَلَا خَيْرًا أَوْ شَرًّا، لِكَيْ يَثْبُتَ قَصْدُ ٱللهِ حَسَبَ ٱلِٱخْتِيَارِ، لَيْسَ مِنَ ٱلْأَعْمَالِ بَلْ مِنَ ٱلَّذِي يَدْعُو، | ١١ 11 |
پەرزەنتلىرى تېخى تۇغۇلمىغاندا، ھېچقانداق ياخشى ياكى يامان ئىشنىمۇ قىلماستا، خۇدا ئۆزىنىڭ ئادەملەرنى تاللاشتىكى مۇددىئاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىگە ئەمەس، پەقەت چاقىرغۇچى بولغاننىڭ ئىرادىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رىۋكاھغا: «چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى. |
قِيلَ لَهَا: «إِنَّ ٱلْكَبِيرَ يُسْتَعْبَدُ لِلصَّغِيرِ». | ١٢ 12 |
كَمَا هُوَ مَكْتُوبٌ: «أَحْبَبْتُ يَعْقُوبَ وَأَبْغَضْتُ عِيسُوَ». | ١٣ 13 |
خۇددى يەنە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: «ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋدىن نەپرەتلەندىم». |
فَمَاذَا نَقُولُ؟ أَلَعَلَّ عِنْدَ ٱللهِ ظُلْمًا؟ حَاشَا! | ١٤ 14 |
ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دەيلى؟ خۇدادا ئادالەتسىزلىك بارمۇ؟ ھەرگىز يوق! |
لِأَنَّهُ يَقُولُ لِمُوسَى: «إِنِّي أَرْحَمُ مَنْ أَرْحَمُ، وَأَتَرَاءَفُ عَلَى مَنْ أَتَرَاءَفُ». | ١٥ 15 |
چۈنكى خۇدا مۇساغا مۇنداق دېگەن: ــ «كىمگە رەھىم قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن». |
فَإِذًا لَيْسَ لِمَنْ يَشَاءُ وَلَا لِمَنْ يَسْعَى، بَلْ لِلهِ ٱلَّذِي يَرْحَمُ. | ١٦ 16 |
دېمەك، بۇ ئىش ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىق كۆرسەتكۈچى خۇداغا باغلىقتۇر. |
لِأَنَّهُ يَقُولُ ٱلْكِتَابُ لِفِرْعَوْنَ: «إِنِّي لِهَذَا بِعَيْنِهِ أَقَمْتُكَ، لِكَيْ أُظْهِرَ فِيكَ قُوَّتِي، وَلِكَيْ يُنَادَى بِٱسْمِي فِي كُلِّ ٱلْأَرْضِ». | ١٧ 17 |
چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن: ــ «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت دەل شۇكى، قۇدرىتىمنى ئۈستۈڭدە كۆرسىتىش ھەمدە نامىمنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىشى». |
فَإِذًا هُوَ يَرْحَمُ مَنْ يَشَاءُ، وَيُقَسِّي مَنْ يَشَاءُ. | ١٨ 18 |
دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى تاش يۈرەك قىلىدۇ. |
فَسَتَقُولُ لِي: «لِمَاذَا يَلُومُ بَعْدُ؟ لِأَنْ مَنْ يُقَاوِمُ مَشِيئَتَهُ؟» | ١٩ 19 |
ئەمدى بەلكىم سەن ماڭا: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ھېچكىم قارشى چىقالمايدىغان تۇرسا، ئۇنداقتا خۇدا نېمە ئۈچۈن ئىنساننى ئەيىبلەيدۇ؟» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن. |
بَلْ مَنْ أَنْتَ أَيُّهَا ٱلْإِنْسَانُ ٱلَّذِي تُجَاوِبُ ٱللهَ؟ أَلَعَلَّ ٱلْجِبْلَةَ تَقُولُ لِجَابِلِهَا: «لِمَاذَا صَنَعْتَنِي هَكَذَا؟». | ٢٠ 20 |
بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللاشقۇدەك كىمسەن؟ قېلىپتا شەكىللەندۈرۈلىۋاتقان نەرسە ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: ــ «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» ــ دېيەلەمدۇ؟ |
أَمْ لَيْسَ لِلْخَزَّافِ سُلْطَانٌ عَلَى ٱلطِّينِ، أَنْ يَصْنَعَ مِنْ كُتْلَةٍ وَاحِدَةٍ إِنَاءً لِلْكَرَامَةِ وَآخَرَ لِلْهَوَانِ؟ | ٢١ 21 |
خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟ |
فَمَاذَا؟ إِنْ كَانَ ٱللهُ، وَهُوَ يُرِيدُ أَنْ يُظْهِرَ غَضَبَهُ وَيُبَيِّنَ قُوَّتَهُ، ٱحْتَمَلَ بِأَنَاةٍ كَثِيرَةٍ آنِيَةَ غَضَبٍ مُهَيَّأَةً لِلْهَلَاكِ. | ٢٢ 22 |
خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ |
وَلِكَيْ يُبَيِّنَ غِنَى مَجْدِهِ عَلَى آنِيَةِ رَحْمَةٍ قَدْ سَبَقَ فَأَعَدَّهَا لِلْمَجْدِ، | ٢٣ 23 |
ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى قىلغان ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشقا ئالدىنئالا تەييارلىغان «قاچىلار»دا، يەنى ئۆزى يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرغان بىزلەردە شان-شەرىپىنىڭ چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ |
ٱلَّتِي أَيْضًا دَعَانَا نَحْنُ إِيَّاهَا، لَيْسَ مِنَ ٱلْيَهُودِ فَقَطْ بَلْ مِنَ ٱلْأُمَمِ أَيْضًا. | ٢٤ 24 |
كَمَا يَقُولُ فِي هُوشَعَ أَيْضًا: «سَأَدْعُو ٱلَّذِي لَيْسَ شَعْبِي شَعْبِي، وَٱلَّتِي لَيْسَتْ مَحْبُوبَةً مَحْبُوبَةً. | ٢٥ 25 |
بۇ خۇددى خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم، ئەسلى سۆيمىگەنلەرنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن»؛ |
وَيَكُونُ فِي ٱلْمَوْضِعِ ٱلَّذِي قِيلَ لَهُمْ فِيهِ: لَسْتُمْ شَعْبِي، أَنَّهُ هُنَاكَ يُدْعَوْنَ أَبْنَاءَ ٱللهِ ٱلْحَيِّ». | ٢٦ 26 |
ۋە يەنە: ــ «بۇرۇن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا، كەلگۈسىدە دەل شۇ جايدا ئۇلارغا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغۇللىرى!» دېگەن نام بېرىلىدۇ». |
وَإِشَعْيَاءُ يَصْرُخُ مِنْ جِهَةِ إِسْرَائِيلَ: «وَإِنْ كَانَ عَدَدُ بَنِي إِسْرَائِيلَ كَرَمْلِ ٱلْبَحْرِ، فَٱلْبَقِيَّةُ سَتَخْلُصُ. | ٢٧ 27 |
يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىل توغرۇلۇق مۇنداق جاكارلىغانىدى: ــ «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىرلا «قالدى» قۇتقۇزۇلىدۇ؛ |
لِأَنَّهُ مُتَمِّمُ أَمْرٍ وَقَاضٍ بِٱلْبِرِّ. لِأَنَّ ٱلرَّبَّ يَصْنَعُ أَمْرًا مَقْضِيًّا بِهِ عَلَى ٱلْأَرْضِ». | ٢٨ 28 |
چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى تۈگىتىۋېتىپ، ھەققانىيلىق بىلەن تېزدىن ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ». |
وَكَمَا سَبَقَ إِشَعْيَاءُ فَقَالَ: «لَوْلَا أَنَّ رَبَّ ٱلْجُنُودِ أَبْقَى لَنَا نَسْلًا، لَصِرْنَا مِثْلَ سَدُومَ وَشَابَهْنَا عَمُورَةَ». | ٢٩ 29 |
يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەگەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە بىر نەسىل قالدۇرمىغان بولسا، سودوم شەھىرىدەك، گوموررا شەھىرىدەك [يوقالغان] بولاتتۇق». |
فَمَاذَا نَقُولُ؟ إِنَّ ٱلْأُمَمَ ٱلَّذِينَ لَمْ يَسْعَوْا فِي أَثَرِ ٱلْبِرِّ أَدْرَكُوا ٱلْبِرَّ، ٱلْبِرَّ ٱلَّذِي بِٱلْإِيمَانِ. | ٣٠ 30 |
ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دېيىشىمىز كېرەك؟ ھەققانىيلىققا ئىنتىلمىگەن ئەللىكلەر ھەققانىيلىققا، يەنى ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىرخىل ھەققانىيلىققا ئېرىشتى. |
وَلَكِنَّ إِسْرَائِيلَ، وَهُوَ يَسْعَى فِي أَثَرِ نَامُوسِ ٱلْبِرِّ، لَمْ يُدْرِكْ نَامُوسَ ٱلْبِرِّ! | ٣١ 31 |
لېكىن ئىسرائىل ھەققانىيلىقنى كۆرسەتكەن تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلگىنى بىلەن قانۇننىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى. |
لِمَاذَا؟ لِأَنَّهُ فَعَلَ ذَلِكَ لَيْسَ بِٱلْإِيمَانِ، بَلْ كَأَنَّهُ بِأَعْمَالِ ٱلنَّامُوسِ. فَإِنَّهُمُ ٱصْطَدَمُوا بِحَجَرِ ٱلصَّدْمَةِ، | ٣٢ 32 |
نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ [ھەققانىيلىققا] ئىنتىلىشى ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى «ساۋابلىق ئىشلار» بىلەن ئىدى. ئۇلار «پۇتلىكاشاڭ تاش»قا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى؛ |
كَمَا هُوَ مَكْتُوبٌ: «هَا أَنَا أَضَعُ فِي صِهْيَوْنَ حَجَرَ صَدْمَةٍ وَصَخْرَةَ عَثْرَةٍ، وَكُلُّ مَنْ يُؤْمِنُ بِهِ لَا يُخْزَى». | ٣٣ 33 |
خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: «خەلقنى پۇتلىشىدىغان پۇتلىكاشاڭ تاشنى، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاشنى زىئونغا قويدۇم، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەرگىز يەرگە قارىتىلىپ قالماس». |